calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 09:34:44

dvd ئوپتىك دىسكىنى قانداق ئويىمىز؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   calisiyorum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-14 09:37  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ماڭا يىقىندىن بىرى تورلاردا مودا بولىۋاتقان بىر قىسىم سىنلارنى dvd سىن قويۇش ئاپراتىدا قويۇشقا بولىدىغان قىلىپ ئويۇش زۆرۈر بوپقالغانتى.بەك كۆپ ھەپىلىشىپ كەتتىم.پەقەتلا مۇۋاپىقىيەتلىك بولمايۋاتىدۇ.يىگىرمىگە يىقىن ئوپتىك دىسكىنى بۇزۇپ بولدۇم.مەن يولۇققان مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە.
تورلاردىكى سىنلارنىڭ ھۆججەت شەكلىنى dvdئاپراتى بىۋاستە ئوقۇيالمىغاچقا ھۆججەت شەكلىنى avi. Mp4.wmv.vob.mpeg......قاتارلىق ھۆججەت شەكىللىرىگە ئايلاندۇرۇش زۆرۈر بولدى. ئاندىن توردىن 格式工厂نى چۈشۈرۈپ ئايلاندۇرماقچى بولدۇم.ئوڭۇشلۇق چۈشۈرۈپ يىشىپ قاچىلىدىم.لىكىن سىنلارنى كىرگۈزۈپ ئايلاندۇرۇشقا بۇيرۇق بەرسەم مۇۋاپىقىيەتسىز بولدى دەپ پەقەتلا ئايلاندۇرغىلى بولمىدى. ئاندىن باشقا ئوخشاش تۈردىكى دىتاللارنى چۈشۈرۈپ يۇقارقى ھۆججەت شەكلىگە ئايلاندۇرغانمۇ بولدۇم.ئاندىن دىسكىغا ئويۇش ئۈچۈن كومپىيوتۇرۇمغا neroنى قاچىلاي دىسەم پەقەتلا يىشىلمىدى.ئىشلىتىۋاتقىنىم windows 8.1 ئىدى.قارىغاندا nero بۇ سىستمىدا نورمال ئىشلىمەيدىغان ئوخشايدۇ.شۇنداق قىلىپ توردىن ئىزدىنىپ يۈرۈپ windows 8.1نىڭ ئۆزىنىڭ دىسكا ئويۇش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالدىم.شۇنداق قىلىپ دىسكا ئويۇشنى باشلىۋەتتىم.مۇۋاپىقىيەتلىك ئويۇلدى.لىكىن زادىلا بىلەلمىگىنىم dvd ئاپراتى يەنىلا ئوقۇيالمىدى(dvdئاپراتىدا ھىچقانداق مەسىلە يوق).يۇقارقى ھۆججەت شەكىللىرىنىڭ ھەممىسىنى سىناپ كۆردۈم.(بەزى ھۆججەت شەكىللىرىنىڭ تۈرى كۆپكەن.مەسىلەن mpeg.mpeg1. Mpeg2.....دىگەندەك.)بەيدۇغا مۇراجىئەت قىلدىم.لىكىن قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئىرىشەلمىدىم.مەسىلە زادى قەيەردە؟ مەسىلە ھۆججەت شەكلىدىمۇ يە دىسكا ئويۇش جەريانىدىمۇ؟ بىلىدىغانلار بىر ياردەم قىلىۋەتسەڭلارچۇ.

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 10:50:21

مەسىلەمنى بىر يولىلا ھەل قىلىدىغان مەخسۇس dvdسىن قويۇش ئاپىراتى ئۈچۈن ھۆججەت شەكلى تەھرىرلەش ۋە ئوپتىك دىسكا ئويۇش بىر گەۋدىلەشكەن دىتاللار بارمۇ؟ تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار.

tiroy يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 11:02:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tiroy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-14 11:03  

نېرو دىگەن مەن ئىشلەتكەن ئەڭ ناچار قۇرالمىكىن دەيمەن...光盘刻录大师دەيدىغان بىر قۇرال بار...شۇ سىزنىڭ ھەرقانداق ھاجىتىڭىزدىن چىقالايدۇ....بەك بولمىسا مڭنى قاچىلاڭ...ياردەم قىلاي
1054176954

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 13:58:47

...windows 8.1نىڭ ئۆزىنىڭ دىسكا ئويۇش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالدىم....
ئۆزىنىڭ دىسكا ئويۇش ئىقتىدارى نەدىكەن ؟ سىزمۇ دەپ بەرمەمسىز .

007sabri يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 15:44:45

nero يەنىلا ئەڭ ياخشى دىسكا ئويۇش دىتالى، سىز ئويماقچى بولغان سىن ھۆججەتلىرىڭىزنى vobھالەتتە ئويسىڭىز ھەرقانداق dvd ئاپاراتى ئوقۇيىلايدۇ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 00:35:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-15 00:59  

سىز توردىن چۈشۈرگەن كىنولارنى dvd ئوپتىك دىسكىغا چۈشۈرۈپ ،مۇستەقىل dvd قويغۇچلاردا قويماقچى،ئادەتتىكى dvd قۇيغۇچلار vob سىن ھۆججەت شەكلىنى ئەڭ ياخشى ،ھەم تۇلۇق قۇللايدۇ،بۇ يەردە بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتدىغان ئاتالمىش dvd دىگىنىمىزنىڭ ،كومپىيۇتىردىكى ھۆججەت شەكلى vob،يەنە كومپىيۇتىردىكى كىڭەيتىلمە ئىسمى (扩展名) ن vob بولغان ھۆججەت شەكلىنى كۆرسىتىدۇ .بۇنى dvd ئويتىك دىسكىغا ئويساق، نەزىرىيە جەھەتتىن ھەرقانداق  dvd قۇيغۇچ 100%ئوقىيالايدۇ.
ئەمما تور دۇنياسىدا چۈشۈرۈش ،چىقىرىش ،جەھەتلەردىكى سۈرئەت ،ھەم مۇلازىمىتىردىكى بوشلۇق مەسىللىرىنىڭ تەسىرىدە ،يەنە نۇرغۇنلىغان سىن ھۆججەت شەكىلىرى بارلىققا كەلگەن،مەسلەن FLV ,rmvb,mkv,,،،،قاتارلىقلار ،بۇ ھۆججەت شەكىلىرىنى دىسكىغا بىۋاستە ئويسا ئەلۋەتتە dvd ئوقۇيالمايدۇ.

بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قۇيۇشقا تىگىشلىكى :ھەممە ھۆججەت شەكلى ۋاستىغا خاس ئەمەس،يەنە تور دۇنياسىدا mp4 ,avi قاتارلىق شەكىلدىكى سىن ھۆججەتلىرىنىمۇ ئۇچۇرتۇپ قىلىشىڭىز مۇمكىن.يەنە بۇ ھۆججەت شەكىللىرىنى ،dvd ئوپتىك دىسكىغا بىۋاستە ئويسىڭىز ،يەنە بەزى ئىلغارراق dvd قۇيغۇچلار قۇيالىشى مۇمكىن.شۇڭا بۇ يەردە ئاندا -ساندا ئوچراپ تۇرىدىغان مەسىللەرنى ئومۇمىلققا كۆتىرىپ ئادەمنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرماسلىقىڭلارنى سەمىمى ئۈتۈنىمەن{:101:})
ئايلاندۇرۇش
بىرىنچى قەدەم :ياخشى بىر ھۆججەت ئايلاندۈرغۇچ قاچىلايسىز .ProCoder گەرچە كەسپى سىن ئايلاندۈرغۇچ بولسىمۇ ،ئەمما ئاجىزلىقى تۇنىيدىغان سىن ھۆججەت شەكىلىلىرى بەك ئاز،Mpgۋە avi ،QuickTime قاتارلىق يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى ھۆججەت شەكىلىرىنى قوللاش بىلەنلا چەكلىنىدۇ.ئەمما ئىنتايىن مۇقىم ،خاتالىقى چىقماي ،تىز سۈرئەتتە ئايلاندۈرىدۇ،كەسپىچانلىققى بەكلا يۇقىرى.Mpgۋە avi ،QuickTime قاتارلىق ھۆججەت شەكىلىرىنى كۆپ ئىشلەتسىڭىز مۇشۇ يومشاق دىتالنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەمدى تېما ئىگىسى توردىن چۈشۈرگەن ھۆججەت شەكىلىرىنى ئىشلەتمەكچى.شۇڭا سىزگە ئاسان تاپقىلى بولدىغان ھەم مۇقىم ئىشلەيدىغان سىن ئۆزگەركۈچتىن بىرنى تەۋسىيە قىلاي !(魔影工厂) چۈشۈرۈش ئادرىسى http://www.moying.cn/
بۇ مەن ProCoder دىن سىرىت ئىشلەتكەن ،باشقا يومشاق دىتاللارغا ،ھەم سېستىما سىن يەشكۈچلىرىگە ئاساسەن تەسىر قىلمايدىغان،ناچارلىقى يوق سىن ئۆزگەتكۈچ، بىكالىق،قوللايدىغان ھەم ئۆزگەرتەلەيدىغان ھۆججەت شەكلى بەك كۆپ.ئازجىزلىقى سەل بىخەتەر ئەمەس ، ئايلاندۈرۈپ چىققان ھۆججەت شەكلىدە ئاز-پاز بۇزۇلۇش كۆرىلىپ قالىدۇ.
مۇشۇنى چۈشۈرۈڭ! قاچىلاڭ!قوزغىتىڭ !
بىرىنچىدىن ،تۆتىنچىگىچە بولغان باسقۇچلارنى تۈۋەندىكى رەسىم بۇيىچە بېسىڭ!
رەسىم 1 -3

بەشىنچى باسقۇچتا يەنە DVD غا قارىتا تەپسىلى تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز.魔影工厂 نىڭ يەنە بىر ماڭا ياققان يېرى ،سىن ھۆجىتىنى تەڭشەش شەكلى ئىنتايىن ئاددى ،كەسپى بولمىغان ئادەملەرمۇ كۆرىپ چۈشىنەلەيدۇ.
رەسىم -4

合并输出到一个标题بۇ دىگەن گەپ يەنە كۆپ ھۆججەتنى بىرلا قېتىمدا ئايلاندۇرغان ۋاقىتتا ،ئايلاندۈرماقچى بولغان كۆپ ھۆججەت ئايرىم -ئايرىم تۇرامدۇ ياكى بىر بۇلۇپ كىتەمدۇ دىگەن گەپ،ئېتىياجغا قاراپ ،ھەئە ياكى ياق دەپ تاللايمىز.
编码模式بۇ دىگەن گەپ ،چىقاندىن كىينكى ھۆججەت شەكلىنى ئاپتۇماتىك تاللاش ،ياكى قۇل بىلەن تاللاش دىگەنلىك!يەنە ۋاقتى بىر سائەتنىڭ ئەتراپىدىكى سىن ھۆججەتلىرىنى ئاپتۇماتىك تاللاش قىلىپ 编码质量نى ئەڭ ياخشى قىلىپ قويسا DVD ئوپتىك دېسكىغا سىغىدۇ.ئەمدى ۋاقتى ئالاھىدە ئۇزۇن سىن ھۆججەتلىرىنى قول بىلەن تاللاش قىلىپ سىغمىنى 4300MBدىن ئېشىپ كەتمىسۇن دەپ تەڭشەپ قۇيسا ،سۈرەت سۈپىتىنى ئاپتۇماتىك تەڭشەپ ،سىغمىنى دېسكىغا سىغقۇدەك قىلىپ چىقىرىپ بىرىدۇ.
视频格式دىن جوڭگودا بولسىڭىز PAL نى تاللايمىز.قالغان تەڭشەكلەرگە چېقىلماڭ!مۇقىملاشتۇرۇپ ،ئايلاندۈرۈشنى باشلاڭ!
داۋامى بار




talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 00:53:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-15 01:03  

calisiyorum يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 10:50 static/image/common/back.gif
مەسىلەمنى بىر يولىلا ھەل قىلىدىغان مەخسۇس dvdسىن قويۇش  ...

بۇنداق دىتاللار بار ،لىكىن مەن ئىشلىتىشنى بەك تەۋسىيە قىلمايمەن.پۈتۈن جەريان بىر بويرۇق بىلەن ئىجرا بولدىغان بولغاچقا ،ۋاقىت ئالاھىدە ئۈزۈن كىتىدۇ.مەللۇم بىر باسقۇچتا خاتالىق چىقسا نۇرغۇن ۋاقىت ئىسراپ بۇلىدۇ.باشتىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ.تەڭشەكلىرى بەك ئاز ،ئۈزگەرتىش ۋە ئۇيۇش جەريانىغا ئەركىن تەڭشەش ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ.بىخەتەر ئەمەس.
ئايلاندۈرۈپ بولغاننى قانداق دېسكىغا ئۇيۇشنى ئەتە ۋاقتىم چىقسا يوللاپ قۇياي!

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 17:17:01

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 00:35 static/image/common/back.gif
سىز توردىن چۈشۈرگەن كىنولارنى dvd ئوپتىك دىسكىغا چۈشۈر ...

رەھمەت سىزگە. نەچچە كۈندىن بىرى تورغا چىقالمىغانتىم ئىنكاسىڭىزنى ۋاقتىدا كۆرۈپ سىزگە رەھمىتىمنى بىلدۈرەلمىگىنىمدىن خىجىلمەن.  بەكمۇ چۈشۈنۈشلۈك تەپسىلى چۈشەندۈرۈپسىز. قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بولدى. قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ مەسىلەمنى ھەل قىلىش يولىنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر!
بەت: [1]
: dvd ئوپتىك دىسكىنى قانداق ئويىمىز؟