(bilgejan) نەۋرىنى-نەۋرىگە چاتامدۇق؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-20 22:17نەۋرە تۇغقانلار ئارا توي قىلىشىنىڭ ئەۋلادقا بولغان تەسىرى ھەققىدە
بىلگەجان
بىرىنچى نەۋرە ۋە ئىككىنچى نەۋرە تۇغقانلارنى بىر-بىرىگە ئۆيلەپ قويۇش دۇنيا مىقياسىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە بولۇپ، يېقىنقى زاماندا گېنتىكا ئىلىمىنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن بۇ خىل ئەنئەنىگە خاتىمە بېرىش توغرىسىدىكى كۆز-قاراشلار باش كۆتۈرگەن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نەۋرىنى نەۋرىگە ئۆيلەپ قويۇش (چېتىش) ھادىسىسى ھازىرمۇ ئۇچراپ تۇرىدىغان ئىشلاردىن. بۇ مەدەنىيەت، دىن ۋە ھەر خىل ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق مۇرەككەپ ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بىر ئىش بولغاچقا، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئوخشىمىغان يۇرت كىشىلىرىنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا چۈشىنىشىمۇ ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. مەن كىچىكىمدىن ئاڭلاپ (ئانامدىن ۋە باشقىلاردىن) چوڭ بولغان بىر قاراش بولسا مۇنداق ئىدى:
دادا تەرەپتىن نەۋرە بولسا چاتسا بولىدۇ، ئانا تەرەپتىن نەۋرە بولسا ئاچا-سېڭىل بالىلىرىنى بىرى-بىرىگە ئالماشتۇرۇپ ئېمىتمىگەن بولسا ئاندىن بالىلىرىنى چاتسا بولىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ مەسىلىگە سىلەر قانداق كۆز قاراشتا؟ سىلەر يەنە قانداق كۆز قاراشلارنى ئاڭلىغان؟
دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا بۇ خىل ھادىسىگە يول ئوچۇق بولۇپ، نەۋرە تۇغقانلار قانۇن بويىچە ئۆزلىرى خالىغانچە تويلاشسا بولىدۇ. يەنە بەزى دۆلەتلەردە بۇ ئىش چەكلەنگەن ياكى مەلۇم رايونلاردا چەكلەنگەن. ئامېرىكىنى مىسال قىلسام، ئامېرىكىدىكى 50 شىتات ئىچىدە 19 شىتاتتا بىرىنچى نەۋرىلەرنىڭ توي قىلىشى قانۇنلۇق بولۇپ، قالغان شىتاتلار بۇ خىل قىلمىش قانۇن تەرىپىدىن چەكلەنگەن. ئامېرىكا جەمئىيىتىدە بۇ ئىش ئومۇمەن قارشى ئېلىنمايدىغان بولۇپ، بۇنداق بولۇشىنىڭ مەلۇم سەۋەبى بار. ھالبۇكى، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە نەۋرە تۇغقانلارنىڭ تويلىشىشى ناھايىتى ئومۇميۈزلۈك ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولۇپ، 30% ياكى ھەر 3 يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەر ئىچىدە 1 جۈپى نەۋرە كىلىدۇ. بۇ دۆلەتلەر ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا نەۋرىنى چېتىش بەكلا ئومۇملاشقان بولۇپ، ھەتتا 70% تىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.
قارىشىمچە، بۇ بىز چوقۇم دېققەت ئېتىبارىمىزنى ئاغدۇرىشىمىز زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، گېنتىكا تەتقىقاتى بۇنىڭ ئۈچۈن قىممەتلىك ئىلمىي پاكىتلارنى تەمىنلىيەلەيدۇ. بۇ مەسىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دېققىتىگە سۇنۇشتا، يەنە بىر ئويلىغىنىم دىيارىمىزدا يۇرت ئاتلاپ توي قىلىش ئادەتلىرى تېخىچە كۆپ ئومۇملاشمىغان بولۇپ ئوخشاش يۇرتتا، ئوخشاش بىر ئەجدادتىن كەلگەن ئوخشاش بىر مىللەت، بىر توپ كىشىلەرنىڭ دائىم ئۆز ئىچىدىن توي قىلىشى بەلكىم ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك كەلگۈسى ساغلاملىقىغا سەلىبىي تەسىر ئېلىپ كىلىش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.
يېقىندىن بىرى، مەندىن مۇشۇ ھەقتە بىر قانچە قېتىم سوئال سورالدى ۋە بۇ قىزىقارلىق مەسىلە ئۈستىدە مەن ئازراق ئىزدەنگەنلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي دەيمەن. ئالدى بىلەن تەكىتلەيدىغىنىم، نەۋرە تۇغقانلارنىڭ توي قىلىشقا بولۇش-بولماسلىقى، ياكى قانداق پاسسىپ (ياكى ئاكتىپ) نەتىجىنىڭ كىلىپ چىقىشى ھېلىھەم تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان مەسىلە. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، نەۋرە كىلىدىغان قىز-يىگىتلەر تويلاشسا ئىرسىيەت قانۇنىيىتى بويىچە بىر قىسىم كېسەل كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى يوشۇرۇن گېنلارنىڭ ئۇلارنىڭ بالىلىرى ياكى كېيىنكى ئەۋلادلىرىدا ئىپادىلىنىپ چىقىپ كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن؛ ئەمما نۇرغۇن ئەمەلىي مىساللار راس شۇنداقمىدۇ دەپ كىشىنى ئىككىلەندۈرۈپ قويىدۇ. مەسىلەن، ھەر قايسى ئەل خان جەمەتلىرى ئىچىدە نەۋرە تۇغقانلارنىڭ توي قىلىشى كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەمما ئۇلار شۇنچە ئۇزۇن يىلدىن بۇيان خىلى ساغلام ياشاپ كەلمەكتە. يەنە ئويلىساق، داڭلىق بانكىرلار جەمەتى بولغان روسچىلد جەمەتى ئىچىدىمۇ نەۋرە تۇغقانلارنىڭ توي قىلىشى كۆپ ئۇچرايدۇ. كۆپىنچە جايلاردا، 2-نەۋرىلەرنى بىر-بىرىگە چېتىش قوبۇل قىلىنىدىغان ئىش بولسىمۇ، ئەمما 1-نەۋرە كىلىدىغان تۇغقانلارنى ئۆيلەپ قويۇش كۆپلىگەن جەمئىيەتلەردە زور قارشىلىققا ئۇچرايدۇ. مەن بۇ يەردە پەقەت مۇشۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان بىر قىسىم نەۋرىلەرنىڭ چېتىشنىڭ زېيىنى بار-يوقلۇقى ئۈستىدە پاكىتلار بىلەن تەمىنلىگەن ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن سىلەرنى خەۋەردا قىلاي دەيمەن.
2002-يىلى ئاپرىلدا، گېنتىكىلىق مەسلىھەت ژورنىلى بىر دوكلاتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىرىنچى نەۋرىلەرنى بىر-بىرىگە چاتقاندا بالىلىرىنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇپ قېلىش نىسبىتى 1.7-2.8% ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ نىسبەت 40 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭ تۇغقان بالىلىرى بىلەن ئوخشاش چىققان. بۇ نەتىجە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكا جەمئىيتىدە زور غۇلغۇلا قوزغالغان بولۇپ، ئوبزورچىلار (تەنقىدچىلەر) بىرىنچى نەۋرىلەرنى توي قىلىشتىن چەكلەشنىڭ ئىلمىي ئاساسى 41 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭكى بىلەن ئوخشاش تۇرسا نېمە ئۈچۈن يېشى چوڭ ئاياللارنىڭ تۇغۇشىغا يول قويۇپ بىرىنچى نەۋرىلەرنىڭ توي قىلىشىنى چەكلەيمىز؟ دەپ مۇنازىرە قىلغان.
2014-يىلى، ھېندىستاننىڭ شىمالىدىكى جاممۇ ۋە كەشمىر رايونلىرىدا ئىلىپ بېرىلغان 2 تەتقىقات نەتىجىسى ھېندىستان ئالىگار مۇسۇلمانلار ئۇنىۋېرستېتىدىكى موھىد پەرىد ۋە مۇھەممەد ئەفزەل قاتارلىق ئالىملار تەرىپىدىن «پىلوس بىر» ۋە «ئامېرىكا ئىنسان بىئولوگىيسى ئىلمىي ژورنىلى» دېگەن ئىلمىي ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، نەۋرىلەر ئارا توي قىلغانلارنىڭ ئەۋلادلىرىدا ئەقلىي قىلمىش، بوي ئېگىزلىك، ئېغىرلىق ۋە بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكسى قاتارلىق تۈرلەردە سۈپەتنىڭ كۆرنەرلىك ناچار ئىكەنلىكى ھەققىدە پاكىتلارنى تەمىنلىگەن ۋە شۇ رايوندىكى نەۋرىلەرنىڭ تويلىشىش ئادىتىگە قارشى تۇرغان.
پاكىستاندا نەۋرىلەرنىڭ ئۆز-ئارا توي قىلىشى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بىر ئادەت بولۇپ، تەتقىقاتلارغا قارىغاندا گەرچە ئايرىم ئەھۋاللاردا نەۋرىلەرنىڭ توي قىلىشىنىڭ خەتىرىنى ئۇنچىۋالا چوڭ دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بىر توپ ئىچىدە ئۇزاق مەزگىل نەۋرىلەر ئارا چېتىشىش ھادسىسى كەڭ ئومۇملاشقان شارائىتتا ئەھۋال كۆپ ناچار بولۇپ چىققان. بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتلىشىچە، بىر قوش بىرىنچى نەۋرىلەر (دادىسى ۋە ئانىسى ھەر ئىككىلى تەرەپتىن نەۋرە كىلىدىغانلار) ئۆز-ئارا تويلاشقان كىشىلەر توپلىرىدا، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى 12.7% بولغان، بىرىنچى نەۋرىلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ بولسا 7.9%، ئىككىنچى نەۋرىلەرنىڭ 6.9% چىققان بولۇپ، بۇ نەۋرىلەر ئارا توي قىلمىغانلارنىڭ ئەۋلادىدا كۆرۈلىدىغان ئۆلۈش نىسبىتى 5.1% تىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى. قوش بىرىنچى نەۋرىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىدا كۆپىيىش يېشىغا يېتىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئىچىدە 41.2 پىرسەنتى دەل يوشۇرۇن گېنلارنىڭ ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا بېرىپ تاقالغان، ئەمما بۇ سان بىرنىچى نەۋرە، ئىككىنچى نەۋرە، نەۋرىلەر ئارا توي قىلمىغانلارنىڭ ئەۋلادلىرىدا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 26.0%، 14.9% ۋە 8.1% بولغان.
لاتىن ئامېرىكىسى تۇغما كەمتۈكلۈك ھەمكارلىق تەتقىقات تۈرىنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا، نەۋرىلەر ئارا توي قىلىش بىلەن بالا مېڭىسىنىڭ ھەددىن زىيادە چوڭ بولۇشى، ئارتۇق بارماقلىق تۇغۇلۇش ۋە ئېغىز-بۇرنى ئاجراق تۇغۇلۇش قاتارلىقلار بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ چىققان. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىدە ئورتاق ھالدا نەۋرىلەرنىڭ تويلىشىشى بىلەن تۇغما يۈرەك كېسىلى ئوتتۇرىسىدىمۇ ئوڭ تاناسىپلىق باغلىنىش بايقالغان بولۇپ، نەۋرىلەر توي قىلغانلارنىڭ بالىلىرى ئىچىدە بۇ كېسەلنىڭ كۆرۈلۈش نېسبىتى ھەر مىڭ ئادەمدە 50 كىشى بولغان. سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئېلىپ بېرىلغان كۆپ قېتىملىق تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوخشاشلا نەۋرە تۇغقانلار توي قىلسا تۇغما يۈرەك كېسىلى بىلەن تۇغۇلىدىغان بالىلارنىڭ كۆپىيىدىغانلىقى پۈتۈن دۇنياغا ئايدىڭ بولغان. بىر قىسىم كىشىلەر توپلىرىدا ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىمۇ نەۋرىلەر توي قىلغانلارنىڭ ئەۋلادلىرىدا كۆپرەك كۆرۈلىدىغانلىقى دوكلات قېلىنغان.
يۇقىرىدىكى ئىلمىي پاكىتلاردىن باشقا، بۇ جەھەتتە ئەمەلىي مىساللارمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئەنگىلىيەدىكى پاكىستان كۆچمەنلىرى بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدۇ. دۇنياغا داڭلىق ئەنگىلىيە ئاخبارات ئورگىنى BBC نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەدىكى پاكىستانلىقلارنىڭ 55% بىرىنچى نەۋرە كىلىدىغان تۇغقىنى بىلەن توي قىلغان. بۇ ئەھۋال ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقاچقا، نۆۋەتتە بۇ توپتىكى نۇرغۇنلىغان بالىلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد بىرىنچى نەۋرىلەر تويلاشقانلاردىن تۇغۇلغان. بۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلىرى ئىچىدە گېنتىكىلىق كېسەللەرنىڭ كۆرۈلۈش نېسبىتى ئەنگىلىيەدىكى باشقا كىشىلەر توپلىرىغا سېلىشتۇرغاندا 13 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. BBC يەنە مۇنداق دوكلات قىلىدۇ: پاكىستانلىق قېنىدىن بولغان ئەنگىلىيىلىك بالىلار (پاكىستانلىق ئەنگىلىيلىكلەر دەپ قىسقارتىمەن) پۈتۈن ئەنگىلىيەدە تۇغۇلىدىغان بارلىق بالىلارنىڭ ئاران 3% ئىگىلەيدىغان بولسىمۇ، ئەنگىلىيەدە گېنتىكىلىق كېسەل بىلەن تۇغۇلغان بارلىق بالىلارنىڭ 30% نى تەشكىلى قىلىدۇ. تۇغما كەمتۈكلۈك پاكىستانلىق ئەنگىلىيىلىكلەر بالىلار ئىچىدىكى ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ 41%گە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. BBC مۇشۇ توپقا تەۋە بولغان مايرا ئەلىنى زىيارەت قىلغان. مايرانىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ، بوۋا-مومىسىمۇ بىرىنچى نەۋرە كىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان بىر يوشۇرۇن گېن كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بۇ كېسەل Epidermolysis bullosa دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ كېسەلگە گىرىپتا بولغۇچى ھەرۋاقىت چىدىغۇسىز ئاغرىق ئازابى تارتىدىكەن، كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشىمۇ قېينغا توختايدىغان بولۇپ، ئاخىرى تىرە راكى بولۇپ بالدۇرلا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. نەۋرىلەرنىڭ تويلىشىشىنىڭ بۇ خىل يوشۇرۇن گېنلار تەرىپىدىن كىلىپ چىقىدىغان كېسەللەرنىڭ كىلىپ چىقىش نىسبىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ، مايرا نەۋرىلەرنىڭ تويلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
سۈرەتتىكى ئايال بولسا بىر نەپەر يۇقىرىدىكى كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچى بولۇپ، بەدەن پۈتۈنلەي يارا بولۇپلا تۇرىدىغان بولغاچقا تېڭىۋىلىش زۆرۈر
ئومۇميۈزلۈك گېن تەكشۈرتۈش ۋە گېنتىكىلىق مەسىلىھەت سوراشنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەرلىك ئاھالە توپلىرىنىڭ گېنتىكىلىق كېسەللەردىن ساقلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى دۆلەتلەردە ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىسلىكىدە بۇ خىل مەزمۇنلارنى ئۆتۈش ئارقىلىق نەۋرىلەرنىڭ چېتىشنى ئازلاتقان، بۇ جەھەتتە بەھرەيىن زور نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئەنگىلىيە گېنتىكا كومېتىتى 2008-يىلىدىن بۇيان يۇقىرى خەتەر ئىچىدىكى ھامىلدارلارغا گېنتىكىلىق مەسلىھەت مۇلازىمىتى قىلىشنىڭ بارلىق دوختۇرخانىلاردا ئەمىللەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، بۇ خىل تەشەببۇسنىڭ ئۈنۈمى زور دەپ قارالماقتا.
يۇقىرىدا نەۋرىلەر ئارا تويلىشىش ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قىسىم تەتقىقاتلارنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەھۋالنىڭ قەيەردىن قەيەرگىچىلىكى ماڭا نامەلۇم، ئەمما بۇ ھەقىقەتەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان بىر مەسىلە. ئەگەر مەن مېدىتسىنا ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇۋاتقان بىر ماگىستىر ياكى دوكتور ئاسپىرانت بولۇپ قالغان بولسام چوقۇم بۇ تېمىغا تۇتۇش قىلاتتىم، ھېچبولمىسا يېتەكچىمگە شۇ خىل تەتقىقات تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن بولاتتىم. بۇ پەقەت مېدىتسىنا مەسىلىسى بولۇپ قالماي، تېگىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر ئىجتىمائىي كۆز قاراش مەسىلىسى بولغاچقا، بۇ جەھەتتە مەن بىلمەيدىغان تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى بارلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي پەن، ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى تەتقىقاتچىلىرى بۇ مەسىلىگەن نەزىرىنى ئاغدۇرسا دەپ ئۈمىد قىلىمەن. ھېچبولمىغاندا، بۇ ماقالىنى ئوقۇغانلار نەۋرىلەرنى چېتىش توغرۇلۇق مەلۇم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولسا ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە بىلدۈرسىمۇ چوڭ ئۈنۈم قازانغان بولىمەن. بۇ ماتىرىياللارنى مەن توپلاۋاتقىنىمغا خىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان بولۇپ، بەزى مەنبەلەرنى دەل ۋاقتىدا ساقلىۋالماپتىمەن، ئەمما زۆرۈر بولسا ئىزدەپ تاپالايمەن. مەن تىزىملىك تۈزۈپ ساقلىۋالغان مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ماقالىلەر ۋە باشقا ماتىرىياللار تۆۋەندە بېرىلدى.
پايدىلىنىغان مەنبەلەر:
http://webarchive.nationalarchives.gov.uk/20061016091547/hgc.gov.uk/client/content.asp?contentid=741
http://www.consang.net/index.php/Global_prevalence
http://www.independent.co.uk/news/science/theres-nothing-wrong-with-cousins-getting-married-scientists-say-1210072.html
http://www.sciencedaily.com/releases/2008/02/080207140855.htm
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/15181336
http://www.plosone.org/article/fetchObject.action?uri=info%3Adoi%2F10.1371%2Fjournal.pone.0109585&representation=PDF
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/25130378?dopt=Abstract
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pmc/articles/PMC1931913/pdf/ajhg00574-0097.pdf
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pmc/articles/PMC1685116/pdf/ajhg00215-0092.pdf
http://onlinelibrary.wiley.com/doi/10.1002/1096-8628%2820010215%2999:1%3C8::AID-AJMG1116%3E3.0.CO;2-U/pdf
http://www.pnas.org/content/107/suppl_1/1779
http://news.bbc.co.uk/2/hi/programmes/newsnight/4442010.stm
http://www.telegraph.co.uk/health/healthnews/7957808/700-children-born-with-genetic-disabilities-due-to-cousin-marriages-every-year.html
http://www.jstor.org/discover/10.2307/2137601?sid=21105621466703&uid=16752472&uid=67&uid=2&uid=3739920&uid=16793560&uid=62&uid=3&uid=3739256
تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە (بىلگەجان)
2015-يىلى قەھرىتاننىڭ 13-كۈنى
سان ئانتونىيو، ئامېرىكا
ئەسكەرتىش: بۇ يازمىنى رۇخسەتسىز تارقاتسىڭىز بولىدۇ. مەزكۇر يازما ۋە مەن يازغان باشقا بارلىق ماقالىلەرنى شەخسىي بىلوگىمدىن كۆرەلەيسىز: بىلگە بىلوگى.
قوشۇمچە: تۆۋەندىكىسى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئەرەب ئالىملار ئىشلىگەن تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن، ئۇنىڭدا ھەر قايسى ئەرەب ئەللىرىدە تۇغما كېسەللەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن. خەرىتىدىكى سول تەرەپ بىرىنچىسى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئوتتۇرىچە گېنتىكىلىق ۋە تۇغما كېسەل كۆرۈلۈش نىسبىتى بولۇپ قالغانلىرى ھەر قايسى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى كۆرۈلۈش نىسبىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
ئەتتىگەنلىك ناشتام مۇشۇ تىما بوپتۇ، ھارمىغايسىز! رەھمەت
ھازىر ئەۋرىنى چاتىدىغانلار كۆپ چىقىۋاتىدۇ، دەرىجە بىر بالداق كۆتۈرۈلدىمۇ نىمە:lol يازمىلار بىر-بىرىدىن مەنپەئەتلىك بولىۋاتىدۇ. موشۇنداق قايىل قىلىش كۈچى بار يازمىلار ھەقىقەتەنمۇ نەپ بېرىدۇ. تېخى يېقىندا مۇنداق بىر گەپ ئاڭلىدىم، بىر چوڭ ئانا نەۋرىلىرىگە قۇرۇق ئەمچەك سېلىپ قويسىمۇ «ئىمىلداش» دېگەن شەرتكە چۈشۈپ قالىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن نەۋرىلىرىنىڭ ئۆز ئارا تويلىشىشىنى بۆشىگىدىلا ئالدىنى ئالىدىكەن. يامان ئەقىللىق ئانىكەن دەپ قالدىم. نەۋرە سىڭلىسىغا ئاشىق بۇلۇپ قالسا نىمە ئامال، بىراق چولارنىڭ ئارىلىشىشى باشقا گەپ
ئادەم ئاتىنىڭ بالا ۋاقىلىرى ئۆز ئارا توي قىلىپتىكەن، كىيىن يەنە نوھنىڭ بالا ۋاقىلىرى ئۆز ئارا توي قىلىپتىكەن، ئۇلار ھىچنىمە بولماپتۇ،
نەۋرىنى نەۋرىگە چېتىپ تويىنى قىلىپ قويساق كىيىن كىلىشەلمەي ئاجرىشىپ كەتسە ئۇرۇغ تۇغقانچىلىققا دەز كىتىدۇ دەپ قارشى تۇرىدىغانلارمۇ بار،
ھازىر ئادەم ئاتىنىڭ زامانى ئەمەس، ھازىر ئاز دىگەندە بىر كەنتتە مىڭ ئادەم بار، بىر يېزىدا ئونمىڭ ئادەم بار، بىر ناھىيىدە يۈزمىڭ ئادەم بار، شىنجاڭدا ئون مىليۇن ئۇيغۇر بار، شۇڭا نەۋرە سىڭلىسىغا كۆز تاشلىماي يىراققا قاراپ تاللاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك
يېزىلاردا بەك ئېغىركەن بۇ ئىشلار بىز نىڭ مەللىدىكلىگە ئۇقۇپ بەسەم بولغۇدەك بۇنى ،،،،،، بىلگەجاننىڭ يۇرتىدىكى چوڭلار بىلەن بىزنىڭ يۇرتتىكى چوڭلارنىڭ قارشى ئوخشىمايدىكەن . ئەركەك بىرتۇققانلارنىڭ باللىرىنى چاتسا بولمايدۇ ، مەزلۇم بىر تۇققانلارنىڭ باللىرىنى چاتسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ بىزنىڭ يۇرتتىكى ئانام ، دادام قاتارلىق چوڭلار . ئوغۇل-قىز ئىككى تەرەپ بىر نەۋرە ياكى يات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز-ئارا ئىمىلدەشلا بولىدىكەن ئۇلارنىڭ توي قىلىشى ئىسلامدا ھارام قىلىنغانلىقىنى چوقۇم نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك.
دوكتور بىلگەجان يۇقۇردا ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمىي پاكىتلارنى ئېنىقلاپ چىققان تەتقىيقاتچىلار ئېنىقلاش ۋە ئىستاتىستىكا قىلىش جەريانىدا ئەشۇ تويلاشقان تەرەپلەرنىڭ بوۋاقلىق مەزگىلىدە ئىمىلدەشلىك تارىخى بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش تۈرلىرى قاتارىغا كىرگۈزدىمۇ-يوق، شۇنىمۇ مۇھىم ئامىل دەپ ئېتىبارغا ئالدىمۇ-يوق دىگەنلەرنى بىللە ئېنىقلاپ بۇ يازمىغا كىرگۈزگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى. پاكىستانلىقلار ياكى باشقا بەزى مىللەتلەردىكى نەۋرە تۇققانلار ئارا توي قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقتى دەپ ھۆكۈم قىلىنغان ئىرسىي خارەكتىرلىك كېسەللەر چوقۇم ۋە چوقۇم بىر نەۋرە تۇققانلار ئارا توي قىلىشتىنلا كېلىپ چىققان دەپ قارىلىدىغان بولسا يەنە نىمىشقا باشقا بەزى دۆلەتلەردىكى ئوخشاش قىلمىش سەۋەبىدىن ئوخشاش نىسبەتتە كېسەللەر كېلىپ چىقمايدۇ؟ شۇڭا بەزى مىللەتلەرنىڭ ئىمىلدەشلىك مەسىلىسىگە پەقەتلا ئېتىبار بەرمەيدىغان ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمۇ بۇنىڭغا سەۋەپچىمۇ دىگەندەكلەر نەزەردىن ساقىت قىلىغاندەكلا بىلىندى ماڭا. ئەگەر دوكتۇر بىلگەجان ئەپەندى ئۆز تەتقىيقات ساھەسى بولغان گىنىتىكا ئىلىمىدە تەتقىيقات ئېلىپ بېرىپ، مۇشۇنىڭدەك ئىمىلدەش بوۋاقلاردا ئىمىلدەشلىك شەكىللىنىشتىن ئىلگىرى ۋە كىيىن ئۇلارنىڭ گىنىدا ياكى باشقا تەرەپلىرىدە ئۆزگىرىش بولۇش-بولماسلىقىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ تەجرىبە قىلىپ باقسا دەپ تەكلىپ بېرىمەن. ياكى مۇشۇ خىل تەتقىيقاتلار بۇندىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان بولسا شۇنىڭ نەتىجىسى ياكى ھازىرقى ئېنىقلانغان يېڭى ئەھۋاللار ھەققىدە چۈشەنچە بەرسىمۇ بولاتتى. ئاپام بىلەن دادام نەۋرە، بىرسى ئوغۇلنىڭ، بىرسى قىزنىڭ بالىلىرى. تېرىمىزدە چاتاق بار. ئۇكامنىڭ تېرىسى سۈۈلۈپلا كەتسە يوغان كۆپۈپ سۇلۇق ئىششىق چىقىدۇ. سىڭلىم ئېغىر باخىن زىدە بولسىلا يوغان گۆش ئۆسمە قايناپ چىقىدۇ. مېنڭ ئىممۇنىت كۈچۈن ئاجىز. ئاسسان ئاغرىپ قالىمەن. خۇش كەپسىز تۇرسۇنجان ئىنىم. بۈگۈنمۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز، دىمىسىمۇ بىزدە بۇنداق ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ، تۇغۇلغان بالىنىڭ بەش ئەزاسى نورمال بولغاندىمۇ ئەقلى ئىقتىدارى باشقا يىراق جەمەتتىكىلەردىن خىلىلا تۆۋەن. ئۇنىڭدىن باشقا بىزدە يەنە قىز بالىنى سىرتقا چىقارمايمىز دەپ مەھەلىدىكىلەر بىلەن توي قىلىپ قويىدىغانلارمۇ خىلى بار. بۇلار نەۋرىنى نەۋرىگە چىتىپ قويغانغا قارىغاندا سەل ياخشىراق بولسىمۇ لكىن يەنىلا بىر خىل مۇھىت ،بىر سۇ ئىچىپ چوڭ بولغاندىكىن بالىلىرى ئانچە ئەقىللىق بولمايدىكەن. بىزمۇ بىلىمىز ئىككى يۇرتنىڭ ، بولسا يىراقراق يۇرتتىكىلەر ئۆزئارا نىكاھلىشىپ تۇغۇلغان بالا ھەم چىرايلىق ھەم ئەقىللىق بولىدىكەن. مۇشۇلارنىڭمۇ ئاساسى بولسا كىرەك .قازاقلاردىمۇ بىرگەپ بارمىش (ئاڭلىغان )قىز ئالساڭ يەتتە ئەۋلادىنى سۈرۈشتۈر دەيدىغان، بىزدىمۇ بارتى ئۈچ ئەۋلادىنى سۈرۈشتۈر دەيدىغان. لىكىن ھازىر نىمە بولۇپ كەتتى . torqicom يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 09:16 static/image/common/back.gif
ئەگەر ئىمىلداش بولمىغان نەۋرىنى بىر بىرگە چاتسا زىينى ...
پەقەت بىر ئەۋلاددىلا كېسەللىك كۆرۈلمىسە بولۇېرىدۇ دەپ قارامسىز؟ بۇنداق تويلشقاندا بەلكىم بىرىنچى ئەۋلادتا كېسەللىك ئىپادىلەنمەسلىكى مۇمكىن. ئەممە بىرىنچى ئەۋلاددىن كېيىنكىلەردىچۇ؟ بۇرۇننىڭ ئۇچىنى كۆرۈپلا ياشىماي، ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسىنىمۇ ئويلىشىشىپ قويىشىمىز كېرەك. كېيىن ئەۋلادلار نالەت ئوقۇيدىغان بوپ قالمىسۇن. ئۇچ ئەۋلاتقا توي خىتى كىسىپ بەرمەيدىغۇ.
كىچىكىدىن بىللە ئاكا سىڭلىم دەپ چوڭ بولغان ئادەم چوڭ بولۇپ ئەر خوتۇن بول دىسە خۇددىي ئاكا سىڭىل توي قىلغاندەك بىل خىل ئىچىدىن يىرگىنىپ كىتىدۇ،
يەنە كىلىپ ھەممە ئادەمدە ئۆزىدە بار بولغان ياكى يۇشۇرۇن كىسەللەر مەۋجۇت شۇلار بالىلىرىغا مىراس قالىدىغان گەپ .
يەنە كىلىپ چوڭلارنىڭ تۇققاندىن ئايرىلاي دىسەڭ ئوتتىرغا قىز سال دەيدىغان تەمسىلى بار،ئەپلەشسىغۇ بولدى ئەپلىشەلمىسە ئۆز ئارا تۇققانلارنىڭ ئارسىغا سوغۇقچىلىق چۇشىدىغان گەپ.
بىزنىڭ جەمەتتە نەۋرىگە چىتىش بەك ئىغىر ، دادام بىلەن بىر نەۋرىلەر ئۆزئارا توي قىلغان، ئەمما بىزگە كەلگەندە ھىچ قايسىمىز ئۇنىمايۋاتىمىز
بىزنىڭ جەمەتتە توي قىلغان بىر نەۋرىلەرنىڭ باللىرىدىن ھەممىمىزنىڭ دىگۈدەك كۆزىمىز ئاجىز torqicom يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 09:16 static/image/common/back.gif
ئەگەر ئىمىلداش بولمىغان نەۋرىنى بىر بىرگە چاتسا زىينى ...
نەۋرىلەر تويلىشىپ تۇغۇلغان بەش بالىنىڭ تۆتى بىنورمال ئەھۋالنى ئۇچراتقان بولسىڭىز بۇنداق دېمەيتىڭىز. ئىمىلداش دېگەن گەپنى ئاددىلا بىر ئانىنى ئەمگەن بىلەن چۈشىنىش توغرا ئەمەس. قۇرئاندا بۇ توغرىسىدا ئېنىق ئېيتىلغان، مەسىلە شۇكى بۇنى توغرا يېشىپ تەشۋىق قىلىنىش يېتەرلىك بولمىغان. بىزنىڭ جەمەتتىمۇ بەك ئېغىر بۇ بۇ ئەھۋال ، دادامىنڭ ئاچىىسىنى نەۋرە ئاكىسىغا بېرىپتىكەن (ئاكا سىڭىلنىڭ باللىرى)، كېين ئۇلار ئوغلىغا نەۋرە ئاچامنى ئېلىپ بەردى (ئاچا - سىڭىلنىڭ باللىرى) ، مەيلى نەۋرە ئاكام بولسۇن ياكى باللىرى بولسۇن ساغلام . ئاپام بىلەن دادام تۇققان كەلمەيدۇ ،چوڭلارمۇ تۇنۇشمايدۇ لېكىن ئاكام كېسەلچان، شۇڭا يۇقىرقىردىكىلەر دېگەندەك نەۋرىلەر ئوتتۇرسىدا ئىمىلداشلىق مەسىلسىنى ئويلاپ باقسا بولغۇدەك ، لېكىن ھازىرقى شارائىتىمىزدا بالىلار ئۆزى بەك چىڭ تۇرۋالمىسىلا ئامال بار ئۇرۇق تۇققان بىلەن تويلاشمىغان ياخشى ، ئاچىسى تەرەپتە تۇراي دېسە سىڭلىسى ........ ئاجرىشىپ كەتسۇن دېسە قېرىنداشلىق ....شۇنداق قىلىپ دادام ۋە چوڭ داداملارغا بەك جاپا سېلۋاتىدۇ. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، نەۋرىلەر توي قىلسا بولمايدىغانلار قاتارىدا يوق، يەنى، نەۋرىلەرنىڭ توي قىلىشى چەكلەنمەيدۇ. (پەقەت ئېمىلداشلا بولۇپ قالمىسا. ئېمىلداش بولۇپ قالسا، ئەلۋەتتە ياتلارمۇ توي قىلسا بولمايدۇ.) پەيغەمبىرىمىز (س.ئە.ۋ) مۇ ئۆز نەۋرە سىڭلىسى بىلەن توي قىلغان.
قۇرئان كەرىمدە يەنە «اللە ھالال قىلغاننى ھارام قىلغان، ھارام قىلغاننى ھالال قىلغاندىمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟» دىگەن مەزمۇندا ئايەت بار. بۇ دىگەنلىك «اللە رۇخسەت قىلغاننى چەكلىگەن، اللە چەكلىگەنگە رۇخسەت قىلغان» دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. ياراتقۇچىمىز اللە ئالەملەر يارىتىلغاندىن تارتىپ تاكى قىيامەتكىچە بىزگە پايدىلىق ۋە زىيانلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ۋەھى بىلەن، پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، ساماۋى كىتاپلىرى بىلەن ئۆز بەندىلىرىگە تولۇق بىلدۈردى. اللە ۋە ئۇنىڭ سۆزىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەر اللە نىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە، قۇرئان كەرىمدىكى اللە نىڭ ئايەتلىرى ۋە پەيغەمبىرىمىز (س.ئە.ۋ) نىڭ سۈننىتى بويىچە ئىش كۆرسە ھەر ئىككى دۇنيادا زىيان تارتمايدۇ. مەنمۇ تورداش( sahabe) ئىنكاسىنى قوللايمەن. مۇمكىن بولسا ئىمىلداشلىق ھەققىدىكى ئىلمىي مەلۇماتلار بولسا بىزنى تەمىنلىگەن بولسىڭىز. ئەمگىكىڭىزگە رەھمەت مىنىڭ بۇرۇنقى خىزمەتدىشىم ئايالى بىلەن نەۋرىلەردىنتى، تۆت بالىسى ئىچىدە پەقەت بىرسىلا نورمال ،قالغان ئۈچىنىڭ بىرى پالەچ ،ئىككىسىنىڭ نېرۋىسى ئاجىز. ئىشقىلىپ بۇنداق مىساللاردىن نەچچىنى بىلىمەن.