NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 09:56:12

14-يانۋاردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى

14-يانۋار ئاسىيا بازىرى خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1227 دوللار ئەتراپىدا. خەلقارا كۈمۈش تۈنۆگۈن چوڭ ئۆسكەندىن كىيىن 17.03 دوللار ئەتراپىغا قايتىپ كەلدى. تۈنۆگۈن گىرىتسىيەسنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چىكىنىپ چىقىش ۋە نىفىت باھاسىنىڭ چوڭ چۈشۈشى تەسىرىدە بازاردا خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى يۇقىرى كۆتىرىلىپ، ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1243 دوللارغا چىقىپ ئىككىن ئاي ئىچىدىكى يۇقىرى نوقتىنى ياراتتى، لېكىن مەبلەق سالغۇچىلارنىڭ ئۆسۈشكە ئالغان مالنى كۆپلەپ سېتىۋېتىشى نەتىجىسىدە ئالتۇن سەل كەينىگە قايتتى.

بۈگۈن ئامرىكىنىڭ 12-ئايلىق پارچە سېتىش كۆرسەتكۈچى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ ئۇچۇر دوللارغا ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. لېكىن بازار مۆلچەرىدىن قارىغاندا بۇ قېتىمقى ئۇچۇر ئانچە ياخشى چىقماسلىق ئېھتىماللىقى يۇقىرى.



ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad  


تۈنۆگۈنكى تەھلىلدە 1230ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالىدىغان مال توغرا چىقتى، ئاز دىگەندە 5 نوقتا پايدا بار.
بۈگۈنكى تەھلىل

1220 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ،زىيان 1215،نىشان 1225~1230

1254 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ، زىيان 1245،نىشان 1235~1230

1207 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ،زىيان 1202،نىشان 1212~1217

1270 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ، زنيان 1275،نىشان 1265~1260



بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى  244   يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.23  يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
بەت: [1]
: 14-يانۋاردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى