ئەڭ قۇدرەتلىك قورال
ئەڭ قۇدرەتلىك قوراليى مىڭ
پەرھات تەرجىمىسى
2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كات ئەنگلىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرى ئىدى، مەخسۇس ئەسىرلەرنى سوراق قىلاتتى. بىر كۈنى ئۇ ئەسكەرلەرنىڭ بىر ئاۋاق ئادەمنى يالاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى سۈرۈشتۈردى ۋە ئۇنىڭ گېرمانىيەنىڭ مەشھۇر چۆكمە پاراخوت مۇتەخسسىسى روئېن ئىكەنلىكىنى بىلدى. ناھايىتى تېزلا يۇقىرىدىن مۇنداق پەرمان كەلدى:«روئېن گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ يېڭى چۆچمە پاراخوتىنى لايىھەلەپ ياساشقا قاتناشقان، شۇڭا ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاشۇ پاراخوتقا دائىر ئاخباراتنى دەرھال ئىگىلەش كېرەك». كات پەرمان بويىچە روئېننى سورا قىلدى، بىراق ئۇ زادىلا ئىقرار قىلمىدى.
قانداق قىلغاندا روئېننى ئېغىز ئاچۇرغىلى بولار؟ كات بىردىنلا ئۇنىڭغا ئائىت ماتېرىياللاردىن روئېننىڭ ھەرقانداق ئىشتا توغرا ۋە مۇكەممەل بولۇشنى قوغلىشىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى سېزىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن كاتنىڭ كاللىسىغا ئىنتايىن ئەپچىل بىر چارە كەلدى.
شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە كاتنىڭ ياردەمچىسى روئېننى كامىردىن شامالداشقا ئېلىپ چىققاندا، ھامان بىر سىنىپنىڭ يېنىغا كېلىپ دەم ئالىدىغان بولدى. سىنىپتا بولسا بىر «ياشانغان پىروفېسسور» ئوقۇغۇچىلارغا چۆكمە پاراخوت ھەققىدە دەرس سۆزلەيتتى، بىراق سۆزلىگەن مەزمۇن خاتالىقلارغا تولۇپ كېتەتتى. دەسلەپكى بىر نەچچە كۈندە روئېن گەپ-سۆز قىلماستىن بېشىنى چايقاپ ئولتۇردى. ئەمما ئارىدىن يېرىم ئاي
ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ زادىلا چىداپ تۇرالماي، سىنىپقا ئوقتەك ئېتىلىپ كىرىپ «ياشانغا پىروفېسسور» بىلەن مۇنازىرە قىلىشىپ كەتتى. سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار روئېننىڭ سۆزلىرىگە قايىل بولۇشتى، روئېنمۇ سۆزلىگەنسېرى روھلىنىپ، ئاخىرىدا قولىغا بور ئېلىپ دوسكىغا ئىسخېمىلارنى سىزىشقا باشلىدى.
مانا مۇشۇ چارە بىلەن ئىتتىپاقداش ئارمىيە گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ چۆكمە پاراخوتىغا ئائىت ئەڭ مۇھىم ئاخباراتىغا ئېرىشتى. كات روئېن بىلەن كۆرۈشكىلى بارغاندا، ئۇ ئاللىقاچان ئۆلۈۋالغانىدى، يېنىدىكى باغانچىدە مۇنداق خەتلەر بار ئىدى:«مەجبۇرلاش ۋە قىزىقتۇرۇشتىنمۇ بەكرەك ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدىغان نەرسە چەكتىن ئاشقان مەنمەنچىلىك ئىكەن».
(ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى)
ئەستا، بەك سەت ئىش بۇپتىكەن...
مۇكەممەللىكنى قۇغلاشسىمۇ دۈشمەن مائارىپىدىكى خاتالىقلار بىلەن نىمە ئىششى دەيمىنا... ئىنسان پىسخىكىسىدا بار بولغان ئۆز بىلگەنلىرىنى نامايان قىلىۋېلىشقا كۈچلۈك مايىللىق بولۇشتەك بۇ خۇسۇسىيەتتىن ئالامەت پايدىلىنىپتۇ. ھارقايسى مۇنبەرلەردىكى دەرت تالاشلارغا بىرلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاپ مەن- مەنچىلىك ئۆزىنى ئەڭ قالتىس چاغلاش پىسخىكىسى ئەدەبىياتچىلاردىلا بولامدىكى دېسەم تەبىئىي پەنچىلەردىمۇ كۆرىلىدىكەن بەكمۇ ياخشى تېما بوپتۇ!!! پايدا-زىيان نوقتىسىدىن روئېن خاتا قىلغان، ئەمما ئىلىم-پەن نوختىسىدىن توغرا قىلغان ، بۇ خۇددى سېيىت نوچى سەمىمىيلىك ، سۆزىدە تۇرۇش، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق نوقتىسدىن توغرا قىلغان بولسىمۇ ، باشقىلار ئۇنىڭغا
پايدا-زىيان نوقتىسىدىن باھا بېرىپ ، ئۇنى خاتا قىلدى ،ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگۈچە قېچىپ كەتسە بولمامتى دەپ ئەيىبلىگەنگە ئوخشاش ئىش ، ھەممە ئىشقا پايدا-زىيان نوقتىسىدىن باھا بېرىش ئادەمنى ئاسانلا خاتا يولغا باشلاپ قويىدۇ ... يىڭى سوراق قىلىش ئۇسۇلى بوپتۇ بۇ ، ئەقىل دىگەنى قازسا ئالتۇن كان جۇما ئەمما 强迫症 باركەندە :lol ئىلىم پەن روھى دەپلا چۈشەندىمغۇ، گىرمانىيىنىڭ ئاشۇ چۇكمە پاراخۇتى مەزمۇن قىلىنغان بىرەر ئۇيغۇرچە كىنولىرى زادى يوقمىدۇ ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا imkansiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-14 20:19
ئالتە قىسىملىق بىر فىلىم بارتى، 360 بوشلۇقۇمدا ئىدى، ئادەتتە زادىلا بىر نەرسە ھەمبەھىر قىلىپ باقماپتىكەنمەن، تازا بىلەلمىدىميا،،،;P
http://yunpan.cn/cyGLfJvzw6Prv (提取码:5814)
ھەمبەھىر ئادرېسى دىسەم ماشتاق بىر نەرسە چىقىرىپ بەردى ئەمما ئۆزۈم سىناپ باقسام نورمال ئەمەس، سىزلەردە قانداقتۇ؟ «جىددى چۆكۈش بۇيرۇقى » 《紧急下潜》دەپ بىر فىلىم بار ئىدى، ئۇيغۇرچىسىنى تاپقىلى بولمىدى ، (ئەسلىدە بارئىدى، تىلۋىزوردىمۇ نەچچە بەرگەن) خەنچىسى ئۇچىراپ قالدى، گىرمانىيەنىڭ سۇ ئاستى پاراخۇت ئۇرۇش فىلىمىغا قىزقىدىغانلار كۆرۈپ بىقىڭلار.
بەت:
[1]