HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 09:20:58

[خەتلىك فىلىم] Nico & Vinz – مېنىڭ خاتامۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HeyDoctor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-14 09:39  



تۆۋەندىكى ناخشا بولسا مەن ياقتۇرىدىغان ناخشىلارنىڭ بىرى. تەرجىمە قىلىپ تورغا يوللاپ قويدۇم. ياقتۇرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

( مۈنبەردە قويىدىغان قىلالمىدىم)

ناخشىنى چۈشۈرۈش ئورنى

مەنبە: 24 سائەت ئىنگلىز تىلى  (بۇ يەردە كۆرگىلى بولىدۇ)

ناخشىنىڭ ئىسمى ‹Am I Wrong›
بۇنى ‹مېنىڭ خاتامۇ؟› ياكى ‹خاتالاشتىممۇ؟› دەپمۇ تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن مەن جانلىق تەرجىمە ئۈچۈن ئاۋۋالقىنى تاللىدىم. ناخشىنىڭ تەرجىمىسىدە بۇنداق ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدۇ.

ناخشا ئاڭلاپ تىل ئۆگىنىش ئۇسۇلى:
تىل ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇللىرى ھەرخىل. ناخشا ئاڭلاپ ئۆگىنىش ئۇنىڭ بىر خىلى، ھەمدە مەن ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشتۇرغان شۇنداقلا ئۈنىمىنى كۆرگەن ئۇسۇللارنىڭ بىرى.

ناخشا ئاڭلاپ تىل ئۆگىنىشتە ناخشا تاللاش بەك مۇھىم. شۇڭا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

1. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ناخشىنى تاللاڭ
ياقتۇرمىسىڭىز ئاڭلىمايلا قويۇڭ، ئۇنى قايتا-قايتا ئاڭلاش ئۆزىڭىزگە زۇلۇم ئەمەسمۇ؟

2. سۈرئىتى نورمال ناخشىنى تاللاڭ
بەك ئاستا ياكى بەك تېز بولۇپ كەتمىسۇن. دەسلەپتە رەپ ناخشىلىرىنى تاللاشنى تەۋسىيە قىلمايمەن. سەۋەبى بەك تېز ھەم يامان سۆزلەر بەك كۆپ. بىر ناخشىنى ئۆگىنىپ بولۇشقا بەك ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، بۇنداق بولسا قىزغىنلىقىمىز ئاسان يوقايدۇ. يەنە كېلىپ رەپ تېكىستلىرىدە نۇرغۇن Black English قوللىنىلغان. بۇ بولسا قارا تەنلىكلەرنىڭ ئەسىلى ئىنگلىز تىلى  ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ قوللانغان بىرخىل تىل شىۋىسى.

3. تېكىستى بار ناخشىنى تاللاڭ
تېكىستى بولمىسا ناخشا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم سىز تېكىستىنى تاپالايدىغان ناخشا دېمەكچى. چۈنكى بىز ناخشىدىن ئۇنىڭ مۇزىكىسىنى ئەمەس بەلكى يېڭى سۆز-جۈملىلەرنى، يېڭى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەنمەكچى. تېكىستى بولمىسا پايدىلىنىش قىممىتىنى يوقىتىدۇ.

مەنبە: 24 سائەت ئىنگلىز تىلى

yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 11:04:38

چۈشۈرۈش ئادرىسى خاتاكەن

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 11:59:07

ئادرىس توغرىكەنغۇ ،  70 مىگالىق سىن نورمال چۈشتى .

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 12:52:18

قايتا سىناپ بېقىڭ. ئادرىسى توغرا.

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 12:56:34

yaxar0996 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 11:04 static/image/common/back.gif
چۈشۈرۈش ئادرىسى خاتاكەن

قايتا سىناپ بېقىڭ. ئادرىسى توغرا.

Ependi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 17:28:21

تېما ئىگىسىنىڭ ئىسىل بىر ناخشىدىن ھوزۇرلاندۇرغىنىغا رەھمەت .

سىننى چۈشۈرۈۋېلىپ , تېخى م پ 3 كە ئايلاندۇرۇۋېلىپ بۈگۈن بىر چۈشتىن كېيىن دىگۈدەك ئاڭلاپتىمەن . ناخشىنىڭ رېتىمى ماڭا بەك يارىدى . يەنە بىر قېتىم رەھمەت .


چۈشۈرەلمىگەنلەرگە بىر دېتال تەۋسىيە قىلاي . بۇ دېتال بىلەن سىننىڭ ئادرىسىنى كوپىي قىلىپ ،دېتالنىڭ قۇرۇش دىگەن يېرىگە چاپلاپ قۇيسىڭىزلا سىن ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۈپ بېرىدۇ .
دېتال ئىسمى :

维棠FLV视频下载软件

Ependi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 17:31:39

سىن ھۆججەتلىرىنى م پ 3 ھۆججىتىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان ۋە تەھرىرلىگىلى بولىدىغان يەنە بىر دېتال تەۋسىيە قىلاي .

دېتال ئىسمى :
狸窝全能视频转换器

بۇ دېتالمۇ ماڭا بەك يارىدى . شۇڭا سىلەرگە تەۋسىيە قىلدىم . سىلەرگىمۇ ياراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 21:18:31

مۇشۇ ناخشا قايسى تۈردىكى ناخشىغا كىرىدۇ ؟ مەبەت ناخشىلىرى كۆپكەن ، ماندىغىنى تاپماق تەسكەن . چەتنىڭ مۇشۇنداق مەزمۇنى ئىسىل ناخشىلىرىنى ئاڭلاي ، خەتلىكلىرى بولسا

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 21:19:35

ئۇيغۇرچە، ئىنگىلىسچە تىكىستىنى يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 22:52:41

Ependi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 17:28 static/image/common/back.gif
تېما ئىگىسىنىڭ ئىسىل بىر ناخشىدىن ھوزۇرلاندۇرغىنىغا ر ...

ياقتۇرغان بولسىڭىز مەن شۇنىڭغا خوش!

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 22:56:58

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 21:18 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ناخشا قايسى تۈردىكى ناخشىغا كىرىدۇ ؟ مەبەت ناخشىل ...

راست دەيسىز. تېكىستى ياخشى، MV نىڭ كۆرىنىشلىرى پاكىز ھەم ساغلام بولغان ئىنگلىزچە ناخشا تاپماق بارغانسېرى تەس بولىۋاتىدۇ.
ناخشىنىڭ ئۇسلۇبىغا كەلسەك، مەن توردا ئىزدىنىپ باقتىم. بۇنى Reggae fusion ئۇسلۇبى دەيدىكەن. بۇ توغرىسىدا مەندا ھېچبىرچۈشەنچە يوقكەن.
باشقا بىلىدىغانلار بولسا دەپ بەرسە بىلىۋالساق يامىنى يوق ئىدى. :)

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 01:22:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HeyDoctor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-15 01:24  

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 21:19 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە، ئىنگىلىسچە تىكىستىنى يوللاپ قويسىڭىز بوپتى ...

بولىدۇ، تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇرچە ئىنگلىزچە ناخشا تېكىستى:

Am I wrong for thinking out the box from where I stay
مېنىڭ خاتامۇ    تۇتۇپ تۇرغان قەپەزدىن قۇتۇلماقچى بولغىنىم
Am I wrong for saying that I'll choose another way
مېنىڭ خاتامۇ    باشقا يولدا مېڭىشنى تاللىغانلىقىم
I ain't trying to do what everybody else doing
ھەممە كىشى قىلغاننى مېنىڭ قىلغىم يوق
Just cause everybody doing what they all do
پەقەت ئۇلار شۇنداق قىلغاچقىلا
If one thing I know, I'll fall but I'll grow
مەن شۇنى بىلىمەن    مەغلۇب بولساممۇ لېكىن يېتىلىمەن
I'm walking down this road of mine, this road that I call home
ئۆز يولۇمدا ماڭىمەن    مەن شۇ يولغا مەنسۇپمەن
So am I wrong for thinking that we could be something for real
دېمەك مېنىڭ خاتامۇ    ئويلىغىنىمنى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولغىنىم
Now am I wrong for trying to reach the things that I can't see
مېنىڭ راستلا خاتامۇ    كۆز يەتمەس نىشانغا ئىنتىلغىنىم

But that's just how I feel
مانا بۇ مېنىڭ ھېس قىلغىنىم
That's just how I feel
مانا بۇ مېنىڭ تۇيغۇلىرىم
That's just how I feel
مانا بۇ مېنىڭ ئويلىغانلىرىم
Trying to reach the things that I can't see
كۆز يەتمەس نىشانغا ئىنتىلغىنىم

My prediction, I'mma be on the top of the world
مەجنۇن بولدۇممۇ    يۈكسەك غايىلىك بولغانلىقىم
My prediction, I'mma be on the top of the world
ماڭا ئاياندۇر    شۇ پەللىگە يېتىدىغانلىقىم
Walk your walk and don't look back
يولۇڭغا ماڭ    كەينىڭگە قارىما
Always do what you decide
ھەر ۋاقىت تاللىغىنىڭنى قىل
Don't let them control your life
تۇرمۇشۇڭنى ئۇلار باشقۇرمىسۇن
That's just how I feel
مانا بۇ مېنىڭ ھېس قىلغانلىرىم
Fight for yours and don't let go
ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۈرەش قىل    ۋاز كەچمىگىن
Don't let them compare you, no
باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرمىغىن
Don't worry, you're not alone
سەن يالغۇز ئەمەس ئەنسىرمىگىن
That's just how we feel
مانا بۇ بىزنىڭ ئويلىغانلىرىمىز

(قايتارما)

If you tell me I'm wrong, wrong
ئەگەر مېنىڭكىنى خاتا دېسەڭ
I don't wanna be right, right
مېنىڭ ئەسلا توغرا بولغۇم يوق

(قايتارما)
بەت: [1]
: [خەتلىك فىلىم] Nico & Vinz – مېنىڭ خاتامۇ؟