pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 10:52:03

گرافىن باتارىيىسى ئېنىرگىيە ئىنقىلاۋى ئېلىپ كىلەرمۇ؟

گرافىن- (石墨烯 - Graphene) توغرىسىدىكى دەسلەپكى چۈشەنچىنى مۇنۇ بەيكې قامۇسىدىن كۆرۈڭ:
http://baike.baidu.com/view/1744041.htm

گرافىن بىرىكمە ماتېرىيالىدىن ياسالغان باتارېيىنىڭ تەننەرخى لىتىي باتارېيىسىدىن %77 تۆۋەن، ئېغىرلىقى ئەنئەنىۋى باتارېيىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ .
ئىسپانىيەنىڭ   Graphenano   شىركىتى بۇ يىل بۇ خىلدىكى باتارېيىنى ئىشلەپ چىقىرىشقا باشلايدىكەن، گېرمانىيدىكى 4 چوڭ ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ 2سى بۇ ئايدا ( يانۋاردا) بۇ باتارېيىنى سىناق قىلىش پۈتۈشكەن.
نۆۋەتتە، دۇنيا بويىچە باتارېيىلىك ئاپتوموبىل ئىشلەشتىكى  ئەڭ داڭدار شىركەت تېسلا(Tesla Motors)  شىركىتىنىڭ لېدىرى ۋە مەھسۇلات لايىھىلىگۈچىسى ئېلون مۇسك (Elon Musk)ئەپەندىنىڭ ئەنگلىيە ئاپتوموبىل ژۇرنىلى《Auto Express》 مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يۈرەكلىك ھالدا قىياس قىلىپ: باتارېيىلىك ئاپتوموبىللارنىڭ كەلگۈسىدىكى توختاۋسىز سەپەر ئۇزۇنلۇقى 800 كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ ، گرافىن بىرىكمە ماتېرىيالىدىن ياسالغان باتارېيە بىلەن بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ بىرىكمىسى بازارغا سېلىنسا، باتارېيىلىك ئاپتوموبىللارنىڭ توختاۋسىز سەپەر ئىقتىدارىغا ئابىدە خاراكتېرلىك ئىنقىلاب ئېلىپ كېلىدۇ، دېگەن .
گرافىن دۇنيا بويىچە ئەڭ نېپىز ئەڭ قاتتىق ماتېرىيال بولۇپ، 2004-يىلى مەيدانغا كەلگەن، ئۇنى بايقاپ چىققان ئەنگلىيە مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتىدىكى فىروپپىسور  ئاندېرى گېىم 2010-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
http://en.wikipedia.org/wiki/Graphene#mediaviewer/File:Nobel_Prize_2010-Press_Conference_KVA-DSC_8009.jpg
بۇ گرافىن بىرىكمە ماتېرىيالىدىن ياسالغان باتارېيىنىڭ ئۆمرى خېلى ئۇزۇن بولۇپ، ئەنئەنىۋى ھىدروگېنلانغان باتارېيىدىن 4 ھەسسە، لىتىي باتارىيىسدىن 2 ھەسسە ئۇزۇن ئىكەن ،بۇ ماتېرىيالنىڭ يېنىك بولۇش ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، ئاپتوموبىللارغا سەپلىگەندە ئىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ئاشىدىكەن .
بۇ خىل باتارېيىنىڭ ھەر خىل ئىلغار ئىقتىدارى بولغاندىن سىرت تەننەرخى يۇقىرى ئەمەسكەن، Graphenano شىركىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ باتارېيىنىڭ تەننەرخى لىتىي باتارېيىسىدىن %77 تۆۋەن بولۇپ، ئىستېمالچىلار تامامەن قوبۇل قىلالايدىكەن.
ئۇندىن باشقا ، خەلقئارادا داڭلىق ئىلمى ژۇرناللاردىن  «تەبىئەت» 11-ئاينىڭ 26- كۈنى بۇ توغرىلىق بىر  ئىلمى ماقالە ئېلان قىلىپ بۇ نەتىجىنى تونۇشتۇرغان . كۆيمە باتارېيە(Fuel Cell)  خىمىيىلىك ئېنېرگىيىنى بىۋاسىتە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدىغان قۇرۇلما بولۇپ، باشقا باتارېيىلەرگە قارىغاندا، بۇنىڭ ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى يۇقىرى، ھاۋانى بۇلغىماسلىقتەك ئارتۇقچىلىقى بار. «پروتون ئۆتكۈزۈش ياپراقچىسى» بۇ كۆيمە باتارېيە تېخنىكىسىدىكى نېگىزلىك قىسىم بولۇپ، ئاپتوموبىللاردىكى كۆيمە باتارېيە ئوكسېگىن بىلەن ھىدروگېننى يېقىلغۇ قىلىپ، ئۇلاردىن ھاسىل بولغان خىمىيىلىك ئېنېرگىيىنى ئېلىكتۇر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدۇ .

نۆۋەتتىكى پروتون ئۆتكۈزۈش ياپراقچىسىدا يېقىلغۇ ئېقىپ چىقىش ھادىسىسى دائىم يۈز بېرىدىغان بولۇپ، بۇ باتارېيىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، پروتون بولسا، گرافىندەك ماتېرىياللاردىن ناھايىتى ئاسان ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىراق باشقا ماددىلار  ناھايىتى تەستە ئۆتىدۇ ( بۇ خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ دېڭىز سۈيىنى تۈزسىزلاندۇرۇش تېخنىكىسىدىمۇ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك سەكرەش بۆلىشى ئېنىق) بۇنىڭ بىلەن باتارېيىنىڭ ئۈنۈمى ئاشىدۇ .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 17:18:11

گىرافىننى تېپىپ چىققان ، نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئالىم ئاندىرى گېىمنىڭ رەسىمى چىقماي قاپتۇ :

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 17:46:01

تىزراق ئىشلەپ چىقارسا تېلفۇنۇمغا سېلىۋالسام بولغىدەك{:90:}

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 17:47:44

ھەم نىپىز ھەم قاتتىق ماتىريال بولسا ئاپتۇموبىل گەۋدىسىنىڭ مەلوم بوشلۇقلېرى ۋە ئۈستۈنكى تەرەپ يۇپۇقىنى مۇشۇ باتارىيە بىلەن يىپىلىپ تۇرىدىغان قىپ قويسىلا بولغۇدەك، ئەمما ياز كۈنلېرى ئاپتاپنىڭ قىزدۇرىشى تەسىرگە ئۇچرىتارمۇ؟...

abduhalik يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 17:53:14

ماڭا ئۈنۈمى يۇقىرى ئۈنۈملىكلىكى  يارىدى

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 18:28:10

مۇشۇ خىل باتارىيىلىك قاتناش ۋاستىلىرى تېزرەك ئومۇملاشسا ئەجەپ ياخشى ھە!

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 18:46:46

گىرافىن دىگەن قانداق ماددا ئىكەن، كاربون ئاتومىدىن تۈزۈلگەن ئالماس، گىرافىت، كاربون ئاتمىش، قاتارلىق ماددىلار بىلەن بىر قاتاردىكى ماددا ئوخشىمامدۇ.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 19:44:34

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 18:46 static/image/common/back.gif
گىرافىن دىگەن قانداق ماددا ئىكەن، كاربون ئاتومىدىن تۈ ...

    گىرافېن بولسا كاربون ئاتوملىرىنىڭ بوشلۇقتا مۇنتىزىم ئالتە تەرەپلىك شەكلىدىكى گىرەلىشىشىدىن شەكىللەنگەن يەككە قەۋەتلىك پىلاستىنكىسىمان تۈزۈلۈشكە ئىگە ماددىكەن. رەسىمدىكىدەك:

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 19:58:45

مايلىق ماشىنىلارنىڭ دەۋرى ئاخىرلىشاي دەپتۇدە خۇددى قەشقەردە مايلىق موتسىكىلىتنىڭ دەۋرى ئاخىرلىشىپ توكسىكلىت قاپلاپ كەتكەندەك .

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 21:01:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-14 21:06  

       قارىغاندا يېقىن كەلگۈسىدە ئېلىكتېر ئېنىرگىيە باھاسى ئۆسۈپ كەتكۈدەك. خۇددى بىر ئائىلە بىر ئاي قالايدىغان گازنى بىر ماشىنا بىر كۈندىلا قالاپ بولغىنىدەكلا، ئەگەر ئېلىكتىرو ماشنىلار ئوموملىشىپ كەتسە بىر ئائىلنىڭ بىر ئايلىق ئىشلىتىدىغان توكىنى بىر ماشىنا  بىر كۈندە تۈگەتكىلى تۇرسا ئىش چاتاق...
       ئۇ ھالدا باشقا شەكىلدىكى ئەرزان ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ئېنىرگىيىسىنى ئېلىكتېر ئېنىرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇش ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئىستىقبالى پارلاقتەك قىلىدۇ... سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى، شامال ئېلىكتىر ئىستانسىسى، كۈن نۇرى باتارىيىسى ، يېقىلغۇ باتارىيىسى دىگەندەك ساھەلەر تازا گۈللىنىدىغاندەك تۇرىدۇ.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 22:01:19

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 18:46 static/image/common/back.gif
گىرافىن دىگەن قانداق ماددا ئىكەن، كاربون ئاتومىدىن تۈ ...

گرافىن- ھەرە كۆنىكى شەكىلدىكى بىر قەۋەت كاربون ئاتوملىرىدىن تۈزۈلگەن 2 ئۆلچەملىك كرىستال. بىز بىلىدىغان گرافىت (يەنى قرىنداش قەلەمنىڭ پورى) بولسا قەۋەت قەۋەت شۇ خىل گرافىن قەۋىتىدىن تەركىپ تاپقان كرىستال. گرافىننىڭ توك ۋە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش ئىختىدارى كۆپ ياخشى، چىدامچانلىقى كۈچلۈك(بەلكى دۇنيادىكى ئەڭ پۇختا ماتېرىيال)، ئېلاستىكىلىقى ياخشى، نۇر ئۆتكۈزۈشچان... قاتارلىق كۆپ خىل خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ھازىر كۈچلۈك تەتقىقات ئوبىكتى بولۇپ تورىۋاتىدۇ. ئاساسلىقى، يېڭى شەكىلدىكى قوياش تاختىسى، دەرجىدىن تاشقىرى باتارىيە، سەزگۈچ ئەسۋاپ، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاش،.. قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن.



شۇڭا خۇددى يىرىم ئۆتكۈزگۈچ بولغان سىلتسىي(سىلكون) غايەت زور  تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى ئېلىپ كەلگەندەك گرافىننىڭ ئۆزى تېخنىكا ئىنقىلابى ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ.  بۇ تېمىدا گرافىننىڭ دەرجىدىن تاشقىرى باتارىيە ئۈچۈن قوللىنىلىشى تىلغا ئېلىنىپتۇ، بىراق گرافىننىڭ دەرجىدىن تاشقىرى باتارىيەدىن باشقا كۆپ خىل قوللىنىشلىرىمۇ بار. بۇ ھەقتە بىر تېما يېزىشنى ئويلىغانتىم، تېما ئېگىسى قېرىندېشىمىز بۇ تېمىنى يېزىپ ياخشى قىلىپتۇ. ئەگەر ماتېرىيال ساھەسىدە ئوقۇماقچى بولغانلار مۇشۇنى چىڭ تۇتسا ئىستىقبالى بار.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 23:32:52

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 22:01 static/image/common/back.gif
گرافىن- ھەرە كۆنىكى شەكىلدىكى بىر قەۋەت كاربون ئاتومل ...

گرافىننىڭ دەرجىدىن تاشقىرى باتارىيەدىن باشقا كۆپ خىل قوللىنىشلىرىمۇ بار. بۇ ھەقتە بىر تېما يېزىشنى ئويلىغانتىم،    بۇ ھەقتە تېما يوللاشنى ئويلاپ بەكمۇ ياخشى قىپسىز، مۈمكىن بولسا گىرافىننىڭ بۇ يازمىدا يورۇتۇلماي قالغان باشقا تەرەپلەردىكى قوللىنىلىشى ھەققىدە تەپسىلىرەك يازسىڭىز بولاتتى. قاراپ باقسام ئالىيبابا تورىدا ئىسرائىلىيەدىن كىرگۈزۈلگەن دەرىجىدىن تاشقىرى كوندىنساتورلۇق باتارىيە سېتىلغىلى تۇرۇپتۇ. قۇياش نۇرى باتارىيە تاختىسىنىڭ نېپىز پەردىسىمان يۆگەلمە شەكىلدىكىلىرىمۇ سودا ساھەسىگە كىرىپ بوپتۇ. شۇڭا ياشلىرىمىز ئارىسىدىكى مۇشۇ ساھەلەرگە قىززىقىدىغانلارنىڭ بۇنىڭدەك يازمىلار نەتىجىسىدە كونكىرىتنى بىرەرسىنى مەخسۇس تۇتۇپ ئۈگۈنىشىگە سەۋەپچى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.  

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 00:12:17

«كۆيمە  باتارىيە»  دېگەن  «كۆيىدىغان»  باتارىيەمۇ  ياكى «كۆيمەيدىغان»  باتارىيەمۇ ؟{:87:}

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 07:21:17

hakaniye يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 00:12 static/image/common/back.gif
«كۆيمە  باتارىيە»  دېگەن  «كۆيىدىغان»  باتارىيەمۇ  ياكى ...

يىقىلغۇ باتارىيسىنى دىگەنمىكىن. 燃料电池

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 08:43:26

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 18:46 static/image/common/back.gif
گىرافىن دىگەن قانداق ماددا ئىكەن، كاربون ئاتومىدىن تۈ ...

شۇنداق ئىكەن ، كاربۇن ئاتۇمىنىڭ  كۆنەكسىمان  تىزىلىشى ئارقىلىق  تۈزۈلگەن ماددا ئىكەن .  مەن يوللىغان بەيكې قامۇسىدىن تېخىمۇ مول ئۇچۇر ئالالايسىز .
ئەينى ۋاقىتتا( 2004-يىلى )، بۇ ئالىم سۈرمە تاشتىن(石墨) پلاستىر(جوبۇ:lol )  ئارقىلىق بۇ گرافىننى ئايرىپ چىقىپتىكەن . بۇ ئۇسۇل بەكمۇ ئاددى ۋە قىزىقارلىق بولغاچقا  كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىكەنمىش .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 08:49:09

hakaniye يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 00:12 static/image/common/back.gif
«كۆيمە  باتارىيە»  دېگەن  «كۆيىدىغان»  باتارىيەمۇ  ياكى ...

خەنچە 燃料电池 دەپ قويىدۇ، ئېنگىلىزچە Fuel Cell ، ئۇيغۇرچە كۆيمە( چاتما رەسىمدىكى چاتما، ، چەكمە ئوقۇتقۇدىكى چەكمە ، قاتارلىق ئۇسۇلدا تۈزۈلگەن ئىسىم) باتارىيە دەپ ئالدىم، يەنى باتارىيە ئىچىدىكى ئوكسېگىن بىلەن ھىدروگېن ئۇچرىشىپ كۆيىدۇ ۋە بۇ خىمىيىلىك ئېنىرگىيىنى بىۋاستە ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدۇ ( بۇ خىل باتارىيىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپىنى چۈشەندۈرىدىغان  رەسىملىرىنى قوشۇپ يوللىغان بولمىسا :lol ) .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 08:57:05

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 22:01 static/image/common/back.gif
گرافىن- ھەرە كۆنىكى شەكىلدىكى بىر قەۋەت كاربون ئاتومل ...

گرافىننىڭ دەرجىدىن تاشقىرى باتارىيەدىن باشقا كۆپ خىل قوللىنىشلىرىمۇ بار. بۇ ھەقتە بىر تېما يېزىشنى ئويلىغانتىم، تېما ئېگىسى قېرىندېشىمىز بۇ تېمىنى يېزىپ ياخشى قىلىپتۇ.
مەنمۇ بۇ خەۋەرنى تاسادىبى ئۇچرىتىپ قېلىپ ( 10مىنۇتلا توكلاپ قويۇپ 1000كىلومېتىرلىق مۇساپە بېسىشقا بولىدىغان باتارىيە مەيدانغا كەلدى http://info.carec.hc360.com/2015/01/141021546936.shtml) قىزىقىپ قېلىپ ئۇچۇر ئىزدەپ باققان ئىدىم، مىنىڭچە بۇ نەرسىنىڭ ئىشلىتىش ئىستىقبالى پارلاقتەك قىلىدۇ، بولۇپمۇ باتارىيە ۋە  تۇزلۇق سۇنى تۇزسىزلاندۇرۇش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى .
سىزمۇ بۇ توغرىلىق ماقالە يېزىپ بېقىڭ، بىللە ئۈگىنەيلى .

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 12:44:10

ئېسىل تېما بوپتۇ، تۈنۈگۈن خېلى ۋاقىتقىچە مۇشۇ يېڭى باتارىيە، يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەلىرى توغرۇلۇق بىلىم ئاشۇردۇم توردا.
كاربون ھەجەپ موھىم ئىلمىنتكەن دىسە، ھاياتلىقتىن تارتىپ، تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماتىرياللارنىڭ ھەممىسى كاربوندىن ئايرىلالمايدىكەن.
ھاياتلىقنى تۈزگۈچى موھىم ئىلمىنت  - كاربون
قىممەت باھالىق ماتىريال ئالماس  - كاربون
موھىم ئېنىرگىيە كۆمۈر   - كاربون
..
تۈنجى ياسالغان ئېلىكتىر لامپا  - كاربون
..
..
..
كاربون ئىلمىنتىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلسا يەنە قانداق مۇھىم كەشپىياتلار بارلىققا كېلەر؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 15:50:30

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 08:57 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بۇ خەۋەرنى تاسادىبى ئۇچرىتىپ قېلىپ ( 10مىنۇتلا ت ...

بۇ ئۇچۇرىڭىز تىخىمۇ تۇلۇقلاپتۇ، 10 مىنوت زەرەتلەپ 1000 كىلومىتىر مۇساپە باسسا بۇنىڭدا باتارىيەنى كوندىساتوردەك تىز تۇلۇقلىنىدىكەن دىيىشكە بۇلىدۇ. شۇنداقتا 10 كىلوۋات سىغىملىق باتارىيەنى زەرەتلەش ئۈچۈن قۇۋۋىتى 70 كىلوۋاتقا يىقىن زەرەتلىگۈچ ئىشلىتىشكە تۇغرا كەلگۈدەك. زەرەتلەش ئۈنىمى يۇقىرى بولسا ئەلۋەتتە 60 كىلوۋات سائەتلىك قۇۋۋەتتە 10 مىنوت ئىنىرگىيە سەرىپ قىلىپ زەرەتلەيدۇ.
بەت: [1]
: گرافىن باتارىيىسى ئېنىرگىيە ئىنقىلاۋى ئېلىپ كىلەرمۇ؟