ABC يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 09:54:07

سىزمۇ مۆجىزە يارىتالايسىز

سىزمۇ مۆجىزە يارىتالايسىز
ف.ئوسلېر

نەچچە يىل ئىلگىرى، نىيۇ يورك شەھىرىنىڭ شىمالىدا ئېمىلى ئىسىملىك بىر قىز تۇراتتى، ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن ئۆكۈنۈپ، ئۆزىنىڭ غايىسىنى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى تەن ئالغان ئدى. ئۇنىڭ غايىسى نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ ھەر بىر بويىغا يەتكەن قىزنىڭ ئارزۇسى: يەنى كۆڭلىدىكىدەك كېلىشكەن بىر شاھزادە  بىلەن توي قىلىپ، بىر ئۆمۈر ئۆتۈش ئىدى.
يامغۇر يېغىۋاتقان بىر چۈشتىن كېيىن، تەلىيى كاج ئېمىلى داڭلىق بىر پىسخولوگنى ئىزدەپ بارىدۇ، پىسخولوگ ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ:« ئېمىلى، مېنىڭ ئامالىم بار. بىراق سىز مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلىشىڭىز كېرەك: ئەتە ئەتىگەندە يېڭى كىيىم سېتىۋېلىڭ، بىراق كىيىمنى ئۆزىڭىز تاللىماڭ، سىز پەقەت پرىكازچىكتىن سوراپ ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە سېتىۋېلىڭ. چۈنكى سىز باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاشقا بەكمۇ ئېھتىياجلىق. ئارقىدىنلا چېچىڭىزنى ياساتقىلى بېرىڭ، چاچ پاسونىنىمۇ ئۆزىڭىز تاللىماڭ، ساتىراشتىنلا سوراپ ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ياسىتىڭ. ئاندىن كېيىن سەيشەنبە كەچتە مىنىڭ ئۆيۈمدە كەچلىك ئولتۇرۇش بار، كېلىپ قاتنىشىڭ...».
ئېمىلى بېشىنى چايقىدى، پىسخولوگ چۈشەنگەندەك قىلىپ بېشىنى چايقاپ:« سىز كەچلىك ئولتۇرۇشقا قاتناشساممۇ خۇشال بولالمايمەن دېمەكچىمۇ؟ ئەمما مەن سىزنى ياردەملىشىشكە چاقىرىمەن. كەچلىك ئولتۇرۇشقا قاتنىشىدىغانلار كۆپ، بىراق ئۆز ئارا تونۇشىدىغانلار ئاز. سىز كەلگەنكەنسىز ھەممە كىمگە ئەتراپلىق ياردەم قىلىشىڭىز كېرەك. قايسى بىر يىگىتنىڭ يالغۇز تۇرغىنىنى كۆرسىڭىز ئالدىغا بېرىپ سالام قىلىشىڭىز كېرەك...» دېدى.
«يىگىت؟ سالام قىلىش؟»
«توغرا، ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا سالام قىلىسىز، سىز ماڭا ۋاكالىتەن ئۇنى قارشى ئالىسىز دېيىشكىمۇ بولىدۇ. سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز ماڭا ياردەملىشىپ مېھمانلارنى كۈتىۋېلىش. چۈشەندىڭىزمۇ؟»
ئېمىلى جىددىيلەشتى، پىسخولوگ داۋاملىق مۇنداق دېدى:« كۆپچىلىك تولۇق كېلىپ بولغاندىن كېيىن مېھمانلارغا يەنە نېمە  قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىڭىزغا قاراپ بېقىڭ. مەسىلەن، بەك تىنجىق بولۇپ كەتسە دېرىزىنى ئېچىڭ؛ كىمنىڭ قەھۋەسى بولمىسا ئۇنىڭغا قۇيۇپ بېرىڭ. ئېمىلى، قاراڭ، ماڭا چوڭ ياردەم قىلىشىڭىز كېرەك!».
سەيشەنبە كۈنى، ئېمىلى چاچ پاسونىنى ئۆز لايىقىدا قىلىپ كىيىملىرى ياراشتۇرۇپ كىيىپ، پىسخولوگنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماقتا ئىدى. ئۆزىنى ئۇنتۇپ پەقەت باشقىلارغا ياردەم قىلىشنىلا ئويلايتتى. ئۇ تېتىك ، سېخىي بولۇپ، چىرايىدىن يېقىملىق كۈلكە يېغىپ تۇراتتى، ئۇ كەچلىك ئولتۇرۇشتا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياقتۇرىدىغان ئادەمگە ئايلاندى. ئولتۇرۇشتىن تارقىغاندا ئۈچ يىگىت ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.
ھەپتە ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ بۇ ئۈچ يىگىت ئېمىلىنى قىزغىنلىق بىلەن قوغلاشتى. ئېمىلى ئارىسىدىن بىرەيلەننى تاللاپ، ئۆزىگە تويلۇق ئۈزۈك تاقاتقۇزدى.
توي مۇراسىمىدا بىرەيلەن بۇ پىسخولوگقا:« سەن مۆجىزە ياراتتىڭ» دېدى، پىسخولوگ:«مۆجىزە ھېسابلانمايدۇ، بۇ بەكمۇ ئاددىي: ئادەم دائىم ئۆزىنىلا ئويلىماسلىقى، ئۆزىگىلا ئىچ ئاغرىتماسلىقى كېرەك، باشقىلارنىمۇ ئويلاپ قويۇشى، باشقىلارنىڭ دەردىگىمۇ دەرمان بولۇشى كېرەك. كىم ئۇنى گۈزەللەشتۈردى؟ ئۇ ئۆزى» دېدى.
مەنبە: «ياشلار تەرمىلىرى».

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 10:17:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-14 10:19  

  پىسخولوگىيەلىك مەسلىھەت تەرەققى قىلغان ئەللەردە ئۇموملاشقان دەيدىكەن، كىيىنچە بىزنىڭ بۇ يەرلەردىمۇ ئۇموملىشىپ قىلىشى مومكىن. ئۇ چاغدا كەيپىياتىمىز سەل باشقىچە بولسىلا بىر تىلفوننى ئالىمىزدە يېرىم سائەتكە بارماي كەيپىياتىمىز تۇغىرلىنىپ قالىدۇ. ئەمما پىسخولوگلارمۇ ئادەم بولغاچقا بەزىدە ئادەمدە بۇلىدىغان خاتالىقلاردىن خالى بولمىقى تەس ئەلۋەتتە...

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 10:24:13

    ئېھتىمال ئەلىي قۇربانمۇ مۇشۇنداق تاللاشقا دۇچ كەلگەن ئوغۇل-قىزلارنى ئۇستىلىق بىلەن «داۋالاپ» قويىدىغاندۇر بەلكىم...

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 10:33:57

   بۇ ماقالىنىڭ ئەسلى ئاپتۇرى تىلغا ئالغان توي مۇراسىمىدىكى ھېلىقى «بىرەيلەن» «مۆجىزە» دىگەننىڭ ھەقىيقى مەنىسىنى بىلمىسە كېرەك،  ئاشۇ پىسخولوگنىڭ ئادەتتىكى بىر كۆرسەتمىسىدىن ۋۇجۇتقا كەلگەن بىر نىكاھ مۇۋەپپىقىيىتىنى يەڭگىللىك بىلەن «مۆجىزە» دەۋاپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېما ماۋزۇسىمۇ شۇ ئاتالغۇ بىلەن قويۇلۇپتۇ... بىلىشىمىز كېرەككى، ھەتتا كاتتا ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەرمۇ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا مۆجىزە كەلتۈرەلىگەن ئەمەس.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 11:27:40

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 10:33 static/image/common/back.gif
بۇ ماقالىنىڭ ئەسلى ئاپتۇرى تىلغا ئالغان توي مۇراسىمى ...

شۇنداق. پىسخىك مەسلىھەت ۋە ئۇرۇنلاشتۇرۇشلاردىن ۋۇجۇتقا چىققان بىر نىكاھ سەپىرىنى مۆجىزە دىيىش توغرا ئەمەس.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 19:02:29

بەلكىم ئاشۇ قىزنىڭ ھاياتىدىكى بىر مۆزىجەدۇر لىكىن بىزنىڭ نەزرىمىزدە ئادەتتىكى ئىش.
مەنمۇ مۆجىزە يارىتالمىغانلارنىڭ بىرسى،.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 19:25:01

چەتئەللىكلەر قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىنى ،ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئادەم ئىكەنلىكىنى توغرۇلۇق شۇئار توۋلىسىڭىز بولىدۇ،لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئادەم ئىكەنلىكى توغرۇلۇق بەك تەپسىلى توختالسىڭىز بولمايدۇ.
بۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ نېرۋا كىلىتكىلىرىنى مەجبۇرى زورلاپ ئاچىمەن دىسىڭىز نۇرغۇن كىشىلەر چىقىپ ،ھەي بىز قانداق بولۇپ ئادەم بولۇپ قالدۇق؟بىز دىگەن ئادەم ئەمەس،بىزنى ئارتۇقچە ئويلىغىلى سېلىپ بىزگە زۇلۇم قىلما دىيشىپ چۇرقىرىشىپ كېتىدۇ.بىر ئادەمگە ئۇنىڭمۇ ئادەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشىتىن ،ئۇنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا زورلاشتىن ،ئۇنى مەجبۇرى ئويلىغىلى سېلىشتىنمۇ ئارتۇق زۇلۇم سېلىش بولمىسا كېرەك .

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 20:10:20

بۇ ھىكايە ماڭا شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئادەمنى يىتىم قالدۇردىغانلىقىنى ، باشقىلارغا ياردەم بىرىش ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ ئادەمنى خۇشال ، بەخىتلىك ، كوڭۇللۇك تۇرمۇشقا ئىگە قىلىپ پىسخولوگىيلىك جىددىيلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۇردى ، بۇ پىسخىلوگ بىلەن ئەلى پىسخولۇگنىڭ نەزىريىسى تەتۇر تاناسىپمۇ قانداق ، ئەلى بولسا ئوزىگە ئىشىنىشكە ، ئوزىنىلا ئويلاشقا ، باشقىلارنىڭ بەختى ئۇچۇن ئەمەس ، ئوزىنىڭ بەختى ئۇچۇن ياشاشقا ئۇندەيتى ، لىكىن بۇ ھىكايىدىكى پىسخىلوگ باشقىلارغا ياردەم بىرىشكە ، باشقىلارغىمۇ كوڭۇل بولۇشكە ئۇندىدى قايسىسى توغرا ، ئوزىمىز ئۇچۇن ياشاشمۇ ، باشقىلار ئۇچۇنمۇ ؟
بەت: [1]
: سىزمۇ مۆجىزە يارىتالايسىز