qaratugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 23:01:00

20-ئەسىردىكى پوئىزېيىمىزمىزگە نەزەر

20- ئەسىر پوئېزىيەسىگە بىر نەزەر
مەسۈمجان زۇلپىقارۇف {قازاقىستا}
   نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن: خۇددى داڭلىق ئەدىب، ئەدەبىي ئوبزورچى، تەتقىقاتچى ئالىم سەلىمخان زاينالۇف يازغاندەك: «ئۇيۇر خەلقىنىڭ ئەدەبىيات-تارىخ ھازىرقى جۇڭگۇو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە قوشنا ئەللەردە ئىجاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»
      2007- يىلى. «ئىد<مىر>» (تىنچلىق) نەشرىياتى تەرەپىدىن ئالمۇتىدا نەشىر قىلىنغان «شېئىرىيەت گۈلزارى» (تاللانما) ناملىق ئەسەر سەلىمخان زەينالۇف تەرەپىدىن توپلانغان : م. ئابدۇراھمانۇف، م. زۇلپىقارۇف، پ. مەقسەتۇۋا. س. ئىسكەندەرۇف، ئا. ھېزىمۇف قاتارلىق تەھرىر ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا دۇنيا ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن:21- ئەسىر دۇنيا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا دىياگنۇز قويغۇچى بۈيۈك ئەسەردۇر. مەزكۇر ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي قىسمىدا ۋەتىنىمىز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاپ ئۆتكەن شۇنداقلا ياشاۋاتقان 105 نەپەر ئەدىپنىڭ تەرجىمىھالى، ئۈلگىلىك ئەسەرلىرى ۋە ئۇلار ھەققىدىكى ئەدەبىي ئوچرىك، ئوبزورلاردىن مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، يالغۇز شىنقاڭدىن يېتىشىپ چىققان ئەدىبلەرلا 58 دىن ئاشىدۇ. مەزكۇر ئەسەرگە «كىرىش سۆز» ۋە «باھا» يازغان مەسۇمجان زۇلپىقارۇف ئەسەرگە ناھايىتى چوڭ باھا بەرسە، ئەسەردىكى ھەر بىر ئەدىبنىڭ سىدام سىزما رەسىمىنى روياپقا كەلتۈرگەن رەسسام ھىزايىن ك. زۇلپىقار بىر پۈتۈن ئەسەرگە يېڭىچە سۈپەت ۋە رەڭ بېرىدۇ.
   كىتابنى تۈزگۈچى ئەدەبىيات ساھىبى سەلىماخۇن زاينالۇف شۇنداق قەيت قىلىدۇ: «مەزكۇر شېئىرىي تاللانما توپلامدا ئىككى ئەلدىكى دۇنيادىن ئۆتكەن مەرھۇم شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىغا كۆپرەك ئورۇن بېرىلدى.كىتابتىكى شېئىرلار مىللىي شېئىرىيىتىمىزگەنامايەندىلىرىنىڭ ياش تەرتىپىنى كۆزدە تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، توپلام ئوقۇرمەنلەرگە قاي-جايلارداقەلەم تەۋرىتىۋاتقان شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق 20-ئەسىر ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ بېرىشى بىلەن ئەھمىيەتلىك. كىتابقا كىرگۈزۈلگەن شائىرلار ھەر خىل دەسرلەردىكى سىياسىي كۆز قاراشلارنى ئىپادىلىگەن.»                                                                                                                                                                                                                                          
20- ئەسىر ئۆزىنىڭ چەكسىز مۇۋەپپەقىيەتلىك يەنە ئۇرۇش، قىرغىن، تەقىپ، ئاچارچىلىق قاتارلىق قاباھەتلىكى بىلەن ئاسىيا، ياۋروپا خەلقىگە بالايى ئاپەتلەر كەلتۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، فاشىزمغا قارشى، قۇللۇق ئاسارەتكە قارشى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ پارتلىشى ئارقىلىق ھۆرىيەتكە، يېڭىلىققا ۋە ئىجادىيەتكە ئىنتىلىش مۇدىئالىرىنىڭ روياپقا چىقىشى بىلەن يەكۈنلەندى.
مەلۇمكى 20- ئەسىر بېشىدا كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىجادىي تەسىرى ئارقىلىق يەتتەسۇدا نەزەرخۇجا ئابدۇسەمەتۇف (ئۇيغۇر بالىسى) ۋە ئانا ۋەتەندە ئابدۇقادىر داموللا قاتارلىق زىيالىي قەلەم ساھىبىلىرى ۋۇجۇدقا كەلدى. ئۇلار جاھالەتكە ئىستىبداتقا قارشى غايىلىرى بىلەن خەلقنى ئويغىتىشقا كىرىشتى. ئابدۇقادىر داموللا چەت ئەللەردە بىلىم ئالغان ئەللامە بولسا، ئۇيغۇر بالىسى غالجات يېزىسىدا ساۋاتى چىققان زات ئىدى. ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئۇنېۋېرستېتى ئورۇنبۇرىگدا ۋە باشقا شەھەرلەردە تاتار تىلىدا نەشىر قىلىنغان «شورا» مەجمۇئەسى، «ۋاقىت»، «تۈرك يۇرتى»، «تەرجىما» قاتارلىق گېزىتلەر ئىدى. 1910- يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر بالىسىنىڭ «شورا» ژۇرنىلىنىڭ مۇشتەرى سۈپىتىدە ماقالە ۋە تارىخىىي ماتېرىياللىرى داۋاملىق نەشر قىلىنىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ئۇ 1914- يىلى تەڭرىتاغمۇزات داۋىنى ئارقىلىق ئاقسۇ ۋىلايىتىنى زىيارەت قىلغىنىدا قالاق فېئودالىزم، يەنى جاھالەت، زۇلمەت ھۆكۈم سۈرگەن دەۋردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇدھىش ھاياتىنى كۆرۈپ قاتتىق قايغۇرغان. شۇ يىللىرى يازغان «سال» ناملىق شېئىرىدا:
سالدا بارىمەن ئەتراپتا دولقۇن،
ھايداپ بارىدۇ قاينامغا سالقۇن.
يولۇم قاراڭغۇ، قولدا چىراغ يوق،
كۆرۈنمەس قىرغاق، كۆڭۈل جى، دوق.
«مەزلۇم ياشلارنىڭ زارى» ناملىق شېئىرىدا :
تۆپىدىكى قارا بۇلۇت قاچان كېتەر؟
جەبر-زۇلۇم، قايغۇ –ھەسرەت قاچان پۈتەر؟
قاچانمۇ ھۆرلۈك شامىلى پەيدا بولۇپ،
مەزلۇملارنى ئەركىنلىككە سۈرۈپ كېتەر.
__ دەپ يازغان. ئۇ يەنە تەڭرىتاغ مەنزىرىسىنى كۆرۈپ، ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالغان چاغدا يازغان بىر شېئىرىدا:
نېمە بۇ باغۇ-بوستانمۇ ۋەيا لالە گۈلىستانمۇ؟
تونالماي كۆزلىرىم تالدى، ۋەيا فىردەۋسى ئەدنانمۇ؟
چۈرەم ئەتراپ، كۆڭۈل مەيدان، پۇراق سەپكۈچ گۈلىستانلار
ھەم ئاسمان بويىغان تاغلار ياشارمىش زوقلۇق بوستانلار.
ئۇلۇن بەرگۈچ تېرىلغۇلار، ئېقىپ تۇرغان ئېقىن سۇلار،
ئۆسەر ئەتراپ داۋانىدىن، ئىللىق يەللىك خۇش پۇراقلار.
__ دېگەن. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، بۇ قۇرلاردىن بىز تالانتلىق ئەدىب، شائىر تىلىنىڭ خەلق تىلىغا يېقىن ۋە ئەۋرىشىملىكى، لىكسىكا بايلىقى ۋە تويۇنغان مىللىي پۇراقنىڭ ئۇرغۇپ دىماقلىرىمىزنى غىدىقلىشىدەك ئىستېتىك لەززەتكە غەرق بولىمىز.
ئابدۇقادىر داموللامنى ئالساق، ئۇ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەركىزىي ئاسىيانىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدا دېموكراتىك ئىجتىمائىي، ئازادلىق، ئويغىنىش چىرىغىنى پەيدا قىلغان مۇنەۋۋەر زاتلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئائىلە ۋە يۇرتىدىكى مەدرىسلەردە ساۋاتى چىققاندىن كېيىن بۇخارا كۇكۇلداش مەدرىسىدە ۋە ھىندىستاندا تەلىم ئالغان. مىسىر، مەدىنە، ئىستامبۇل، قازان، تاشكەنتلەردە ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، قەشقەردىكى چوڭ مەدرىسىدە مۇددررىس بولغان. جەمئىيەتتىكى سەلبىي ھادىسىلەرگە ۋە خۇراپاتقا قەتئىي قارشى تۇرغان. مەدرىسە-مەكتەپلەردە ئوقۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ شاگىرتلارنى تەربىيەلىگەن. يەنە بۇ ئەللامە:
«ئىنساننىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا بائىز بىرىنچى نادانلىق، ئىككىنچىسى تەپرىقە-ئىختىلاپتىن ئىبارەت.» دېگەن ئىدى. ئابدۇقادىر داموللام «مېۋىلەر مۇنازىرىسى» داستانىدا:
ئالتە كۈنلۈك ۋاقتىمىزگە بىز قىلىپ جېدەل،
كاشى بولسا ئەردى سۇلتانى ئادىل بىبەدەل.
زەبزەزار ئالدى نە گۈللەركىم ئاچىلماي قالدى.
__دېسە، ئارۇزنىڭ مۇسەممەن شەكلىدە يازغان داستانىدا:
بۇ زامان رەۋناقىنىڭ ھېچ ئاپتاپى قالمادى،
بۇزدى ئاۋۋالقى نىزاملارنى تەنابى قالمادى.
بىغەرەز ئۇق ئىش ئۈچۈن ئانىڭ ساۋابى قالمادى،
دىل پاراكەندە بولۇپ، ھېچ كاميانى قالمادى.
ھېچ بالىلەر ئارايۇ-ئەدلۇ شەپقەتى قالمادى،
ئالىمۇ پەزلى ئارا خالىس ئىبادەت قالمادى.
ئەنبىيا دېھقان ئارا خەيرۇ-ساخاۋەت قالمادى.
__دەپ ئۆزى ياشىغان دەۋردە بەزىلەردىن بىزار بولىدۇ.
ئابدۇقادىر داموللام 1924- يىلى 8- ئايدا ئۆز ئۆيىدىكى كىتابخانىسىدا قارانىيەتلەرنىڭ سۈيقەست قىلىشى تۈپەيلى ئالەمدىن ئۆتكەندە پۈتكۈل قەشقەر خەلقى ماتەم دەرياسىغا چۈمۈلگەن.
ئابدۇقادىر داموللا 1920- يىلى بۇخارادىن ئالمۇتا ئارقىلىق ۋەتىنىگە قايتقاندا ئامۇتىدا ئۇيغۇر بالىسى ۋە سابىرجان ساكىرۇف بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇيغۇر بالىسى:
تەلىيىمدۇر تا ئەزەلدىن،
ئىشىمگە بۇزغۇن چۈشەر.
بۇلبۇلغا قويساڭ تۇزاق،
بەختىمگە قۇزغۇن چۈشەر.
__ دېگەن شېئىرىنى ئوقۇغاندا، ئابدۇقادىر داموللام:
__ پاھ، بۇ پەلسەپىۋى ھىكمەت ئىلە سۇغۇرۇلغان روبائىي ئىكەن، __دەپ ئۆزىنىڭ خاتىرە دەپتىرىگە يېزىۋالغان ئىكەن.
20- ئەسىرنىڭدەسلەپكى يىلى چېلەك تەۋەسى بايسىيىت دېگەن قايدا تۇغۇلۇپ، ئىستىقامەت قىلغان ئابدۇلھەي مۇھەممىدى بىلەن ئانا ۋەتىنىدە تۇغۇلۇپ ئىجاد قىلغان ئادۇخالىق ئۇيغۇرنىڭئىجادىيىتىنىقاتارتەقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئابدۇلھەي مۇھەممىدى 1919-1926- يىللىرى تاشكەنت ۋە موسكۋادا ئالىي بىلىم يۇرتىنى تاماملىغاندىن كېيىن مەدەنىيەت، مائارىپ ساھەسىدە ياشلارنى تەربىيەلەيدۇ. سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچىلارنىڭ بىر سۈپىتىدە شېئىر ۋە ھېكايىلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە كەڭ تونۇلىدۇ. ئۇ «چاپ كەتمىنىڭنى» دېگەن شېئىرىدا:
چاپ كەتمىنىڭنى قاتتىق چاپ،
يەرنىڭ جېنى چىققۇنچە چاپ.
ئاستى ئۈستىگە ئاغدۇرۇپ،
يىلتىزلىرى پۈتكۈنچە چاپ.
دەپ، كونا جەمئىيەتكە قارشى ئۆز غايىسىنى ئىپا قىلغان.
ئابدۇلھەي مۇھەممىدىنىڭ تەڭتۈشى، يالقۇنلۇق دېموكراتىك شائىر ئابدۇخالىقنى مىسالغا ئالساق، ئۇ 1901- يىلى تۇرپان ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. ئائىلىدە ۋە ئۆز يۇرتىدا ساۋاتى چىققاندىن كېيىن، كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنى قىزىقىپ ئۆگەنگەن. يىگىتلىك دەۋرىدە شەمەي، قازانلاردا بولغان. روسىيەدە ئازغىنە ۋاقىت ياشاپ بىلىم ئالغان. سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ رېئال ھاياتى، ئىلغار پىكىر ئېقىمى ئۇنىڭغا بىۋاسىتە تەسىر قىلغان. ئۇ ئانا يۇرتىدىكى فېئوداللىق، قاششاق ۋە مۇستەبىت ھاياتقا نەپرەت، غەزىپى قوزغىلىپ، بىچارە خەلقنى ئويغىتىشتا يازغان شېئىرىدا:
ئويغىنىپ كەتتى جاھان، مەغرىبى مەشرىق تامام،
مەن تېخى سۈت ئۇيقىدا چۈش كۆرۈپ ياتارىمەن.
باشقىلار سۇدا ئۈزۈپ، كۆكتە ئۇچۇپ كەتتى يىراق،
ئاھ، قاچانمۇ ئويغىنىپ قوشۇلاي قاتارىمەن.
__ دېگەن. 1932- يىلى، 1933- يىللىرى غۇلجا شەھىرىدە «ئاچىل» دېگەن ناخشا پەيدا بولىدۇ. ناخشىنىڭ مەتىنىگە ئاھاڭ بەك ئۇيغۇن كەلگەچكە، بەزى كىشىلەر، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ۋارقىراپ ئېيتىشىشى ئادەتكە ئايلانغان ئىدى. كېيىنچە ئۇقساق بۇ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادىيىتى ئىكەن
ئاچىل ئاچىل گۈل ئاچىل،
ئاچىلمىساڭ گۈل قايدا، ئاچىل!
گۈللەر ئاچىلاي دەيدۇ ئاچىل،
باشقا سانجىلاي دەيدۇ، ئاچىل
يايرىمنىڭ يۈرەك ئوتى ئاچىل
تەنگە يامىشاي دەيدۇ ئاچىل.
ئاچىل ۋاي دادەي.
ئاچىلمىساڭ گۈل قايدا، ئاچىل.
1931- يىلى قۇمۇلدا خوجانىياز ھاجى، شۇ يىلى تۇرپان، خوتەن خەلقى قوزغالغان چاغ ئىدى، ئەپسۇس، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت ساقچى،ئىشپيونلىرى قان يالىغان ئىتتەك كوچا-كوچىلارنىئاختۇرۇپ يۈرگەن مەزگىلدە ئەرك-ئازادلىق، ھەق-ئادالەتنى تۇغ قىلغان شائىر ئۆلۈمگە پەرۋا قىلماي يەنە قەلەم كۈچىنى ئىشقا سسېلىپ مۇنۇ مىسرالاردا:

كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك، يا ئابدۇخالىق ئۆلگۈلۈك،
ئىككىنىڭ بىرىگە تۇرماق، ھەر جايدا بولسن شۇ خىتاب.

__ دەپ، مەيدانغا ئاشكارە چىققان.
1933-يىلى ئاپرېلدا جاللات شىڭشىسەي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئالتە شەھەرگە ھەربىي يۈرۈش قىلدى. تۇرپانغا كەلگەندە پاپىنگۇتنىڭ سولداتلىرى ئارقىلىق تازىلاش ھەرىكىتىنى يۈرگۈزدى. يەرلىك يەرلىك ساتقىن مەزىننىڭخائىنلىقى تۈپەيلى قولغا ئېلىنغان ئابدۇخالىقنىخەلق ئالدىدا جىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى. ئەنە شۇ چاغدا ئۆلۈمگە قادىلىپ قارىغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر «ياشىسۇن ئازادلىق! يوقالسۇن زۇلۇم!» دەپ مەردانىلەرچە قۇربان بولغان.
كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەسىرىدە بەدىئىيلىكى ئۈستۈن شېئىر ۋە غەزەللەر بىلەن كەڭ كىتابخانلارغا تونۇلغان شائىر نىمشېھىت بولسا ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى تەڭتۈش قەلەمداشلىرىدىن ئۆمەر مۇھەممىدى ۋە ھېزىم ئىسكەندەرۇف قاتارلىقلار بىلەن بىر قاتاردا يازغان شېئىرلىرى بىلەن خەلققە كەڭ تونۇلۇشقا مۇيەسسەر بولدى.
نىمشېھىت «ئالدىدا» ناملىق مۇخەممەس شېئىرىدا:

ۋەسلىدىن ئۆزگە كېرەكمەس ماڭا جانا ئالدىدا،
ئارزۇيۇم ئېرۇرسەن تەنبىلەن جان ئالدىدا.
بىر گۈلۈم رەنا ئېرۇرسەن باغۇ-بوستان ئالدىدا،
تا زىيارەت قىلمىسام مەن سېنى ئىمكان ئالدىدا.
يۈزلىرىم شەرمەندە بولغان تاڭنا مەشھەر ئالدىدا.
دۇنياغا تەڭ ئەيلىمەيمەن تاغلىرىڭنىڭ تېشىنى،
سېنى دەپ تاشقا قوشارمەن دۈشمىنىڭنىڭ بېشىنى.
سەن ئۈچۈن دەريا ئېقىتسام شۇم رەقىبلەر يېشىنى،
مۇمكىن ئولغايمۇ كۆرۈشكە ئايغا ئوخشاش قېشىنى.
قارا بەختىم ئاق بولارىدى شۇنداق راھمان ئالدىدا ...

__ دەپ، ئۆز ئىلىنىڭ ئەرك-ئازادلىقىنى كۈيلىگەن.
20- ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچىلارنىڭ بىر تالانتلىق شائىر ئۆمەر مۇھەممىدىنى مىسالغا ئالساق، ئۇ تاشكەنت ئالىي بىلىم يۇرتىدا بىلىم ئالغاندىن كېيىن، شېئىرىيەت مەيدانىدا تونۇشلۇقا باشلىغان. ئۇ «ئۆتەبىر تېڭى ئاتقاندا» ناملىق شېئىرىدا:

مەن خاماندا تۇغۇلدۇم،
ئاتامنىڭ ئەمەس باينىڭكى.
ئارىلاش تاياقمۇ يەپ،
ئەسكى، كۆينەك، پۈرۈم چورۇق پۇتۇمدا.
مەن ئېتىزدا ئكستۈم،
ئۆزۈمنىڭ ئەمەس ئەلنىڭكى ...
شائىر ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئېغىر ئاغرىپ ياتقىنىدا بۇرادەرلىرىگە:

خوش ئاغىنىلەر، خوش!
كۆرۈشەرمىز تېخى ساق بولساق.
قەلەمنى ئات قىلىپ مىنىپ كەتتىم،
مىنىپ كەتتىم يىراققا
ئۆزۈم ئايرىلساممۇ سىلەردىن،
ناخشام ئايرىلماس ھېچ ۋاقىتتا.

__ دەپ ئېيتقان. ئاخىرقى تىقىن ئالدىدا مۇئەللىملەر يوقلاپ كىرگەندە:

پۈتتۈم دوستلار!
پۈتتۈم، يانماس بولدۇم ئۆزۈمگە.
پىلدىرلاپ يانغان ئاداققى شامىم ئوتى
ئۆچۈرۈلدى، يانماس بولدى كۆڭلۈمگە.

__ دەپ، كۆزلىرىنى يۇمۇپ جىپ بولۇپ قالغان ...
سائىرنى شائىر قىلغان __ تىل، ئۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى روھىدىن كېلىدۇ. دېگەندەك، ئۆمەر مۇھەممەدنىڭ خەلق تىلى بىلەن يېزىلغان چاچما شېئىرىدىكى ئۆزگىچە مىللىي پۇراق، غايىۋى ھېسسىيات ۋە مەزمۇنىنىڭ تەسىرى كۈچى، سېھىرلىكى بىزنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە تارتىدۇ.
ھېزىم ئىسكەندەرۇف (تېتىك) 1930- يىللاردا خەلقىمىزگە كەڭ تونۇلغان بولسىمۇ 1937- يىلى تۈرمىدە ياتقان بولۇپ، 190- يىللاردىن كېيىن بوشىنىپ چىققان. شۇندىن كېيىن «نازۇكۇم» داستانى، «ئۇيغۇر قىزى»، «خان تەڭرى»، «چېلىش دولقۇنلىرى» ۋە «تاللانما ئەسەرلەر» بىلەن كىتابخانلار كۆڭلىدىن ئورۇن ئالغان ئاتاقلىق شائىردۇر
مىللىي ئەدەبىياتىمىزنى تىلغا ئالغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىدا20- ئەسىرنىڭ بىرىن يېرىمىدا خۇددىي گۈزەل باغۇ-بوستاننىڭ ھەر يېرىدە خۇشپۇراق ئېچىلغان رەڭمۇ-رەڭ گۈللەر مىسالى نۇر ئىسرائىلۇف، تۇردى ھەسەن، مۆمىن ھەمرالاردىن باشقا ئانا ۋەتەندە قەلەم تەۋرەتكەن ئەخمەت زىيائى، خېلىل ساتتار، ئايۇپ مەنسۇرى، زۇنۇن قادىرى، ئەنىۋەر ناسىرى، خۇدابەردى تالىپ ۋە قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئەدىب،شائىرلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەتقىق قىلىش ئورۇنلۇق ئىدى. ئىمكانىيەتنىڭ قىسلىقى تۈپەيلىدىن بۇ پىكىرىمىزگە خاتىمە بېرىلدى.
ئەخمەت زىيائىي (1913-1989) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى ۋەكىللىرىنىڭ بىرى ئىدى. پىشقەدەم، ئاتالىق شائىر، درامماتروگيىلى قەشقەر يېڭى شەھەر ناھىيەسى خانئېرىق كەنتىدە مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دادىسىنىڭ تەربىيەسىدە ئەدەبىيات، تارىخ، لوگىكا، پەلسەپە ۋە ماتېماتىكا پەنلىرىنى ئۆگەنگەن. ئەخمەت زىيائى كىلاسسىك ئەدەبىياتقا زىيادە كۆڭۈل بۆلگەن شائىر بولۇپ، 380 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، داستانلارنى يازغان. 1953- يىلى مەشھۇر تىلشۇناس، لۇغەتشۇناس مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەرجىمە قىلىپ، 1955-يىلى 4- ئايدا تاماملىغان. 1980- يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە يۆتكىلىپ، يۈسۈپخاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىگ» ناملىق بۈيۈك ئەسىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نەزمىي شەكلىنى ئىشلەشكە كىرىشكەن. قوشۇمچە ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. مۇئەللىپ «ئىچكىنىم كىمنىڭ قېنى» ناملىق شېئىرىدا:

ئىچكىنىڭ زالىم، قىزلمەي، ئويلا كىمنىڭ قېنى،
يېگىنىڭ قايسى غېرىب، بىچارىلەرنىڭ تېنى؟

__ دېسە، «يۇرت-ئەل ئۈچۈن» ناملىق شېئىرىدا:

يۇرت – ئەل ئۈچۈن تارتقان جاپانى،
شاھلىق تەختىگە قىياس ئەتكۈلۈك.
خەلق يولىدىكى بىر مىنۇت قايغۇ،
مىڭ يىللىق راھەت ئۈچۈن يەتكۈلۈك.

__ دەپ يازغان. («توزۇماس چېچەكلەر») زۇنۇن قادىرى «غۇنچەم»، «گۈلنىسا» قاتارلىق نادىر ئەسەرلىرى بىلەن ئۇغيۇر ھازىرقى زامان دراماتورگىيەسىگە ئاساس سالدى ۋە «ماغدۇر كەتكەندە»، «چېنىقىش» قاتارلىق ھېكايىلىرى ئارقىلىقئۇيغۇر رېئالىستىك پروزىسى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى.
    مەلۇمكى قازاقىستاندا 1930- يىللاردىن كېيىن ئىجادىيەتكە كىرىشكەن قادىر ھەسەنۇف ۋە ئىسمايىل ساتتارۇفلار 2- دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بەرگەن ئەڭ قىيىن ۋە مۇرەككەپ شارائىتنى بېشىدىن كەچۈرگەنىدى.
قادىر ھەسەنۇف 1941-1945- يىللىرى قازاق قېرىنداش يازغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە جاۋابكارلىق ۋەزىپە ئارتقۇزغان. «تاڭ سىرلىرى» (1947)، «شېئىرلار» (1948) ۋە «كەنجە» (1950) داستانلىرىنى نەشىر قىلدۇردى.
بۇ جەرياندا ئىسمايىل ساتتارۇف بىلەن «گۈلىستان» ۋە «نۇزۇگۇم» دراممىلىرىنى يازدى. قادىر ھەسەنۇف «چىدىسۇنمۇ شائىر كۆڭلى» ناملىق شېئىرىدا:

چىدىسۇنمۇ شائىر كۆڭلى،
ئۆز ئىلىنى ماختىماي.
تاشقىنلىسا خەلق بەختى،
دۇنيا دېڭىز، سايمۇ-ساي.

__دېسە، ۋەتەن ئۇرۇشى يىللىرى پانتىلۇف گىۋاردىيە قەھرىمانلىرى ھەققىدىكى «يىگىرمە سەككىز» ناملىق شېئىرىدا:

كۆز كۆرۈپ تۇرسا، ئەگەر يۈرەك سوقۇپ،
دۈشمەننى قەدەم ئالغا سىلجىتمايمىز.
مۇبادا ئۆلۈپ كەتسەك جەڭدە تۇرۇپ،
دۈشمەننى تۇتۇپ قالار تەنلىرىمىز.

ئۆلۈم بار، ئامما يوقتۇر نومۇس، سېتىش،
بىز ئەمەس چېكىنەر، بەك ئاسانلا.
بەلكى بار، بىزلەرنىڭ بۇ قۇدرىتىمىز،
كۆپلەرنى چىللار ئۇلۇغ غازاتلارغا.

_ دەپ يازدى. قادىر ھەسەنۇفنىڭ قېرىنداش ئىنىسى ئىسمايىل ساتتارۇف ئالمۇتىدا ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، كۆپ ئۆتمەي ئالدىنقى سەپكە بارغان. ئۇ ئىلگىرى ئوقۇپ يۈرگىنىدە ئۇستازى ئۆمەر مۇھەممىدىنىڭشېئىرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇغىنى ئۈچۈنمۇ شېئىر يېزىشقا قىزغىن كىرىشكەن. «ئۆكتەبىر تېڭى»، «گۈلباغىستا» ۋە «كېلەر چاغ» قاتارلىق تۇنجى داستانلىرىنىڭ نەشر قىلىنىشى ئۇنىڭغا ئىلھام بېغىشلىغان. «ئۆمەر مۇھەممىدى خاتىرلىرى»دېگەن شېئىرىدا:

كۆڭلۈم سېغىندى گۈللەر يېغىپ،
تۇتام ياسىدىم بىر قەلەم.
ئۆمەر!
سېنى سېغىنىپ ئەسلەش ئۈچۈن،
مىڭلارچە خەلق كۆرسۇن دەپ.
مۇشۇ نەپىس گۈللىرىمنى،
ساڭا ئاتاپ تىزدىم مەن!

__ دەپ يازغان. ئۇنىڭ شېئىر، داستانلىرىنى ئوقۇرمەنلەر يېنىش يېنىشلاپ سۆيۈپ ئوقۇغان، «ھۆرباغ قىزى» داستانى ئېپىگرافىدىكى:

يىلنىڭ تۈگەل ئوت پەسلىدە كۆرسەڭ ئۇنى،
باھار ئاينى ئەسلىتىدۇ كۈلۈشلىرى.
گۈزەل ئۆزى، چىۋەر ئۆزى، ئىشچان ئۆزى،
زەيتۇنەم كومسۇمۇلكا ھۆرباغ قىزى.

__ دېگەن مىسرالارنىڭ كىشىنى ئىختىيارسىز جازىبە قىلىش سېھىرلىك كۈچى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇيغۇر جانلىق تىلىنىڭ تارتىملىق ئالاھىدىلىكى، كۆچمە مەنىدە ئىپادىلەنگەن ئوخشىتىش-مەجاز، مىتافورىلارنىڭ ئوقۇرمەنلەردە تەسەۋۋۇر تۇغدۇرۇشى ھەم تويۇنغان مىللىي پۇراقنىڭ دىماق يېرىپ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىدا بولسا كېرەك.
949-يىللار بېشىدا كېيىنكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ راۋاجلىنىشىدا قازاقىستانداقادىر ھەسەنەنۇف ۋە ئىسمايىل ساتتارۇفلار قەلەم تەۋرەتكەن بولسا، ۋەتەندە لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرېھىم تىلەشۈف ئۆتكۈرلەر ئۆزلىرنىڭ ئىجادىيىتى ۋە تالانتلىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە تونۇلۇشقا باشلىدى.
ئىنقىلابىي شائىر لۇتپۇللا 1944- يىلى نويابىردا ئىلىدا مىللىي ئازادلىق ئۇچقۇنىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يالقۇنلىشىغا جۈر بولۇپ، «ئۇچقۇنلار تەشكىلات»نى قۇرۇپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان. «خىيالچان تىلەك» دېگەن غەزىلىدە:

لەززەتلىك خىيال ئارىسىدا بېقىپ ئاسمانغا،
تەپەككۇر كۆزۈم بىلەن كۆرۈمەن روشەن رۈجەكلەرنى.
جانان ناز ئۇيقۇدا يېتىپ نىچۈك تولغانماس،
ئاشىقى كۈتۈپ تۇرسا ئېچىپ يورۇق رۇجەكلەرنى.
نېمىشقا يازماي تىلەك ئارىلاش لىرىكىلارنى،
ئىشقى ئوتى ئۆرتەپ كۆيدۈرسە يۈرەكلەرنى.
سۆيگۈ دېڭىز چوڭقۇرلۇقىدا مەن قاينام تۇرسام،
ئۇسسۇزلۇقۇم قانداق قانسۇن ئىچىپ كىچىك كۆلچەكلەرنى.

__ دەپ ، ئىلى ئاسمىنىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە تەقەززا بولغان. يالقۇنلۇق شائىر ۋىسال شاراپىتىگە يېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئارمان قىلىپ، 1945- يىلى 18- سىنتەبىردە ئاقسۇ ۋىلايىتى تۈرمىسىدە بىر تۈركۈم ئىنقىلابىي سەبداشلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈندى. ئۇ «سەجدىگاھىمغا» ناملىق غەزىلىدە:

بىلەمسەن، دىلرەبا ھۆسنۈڭنى ئاختۇرغان نىگاھىمدۇر.
بۇ گۈلدۈرماما چاقماقلار مېنىڭ پەريادى ئاھىمدۇر.

ئۆزۈڭنى ئوت بىلەن تاۋلا دېگەچ سەن سۆيگۈ سۇلتانى،
قەيەردە يانسا بىر يالقۇن شۇ يالقۇن قەبرىگاھىمدۇر.

ئەگەر رەشك ئەيلىسە مەيلى، ئەرەپ يۇرتىدىكى كەئبە،
مۇشۇ تۇپراق، ئانا تۇپراق مۇقەددەس سەجدىگاھىمدۇر.

_ دەپ، ئانا يۇرتىنىڭ قەدرى قىممىتىنى قىبلە كەئىبىدىن ئۇلۇغ كۆردى ۋە قەيەردىدۇر تۇتاشقان بىر ئوت يالقۇنى نامايان بولسا ئۇنى كۈرەش مەيدانىدىكى بارگاھىغا تەقلىد قىلدى.
بىز بىر جۈپ تالانتلىق قەلەم ساھىبلىرىدىنمەيلى لۇتپۇللارنىڭ «كۆكلەم ئىشقى»، «ياشلىق ئۆگەن»، «يىللارغا جاۋاب» قاتارلىق لىرىك شېئىرلىرىنى ياكى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «يېتەر ئەي چەرخ»، «تاماكا بايان»، «تاڭ زىياسى»، «ئىز» قاتارلىق غەزەللىرىنى مىسالغا ئالمايلى،ئۇلارنىڭ تىلىدىكى مىللىيلىق، رىتىمدىكى راۋانلىق، ھىسسىيات ئامىللىرىنىڭ تەبىئىي ۋە خاسلىقى، ئەسەرلىرىنىڭ لېنىنىزم بىلەن سۇغۇرۇلغانلىقى، ئوبرازلارنىڭ سېھىرلىك كۈچى ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلىدۇ.
مېنىڭ مەزكۇر شېئىرىيەت گۈلزارىغا 1945- يىلىدىن ئېتىبارەن قەلەم تەۋرەتكەن تالانتلىق شائىر تىيىپچان ئېلىيۇفنى ئالاھىدە قوشقيم كېلىدۇ. ئۇنىڭ:

ئەسلىسەم قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدىلا،
ياڭرايدۇ بىر چاغدىكى داقا دۇمباق.
ئاۋازى ئىسراپىلنىڭ نەرىسىدەك،
نە ئامال ئۇ چاغدىكى پوسۇن شۇنداق.
ياڭرىتىپ داقا-دۇمباق ئېلىپ چىقتى،
مېنىمۇ «ياچېيكا» دەپ سازايىغا.
كۆرسىلە سۇنايچىسى ئوغلۇم ئىكەن،
تونۇدۇم بىر قاراپلا چىرايىغا.
ئۆزۈمنى تۇتالماستىن كۈلۈپ كېتىپ،
دەپتىمەن «نېمە بۇ؟ توۋا، توۋا،
چال ئوغلۇم، ئاتا-ئاناڭ تويىدىمۇ،
مۇنچىلىك قىززىمىغان نەغمە-ناۋا»

شېئىر رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى بولغاچقا، ئۇ شائىردىن جۇشقۇن ئىلھام ھاياجان، ھېسسىيات، چوڭقۇر تەپەككۇر تەلەپ قىلىدۇ. بىز تىيىپجان ئېلىيۇفنىڭ ھەر بىر سۆزنى ئورنىنى تېپىپ قويۇش ماھارىتى، تىلىنىڭ يۇمۇرىستىك ھەم ئوبرازلىق ئىكەنلىكى، ئۇسلۇبىنىڭ يېڭى راۋانلىقى ئارقىلىق پەرقلىنىپ تۇرغانلىقىنى بايقايمى.
شۇنى تەكىتلەشكە ھەقلىقمىزكى، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەدئىمىن زامانىمىزنىڭ ئارستوتىلى ۋە فارابىسى سۈپىتىدە ھەقىقىي پەيلاسۇپ بولۇپ قالماي، يىتۈك ئالىم ھەم شائىردۇر. ئۇ زاتنىڭ:

ئىلىم باشقا، تالانت باشقا،
غورۇر، ئىمان يەنە باشقا.
بولۇر ساھىب قىرانلىق،
بۇ ئۈچ خىسلەت قونسا بىر باشقا.

__ دېگەن ھىكمەتلىك شېئىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ساھىبقىران ئىكەنلىكىگە ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلىدۇ.
2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزغا نەزەر سالداق، ئېغىر تىنىقلاردىن كېيىن «مانا ئەمدى، يازماي، قاچان يازىسەن؟» دېگەن خىتابنىڭ يۈرىكىدە ئوتى بار قەلەمداشلارنى يالقۇنلاتقانلىقى تەبىئىي.
بۇ دەۋردە يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرىدا قايتىدىن ئويغىنىش يۈز بەردى. ئۇلارغا روسىيە ۋە قېرىنداش قازاق، ئۆزبىك، تاتار ئەدەبىياتلىرى ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى. 1955- يىلى ئالمۇتىدا نەشىر قىلىنغان «دەسلەپكى قەدەم» ناملىق ماقالە، ھېكايىلەر توپلىمى خۇددى ئەتىياز يەر يۈزىدىن قار كېتىپ، روي كۆرسەتكەن گۈل چېچەكلەر مىسالى كۆڭلىمىزنى ئاۋۇتقان ئىدى. بۇ چاغدا ھېزمەت ئابدۇلىننىڭ «ئىلھام ئۇچقۇنى»، ھېزىم ئىسكەندەرۇفنىڭ«تىنچلىق ناخشىسى» ۋە «تاللانما ئەسەرلىرى» نەشىر قىلىندى. ئانا ۋەتەندىن كەلگەن خېلىل ھەمراۇف، مەسۈمجان زۇلپىقار، روزى قادىرى، ناسىر ھەسەن، زىياھىدىن قاھار، باتۇر ئەرشىدىنۇف، تۇرسۇن قاھارى، جۈملىدىن تاشكەنتتە ۋە ئالمۇتىدا ئالىي بىلىم ئالغان ئىليار بەختىيار، ھېزىم بەخنىيازۇف ۋە ھېزىزۇفلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ سېپىنى سۇغا سۇ قوشۇلغان مىسالى ئۇلغايتقان ئىدى.
ھەقىقىي ئەدىب، شائىرنىڭ تەبىئەتتىن ئىبارەت ئۆزگىچىلىكى، ئەدەبىياتتىن ئىبارەت يېتەكچىلىكى بولۇشى كېرەك. خ . ئابدۇلىن ئۇرۇشتىن كېيىنكى سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى سېپدە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغانلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ شېئىرىيەتتە «شېئىرلار»، «دىدار غەنىمەت»، «كۆڭۈلدە قالمىسۇن ئارمان» ۋە بىرقانچە باللادا ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. 1958- يىلى ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ تۇرپان ۋىلايىتىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىن، تۇرپان تەۋەسىدىكى ۋەقە ئاساسىدا «يۇرتداشلار» رومانى نەشىر قىلىنغان. بۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئىجادىيىتىدە تۈرتكە بولغان. «ۋاھاب تامچىنىڭ ئوغلى»، «ياركەنت ناۋاسى»، «كۆچكەن يۇلتۇز» قاتارلىق ھېكايە-پوۋىستلىرى كەڭ كىتابخانلارنىڭ سۆيۈمۈلۈك ئەسەرلىرىگە ئايلانغان، درامماتۇرگىيىدە «شاۋقۇن»، «چىن تۆمۈر باتۇر»، «لۇتپۇللا» قاتارلىق ئەسەرلىرى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. ئەپسۇسكى شائىرنى ئجەل بىمەزگىل ئېلىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەدەبىياتىمىز ئاسمىنىدا يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرىدۇ.
   1961- يىلى قاتارىمىزغا قوشۇلغان پىشۋالاردىن تۇرسۇن ۋاھىدى، ئابدۇلھەي روزى، مۇھەممەد سىدىق نورۇزۇف، يۈسۈپ ئىلياس، ھۈسەيىن ھەسەنلەر ئەدەبىياتىمىزنىڭ تۆۋرۈكى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. 1957- يىلى كوممۇنىزم تۇغى، جۈملىدىن ئالمۇتا رادىئو ئاڭلىتىش رېداكسىيەسى يېنىدا ئۇيغۇر بۆلۈمى تەسىس قىلىنىشى، شۇنداقلا قازاقىستان يازغۇچى نەشرىياتىدا ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ شەكىللىنىشى خەلقىمىزنىڭ مەدەنىي – مائارىپنى، ئەدەبىياتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. 1960- يىللىرىدىن كېيىن ئېتىبارەن قۇربان مەختەمۇف، مەخمۇت ئابدۇراخمانۇف، ئابدۇكېرىم غېنىيىف، ئەخمەتجان ھاشىرىف، شايىم شاۋايۇف، ئىلاخۇن جەلىلۇف، ئىلاخۇن ھوشۇرۇف، مۇڭلۇق باقىيۇف، كامال ھىسامىدىنۇف، تۇرغان توختەمۇف، مەشھۇر جەلىلۇف، جۈملىدىن ئىككىنچى نۆۋەت ئانا ۋەتەندىن كەلگەن قەلىمى پىشقان ئىقتىدارلىق ياشلاردىن: دولقۇن ياسىن،ئا. قۇتلۇقۇف، م. ھەمرايۇف، غ. روزىيۇف، ھەبىبۇللا يۇنۇس، ھ. ھېزىمۇف، س. ئىسكەندەرۇف، ئا. ماخمۇدۇف، ئە، سادىرۇف، ي. تايىرۇف(يەھيا تايىر)، س. سىتىشۇف، ئى. ھوشۇرۇف، پ. قاسىمۇفلارنى شۇنىڭدەك شائىرەلەردىن نورانى، پىشقەدەم ئانا تۇراخان سادىقۇۋا، ئاندىن راھىلە ھاپىزۇۋا، ھەنىپە سالىھۇۋا، پاتىگۈل سابىتۇۋا، خ. ئىلاخۇنۇۋا، س. بابا جانۇۋا، خ. تۇردى جۈملىدىنئانا ۋەتەندىكى تۇرسۇنئاي ھۆسەيىن، دىلبەر قېيۇم ۋە چىمەنگۈل ئاۋۇتلارئەدەبىياتىمىز گۈلزارىمىزدىكى بىرى قىزىل گۈل، بىرى ئەتىرگۈل، بىرى رەناگۈلسۈپىتىدە ئىپار ھىدى چېچىپ تۇرغان دۇردانىلىرىمىزدۇر. بىز بۇ ھەقتە، بولۇپمۇ تالانتلىق شائىر خاتىرىلىرىمىزدىن ئىليار بەختىيار، خېلىل ھەمرايىف، دولقۇن ياسىن، ساۋۇتجان مەمەتقۇلۇپ، ھ. ھەپىزۇۋالارنى، ياش تالانتلىقلاردىن ن. ئوبۇلقاسىمۇف، ج. روزاخۇنۇف، غ. ئەخمەتۇف، پ. مەخسەتۇۋالارنى، شۇنىڭدەك يۇقىرىدا نامى تەكىتلەنگەنئانا ۋەتەندىكى شائىرەلەرنى سەدەپ ئارىسىدىكى ئۈنچە مىسالى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولالمىدۇق.
ئەدەبىيات قاتارىمىزغا 20- ئەسىردە ئىلگىرى ئاخىر قوشۇلۇپ كەلگەن، م. مىرىمۇف، ئابدۇرېھىم مۇتەللىپ، ئابدۇمېجىن دۆلەتۇف، ئا. سەپىرى، ن. نۇراخۇنۇف، م. جۇمارۇف، س. زەناۋۇف، ش. نەزەرۇف، ئە. ئىسلامۇف، ئابدۇكېرىم ھەمرايۇف، ت. ھىزىيارۇۋالار كىشى كۆڭلىدىن چىققۇدەك ئۈنۈملۈك ئەمگەكلىرى بىلەن تونۇلماقتا. ئۇشبۇ «شېئىرىيەت گۈلزارى»مىزدا ئانا ۋەتەندە ياشاپ ئىجاد قىلىۋاتقان ئىقتىدارلىق ھەم ئىستېداتلىق قەلەم ساھىبىلىرى بىزنىڭمۇ پەخرىمىز ۋە ئىپتىخارىمىزدۇر. ئۇلار ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى، پەقەتلا مۇبارەك ناملىرىنى تۆۋەندىكىچە ئاتاپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئالايلۇق، ئىمىن تۇرسۇن، ئابلىز نازىرى، رەخمىتۇللا جارى، قۇربان ئىمىن، تۇردى سامساق، ئەرشىدىن تاتلىق، غەنىزات غەيۇرانى، مۇھەممەت سادىق، رېھىم قاسىم، ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر، مىرزاھىد كېرىمى، مۇھەممەدجان راشىدىن، بۇغدا ئابدۇللا، قۇربان بارات، ھاجى ئەخمەت، ئوسمانجان ساۋۇت قاتارلىقئىستېداتلىق قەلەم ساھىبىلىرى ھەممىمىزگە ئورتاق قىممەتكە ئىگە.
شۇنى تەكىتلەش ئورۇنلۇقكى، 20- ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزغا ۋاكالىتەن ئۇشبۇ «شېئىرىيەت گۈلزارى»غا كىرگۈزۈلگەن قەلەم ساھىبىلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىدىنچىقسا مىننەتدار بولار ئىدۇق.

نەشىرگە تەييارلىغۇچى: مەخمۇت زەئىدى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پىنسيۇنېرى.
ئابدۇمېجىت مۇھەممەد، مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ دوكتۇرانتى.

كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ئىمىن ئەھمىدى


مەنبە: «شىنجاڭئەدەبىي ئوبزورچىلىقى» ژۇرنىلى 2014- يىل 2-سان

qaratugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 23:14:46

ئۇيغۇر يېڭى دەۋر شېئىرىيتىدىكى «غېرىب ئارال»


قاسىمجان ئوسمان غازى





سەنئەت بىزگە قانداق ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئەمەسبەلكى ، قانداق ياشىشىمىز كېرەكلىكىنى دەپ بېرىشى لازىم

ـــ ئالبېر كامۇس




مۇقەددىمە




غېرىبدۇرمەن بۇ ھالىمغا ئۆزۈمدەك بىنەۋا يىغلار،

كېرەك بەختى قارانىڭ ھالىغا بەختى قارا يىغلار.



ئاتەش نەپەس قەلەندەر، ئۇلۇغ گۇمانىست شائىر بابا رەھىم مەشرەپ زامانىسىنىڭ ئاسىيسى بولغان مېنۇتلاردىن باشلاپلا، يىگانىلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپنەمەنگاندىن بەلخكە (دار يولىغا) ئۆتەشىدە، خوجا ئەھمەد يەسەۋىينى تاۋاب قىلىپ يۇقارقى بېيىتنى ئوقۇپ، شائىرلىق قىسمىتىنىڭ ھەقىقىتىنى ياڭرىتىپ ئۆتۈشتىن ئىككى ئەسىر ئىلگىرى،ئەللامە شائىر ئەلىشىر نەۋائىي شائىرنىڭ ئۆزى تەۋە جەمئىيەتتە قانداق تەربىيەلىنىشى ۋە ئەخلاق- پەزىلىتىنىڭ قانداق بولىشى جەھەتتىن ئۇلارنى بەش خىلغا ئايرىغان ئىدى. 1- خىلدىكى شائىرلار مەرىپەت ئىلاھى بىلەن قەلبى باي بولغانلار، ئۇلارنىڭ ئىشى ھەمىشە مەنە خەزىنىلىرىدىن گۆھەر تېرىش، ئەل پەيزى ئۈچۈن شېئىر يېزىش، شۇڭا ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى ناھايىتى يېقىملىق، دىللارنى ئۆزىگە تارتىدىغان بولۇپ شەيخ پەرىدىدىن ئەتتار، جالالىدىن رۇمى قاتارلىق شائىرلارنى مىسال قىلىدۇ. 2- خىلدىكى شائىرلارنى ھەقىقەت سىرلىرىغا مەجازنى ئارىلاشتۇرۇپ يازىدىغان بولۇپ شەيخ سەئىدى شىرازى، خوجا ھاپىز شىرازىنى مىسال قىلىدۇ. 3- خىلدىكىلىرى شېئىرلىرىدا مەجاز غالىب كېلىدىغان، شۇنىڭدەك بۇ شەكىلدە يېزىشقا ئامراق كىشىلەر بولۇپ كامال ئىسپاھانى، خاقانى قاتارلىق شائىرلارنى كۆرسىتىدۇ. 4- خىلدىكىلىرى ھەقىقەت بىلەن مەجازىدا كامىل، بۇ توغرىدىكى ئىلىمدە يېتىشكەن شائىرلار بولۇپ بۇ خىلدىكى شائىرلارغا مەۋلانە ئابدۇراخمان جامىنى مىسال قىلىدۇ. بۇ تۆت تۈرلۈك شائىرلار نەۋايى نەزەرىدىكىھەقىقىي شائىرلاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبى ھەقىقەت ۋە مەرىپەت نۇرى بىلەن نۇرلانغان، پاك ئېتقادلىق، گۈزەل ئەخلاقلىق، ئەتراپلىق تەربىيە كۆرگەن شائىرلار ئىدى. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىمۇ ھەقىقەت ۋە مەرىپەتنى ئاشكارىلىغان، ئاساسىي ۋە مەركىزىي ئىشققا چەمبەرچاس باغلانغان ھارارەتلىك شېئىرلار ئىدى. 5- خىلدىكى شائىرلار يۇقىرىدىكى شائىرلاردىن تامامەن باشقىچە بولۇپ، نەۋايى بۇنداق شائىرلارنى قاتتىق سۆككەن ئىدى: «ئۇلار پەقەت شېئىر يېزىش بىلەن خۇشنۇد ۋە خۇرسەن، يازغانلىرىدىن رازى ۋە بەھرىمەندۇر. ئۇلار يازغانلىرىنىڭ قانچىلىك نۇرىسز ۋە تەمىسزلىكىگە باقماي شائىرلىق دەۋاسىنى يەتتە پەلەكتىن ئاشۇرىۋېتىشىدۇ». دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەزەلدىن مانا مۇشۇنداق مۇكەممەل تەلەپ ئىچىدە ئەجدادلاردىن بىزگىچە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت بىلەن يېتىپ كەلگەن، جۈملىدىن شېئىر ۋە شائىرلارنى شەكىل ۋە رەت- تەرتىپكە ئايرىپ، بىزگە شېئىرىيەت ئېقىنىنىڭ ئەڭ سۈزۈك ئاۋازى ۋە ئۇنى ياڭراتقۇچى شائىرنىڭ بۈيۈك خاسلىقىدىن بىزگە بېشارەت بېرىپ كەلدى. ھالبۇكى،بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شائىرلارنى رەتكە تىزىش ئەينى دەۋردىكىدەك شېئىر ۋە باشقا ئەدەبىي ژانېرلار خەلق ئاممىسىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، خان- پادىشاھلار شېئىرنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئۇنىڭدىكى سېھىر ئالىمىگە مەپتۇن بولۇپ كېتىدىغان، ئۇنىڭدىكى ھېكمەتلەرنى ئەلگە بىلدۈرۈشتەك ئىزگۈ رەۋىش ئومۇمىيلىقىدىن ئايرىلىپ، كىشىلەر يەككە پەنلەرگە بولغان قىزىقىش ياكى يەككە ھەۋەسلىرى بويىچە ئايرىم- ئايرىم توپ بۇلۇپ ھەممە ئۆزى تاللىغان يول بويىچە ماڭىدىغان ھالەت شەكىللەندى. دېمەك، كىشىلەرنىڭ تاللاش ئەركىنلىكى ئۆز خاھىشلىرى بويىچە بارغانسېرى ئېلاستىكىچانلىققا ئىگە بولۇپ كەتتى. نەتىجىدە باشقا ساھەلەرگە ئوخشاشلا شائىر، شېئىر ۋە شېئىرىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشمۇ شۇنىڭغا تەۋە كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىپ، روھىي جەھەتتىكى بۇ مىننەتسىز ئەمگەك كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن چەتتە قالدۇرۇلدى. بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل بولۇپ، تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي قاراشلارنىڭ رەھمىسىزلىك بىلەن قۇربان قىلىشىغا دۇچار بولدى. شۇنىڭغا كۆرە، ئۇيغۇر شېئىرىيەت چاقىنى ھەر قايسى دەۋرلەردە ئايلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان ساپ نىيەتلىك، يىراقنى كۆرەر شائىرلار ئارىسىغا نەۋايى ھەزرەت ئايرىغان 5- خىلدىكى «شائىرلار» نىڭ قىستىلىپ كىرىۋېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمىغانلىقىنىڭ ۋە ياكى بۇ سېھىر ئالىمنىڭ ئادىمى ئەمەس كىشىلەرنىڭ ھەر بىر دەۋردە ئۇلارنىڭ يولىدىكى مۇتىئەسسىپ كۈچ بولۇپ، ھەر خىل توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلىشىدىن مۇستەسنا بولالمىغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ قالدى. نەتىجىدە نەۋايى، مەشرەب زامانىسدىن كېيىنكى ئۇيغۇر شېئىرىيەت زېمىنى دىمۇگراتتىك ئويغىنىش دەۋرىدىن ئۆتۈپ ئازادلىقتىن كېيىنكى بىنام يەردىن ئۆزلىشىۋېلىشقا، ھەقىيقى شېئىرنى قانداق يېزىشقا يېقىنلىشا- يېقىنلاشمايلا ئاپەتلىك يىللارغا توغرا كېلىپ بىر مەزگىللىك ئۈشۈككە دۇچار بولدى. 11- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىن چاقىرىلغاندىن كېيىن،تېيىپجان ئېليۇف ۋەكىللىكىدىكىبىر پۈتۈنشېئىرىيەت بوستانلىقى نەق 20 يىل بىر خىل قېلىپتا مېڭىۋەردى، شۇنداقتىمۇ بۇغدا ئابدۇللا، قۇربان بارات، ئوسمانجان ساۋۇت قاتارلىق ئايرىم شائىرلار ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت مېتۇدى يارىتىپ مېڭىش يولىنى تۇتۇپ، يېڭىچە بىر ئېقىمنىڭ بارلىققا كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەردى.   مانا مۇشۇنداق ئىلگىرى- ئاخىرلىق بولغانتارىخى شارائىتتا، يەنى- 1986-يىللىرى ئەخمەتجان ئوسمان، غالىپ راخمان، زاھىر ئابدۇراخمان، باتۇر روزى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، پەرھات ئىلىياس، پولات ھېۋزۇللا، ئەزىزى، پەرھات تۇرسۇن، تاھىر ھامۇت، ئۆمەر مۇھەممەد ئىمىن كروران، ئەركىن نۇر قاتارلىقلار بولسا، كېيىنكى پەيتلەردە قەھرىمان روزى ئەرچىن، ئەسقەر ياسىن،ئەمەتجان قۇربان ئۇرغۇ، شاھىپ ئابدۇسالام نۇربەگ، ۋاھىتجان ئوسمان، يالقۇن ئەزىزى... قاتارلىق بىر تۈركۈم ياشلار بۇ خىل تۇرغۇن ھالەتكە ئەسلىي ئەنئەنىنىڭ روھىغا ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا، شېئىرىي شەكىل ۋە پىكىردە ئۆزگىچە يول تۇتتى. بۇ يول زېھنى ئوچۇق پىشقەدەم ئەدىب، ژورنالىستلار ۋە شائىرلارنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە رىغبەتلەندۈرىشىگە ئېرىشىش بىلەن بىرگە يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جاھىللارچە قارشى تۇرىشىغا ئۇچراپ، نۇرغۇن بەھىس- مۇنازىرىلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتى يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭيېڭى دەۋردىكى پارتلاش خارەكتىرلىك ئاۋانگارتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى كۈتىۋالدى. بۇ دەۋردىكى ئاۋانگارت شائىرلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى تۇغۇلغان، ئەينى يىللىرى 20 ياشلاردا بولۇپ، ھەر جەھەتتىن قىزغىن، ئىسلاھات روھىغا باي، يېڭىلىققا ئېنتىلىشى كۈچلۈك، ئىجادچان ياشلاردىن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، ئەدەبىي تەرجىمە ۋە دۇنيا ئەدەبىيات ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىشتىكى تېزلىكى، رىقابەتكە دۇچار بولغاندىكى جەڭگىۋار ھالەتلىرى بىلەن ئەينى دەۋردىكى ئىلغار ئىددىيەدىكى ياشلار توپى بولۇش سۈپىتىدە، ئۇلاردىن كېيىنكىياش كۈچلەرنىڭ يەنى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى تۇغۇلغان، تېخى بىخ ھالەتتىكىياش شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ مەبۇدىسىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇلار ھامان ئالدىنقىلارنىڭ ئارقىدىن ئەگەشكۈچىلەر ھەمدە ئۆزىگە خاس ئاۋاز يارىتىشقا، ئۇلارغىمۇ ئوخشىمايدىغان ئىجادىي يول تۇتۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ياشلار ئىدى. بىراق، ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىقى، قىزغىنلىقى يۇقارقى مۇنازىرىلەرنىڭ قىيا- چىيالىرى ئارىسىدا قېلىپ، ئۇلارغا دىققەت قىلىدىغان، ئۇلارنى تۈركۈملەپ بايقايدىغان كۆزلەرنىڭ مەركىزىي كۆرۈش نۇقتىسىدىن كۆرە، شېئىرىيەت بوستانلىقىدىكى ناۋاكەر قۇش بولۇشتىن ئاستا- ئاستا سۈرۈلۈپ، شاۋقۇن- سۈرەنلىك دېڭىزنىڭ بۇرجەكلىرىدە كۆرىنە - كۆرۈنمەس « غېرىب ئارال» غا ئايلىنىپ قېلىشتەك قىسمەتكە دۇچار بولدى.




1

شائىرلارنىڭ رولى ئۆزى بىلەن دەۋرداش كىشىلەرنىڭ رولى دېمەكتۇر، ئەگەر بىزدە ھايات شائىرلار بولمايدىكەن، بۇرۇن ئۆتكەن شائىرلار ھېچنېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.

                                           -توماس ئېلىئوت

شۇنداق، ھەر بىر دەۋردىكى شېئىرىيەت ھامان يېڭىچە قىياپەتتە پەيدا بولىدۇ. ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيتى گەرچە خىلمۇ خىل توسقۇنلۇق ۋە رادىكاللىقلارغا ئۇچراپ تۇرغان بولسىمۇ، كېيىنكىلەرگە تەسىر كۆرستىش ۋە زەرەتيەتكۈزۈش نەتىجىسدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ ھالا بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلدى. شۇنداقلا، بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەتقىقاتلار ۋە قىسقا-قىسقا ئوبزور ماقالىلىرى يېزىلىپ ئارتۇقچىلىقلار مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ كەمچىلىكلەر كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى. زىددىيەت شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەنئەنىچىلەر ۋە يېڭىلىق تەرەپدارلىرىنىڭ كۈرىشى مەھسۇلىدا، ھەر ئىككىسى ئۆز خاسلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ماس قەدەمدە راۋاجلاندى ھەم تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بۇ بىر تۈركۈمياشلارنىڭ ئىچىدەيەنە60– يىللىقلار ئىچىدىكى ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت، ئابدۇرېھىم غازى ئوغلى، ئابدۇخېلىل مىرخېلىل، ئابدۇشكۇر قاۋۇل، شەۋكەت ئىبراھىم، ئەكرەم ئابدۇمىجىت، ئەكبەر نىياز پەتتارى... لارغا ئوخشاشئەنئەنىۋى شېئىر شەكىللىرىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا بەل باغلىغان ياش كۈچلەرمۇ ئۆز يولىدا تەۋرەنمەي ماڭدى. ئارقىدىنلا، ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك، مۇھەممەدجان سەيدۇللا، ئۆمەرجان سىدىق، مۇھەممەد سالىم، كامىلجان ھەسەن، ھۈسەنجان نامان قارا تېكىن، قۇربان ئابلىمىت... قاتارلىقلارنى ساناش مۈمكىن.بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئەدەبىياتتا ھەرخىل ئەدەبىي شەكىل ۋە ئېقىملار بىر-بىرىنى ئىنكار قىلمايلا قالماستىن،تەڭداش ھالەتتە راۋاجلىنىپ ئەدەبىياتنىڭ ئىچكى فونكىسيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ۋە يېڭىلايدۇ. ئەدەبىياتشۇناسلىق گەرچە نىسپىي مۇستەقىل بولغان، ئىچكى جەھەتتىن ئەدەبىياتقا بېقىنمايدىغان يەككە بىر پەن بولسىمۇ، ئۇ ئەدەبىي ئەسەرلەر تەتقىقاتى ۋە يازغۇچىلار تەتقىقاتى، ئۆز دەۋرىدىكى ھەرخىل ئەدەبىيات ھادىسلىرى تەتقىقاتى قاتارلىق نۇرغۇن ئەدەبىياتقا مۇناسىۋەتلىك ھەم مۇناسىۋىتى بۇلۇشقا تېگىشلىك ساھەلەرنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبېكتى قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە يازغۇچىلار تەتقىقاتى، جۈملىدىن مەلۇم دەۋر شائىرلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقات، ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىدىكى ئىزچىللىققا ئىگە بولمىغان ھەم ئاساسى جەھەتتىن بوش قالغان ساھەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. دىمەك، ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تەتقىقاتىنىڭ ۋە ئىلمىي تەنقىدچىلەر قوشۇنىنىڭ شەكىللەنمەسلىكى ئەلۋەتتە، سۆزىمىزنىڭ دەلىلىسۈپىتىدە ئەس ئامبىرىمىزنى مالتىلايدۇ.

دەرۋەقە، ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتى ئالاھىدە تارىخى دەۋر ۋە تارىخى شارائىت ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن ئالاھىدە بىر ئەدەبىيات ھادىسسى بولۇپ، بۇ ھەقتىكى يازغۇچىلار تەتقىقاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقى ئۈچۈن يەنىلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھەم دۇنيادىكى تۈرلۈك ئەدەبىي ئېقىملار سىڭىپ كىرىۋاتقان ۋە پەيدا بۇلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كەسكىن شارائىتتا، چوقۇم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك جىددى ۋە تەخىرسىز مەسىللەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەدەبىياتىمىزدىكى ھەر بىر قېتىملىق دەۋر بۆلگۈچ مۇنازىرە شېئىرىيەت ساھەسىدە ئۇشتۇمتۇت، كىشى ئويلىمىغان شەكىللەردە پات-پات يېڭىچە يوسۇندا چاقىنىشى بىلەن باشلىنىپ، ئەدەبىياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە تۇتىشىپ تۇردى. شۇنداقلا، ھېچبىرى ئاخىرلاشماي كەلدى ھەمدە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى مەيلى مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولسۇن ياكى غەلىبە قىلسۇن، غەيرى تەبئى ھالدا ئۆز مەۋجۇدلىقىنى نامايەن قىلىپ كەلدى. دەل شۇ پەيتلەردە، بولۇپمۇ 21- ئەسىر كىرىشنىڭ ئالدى كەينىدە، ئۇستاز شائىر بۇغدا ئابدۇللا «شېئىرىيەتتىكى بوشلۇق»، «شېئىر مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ» ناملىق كىتابلىرىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، شېئىرىيەت مەسىللىرىگە قانداق قاراش ھەققىدە يېتەكچى خارەكتىرلىك مۇلاھىزىلىرى، تەجىرىبىلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىنى شېئىر خۇمار خەلقىمىزگە سۇنۇپ، ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىنىڭ مۈجىمەل قاراشلىرىغا ئىلمىي شەرھى بەردى. ئەلۋەتتە، شېئىرىيەت مەسىللىرى شائىر ھەققىدە سۆز قىلىشتىن يانداپ ئۆتۈپ كېتەلمىگەچكە، مەنبۇ ھەقتىكى سەۋىيەمنىڭ چەكلىك، تەجىربەمنىڭ يېتەرسىزلىكى،قولۇمدىكى مەنبەلەرنىڭ مول بولماسلىقىدەك ئەھۋال ئاستىدىمۇ، مەزكۇر ماقالىدە 1970 -يىلىدىن 1980 -يىلىغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدە تۇغۇلغان، ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتى تۈرلۈك مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولىۋاتقان 1990-يىللارنىڭ بېشىدا شېئىرىيەت سېپىگە كىرىپ، بۈگۈنكى كۈندە 20 يىلغا يېقىن ئىجادىيەت مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ھاياتىنىڭ 40 يىلىغا كىرىپ كېتىۋاتقان بىر تۈركۈم ئەدەبىيات كىشىلىرى، جۈملىدىن شېئىرىيەت ئاشىقلىرىنى خاتىرلەشنىڭ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىكىنى تۇرغۇزۇش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىگە، ئىجادىيەت مۇساپىسىگە نىسبەتەندەسلەپكى قەدەمدە ئومۇملاشتۇرۇپ نەزەر سېلىشنىڭ ئەھمىيىتى بار، دەپ قارىدىم. شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان يىل تەۋەلىكىگە قاراپ، جۇڭگو ئەدەبىيات ساھەسىدە ئومۇملىشىپ قالغان ئاتالغۇلارنىڭ بىرى «70- يىللىقلار» دەپ ئاتىدىم ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدە ئۇلارنىڭ ئىسىملىكىنى تۆۋەندىكچە تۇرغۇزۇپ چىقتىم. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئادىل تۇنىياز، مۇھەممەدجان سەيدۇللا، ئابابەكرى توختى، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت، ئابلىكىم ھەسەن، ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى، زامانىدىن پاكزات، ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم، مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى، قەيسەر تۇرسۇن، ئابدۇشكۈر ئابدۇرېھىمھاجى، راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال،ئابلەت ئابدۇرەشىد بەرقى، ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە،ئۈمىد غەنى، ئابدۇرېشىد ئېلى، ئابدۇرەھىم ياسىن قاينامى، ئەخەت كەلپىن ئىنسانىي، ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك، ئۆمەرجان سىدىق، ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت، پەرھاد كازىم، ئالىمجان قاسىم، ھېبىبۇللا مىجىت، مۇتىۋۇللا قىرانى، ، مۇھەممەد سالىم، كامىل ھەسەن، ئەمەتجان مۇھەممەت كۆنچى، ئابدۇرىشىت سۇلايمان، ھاجى ئىھسان قاۋۇل، جۈرئەت نۇرۇللا، ئابدۇللا ئېلى، ئابدۇللا موللا، ئەھمەد يۈسۈپ سەرداھىي، مەسئۇد ئېيسا، زاكىرجان مىجىت سىددىقى، تۇرغۇن پەيزۇللا، ئەركىن مۇھەممەد، قۇربانجان مەمتىمىن، نۇرشات مەمتىلى، قۇربان ئابلىمىت، ئوسمان تۇرسۇننىياز تۇغلان، ھۈسەنجان ئابدۇۋەلى، ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ، يۈسۈپجان مۇھەممەد تۇغيان، يۈسۈپجان نىياز ئەلقۇت، باتۇرجان ئاتاخان، ۋارىسجان ئاتاخان، تۇردىبەگ مۇھەممەد بەگ، ئەنۋەرجان سادىق كۆكنۇر، ئەدھەم ئىبرايىم، دىلمۇھەممەد جەفەرى، شەۋكەت رۇستەم، سەۋردىن ھېنىپىدىن، ئابدۇۋايىت خۇدابەردى مۆلجەرى، ئابلىكىم ئابلىمىت، مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم، تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار، تۇردى سۇلتان، مەھمۇد يولۋاس، ياسىنجان توخنىياز توغراق، قەھرىمان تۆمۈر، ياسىنجان ئابدۇقادىر، ھىمىت ياسىن، ئابدۇراخمان ئېلىنىياز، ئېلى ھىمىت، تۇرغۇن جالالىدىن، ئوسمان زاھىر، دولقۇن جاپپار، ، ئىلھام زوردۇن، چىمەنگۈل ئاۋۇت، ئامانگۈل ئېزىز، رىسالەت مەردان، رۇقىيە ئابدۇللا، گۈلباھار ئېزىز، ھاياتنوپۇس مۇھەممەت، ئايسىمە ئىدرىس، مېھرىگۈل ئابلىز نەزەر، پاتىگۈل نىياز، ھۆرىيەت مۇھەممەت، زۆھرەگۈل ئەھەت، زۇلپىيە ئابدۇراخمان، گۈزەلنۇر مۇتەللىپ... قاتارلىقلار بولۇپ- بۇ، تولۇقسىز مەلۇمات بولغاچقا، ئسىملارنىڭ ئالدى ئاخىرى بولۇپ قېلىشىدىن ئەپۇ سورايمەن.

يۇقارقىلار ھازىرغىچە قەلەمنى تاشلىماي، ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھەرقايسى ژانىرلىرىدا بەلگۈلىك ئۇتۇق قازانغان چاغداش يازغۇچى، شائىرلاردۇر. (بۇ دەۋردىكى ئەدەبىي تەرجىمانلار، ئوبزۇرچىلار، تەبئى پەن ساھەسىدە ۋە باشقا ساھەلەردە ئىجتىھات بىلەن مېڭىۋاتقانلارنى يېزىش ئىمكانىيىتىم بولمىدى.) شۇڭا،تېما ئىھتىياجى بىلەن يېڭى دەۋر شېئىرىيتىمىزدە مەيدانغا كەلگەن بىر نەچچە نامايەندە شائىرلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيەتلىرىگە قىسقىچە نەزەر ئاغدۇرۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.




2



كىشىلەر دېيەلمىگەننى مەن شېئىر ئارقىلىق دەيمەن.


- شېللىر

ئادىل تۇنىياز:

1970–يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇ تېنچ سەھرا مەنزىرىسى بىلەن دۆۋە–دۆۋە كىتابلار ئارىسىدا بالىلىقىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ناھايىتى كىچىك چاغلىرىدىلا ئۇنى شېئىر يېزىشقا رىغبەتلەندۈرگەن، ئۇ جەنۇبنىڭ خىلۋەت، جىمجىت، چەكسىز سۈكۈت بىلەن تولغان قەدىمىي مەھەللىدە تاغدەك كۆڭلى بار مېھماندوست خەلق ئارىسىدا چوڭ بولغان. خەلقنىڭ يۈرەك سوقۇشى، جىگدە چېچەكلىرىنىڭ شىۋىرلىشى، ئاق قۇشقاچلارنىڭ كەپسىزلىكى، ئالما دەرەخلىرىنىڭ تەنھا سايىسى، يېرىم كېچىدىكى توقايلىقلاردىكى جىنلار ھەققىدىكى قىزىقارلىق چۆچەكلەر، ئاجايىپ چوڭقۇر ھېكمەتكە ئىگە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مۇھىتىدا ئۆزىنىڭ شېئىرىيەت كوچىسىغا بولغان چەكسىز قىزىقىشىنى يېتىلدۈرگەن.

شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ ھازىرغىچە «سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا»، «بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى»، «چۈمبەلدىكى كۆز»، «دېڭىزدىكى كوچا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى؛ «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» ناملىق ماقالە–ئوبزورلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە «تاشقا سۆزلەۋاتقان ئادەم»ناملىق شېئىرلار توپلىمى يېقىندا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئۇ زامانىمىز ياش شائىرلىرى ئىچىدىكى «سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن « تاشقا سۆزلەۋاتقان ئادەم » ناملىق شېئىرلار توپلىمىغىچە بولغان 20 يىللىق ئىجادىيەت مۇساپىسىدە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا مەيدانغا كەلگەن ۋە شېئىرىيەتتىكى ئۆزگىچە ئاۋازى بىلەن ياشلار ئارىسىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان تالانىتلىق شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئىچكى ھەرىكىتىنى جىمجىت تىڭشاپ، ئۇلارنىڭ ئەسلى تىلىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى، ئىنساننىڭ تەپەككۇر تىلىدىكى شەيئىلەرنىڭ تەبئى مەۋجۇدلۇقىنى ئېسىمىزگە سېلىپ كەلدى. بۇ ئارقىلىق ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستېتىك بىرلىكنى مىستىك چۈشەنچىلەرگىچە سىڭدۈرۈپ، ئىنساننى ئۆزلىرى ئىختىرا قىلغان غەيرى، سۇنئىيلىكنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى ۋە تەنھالىقتىكى كىرىزس تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەن مەنىسىزلىككە ئورۇن قالدۇرماسلىقنى مەنە ئىزدەش سەپىرى - دەپ سۈپەتلىدى.

شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئىماگلار جانلىق سۈرەتلەنگەندىن سىرت، سېھرى كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئۇقۇرمەنلەرنىڭ تۇيغۇسىنى ناھايىتى تېزلا ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. مۇمكىنسىزلىك ئىچىدە رېئاللىشىپ يىغلاۋاتقان، كۈلۈۋاتقان، قېچىۋاتقان، قايتىۋاتقان ئىنسانىي خۇسۇسىيەتلەر شەيئىلەردە شۇنچىلىك كەڭ ئىمكانىيەتلەر ئىچىدە يۈز بېرىدۇكى، ئوقۇرمەنلەر تۇيغۇسىنى بەكمۇ سۈزۈك، پاكىز، سەبىي بىر ئۈمىد مەنزىلىگە باشلاپ بارىدۇ. بۇ چاغدا ئوقۇرمەن شېئىردىن ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلىشكە، ھاياتلىقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا، ھاياتلىقنىڭ تىنىقىنى ھىدلاشقا مۇيەسسەر بولىدۇ. ھەتتا ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان ئىنسانىي تەرتىپلىرىدىن چىقىپ كەتكىنىچە تەبىئەتنىڭ چەكسىزلىكىگە سىڭىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيلا قالىدۇ. خۇددى «ئۆمۈچۈك ناخشىسى»دا ئۆمۈچۈككە ئايلانغان بالا ئالەمنى قاپلىغان، دۇنيانى بىر كىچىك كەنتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئاشۇ تور ئىچىدە تۇرۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە، پۈتۈن دۇنياغا بەرگەن مۇھەببەتلىك سالىمىدىن قەلبىمىز لەرزىگە كېلىپ كۆزىمىزگە ئىسسىق ياش كەلگىنىدەك. مۇھەببەتتىن ئىللىغان ئىسىق نەپسىمىز، ئىسسىق قەدەملىرىمىز بىلەن ئۆزىمىزدىن ئاستا-ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، چوڭ شەھەردىن بەكمۇ يىراقتىكى غېرىب كۈلبىدە جىن چىراق يورۇقىدا ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىنى ئوقۇۋاتقان مەسۇم قىزنىڭ تۇيغۇسىغا سىڭىپ كەتكىنىمىزنى بىلمەيلا قالىمىز. شائىر يەنە بۇ داستاندا ئۆمۈچۈك، پەرىزات، شاھزادە، ئانىدىن ئىبارەت ئاساسلىق بۇ تۆت ئىماگقا يانداشقان بۇلاق، قۇشلار، يامغۇر، چۆچەكچى بوۋاي، تۈگمەن، دەرەخ... تور، شەھەر، غېرىبلىق، ئازاب... قاتارلىق نۇرغۇن ئىماگلارنى خالىغانچە قىلىقلاندۇرىدۇ، ئۇلار بىلەن خالىغانچە سىردىشىدۇ. كەڭ تەبىئەتتىكى ھەربىر شەيئى، ھەربىر نەرسە، ھەتتا ئىنسان روھىيىتىگە مەنسۇپ تېرمىنلار ئوخشاشلا شائىر ئۈچۈن بىر شېئىرىي ئىماگ، پىكىر تۈگۈنى بولالايدۇ. بۇ شائىرنىڭ يېلىنجاپ تۇرغان شېئىرىي ھېسسىياتى ھەردەم ئۆزىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكتىن شائىرنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە ھېس قىلدۇرماقچى بولغان بېشارەتلىرى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن شېئىرنىڭ ھەربىر مىسراسىدىكى تەگسىز بىر بوشلۇققا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئوقۇرمەن شېئىرنىڭ ئاشۇ بوشلۇقىدا ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى ئىزدەش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. شائىرنىڭ مىللەت، ئېرىق، زامان، ماكان كاتىگورىيەسىدىن ھالقىپ كەتكەن مۇھەببىتىنى ئۇنىڭ ھەربىر مىسرالىرىدىكى تەبىئەتنىڭ ئاھۇ-زارىدىن، سۇنىڭ نالىسىدىن، قۇشلارنىڭ يىغىسدىن، دەريالارنىڭ ئۆكسۈشلىرىدىن، تاغلارنىڭ ھارغىنلىقىدىن، تەكلىماكاننىڭ مۇڭىدىن، قارىغايلارنىڭ جىمجىتلىقىدىن، بۇلاقلارنىڭ قېيداشلىرىدىن، گۈللەرنىڭ يېشىدىن ئايان بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەغدىرىنى، ئىنساننىڭ قايغۇ-شادلىقىنى، تەنھا-غېرىبلىقىنى بىلەلەيمىز. تۆۋەندە بىز شائىرنىڭ «ئۆمۈچۈك ناخشىسى» دېگەن داستانىنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.

...................

چۆمۈمىلەر مايماق پۇتىدا،

قۇم ئۈستىگە سىزغان رەسىمدەك،

يېرىم تاللا قېرىنداشتا مەن

كۆپ نەرسىنى سىزىپ چىقىمەن.

چاشقان سىزغان قەغەزنى

ئەكىرىمەن مۈشۈك يوق ئۆيگە.

ئۇخلاپ قالسام ئۆردەكنى سىزىپ،

ئوغرىلىقچە قەغەزدىن چىقىپ

چۆمۈلگىلى كېتىدۇ كۆلگە.

قار ئۈستىگە سىزغان دەرىخىم،

قەلىمىمنى ئۇچلاپ بولغۇچە،

ياپراقلايدۇ كەلدى باھار دەپ.

مەلىكىنىڭ سىزغان كەشىنى،

كىيىۋالار سىڭلىم غىپپىدە،

(ئاق قەغەزدە ئىزلىرى قالار)

تۇيدۇرماستىن كەنتتىكىلەرگە،

مەن بازارنى سىزسام قەيەرگە،

جىرىڭلىتىپ ئات ھارۋىسىنى،

ھەممە ئادەم كېلەر شۇ يەرگە.

بۇرۇن-بۇرۇندا،

توساتتىنلا بىر تال ئۆمۈچۈك

بولۇپ قالار ئايال پادىشاھ.

مەن شۇ چاغدا بىر ئالتۇن ئوردا

دەيمەن ئانامغا.سىزىپ بېرەي

........................

شائىر ھەر قېتىم قولىغا قەلەم ئېلىپ داستان يېزىشقا تۇتۇنغان شۇ دەقىقىدە ئوخچۇپ تۇرغان شېئىرىي تۇيغۇسىنى تەسەۋۇر چەكسىزلىكىگە ئەركىن قويۇۋېتىپ، تەپەككۇر چوڭقۇرلۇقىنى قېزىشتا ئەزەلدىن ئۆزىگە چەك قويغان ئەمەس. شۇڭىمۇ ئۇنىڭ داستانلىرى مەيلى چوڭقۇرلۇق، مەيلى كەڭلىك جەھەتتىن بولسۇن كۈتكەن مەقسىدىگە تولۇق يەتكەن. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شائىرنىڭ يېقىنقى دەۋردىكى ئىجادىيىتىنىڭ پەللىسىنى نوقۇل ھالدا مەلۇم بىر شېئىرغا يىغىنچاقلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇ «مېنىڭ ئادرېسىم»، «قەشقەردىكى يەر شارى»، «سۈزۈك سەپەر»، «مازار يۆتكەش»، «ئەركەكلەر قېنى سىلەر؟»، «ئۆمۈچۈك ناخشىسى»، «دېڭىز يۈزىدىن 154-مېتىر چوڭقۇرلۇقتا»، «12 مۇقام»... قاتارلىق توققۇز پارچە داستانى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ پاساھىتىنى نامايان قىلدى. ئەينى دەۋردە مەڭگۈ تاشلارغا خاقانلار خانلىق شەجەرىسىنى، خانلىق نەسەبنامىسىنى يېزىپ قالدۇرغان بولسا، ئادىل تۇنىياز كەچمىشىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى، ئەركەكلىرىمىزنى، روھىمىزنى، ئېتىقادىمىزنى شېئىر بىلەن يېزىپ بۈگۈننىڭ تارىخىنى تىكلىدى. ھەربىر داستاندىن يالتىراپ تۇرغان يارقىن ئىزلىرىمىز، ھەربىر داستاندىن ياڭراپ تۇرغان كۈيلىرىمىز، ھەربىر داستاندىن سۆزلىنىپ تۇرغان قىسسىلىرىمىز، ھەربىر داستاندىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئەتىلىرىمىزنىڭ بېشارەتلىرى بىزنى ئويلاندۇردى، بىزنى ئۆزىمىز ھەققىدە ئېغىر سۇئاللارغا قەرز قىلدى.

ئەمىسە دىققىتىمىز ئاشۇ داستانلاردىن پارچىدە بولسۇن:

ئىشىكنى ئېچىپ ھەربىر پەسىلنىڭ،

ئىشىكنى ئېچىپ تار كوچىلارنىڭ،

ئىشىكنى ئېچىپ مۇمكىنسىزلىكنىڭ،

كىشىلەر توپىغا كىرىپ كېتىمىز.

لېكىن ھەر قېتىم يېتىپ بارغادا

ئەمەسلىكىمىزنى بىلىپ يېتىمىز.

بىز ئۈزگەن گۈل گۈل ئەمەس ياپراق،

بىز تۇتقان نۇر نۇر ئەمەس چاقماق.

بىز كۆرگەن چۈش تەتۈر رېئاللىق،

قارغىش گويا بىز قىلغان دۇئا،

بىز ماڭغان يەر ـــ دۇتارنىڭ ئىچى،

بىز كۆمگەن ئەر ـــ جىمجىت مۇزىكا،

ئىچكىنىمىز سۇدىن قىزىل سۇ،

يىڭنە مىختەقبىز تىنغان ھاۋا،

يىراق ھەم يات ھەممە نېمىمىز،

پارچە-پارچە روھ ۋە تېنىمىز.

..........................

كېچىدىكى ئالەم ـــ

يۇلتۇزلارنىڭ مازىرى،

كۈندۈزدىكى ئادەم ـــ

قەبرىسىنى يۈدۈپ يۈرگەن يۇلتۇز.

ھەممە نەرسە ۋاقىت تورىدا،

يوق بار بولىدۇ چاقنايدۇ،

چاقنىغان نەرسىلەر ئۆچىدۇ.

ئادەم چەكسىز، ئالەم بىپايان،

ئادەم ئۆلمەيدۇ، مازار كۆچىدۇ.

.........................

بۇ داستاننىڭ ھەربىر مىسراسىدىن چۇۋۇلۇپ چىقىۋاتقان تارىخ پارچە-پارچە بولۇپ چېچىلغان سۆڭەكلەردەك كۆز ئۆڭىمىزدە زاھىر بولماقتا؛ ئەنە يىغلاپ چىقىۋاتقان كەچمىشىمىز، گۈھەردەك جۇلالىنىپ چىقىۋاتقان ئەنئەنىمىز، سالماق قەدەم بىلەن مەغرۇر چىقىۋاتقان ئېتىقادىمىز، توم-توم قامۇسلارنى ۋاراقلىغىنىچە كېلىۋاتقان زەكىي-ئالىملىرىمىز، ئۇچقۇر ئايغىرلارغا مىنىپ سۈر-ھەيۋە بىلەن تۇغ-ئەلەملىرىنى جەۋلان قىلىپ چىقىۋاتقان سەلتەنەت ھامىيلىرىمىز بىزگە يېقىنلاشماقتا... بىزنى ئىزدىمەكتە. بىزگە تەبەسسۈم قىلماقتا... ھەممە قېچىۋاتىدۇ، ھەتتا مازارمۇ بېشىنى تېڭىپ بىزنى تاشلاپ قېچىپ كەتمەكتە... ئوقۇرمەنلەرنىڭ پانى بىلەن باقى ئارىسىدا تالجىققان نېرىپلىرى ئېغىر سۈكۈتلەرگە ئەسىر بولغان دەل شۇ دەقىقىدە، شائىر ئاشۇ چەكسىز مازارلىقتا تەنھا پەيدا بولۇپ يېڭى بىر داستانىنى باشلايدۇ. ئۇنىڭ تولىمۇ يېنىك، لېكىن پەس چىقىۋاتقان ئاۋازى سەھەرنىڭ تاڭ شامىلىدا يىراق-يىراقلارغا تاراپ ئادەملەرنىڭ يۈرەكلىرىگە سىڭمەكتە... شائىر دەيدۇ: ـــ ئىنسان بىر يۇلتۇز، سەن مەۋجۇدلۇقۇڭدا چاقنىشىڭ كېرەك، چاقناش بار ئۆچۈشمۇ ھەم بار. ئۆلۈم ھاياتلىقنىڭ تەمى، قانداق تەمنى تېتىغۇڭ بولسا شۇنىڭغا مۇناسىپ ياشا... دېمەك شائىر ھەربىر بۆلەك، ھەربىر مىسراغا سىڭىپ كەتكەن چوڭقۇر پەلسەپىۋىي قاراشلىرىنى تۇيغۇسىنىڭ ئەركىنلىكى، تەسەۋۋۇر بوشلۇقىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ ھەربىر پارچە داستانى ئەڭ يېنىك تىل، ئەڭ گۈزەل سۈپەت، ئەڭ جانلىق تەسۋىر، ئەڭ تاتلىق لىرىكا بىلەن ئۆڭمەس سىياھتا يېزىپ چىقىلغان بىر پۈتۈن قامۇس. ئۆلمەس بىر تارىخ. شۇڭا شائىرنىڭ داستانلىرىنى ئوقۇغاندا ئوقۇرمەن ئۆزىمۇ ھېس قىلمىغان دەرىجىدە چوڭقۇرلۇققا چۆكەلەيدۇ ۋە بۇ چۆكۈشتىن ئېرىشكەن تۇيغۇلارنىڭ تەپتىدە رېئاللىقنىڭ قاتلىرىدىن يېڭىلانغان ئۆزىنى ئىزدەيدۇ.

شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرلىرىدا يەنە تەبىئەتتىكى سۇدىن قۇشلارغىچە بولغان بارلىق مەۋجۇدلۇقنىڭ ئىچكى ھەرىكەت تىلىنى چۈشىنىش، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ماھىيەتكە كىرىشنىڭ ئاچقۇچى بولغان بولسا، ئۇ شەيئىلەرنىڭ ئادەمگە كۆرسىتىدىغان قىلىقلىنىشىنى شېئىرىي تىلدا ئۆزگىچە ئىپادىلەشتە شەيئىلەر بىلەن ئادەمنىڭ، ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ، شەيئىلەر بىلەن شەيئىلەرنىڭ، ھەتتا قۇشلارنىڭمۇ شېئىرىي مۇھىتتا ئۆزئارا ئۆزى يېتەلەيدىغان چەككىچە دىئالۇگ قۇرۇشىغا ئىنىتىلىشلىرى ۋە شېئىر ئوبيېكىتلىرىنىڭ لىرىك ياشاش ھالىتىنى خاتىرلەۋاتقان شائىر بىلەن بايانچىنى ئۆزىدىن ئايرىپ چىققانلىقىدا. بۇ ـــ شائىرنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى بولۇپلا قالماي، يەنە شائىر، مەۋجۇدىيەت، شېئىردىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىدىكى مەنە ئىزدەش سەپىرىدە ئۆزىنىڭ سېھىرلىك شېئرىيەت قەسىرىنى تىكلىدى ھەمدە بۇ «قەسىر»نىڭ دەرۋازىسىغا ــ «كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ھەرقانداق مەنپەئەتكە بېرىلمەي شېئىر يېزىش- يەنى، مەنىسىز سۆزلەردىن مەنە ئىزدەش بىر ئەخمىقانىلىق. بۇ مېخانىك دۇنيادا، ئادەملەرنىڭ ماشىنا ئەمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى ئاخىرقى ئادەم ــ شائىر» دەپ يېزىپ قويدى.

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد:

1971- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا تۇغۇلغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە. 1990- يىلدىن 2002- يىلغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشلىگەن. 2005- يىلدىن باشلاپ خوتەن ۋىلايەتلىك يولۇچىلار توشۇش باش بېكىتىدە ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ تۇنجى ئىجادىيەت سەپىرى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 1990- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان «مېنىڭ جەننىتىم» ناملىق شېئىر بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭ «قۇياش يالغان ياكى قار يالغان»، «مەشرەپ چۆلى»، «ئەرنىڭ ئىپپىتى»، «دۇتارچى ئايال» قاتارلىق 50 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى شىنجاڭ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، تەڭرىتاغ ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان «ئاقيول شېئرىيەت مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. 2012- يىلى «مۇقام خۇمارى» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

«ئايال»دىن باشلىنىپ ئايالدا توختاپ، ئايالدىن چىقىپ ئايالغا قايتىپ، ئۆلۈمدە ئەۋجىگە چىقىپ، ئۆلۈمدە سېھىرلىنىپ، ئۆلۈمدە گۈزەللىككە تويۇنۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۇيغۇسىنى ئاستا-ئاستا چوڭقۇرلۇققا يېتەكلەپ قەلب بېتىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرىدىغان شېئىرلارنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ئۈچۈن «ئايال»، «ئۆلۈم»دىن ئىبارەت بۇ ئىككى سۆزدە توختىغان دۇنيا ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى جىمى سىر-ئەسرالىرىنى ئاشۇ ئىككى سۆزنى مەركەز قىلىپ، ئۆز چوڭقۇرلىقىغا تېخىمۇ تىرەن چۆكۈۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. چىرايلىق ئايال بىردە ئۇنىڭ تۇيغۇسىدا ۋەتەن بولۇپ ئۇنىڭ روھىنى كۈچ-قۇۋۋەتكە تولدۇرسا؛ بىردە ئىللىق ئائىلە بولۇپ ئۇنىڭ چىقىپ كەتكەن ئۆزلۈكىنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ. بىردە رەڭدار ئۈمىد بولۇپ قەلبلەرنى يېشىللىققا ئورايدۇ. «ئايال» سۆزى ئۇنىڭغا شېئىر ئۈچۈن مەڭگۈ ئاخىرلاشماس شېئىرىيەت يولىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەرسە؛ «ئۆلۈم» ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى چوڭقۇر پەلسەپىۋىي قىممەتلەر بىلەن تويۇندۇرۇپ، شائىر بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى يىراق ئوپۇققا باشلاپ ماڭىدىغان ماياكقا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ تۆۋەندىكى شېئىرىغا قاراپ باقايلى:

ئېھ ئايال، چاچلىرى زۇلمەتلىك ئايال،

ئېھ چەكسىز يالىڭاچ قۇدرەتلىك ئايال،

قوبۇل قىل جېنىمنى بېرەي مەن ساڭا،

جان بەرمەي ياشاشقا يوقكەن ھېچ ئامال!

ئاتلارمۇ كۆكسۈمدىن دۈپۈرلەپ ئۆتكەن؟

كېچىدە تەنھالىق قايغۇسى ئېغىر.

قايغۇلار ئاقىۋەت ئىكەن بىر شېئىر...

سۆيگۈدىن ئېغىر ھەم ۋەتەن قايغۇسى

شېئىرلار ئۈندەيدۇ ئۆلۈشكە مېنى

ھەر ھەرپ، ھەر مىسرا تىكلەپ تۇرار دار

ۋە لېكىن ئەتىگە بېغىشلاپ ئۈمىد،

ھەر يىلى مارت بىلەن كېلىدۇ باھار.



شائىرنىڭ شېئىرىي ئىماگلىرى رەڭدار بولۇپ، خۇددى تۇيغۇسىنى چەكسىزلىككە قويۇۋەتكەندەك نېمىنى خالىسا شۇنى تۇتۇپ، شۇنى تەسۋىرلەپ ئۆزى ئۈچۈن ناھايىتى كەڭ بولغان تەسەۋۋۇر كەڭلىكى ھازىرلايدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئاشۇ كەڭلىككە يېيىلغان ئۆزى، ئۆزى بىلەن شېئىر، ئۆزى بىلەن شەيئىي ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگلار، ئۈنسىز پىچىرلىشىشلاردىن، مۇھەببەتمۇ، ئېتىقادمۇ، مەدەنىيەتمۇ، يىلتىزمۇ، روھمۇ... ھەممە قىممەتلەر يالتىرايدۇ. ھەمدە شائىرنىڭ ئاشۇ قىممەتلەرگە سىڭىپ كەتكەن ئۆزلۈكى دۇر-گۈھەر بولۇپ مىسرالارغا پۈتۈلگىندە، ئوقۇرمەن بۇ مىسرالارنىڭ بەرگلىرىدىن شەبنەمدەك يالتىراپ تۇرغان سۈزۈك بىر ئاشىقانە قەلبىنى كۆرىدۇ ۋە ئاشۇ قەلبكە ئەگەشكىنىچە ئاستا-ئاستا پىكىر چوڭقۇرلۇققا شۇڭغۇپ شائىرنىڭ قەلب سىرلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. تۆۋەندە بىز «ئۆتمۈتۆشۈك مۇھەببەت» دېگەن شېئىردىن ئېلىنغان پارچىگە قاراپ باقايلى.

ئايال بىزنىڭ ئەر بولغىنىمىز

شېئىر بىزگە قايتىدىغان چۆل

ھايات بىزگە پاتىدىغان كۈن،

ئۆلۈم بىزدە ئېچىلىدىغان گۈل.

بىردەم توختايلى

تەمبۇر چالغان غېرىب زەخمەككە

نەي ياماشقان يالغۇز تېرەككە.

دۇتار چالغان دەردى-ھىجرانغا

ساتار قىلغان نالە پىغانغا،

راۋاب ئوت قويغان ئىگىز ئاسمانغا...

بىردەم توختاپ

بولغان چاغدا مۇقام قەلەندەر

ئۆلۈۋېلىشقا كەلگەن بىر توپ ئەر

ئۆرگىلىگەن، چۆرگىلىگەن يەر

ئەينەكلەردىن قاچقان ئاياللار

كىيىملىرى ئەتلەس شاماللار

بەدەنلىرى شاخلاپ غۇلاچلاپ

بۇزىۋەتكەن قىرغاقلىرىنى

ئېقىپ كەتكەن، ئاققان ئاھ، تاكى

قۇرۇپ كەتكەن تەكلىماكاندەك...

ئۇنىڭ يەنە،«مېنىڭ يالغۇزلۇقۇم يالغۇز...»، «دۇتارچى ئايال»، «تاك-تاك-تاك»، «ئىپار» قاتارلىق شېئىرىلىرى، ئەنئەنىۋى غەزەل شەكلىدىن تارتىپ تاكى مەزمۇن سىغداشتىكى ئۆزگىچە خاس شېئىرىي شەكىللەرگە يۈرۈش قىلىشقىچە ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىشنىڭ قىممەتلىك سەمەرىسىدۇر. غۇجىمۇھەممەد مۇھەممەد - ئۇيغۇر يېڭى دەۋر شېئىرىيتىمىزدىكى سىرلىق رىۋايەتتەك يىراق قۇملار ئارىسىدىن ئۆكسۈپ چىقىۋاتقان مەشرەپ روھىنىڭ كۆلەڭگىسى. ئۇنىڭ شېئىر بىلەن باشلىنىپ، شېئىر بىلەن جەريانلىنىۋاتقان ھاياتى مەشرەپنىڭ پۈتمەس غەزەللىرىدەك ئاخىرلاشماس بىر كۈي. ئۇنىڭ تەكلىماكاننىڭ جىمجىت قۇم بارخانلىرىدەك تەنھا ۋە مەردانە خاراكتېرىگە يېزىپ تۈگەتكۈسىزى شېئىرلار كۆمۈلگەن. خۇددى تەكلىماكاندا تويۇقسىز چىققان دەھشەتلىك بوران بىر كېچىدىلا باغرىغا نەچچە مىڭ ئەسىردىن بۇيان سىر بولۇپ كۆمۈلگەن قەدىمى قەلئەلەرنى يەر ئۈستىگە ئايان قىلىۋەتكىنىدەك، ئۇنىڭ قىسمەن شېئىرلىرى ئۇنىڭ قەلب بورانلىرىدا مۆجىزىدەك چوڭقۇر ھاياتلىك ھېكمەتلىرىنى، مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرىنى، يىلتىز روھىنى، روھنىڭ چۇقانىنى قەغەز يۈزىدە ئاپىرىدە قىلىپ، شېئىر بىلەن پۈتۈلگەن ئۇيغۇرنىڭ ئەل ئېھرامىنى تىكلەپ چىقىدۇ. بۇنداق شېئىرلىرىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىۋاتقان ئەركەكلەرنى، ئىسەدەۋاتقان ئايالنى، غېرىب كۈلبىنى، كوچىغا چىقىپ كەتكەن شەھەرنى، ئۆزىدىن چىقىپ قۇش بولۇپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان سەبىيلەرنى كۆرەلەيمىز. ئوقۇرمەنلەر تۇيغۇسى چوڭقۇرلۇققا پېتىپ قالغان شۇ دەقىقىدە شائىر يەنە تولىمۇ يەڭگىل تىل، گۈزەل بىر تۇيغۇ بىلەن بىزگە يېقىنلاپ كېلىپ خاسلىقىغا قايتىپ، ئايال ۋە ئۆلۈمگە بولغان ئۆچمەس كۈيلىرىدە دۇتاردىن ئىبارەت سېمۋۇللۇق مۇزىكىنىڭ مۇڭلىرىدىن ئوقچۇۋاتقان ئاۋازنى شېئىرنىڭ ئەسلى مەرغۇلىغا ئېرىشتۈرىدۇ.

ئابدۇرېشىت ئېلى:

1973- يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1996- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خوتەن ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپىدىكى تىل-ئەدەبىيات سىنىپىدا ئوقۇغان. ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1992- يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر يۈرۈش شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان. «شېئىر بىر كېسەلدۇر ماڭا چاپلاشقان»، «ئىلاھى دەرەخ»، «مۇنچا ۋە باشقىلار»، «بۈگۈنكى زامان ئادىمى»، «چېچەك پەسلى» قاتارلىق شېئىرلىرى خەنزۇ تىلىغا؛ «ئىچىمدىكى قەشقەر»، «ئۆلۈم» قاتارلىق بەش پارچە شېئىرى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. 50 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى «قەشقەردىكى يەر شارى»، «سالغا تېشى» (خەنزۇچە كىتاب)، «يۇرۇڭقاش ئۈنچىلىرى»... قاتارلىق بىرلەشمە توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. 2007-يىلى قازاقىستاندا چىقىدىغان «مەرىپەت» ناملىق سىلاۋيانچە گېزىتتە 10 نەچچە پارچە شېئىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

ئۇ شېئىرلىرىدا زامانىمىز ياشلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى، غېرىبلىقىنى، تاسادىبىي تەقدىرچىلىكىنى، ئۈمىدسىزلىكىنى، باتۇر ۋە تەۋەككۈلچىلىكىنى «شېئىر بىر كېسەلدۇر ماڭا چاپلاشقان» دەپ جار سېلىپ ئۆزگىچە تىل خارەكتېرى ياراتقان شائىر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا مەجازى ۋاسىتىلەر ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىگە ئالمىشىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئايرىم مىسرالىرىدا رەقەملىشىدۇ ۋە شۇ مىسراسىدا كىشىلىك دۇنيانىڭ دەقىقىلىك ئۆزگىرىشلىرىنى بىر سۆز بىلەن جىممىدە ئاياقلاشتۇرۇشقا مايىل بولۇپ، ئادەم ئۆزى سىڭىشىپ ياشاۋاتقان تەبىئەتكە قايسى يوسۇندا يۈزلىنىش كېرەكلىكىنى نامايەن قىلىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ۋاقىت ئۇقۇمى كىشىنى دائىم تەمتىرىتىپ قويىدۇ. «دېرىزە ۋە كېچە ياكى بىر ئايال» بۇ شېئىردىمۇ ماۋزۇنىڭ ئۆزىدىلا سۆزلەپ تۇرغان ئۈچ ئىماگ بىزنى تۇيدۇرمايلا شېئىر ئىچىگە باشلاپ كىرسە، ماۋزۇنىڭ ئۆزىلا بىزنى تەشۋىش ئىچىدە ئۈنسىز پىكىر قىلىشقا ئۈندەيدۇ.

«سائەت تۆتتىن كېيىن» ناملىق شېئىردا بىر دەۋر ياشلىرىنىڭ رېئال تۇرمۇشى، ئىستېتىك دۇنيا قارىشى، پەرزەنت غېمى، ۋاقىت ئاراشلىرىدىكى ئېسەنكىرەشلىرى ئاجايىپ گۈزەل تىل بىلەن جانلىق سۈرەتلەنگەن.


................................

ھېيتگاھ ئۆيۈمدىكى مىڭ يىللىق كىتابقا ئوخشايتتى

تۇپىسىنى قېقىۋېتىپ بىرىنچى بەتنى ئاچتىم.

بىرىنچى بەت ئاق ئىدى

تۇيۇقسىز تۇپا يېغىپ كەتتى ئىككىنچى بەتتە.

ئاغىينەم: «بولدى قىل، ئوقۇمايلى» دېدى

ئاندىن بىز سۈرەتكە چۈشتۇق

ئاندىن بىز كوچىلارنى ئايلاندۇق

ئاياللار ياكى دۇغ ساتقۇچىلار

تار كوچىلار ياكى خىياللار

كۆز ئالدىمدا بىر قاراڭغۇلۇق.

........................

تېشىمدا ئاپتاپ

ئۇسسايمەن تەكلىماكاندەك

يەنە مىڭ يىلدىن كېيىن مەن يوق

يەنە مىڭ يىلدىن كېيىنكى بۇ يەكشەنبىدە

ھېچكىشىگە تەگمەس بىر پاي ئوق.

شائىر «ئىچىمدىكى قەشقەر» دېگەن بۇ شېئىرىدا بىر مىللەتنىڭ ئۇزۇن تارىخىنى، قەدىمىي مەدەنىيىتىنى، مىللىي ئەنئەنىسىنى سېھىرلىك ئىشىك، سىرلىق بىر قەلئە دەپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. ھەمدە بىزگە بەكمۇ تونۇش، لېكىن ئانچە دىققەت نەزەرىمىزدە يوق گۈزەل سېمۋۇللار ئارقىلىق تەسەۋۋۇر بوشلۇقىنى تۇيغۇ ئالىمىنىڭ ئەڭ سۈزۈك دەقىقىلىرى بىلەن قاناتلاندۇرۇپ، ھەربىر ئىنساننىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ھەقدارلىق مەجبۇرىيىتى بىلەن تويۇندۇرىدۇ. شېئىردىكى لېرىك شەخس يەنە، قەشقەرنىڭ قەدىمىي كوچىلىرىدا كېتىۋېتىپ ئۇسسايدۇ، ئۇسساپ تۇرۇپ سۇنى ئەمەس تەكلىماكاننى سېغىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق شائىر ئۆزلۈكىدىن يەنە بىر بالداق ھالقىپ چىقىپ دادىللىق بىلەن تارىخىنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدۇ ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۇيغۇسىنى تولىمۇ يەڭگىل قەدەملەر بىلەن بۇ ئىشىكتىن باشلاپ كىرىدۇ.

شائىرنىڭ «36-ناخشا» ناملىق شېئىرىنى يېقىنقى مەزگىللىك ئىجادىيىتىنىڭ پەللىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ، چۈنكى شائىر بۇ شېئىردا ئۆزىنى گەۋدە قىلغان ھالدا بىر ئىنساننىڭ شۇ ياشقىچە بولغان ھاياتلىك جەريانىنى، مۇھەببەتلىك كەچمىشلىرىنى، تۇرمۇش تراگېدىيىلىرىنى، تەغدىر قىسمەتلىرىنى تولىمۇ جانلىق تەسەۋۋۇر، گۈزەل تىل، يۆتكىلىشچان تۇيغۇ مۇھىتى ئىچىدە خۇلاسىلەپ ئىنسان ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنى چۈشەنگەندە ۋە ئۆزىنى ئۆزگىچىلىككە چۈشەندۈرەلىگەندە، ئاندىن ئىشەنچ بىلەن كۈلۈپ ياشىيالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھېكمەتلىك يەكۈننى ئوتتۇرغا قويىدۇ.

شائىر يەنە «ئۆلۈم» دېگەن شېئىرىدا يوقلۇق، يامغۇر، خەت، ئوق... دېگەندەك بىر-بىرىگە تولىمۇ يىراق ئىماگلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ھايات-ماماتلىق بوسۇغىسىدا يوقلۇق بىلەن مەۋجۇدلۇقنىڭ دەقىقە ئىچىدىكى ئۆتۈشچانلىقىنى شېئىرىي مۇھىت ئىچىگە قويۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۇيغۇسىنى قايغۇ ئىچىدە چوڭقۇر تەپەككۈرگە يېتەكلەيدۇ. دېمەك، مەۋجۇدلۇق بار ئىكەن ئۇنى ئوراپ تۇرغان يوقلۇق ھەم بار. شائىرنىڭ ئىخچام شېئىرلىرىدا يورۇتۇلغان مۇشۇنداق شېئىرىي قىممەتلەرمۇ ئاز ئەمەس.

مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى:

1974-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى قەشقەر يېڭىسار ناھىيەدە تۇغۇلغان.دەسلەپ قەشقەر مالىيە – سودا مەكتىۋىدە، كېيىن شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپى بويىچە ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا يەنى 1992-يىلى «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «تۈندىكى چاقىرىق» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭ 10 نەچچە پارچە شېئىرى «كۆكنۇر ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «چولپان ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ۋە ھەرخىل يەرلىك ژورناللار ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. «تەڭرىتاغ»، «كروران» ژۇرناللىرىدا مەخسۇس تونۇشتۇرۇلۇپ ئىجادىيتىگە يۇقىرى باھا بېرىلگەن. ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

شائىر مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچىنىڭ شېئىرلىرىدا مەغرۇر بىر ئىستەك چاقناپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىيلىق ئۇستىلىق بىلەن گىرەلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، تىل، ھېسسىيات ۋە تەپەككۇرنىڭ مۇناسىۋەتلىرى تولىمۇ گۈزەل بىر پەللىدە سىڭىشىپ كەتكەن. شائىرنىڭ بەزى شېئىرلىرىدا تاللىۋالغان شېئىرىي ئىماگلارنىڭ مىسرالاردىكى ئالمىشىش رېتىمى بەكمۇ تېز بولۇپ، ئوقۇرمەندىن ئاشۇ تېزلىككە ماس ھالدىكى تەپەككۇر تېزلىكى بولۇشنى، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان تۇيغۇ سۈزۈكلىكىگە سەزگۈر بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇندىلا ئوقۇرمەن مىسرالارغا ئەگەشكىنىچە ئۆزىدىن چىقىپ شائىرنىڭ تۇيغۇلىرى بىلەن سىردىشالايدۇ. ئۇنىڭ قەلىمدىن سىرغىۋاتقان ھېسسىي دۇنيا ئوقۇرمەننىڭ ئىستېتىك تەلىپىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئۆزىمۇ تۇيمىغۇدەك دەرىجىدە رېئاللىقنىڭ قاتلىرىغا چۆكتۈرۈپ، ئۆز قەلبىنى ئاختۇرۇپ بېقىشقا ئىتتىرىدۇ. ئۇنىڭ «ئىلى دەرياسى»دا ئېلان قىلىنغان «يالماۋۇز غارى» ناملىق شېئىرىنى يېقىنقى ئىجادىيەتلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. شائىر بۇ شېئىرىدا ئۆزىدىن ھالقىغان سۈزۈك تۇيغۇلىرىنى مەسئۇلىيەت بىلەن مۇھەببەتنىڭ بىرىكىشىدە تاللىغان بولسا، ئوپال، مەھمۇت قەشقەرى، ھاي-ھاي تېرەك، غار، ۋاقىت، يوپۇرماق ... قاتارلىق ئىسسىق ئىماگلار ئارقىلىق ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر بوشلۇقىغا قويۇپ تۇرۇپ روھىيىتىمىزدىكى تارىخ، مەدەنىيەت، ئەنئەنىلەرنىڭ بۈگۈننىڭ كۆزىدىكى كۆپ قاتلاملىق تىندۇرمىسىدىن مىڭ يىللىق تارىخ، مىڭ يىللىق كەچمىش، مىڭ يىللىق مەدەنىيەتنىڭ خۇددى ئالىقىنىمىزدىكى گۈھەردەك چاقناپ تۇرغان جانلىق كارتېنىسىنى كۆز ئۆڭىمىزدە ئايان قىلىدۇ. ئۇ يەنە بىر قەدەم ئىچكىرىلەپ روھىيەت غارىنىڭ چوڭقۇرلىقىدىن كەچمىشلەر جەريانىدىكى مەۋجۇدلىقىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئەبەدىيلىك قىممەتلىرىمىزنى شېئىرىي تىل بىلەن بېزەپ، ئىزگۈ چوڭقۇرلىقىدىن قېزىپ چىقىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئاشۇ قىممەتلىرىمىزنى قاتلاملارغا ئايرىپ ئۆزىمىزنى، ئۆزلۈكىمىزنى تەل-تۆكۈس مۇكەممەللىكتە رېئاللاشتۇرۇشقا باشلايدۇ.

.........................
ئاﺕ

ﭼﯧﭙﯩﭗ ئۆﺗﻪﺭ ﺭېئاﻟﻠﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻦ

ﻛﯚﻛﺮﯨﻜﯩﻤﺪﻩ ﻫﻪﺳﺮﻩﺕ ﺗﻮﺯﻏﯘﺗﯘﭖ.

ﭼﯧﭙﯩﭗ ئۆﺗﻪﺭ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ

ﺑﯩﺮ ئەﺳﻪﺑﻰ ئاﺭﻣﺎﻥ ئويغىتىپ.

ﻛﯩﺸﯩﻨﻪﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭﻳﯜﺭﻩﻙﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ

ﭼﻪﯞﻩﻧﺪﺍﺯﻻﺭ ئۆﻟﮕﻪﻥسەھەردە.



ﭼﻪﯞﻩﻧﺪﺍﺯﻻﺭ ئۆﻟﮕﻪﻥ

ئاﺗﻼﺭ ﻳﯜﮔﻪﻧﺴﯩﺰ.

ﺗﺎﺵ ﺗﺎﻣﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﻗﯩﻤﻪﻥ

ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻧﻼﺭﻏﺎ

ﺷﯩﻠﺪﯨﺮﻻﻳﻤﻪﻥ...ﺳﯘﺳﯩﺰ ئاﻗﯩﻤﻪﻥ.



.......................
ﻣﻪﻥ

ﺑﯩﺮ ئاﺕ ﻛﯚﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ئوﻳﻼﻳﻤﻪﻥ

ئاﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ

ئەسەبىي ئۈﻣﯜﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ

ﺷﻪﻫﯟﺍﻧﻰ ﺳﯜﻛﯜﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ

ﻗﻪلب ﭼﯚﻟﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﭼﯧﭽﯩﯟﯨﺘﯩﭗ

ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ

ﺋﯩﺸﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯘﻟﯘﭖ ﺳﯧﻠﯩﯟﯨﺘﯩﭗ

ﭼﯜﺷﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺷﯘ ﻳﺎﯞﺍ ئاتنى

ﻛﯚﻧﺪﯛﺭﺳﻪﻡ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ....

شائىر يۇقىرىقى «ئات كۆندۈرگۈچى» دېگەن شېئىرىدا چۈش بىلەن رېئاللىق گىرەلىشىپ كەتكەن ئۆزگىچە بىر تۇيغۇ ئالىمىنى يارىتىپ «مەن»نىڭ تىلىدىن ئاۋازلاشتۇرۇپ، ھەربىر مىسرادا بىر دۇنيا بولۇپ ئايان بولۇۋاتقان ئۆزلۈك ئالىمىنى تەپەككۇرىمىزگە تاشلايدۇ. «ئات» تىن ئىبارەت بۇ ئىماگقا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان سەلتەنەتلىك كەچمىشلىرىمىزنىڭ ئەسلى رەڭگى قەلبلەردە ھەسەن-ھۈسەندەك جۇلالانسا، تارىخنىڭ مەغرۇر، غالىپ، شەۋكەتلىك، سۈرەن-چاپقۇنلۇق يىلنامىلىرى چىلانرەڭ تۇپراقتىن ئاستا-ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىقىدۇ. بۇ چاغدا شائىر تۇيغۇسى بىر چاپقۇر ياۋا ئاتقا ئايلىنىپ، قەلب باياۋانىمىزدا چېپىپ ئۆزىدىن چىقىپ كەتسە، بىر ئەسەبىي قارام ئات كۆندۈرگۈچىگە ئايلىنىپ، كۆندۈرۈلگەن ئاق ئاتنى مىنپ زېمىن باغرىدا قىزىل يىلتىز تارتقان سۇلماس باھادىرغا ئايلىنىدۇ. شېئىر يۇقىرى ئەۋجىدە بىردىنلا ئۆز قىنىغا چۈشكەندە بولسا، شائىر رېئاللىققا قايتىپ، ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىنى نەپەس ۋە قەدەمنىڭ، دىل ۋە تىلنىڭ ئازغۇنلىقىدىن ساقلاپ چىن ئىنسانىيلىققا كۆندۈرمەككە ئۈندەيدۇ.

شائىرنىڭ يەنە «خوتەندە قالغان تۆت ناخشا» ناملىق بارماق ۋەزىندە يېزىلغان يۈرۈشلۈك شېئىرلىرى ئاجايىپ ماھارەت بىلەن سۈلكەتلىك تىل مۇھىتىغا قويۇلۇپ، ھەممىمىزنىڭ مۇھەببەتلىك دۇنيايىمىزنى چايقاش بىلەن بىرگە، ئوۋچى شېئىرىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئايان قىلىشتەك قوش ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن. يەنە ئۇنىڭ «سۆيگۈ قۇللىرى»، «قايغۇ سەن نېمە» قاتارلىق ئەركىن شەكىلدە يېزىلغان شېئىرلىرى ئاشىقانە سەۋدالىق تۇيغۇلىرىنى ئەقىل ۋە ھېسسىيات يۈكسەكلىكىدە ماھارەتلىك خاتىرلىگەن بولسا؛ «دىلمۇرات»، «تەنھالىق دالاسى»قاتارلىق شېئىرلىرى كىشى قەلبىدىكى پىنھانلىقتىن ھالقىغان رېئاللىقنىڭ بەدىئى شەكىلدە ئوبرازلىشىشى بولۇپ، ئېستېتىكا نۇقتىسىدىن شېئىردىكى «مەن» بىلەن شائىر دائىم ئالمىشىپ، ئوقۇرمەننى سۆزلەردىكى ھېسسىي ۋەقەلىككە باشلاپ كىرىدۇ.

شائىرنىڭ «تەنھالىق دالاسى» ناملىق داستانىدىكى مىسرالارنى ئوقۇغىنىمىزدا ھېسسىيلىقتىن كۆرە شەخىسنىڭ ھايات ھەقىقەتلىرىگە چۆكۈشىدىكى پەلسەپىۋىلىك قاراشلىرى چوڭقۇر بولۇپ، ئاشۇ چوڭقۇرلۇق ئىچىدە شېئىرىي مۇھىتتىن ئاستا-ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، ھاياتىمىزدىكى بارلىق ئازابلارنىڭ تەنھالىقىمىزغا قاراپ يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىمىز. قىسقىسى، ئوۋچى شېئىرلىرىدا باشتىن-ئاخىر ئادەم بىلەن ئۈمىد، ئادەم بىلەن شەيئى، ئادەم بىلەن تۇيغۇ گۈزەل بىر دەقىقە ئىچىدە شېئىرىي مۇھىت ئىچىگە سىغدىلىپ كىرىپ، رېئاللىق بىلەن ھېسسىي دۇنيارىمىز ئارىسىدا توزۇۋاتقان ئىستەكلىرىمىزنىڭ يورۇق يۈزى بىلەن قەلب قاراڭغۇلىقىمىزدىكى پىنھانلىقنىڭ چۇقانىنى بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە ئۇچراشتۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەپەككۇر بوشلىقى بىلەن تۇيغۇ ئالىمىنى بىرلا ۋاقىتتا «ۋاقىت، تەن ۋە ئەسلىمە» ئىچىدە ئۆزىگە قايتۇرىدۇ.

شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا بىر خىل سېھرى كۈچ بار. بۇ كۈچ ئالدى بىلەن شېئىرىي تۇيغۇلارنىڭ چىنلىقىدا ئىپادىلەنسە، يەنە بىر جەھەتتىن شېئىرىي تىلنىڭ پاساھىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ مەيلى ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى شېئىرلىرىدا بولسۇن ياكى يېڭىچە شەكىلدىكى شېئىرلىرىدا بولسۇن تىلنىڭ گۈزەللىكى، سۆزنىڭ رەڭدارلىقى، تەكرارلىقتىن خالى ۋايىغا يەتكەن تىل خاسلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا، شائىرنىڭ شېئىرىيەتتىكى پەللىسىنى يېڭىچە شېئىرلىرىدىن كۆرۈش بىلەن بىرگە ئۇدا ئىزچىللىقنى ساقلاپ يېزىلىپ كېلىۋاتقان غەزەللىرىدىنمۇ كۆرەلەيمىز. چۈنكى، ئۇ ئۆز شېئىرىيىدە يېڭىچە تىل بالاغىتىگە يۈزلىنىش مۈمكىنچىلىكىدە، غەزەل يېزىش ئىزچىللىقنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇ ئۇستاز نەۋايىنىڭ غەزەل بىلەن تۈگۈلۈپ، غەزەل بىلەن ئېچىلىپ، قەلب سىرلىرىنى غەزەلگە تۆكۈپ، غەزەل بىلەن سىردىشىپ ئۆتكەن ھايات مۇساپىسىنىڭ ئۆزىنى فانىيلىق سىرلىرىغا يېتىشتىكى تۈگىمەس بىر غەزەل دەپ بىلگىنىدەك، ئوۋچى ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن ھايات ئىشقىنى غەزەل بىلەن ئىپادىلەشنى چوڭقۇر مۇھەببەت دەپ بىلدى. چۈنكى ئۇ ھەربىر پارچە غەزەللىرىدە ئۆزىنىڭ يېڭى بىر تۇغۇمىنى ئايان قىلىشنى ئىستەيدۇ. تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ غەزەللىرىگە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى:


ﻛﻪﻝ، ﻳﯩﻼﻧﺪﻩﻙ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯘﻣﺒﯘﻟﻰﺭﻩﻳﮭﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎﻕ،

ﻛﻪﻝ، ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﺋﯚﺭﺗﯩﮕﻪﻥ ﺑﯘﻳﺎﭘﻴﯧﺸﯩﻞ ﮔﯜﻟﺨﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎﻕ.



ﺟﯩﻠﯟﯨﮕﻪﺭ ﻧﺎﺯﻟﻰ ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﻪﺭ ﺷﯩﺮﻛﻪﻳﯩﭗﺋﺎﭼﺴﺎ ﻗﻮﻳﯘﻥ،

ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﮬﯘ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﺑﯘ ﻧﺎﺯﯨﻨﯩﻦﺟﺎﻧﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎﻕ.



ﺳﻪﻟﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﻛﻠﻪﻡ ﮬﺎﯞﺍﻧﯩﯔ ﺧﯘش ﭘﯘﺭﺍﻳﺪﯗ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ،

ﻣﻪﺳﺖ ﮬﺎﯞﺍﺩﺍ ﻟﻪﺭﺯﻩ ﻗﯩپ پەر سىلكىگەن ﺟﻪﯞﻻﻧﻐﺎ ﺑﺎﻕ.



ﻗﺎﺗﻤﯘ-ﻗﺎﺕﺑﻪﺭﮔﯩﻦ ﻳﯧﻴﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻟﻼ ﺑﻮﻟﺪﻯﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻕ،
ﺷﻪﯞﻗﯩﺪﻩ ﮔﯜﺭ-ﮔﯜﺭ ﻛﯚﻳﻪﺭدۇر، ﺋﺎﺗﻪﺷﻰ ﺧﯘﻣﺪﺍﻧﻐﺎ ﺑﺎﻕ.




ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰﺳﯚﻳﮕﯜ ﻗﯩﻴﺎﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻟﯧﯟﯨﻤﺪﻩ ﺑﯩﺮﻛﯧﭽﻪ،
ﻛﯚﻛﺴﯜﻣﻪ ﺋﯜﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﺷﯘ ﮔﯜﻟلەرگە ﺑﺎﻕ، ﮔﯜﻟﺪﺍﻧﻐﺎ ﺑﺎﻕ.




ﺩﺍﺗﻠﯩﺸﯩﭗﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﭼﯧﻘﯩﻨﻼﺭ ﺋﻮيغىنار ﺭﻭﮬﻣﻪﯞﺟﯩﺪﯨﻦ،
ﭼﯧﻘﯩﻼﺭ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻛﯩﺸﻪﻧﻠﻪﺭ، ﺳﻪﻧﺪﻩﻟﯘ-ﺑﺎﺯﻏﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎﻕ.




ﺟﯩﻠﯟﯨﮕﻪﺭﺧﯘﻟﻘﯘﯕﻐﺎ ﻣﻪﺳﺖ ﭘﯜﺗﺘﯜﻡ ﻟﯧﯟﯨﯖﮕﻪ سەترىلەر،
ﺑﻪﮬﺮﯨﺪﻩ ﺗﺎﻏﻼﺭ ﻛﻪيپتۇر، ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﻕ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎﻕ...



ئاسىمجان ئوبولقاسىم:

1976-ﻳﯩﻞ 12- ﯪﻳﻨﯩﯔ 16- ﻛﯜﻧﻰﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮى قارىۋاي مەھەللىسىدە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. 1996- يىلى ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۇنىۋېرسىتېتى ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻐﺎﻗﻮﺑﯘﻝﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. 1999- ﻳﯩﻠﻰ ﯮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ «ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ» ژۇرنىلى ﯰﻳﻐﯘﺭ تەھرىر ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﯰ 1992- ﻳﯩﻠﻰ «ﺋﯩﻠﻰ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»ﺩﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ «ﯲﺯﯛﻡ ﯮﻳﻐﯩﻨﺎﻱ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ھﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺗﺒﯘﯪﺗﻼﺭﺩﺍ 300 ﭘﺎﺭﭼﯩگە يېقىن ﺷﯧﺌﯩﺮ-ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ، «شائىرلىق ئەركىنلىكى قايەرگىچە» قاتارلىق 50 ﭘﺎﺭﭼﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ تارىخ ﯞﻩ ﯬﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﯪﺋﯩﺖ ماقالىلىرى ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. 20 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە خەنزۇ ئوبزۇرچىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن. قازاقىستاندا چىقىدىغان ئۇيغۇرچە «مەرىپەت» ژۇرنىلىدا بىرتۈركۈم شېئىرلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلۇپ، شېئىرلىرى ۋە ئىجادىي ھاياتىغا يۇقىرى باھا بېرىلگەن. «كەشتە يوپۇرماق» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. ئۇ ھازىر جۇڭگو ئاز-سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە ﺷﯩﻨﺠﺎﯓﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ جەمئىيىتى ﯬﺯﺍﺳﻰ.

ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۇزاق دەۋرلەردىن بىرى ئۆز-ئۆزىنى تىڭشاپ ياتقان تاغلارنىڭ ۋەزمىن ئۇھسىنىشىدەك تەمكىنلىك بىلەن؛ ئىلى باغرىغا مۇھەببەت بېرىپ تېنىمسىز يېغىۋاتقان سىم-سىم يامغۇردەك مېھىرلىك قەدەملىرى بىلەن؛ پىنھان تاغ ئارشاڭلىرىدىكى ئوخچۇپ چىقىۋاتقان مۆجىزىلىك بۇلاقلاردەك يېنىك بىر نەپەس بىلەن قەلبلەرگە سىڭىپ كىرگەندە ئوقۇرمەنلەر ئاسىمجان ئوبۇلقاسىمنىڭ خاس ئاۋازىنى تونىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى قەلبلەرگە شۇڭغىغان ئاۋاز، دىللاردىن چىققان ساداغا ئايلاندى. خۇددى تاغدىن چۈشكەن ياۋا ئاتلارنىڭ يايلاققا كىرگەندە ئوت چاچرىتىپ چېپىپ كېتىۋاتقاندىكى ئۇچقۇر تۇياقلىرىدىن چىققان ھەيۋەتلىك سادالاردەك ئۆزگىچە بىر ئاھاڭ بولۇپ ياڭرىدى. بۇ ئاۋازلارنىڭ ھەربىر ئۇدارىدىن، ھەربىر نەپەسلىرىدىن «كۈن تۇغدى»نىڭ قات-قاتلىرىغا سىڭىپ كەتكەن كۈن، تۇغۇم، ئېتىقاد، پەرىشتە، تەڭرى، نەۋرۇز، شائىرنىڭ ۋاقتى... قاتارلىق ئۆزگىچە ئىماگلار كۈندىن باشلاپ كۈندە توختاپ ئوقۇرمەنلەرنى بىر كۈن ۋە بىر پۈتۈن ھاياتى ھەققىدە ئويلىنىشقا يېتەكلىدى. شائىرنىڭ رىۋايەت بىلەن رېئاللىق، مەدەنىيەت بىلەن مەۋجۇدلۇق ئارىسىدا قىسىلغان، چىڭقالغان تۇيغۇلىرى شائىرنىڭ تۇغۇمى بىلەن تەڭ پارتلىغان. ئاشۇ پارتلاشتا ئۆزىدىن چىقىپ كەتكەن شائىر بىر ئۆمۈرگە تەڭ بىر كۈننى ياشاپ ئۆزىگە قايتقاندا بولسا روھىيىتىمىزدىكى خاسلىق، ئۆزلۈك تىندۇرمىلىرى «ئوبۇلقاسىمنىڭ يەرلىرى»دە بىخ بولۇپ يىلتىز تارتىدۇ. «ئېتىز» بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن يەر، كۈن، سۇ... بىزگە يەنە دەرھاللا «سۇ تالىشىش»نى ئەسلىتىدۇ. يەر ئەرنىڭ جېنى، سۇ يەرنىڭ قېنى، مەدەنىيەت مىللەتنىڭ يىلتىزى، ئېتىقاد روھنىڭ ھۇلى... مانا بۇ پەلسەپىۋى ھېكمەتلەر ئۇنىڭ شېئىرىدا تاغ گۈللىرىدەك چېچەك ئاچىدۇ.

ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم ياش شائىرلار ئىچىدىكى تۇيغۇ، تەپەككۇر ۋە رېئاللىقنى ناھايىتى ئەمەلىي بىرلەشتۈرۈپ، خاسلىققا ئىگە تېما ۋە بەدىئىي ئوبرازلارنى شېئىر ئىچىگە سىغدۇرغان شائىرلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى كۈزەتكۈچىنىڭ تىلى ناھايىتى يېقىملىق ۋە كونكرېتلىققا ئىگە بولۇپ، باشتىن ئاخىر خەلقنىڭ تەقدىرىنى، دۇنيا قارىشىنى، ئانا يۇرتتىكى كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى يارقىن مىسرالىرىدا ئاددىي تىل مۇھىتىدا سۆزلەپ بېرىدۇ. ئارتۇقچە رەڭلەردىن خالىي بولغان تىل باياۋىنىدا، شائىر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن، قۇچاقلاشقان ئادەملەرنىڭ ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىزتىراپلىرىنىلا ئەمەس، مېھىر بىلەن ئاياق باسقان تۇپراق ۋە ھەربىر نەپەسلىرىنىمۇ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يۇغۇرۇپ، ئۆزگىچە شېئىرىي مۇھىت يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇنىڭ «بىر شاماننىڭ ھېكايىسى»، «ماخمۇت يولۋاسنىڭ ھويلىسى»، «بېھىشتىكى پەرۋاز»، «ئۆز- ئۆزىگە سۆزلەش» قاتارلىق شېئىرىلىرىدىكى كەيپىيات ۋە مۇڭ ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىنى تىڭشاشقا، ئۆزىنى تەكرار ھېس قىلىپ تۇرۇشقا ئۈندىسە، «پالۋان ئاتا»ناملىق شېئىرىدا سادىر پالۋاننىڭ باتۇر ۋە ئۆلمەس روھى غەليانلىرىنى ئۆزگىچە تىل، ئويناق كەيپىيات ۋە باغلانما تەسەۋۋۇر دۇنياسىدا جۇلالاندۇرىدۇ.

شائىر يەنە «ئىشقىم»، «يالغۇزلۇقۇم ئېسە قىلغاندا» قاتارلىق شېئىرلىرىدا ئەڭ گۈزەل مۇھەببەت لىرىكىسى بىلەن مۇھەببەتسىز ھاياتنىڭ مەنىسىزلىكىنى ئىخچام شېئىرىي مۇھىتتا جانلاندۇرىدۇ. «كۈن تۇغدى» داستانىدىكى يېيىلغان ئىزگۈلۈك، ئادەم ھاياتىدىكى يارىتىش ۋە يوقىتىشتەك بىر كۈنلۈك ھايات ھەقىقەتلىرى بىزنى ھەردەم ئويلىنىشقا يېتەكلەيدۇ. ئۇنداقتا بۇ داستاننىڭ مىسرالىرىغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى.



قايدىن كەلدۇق بىلمەيمىز ھازىر

مەنزىلىمىز قايان؟

ھەتتا بۇمۇ سىر



ئاڭلىدۇق،

كۆردۇق

بىلدۇق جىملىقتا

شۇ جىملىققا چۈشتى بۇ مىسرا



ئاۋۇللار يىغلايدۇ

يايلاقلىرىم دەپ

يايلاقلار يىغلايدۇ

يىلقىلىرىم دەپ

دەريالار ئۆلۈم ئىستەيدۇ، يېتەلمەيدۇ.

دېھقىنىم دەپ يىغلار قوڭۇر يەر

كۆچ-كۆچ دەيدۇ كېتەلمەيدۇ...

.............................

قەيسەر تۇرسۇن:

قەيسەر تۇرسۇن 1972 - يىل 2 - ئاينىڭ 11-كۈنى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. 1991 - يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1996-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن بۇيان «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» ئىدارىسىدە مۇھەررىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.

1994 - يىللىرىدىن باشلاپ ياشلار ئارىسىدا خاسلىقى بىلەن شېئىرىيەتتە پارلاپ چىققان ياش شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان. ئۇ ئۆزىنىڭ كەمسۆز، چىقىشقاق كىشىلىك پەزىلىتى، شېئىرغا بولغان ساپ مېھرى ۋە شېئىردا ياراتقان ئېستېتىكا، قۇرۇلما جەھەتتىكى خاسلىقى بىلەن دەۋرداشلىرىدىن كەسكىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ شائىرنىڭ شېئىرىيەت دۇنياسى ئۆزگىچە مۇھىتتا، ئۆزگىچە شەكىل ۋە تىل سەنئىتى بىلەن ئوقۇرمەننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئوقۇپ بېرىدۇ. ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىش ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى غەليانلىرى، تۇيغۇ ھەرىكىتى «يامغۇرنىڭ سۈيى» دە رېئاللىقتىكى مەۋجۇد كۆرۈنۈشلەرنىڭ ماھىيىتىگە كۆچۈرۈلۈپ، تەكلىماكان كىشىلىرىنىڭ روھىي مۇھتاجلىقلىرى «بىر ئادەمنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى» دا ئېچىپ بېرىلگەن. كىشىلەرنىڭ «كوچا ئاپتوبۇسىدا ئۇخلاپ قېلىش» تەك چىن تۇيغۇ سۈزۈكلىكى بىلەن ئىجتىمائىيىلىقتىكى ئېچىرقاشلىرى ئاشكارىلانغان. «سىم–سىم يامغۇر مەن بارمۇ يوق ئېسىڭدە» ناملىق شېئىرىدىكى ھېسسىيات تەسۋىرى بىلەن «ئاللا خالىدەم» دىكى ئاددىي ئاۋام ئىچىدىكى بۈيۈك قەھرىمانلىقنى رىۋايەتلىك تۈستە تۇيغۇمىزغا باشلاپ كىرىدۇ. ئۇ ئۆز شېئىرىيتىدە ئالىي مەكتەپ ھاياتى، مۇھەببەتلىك كەچمىشتىن تارتىپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى رېئال ئىجتىمائى، تارىخىي تېمىلاردا ئاجايىپ ئېسىل لېرىكىلارنى يېزىپ، ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ شائىرغا ئايلانغان. بۇنداق بولۇشىدا ئۇنىڭ شېئىرىيەت چۈشەنچىلىرى ۋە نەزەرىيەلىرىگە پۇختا بولۇشىدىن تاشقىرى، شېئىردا بولۇشقا تېگىشلىك ئامىللارنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى ھەمدە ئۇلارنى ئۆز شېئىرىيىتىدە يۈكسەك دەرىجىدىكى ماھارەت بىلەن تەجرىبە قىلغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. بۇ خىل ئىزچىل ئىجادىيىلىق ئۇنىڭ قەدەمنى پەلەمپەيسىمان ئېلىپ ماڭغانلىقىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىر شېئىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر پەللە بولۇپ كەلدى. ئۇ دەۋرىيلىنىدىغان دەۋر ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىنى «ئوقۇش پۈتتۈرۈش» ناملىق شېئىرىدا جانلىق سۈرەتلىگەن بولسا؛ رېئال ياشاپ، ئۆزلىرىنى قوينىغا ئالغان ئاۋامنىڭ قەلب تارىلىرىنى چەككەن ئۇنتۇلماس سېمالارنى «ئاللا خالىدەم» ناملىق شېئىرىدا فولكلۇرغا مۇراجىئەت قىلىش بىلەن سىڭىشتۈرۈپ ۋايىغا يەتكۈزگەن. ئۇ يەنە دۇنيا سەھنىسىدە پۇت تېرەپ تۇرىۋاتقان مىللىي ئىندىكىسنى شەخىسلەشتۈرۈشتىن كوللېكتىپ ئاڭغا كۆتۈرۈشتىكى نازۇك ئۆتۈشمىنى «تۈگمەن تېشى» ناملىق شېئىرىلىرىدا ئاجايىپ يۇقىرى ماھارەت، چىن تۇيغۇ ئىچىدە روياپقا چىقىرىش بىلەن بىرگە ئەنئەنىۋى شەكىللەردىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى يېڭىلاشقا ئالاھىدە تۆھپە قوشتى. شائىر يەنە پېئىللارنى ماۋزۇ قىلىپ ئىشلىتىشنى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە ئېلىپ كىرىپ، ئومۇملىشىشغا يول ئاچقان. مەسىلەن، «دۆڭكۆۋرۈكتىن قايغۇرۇپ ئۆتۈش»، «يارسىز قېلىش»، «دوست تۇتۇش»، «قايغۇرۇش»، «ئۈمىد ئۈزۈش» دېگەندەك پېئىللاشقان ماۋزۇلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.ئۇ يەنە يېڭىچە شېئىرىي شەكىللەردىمۇ ئۆزىنىڭ خاسلىقى ۋە ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ ئىجادىيەت خاسلىقى يارىتىپ ئۆزىگە خاس يول تۇتتى. ئۇ كۆپلىگەن شېئىرلىرىدا ئۆز-ئۆزىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلب دۇنياسىدىكى ئېچىلمىغان شەخسىي ھېس-تۇيغۇلارنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. رېئال ئادەملەرنىڭ ئۆزلۈك چۇقانلىرىنى، ھېس ئالىمدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىدىن چىقىپ ئۆزىگە تۇتۇلۇش ئىزتىرابلىرىنى «يوشۇرۇن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش» ناملىق شېئىرىدا مۇنداق يازىدۇ:



مەن ئۇزاق قوغلىدىم قەيسەر تۇرسۇننى

قايتۇرۇپ كېلەي دەپ قەبرىگە تىرىك.

يوشۇرۇن نازارەت قىلماقتا ئۇنى،

تىپتىنىچ يوللاردا قاتمۇ-قات ئىشىك.


ئوتتۇز يىل مەن قوغداپ كەلگەنتىم ئۇنى،

شاھىنى قوغدىغان لەشكەردەك گويا.

مەن ئۇنىڭ قېنىنى تۇراتتىم ئىچىپ،

ئۇ مېنىڭ قېنىمدىن ياسايتتى دورا.



ھېچكىمگە بەرمەيتتىم دورىنى، بىراق،

ئىچەتتۇق ئىككىمىز تۈندە بىمالال.

ئۇ مېنىڭ ئالدىمدىن قېچىشتىن بۇرۇن،

مەن ئۇنىڭ تېنىدىن قاچقانتىم ئاۋال.



بۇ شېئىرنى قاتلاملار بويىچە تەھلىل قىلغىنىمىزدا، لىرىك قەھرىمان ئۆزىنى ئىزدەيدۇ ۋە بۇ سەپەرنى قەبرىگە قايتىشتىن ئىبارەت ئاڭ پائالىيىتىدە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر ئادەمنىڭ ياشلىقىدىكى مۇرەككەپ ھېس–تۇيغۇلىرىنى ئۆزىنى ئىزدەش يوللىرىدىكى تەنھالىققا يۈزلىنىش مۇساپىسىگە ئوخشىتىدۇ. بولۇپمۇ ياشلىقتا ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان سۆيگۈ قەدىمىنى چەكسىز دېڭىزغا ئوخشاتسا، ئۇنىڭ قالدۇرىدىغان ئازابلىق يارىسىنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇپ، ئىچمىسە بولمايدىغان بىرتامچە تۇزلۇق سۇغا ياكى ھاياتتا يېيىشتىن قۇتۇلغىلى بولمايدىغان «دورا» غا تەققاسلايدۇ ھەمدە بۇ بىر باسقۇچنىڭ شۇنچە ئېغىر كەچمىشلەرگە تولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ خىل تۇيغۇنى ئادەمنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى ئۆلگەنگە قەدەر پەقەت ئۆزلۈكىنى يارىتىش ۋە ئۆزىدىن چىقىپ كېتىشنى ئىستەيدىغان مۇرەككەپ ھەم جاپالىق بولغان يېتۈكلۈك ماقامىغا يېتىش مۇساپىسىنىڭ ئاداققى چېكىنى يەنىلا كونكرېت ئادەمنىڭ ئابىستىراكىتلاشقان مىللىي توپتىكى تەۋەلىكى بىلەن تۈگەللەيدۇ.

قەيسەر تۇرسۇن شېئىرلىرىنىڭ باشقا شائىرلاردىن پەرقى، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا تەبىر خاراكتېرلىق مىسرالار كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ شېئىرىلىرىدىكى «ئەڭ چوڭقۇر ئازگالدۇر دىلدىكى ئازگال»، «كۆڭۈل دېگەن دەردمەن ئاقسۆڭەك»، «دەردمەن ئادەم بىر ئېسىل خۇمدان»، «بۇ يۈرەك نېسىگە سېتىلغان كىتاب»، «كۆڭۈل دېگەن بىر كېسەلخانا»، «تۈن دېگەن قەبرىلەر يېپىنغان چاپان»، «ھېسسىيات يېرىم قۇل، يېرىم پادىشاھ»، «ئەڭ گۈزەل زەنجىردۇر مۇھەببەت ھامان»... قاتارلىق مىسرالىرىدىكى تەبىر خاراكتىرلىق يېڭىچە ئىپادىلەش، قەيسەر تۇرسۇنغىلا خاس بولغان جۈملە تۈزۈش ئۇسلۇبى ـ كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان ئوخشىتىش ۋە مۇبالىغىلەر، شېئىرىي تەپەككۇرنىڭ ئىسسىقلىقى بىزنىڭ ئۇزاق ۋاقىت جىمىپ كەتكەن تەسەۋۋۇرىمىزنى غىدىقلايدۇ. قەيسەر تۇرسۇننىڭ ھەر بىر شېئىرىدا يېڭى بىر تەبىرنى ئۇچرىتىمىز، شۇنداقلا بۇ تەبىردىن سۆيۈنۈپ كېتىمىز، چۈنكى ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدا تەبىرلەنگەن ھەرقانداق شەيئىي كىشىنىڭ تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرۇپ، شېئىرىي ئىلھاملارغا چۆكتۈرىدۇ.

قارىمۇ-قارشى سۆز ياكى قارىمۇ-قارشى مەنە يۈكلەنگەن مىسرالار ئارقىلىق مۇئەييەن پەلسەپىۋى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش قەيسەر تۇرسۇن شېئىرلىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ۋە خاسلىقى. مەسىلەن: ئۇنىڭ «سۆيگەچكىلا ئۆچ بولدۇم ساڭا» ناملىق بىر شېئىرى ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە شېئىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ماۋزۇدىنلا بىر قارىمۇ-قارشىلىقنى كۆرۈۋالالايمىز، بىراق بۇ قارىمۇ-قارشىلىق قانداقتۇر ئەھمىيەتسىز، مەنىسىز قارىمۇ-قارشىلىق ئەمەس، بەلكى بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان، مۇكەممەللەشتۈرىدىغان قارىمۇ-قارشى سۆزلەردىن تۈزۈلگەن مۇكەممەل مىسرا. بۇ مىسرادىن ئاشىقلىقتا ۋىسالىغا يېتەلمىگەن بىر يۈرەكنىڭ ھەسرەتلىك، ئەمما مۇھەببەتكە تولغان نىدالىرىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

سەن سۆيگەچكە قاغايسەن مېنى،

مەن سۆيگەچكە ئۆچ بولدۇم ساڭا.

دېگەن مىسرالارغا ئوخشاش قارىمۇ-قارشىلىق ئارقىلىق بىر خىل ئورتاقلىقنى ئىپادىلەش قەيسەر تۇرسۇن شېئىرىيىتىنىڭ كىشىلەر قەلبىنى قېزىشتىكى ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرىدۇر.

دېمەك، قەيسەر تۇرسۇن ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەنا كەڭلىكىنى كېڭەيتىشتە يېڭىلىق ياراتقان شائىر، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ مىسرالاردىكى ئورنى كىشى ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە گۈزەل ۋە قايىل قىلارلىق. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى سۆزلەر خۇددى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەنىسىدىن باشقا نۇرغۇن مەنالارنى يۈكلىۋالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

رەھىم ياسىن قاينامى:

1975-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى قورغاس ناھىيەسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن كېينكى ئوقۇشنى توختاتقان. شۇندىن بېرى دېھقانچىلىق ھەم تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1996-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، 250 پارچىغا يېقىن شېئىر ۋە نەسىرلىرى ئېلان قىلىنغان. «تەڭرىتاغ»،«ئىلى دەرياسى»قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا مەخسۇس تونۇشتۇرۇلغان ۋە ئەسەرلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىلگەن.

شائىر ھاياتىنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر قېزىشتا قەلەمنى تاشلىماي كەلگەن. پۈتكۈل تۇرمۇشىدا ئورغاقلىق دېھقان، ۋەس-ۋەسەدىن خالىي سودىگەر، ئىچكى دۇنياسى ئۆزلۈك رىۋايەتلىرىگە چۆككەن، رەڭسىز دۇنيانى شېئىرلىرىدىكى ئۆزگىرىشچان سېمۋوللاردا رەڭدارلاشتۇرىۋاتقان شائىردۇر. ئۇ ئۆز شېئىرىيىتىنى بەرپا قىلىشتا تۇرمۇشتىكى ئېغىر سىناقلارنى روھىي تەجرىبىگە ئايلاندۇردى. يەلپۈنىۋاتقان بۇغدايلىقتىكى تەسەۋۋۇرىنى كەينىگە قېچىۋاتقان سۇغا چىلاپ، دۇنيا توزانلىرىدا قۇرۇۋاتقان سۆڭەكنىڭ نەي بولۇشىغا بىزنى چىنپۈتكۈزدى. بىمەنىلىك بالقىۋاتقان شېئىرىي تىلىدا ئىستېتىكىلىق كەڭلىك يارىتىپ، ھەر بىر قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ مۇرەككەپ ئوي-ئىستەكلىرىنى، ئىزتىرابلىق سىقىلىشلىرىنى، مۇھەببەتلىك دۇنيانىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى «سىرتتىكى ئادەم»، «كوچا سۈپۈرگۈچى»، «ئۈچ ئوغۇل»، «مەن يۈسۈپ ئەمەس»، «مايىمخان»، «پەرھات تۇرسۇن»، «قاينامى ۋاپات بولدى»... قاتارلىق لىرىكىلىرىدا ۋايىغا يەتكۈزدى. ئۆز شېئىرىيىتىدە رېئاللىقتىكى ئادەم بىلەن ھېس ئالىمىدىكى شائىرنىڭ ئازابىنى ئايرىپ چىقتى ھەمدە ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى مۇنداق باشلىدى:

مېنىڭ ھېكايەم

ئېتىز قىرلىرىدىن باشلىنىدۇ

كېسىلگەن باشاقلارنىڭ رىۋايىتىدەك.

ئەي، مېنىڭ ئوقۇرمىنىم تېخى تۇغۇلمىغان!

مېنىڭ ھېكايەم، تېخىچە

مېنى كۈتۈپ تۇرار قەبرەم ئىچىدە...

«مېنىڭ ھېكايەم» ناملىق بۇ شېئىردا، شائىرنىڭ شېئىرىي دۇنياسىنىڭ مەنبەسى ئېتىز-قىرلىرىدىكى جاپالىق ئىشلەۋاتقان دېھقان مىللەتنىڭ يىلتىزىدىن سىرغىۋاتقان ئۇزاق تارىخى جەريانغا تۇتىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ھەمدە تارىخنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن بۇ تارىخنى يازغۇچىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئازلاپ بېرىۋاتقانلىقدىن خاۋاتىرلىنىش تۇيغۇسى شېئىردىكى شائىرنىڭ ھەقىقىي ئوقۇرمەنلىرىنىڭ، ئۇ تەۋە توپنى ھەقىقىي چۈشۈنىدىغانلارنىڭ تېخىچە مەيدانغا كەلمەيۋاتقانلىقىنى يورۇتقان.

شائىر قاينامى دەۋرىمىزدىكى يېڭىچە شېئىرلارنىڭ ئېسىل ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئەنئەنىۋى شېئىرىيتىمىزنىڭ چوڭقۇر يىلتىزى بولغان مىللىيلىكىنى ماھىرلىق بىلەن يۇغۇرۇپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەجداد، ئەۋلادلار ئالدىدىكى سەزگۈلىرىگە ئورتاقلاشتى، دېيىشكە ھەقلىقمىز.



ئەدىھەم ئىبراھىم:



1970 – يىلى نويابىرداچاپچال ناھيىسىنىڭ قاينۇق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1997-يىلىشىنجاڭ ماليە ئىقتىساد ئىنىستۇتىنى پۈتتۈرۈپ، ھازىر چاپچال ناھيە قاينۇق يېزايېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش پۇنكىتىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

ئۇ 1990-يىلى ‹‹ ئىلى گېزىتى›› دە ئېلان قىلغان ‹‹يېشىللىق››ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبى ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. ھازىرغىچە تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا 300 پارچىغا يېقىن شېئىر ئېلان قىلدۇرغان.ئۇنىڭ ‹‹ئۇچۇپ كېتەي قاقىرلار بىلەن››ناملىق بالىلار شېئىرى 2001-يىلى‹‹قۇمۇل ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلى تەرىپىدىن مۇكاپاتلىق بالىلار ئەسەرلىرىنى باھالاشتا مۇكاپاتلانغان. ‹‹كۆك چۆچۈرىسى››، ‹‹رىۋايەت››، ‹‹چۆل قىسمىتى››، ‹‹ھاي-ھاي تېرەك››، ‹‹بالىلىقنى ئىزدەش›› قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ياخشى ئىنكاس قوزغىغان. ‹‹ئىلى دەرياسى››، ‹‹تارىم غۇنچىلىرى››، ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى›› قاتارلىق ژۇرناللاردا رەسىم ۋە تەرجىمىھاللىرى بىلەن بىر قىسىم شېئىرلىرى مەخسۇس تونۇشتۇرىلغان. 2011-يىلى «لاي قونچاق» ناملىق بالىلار شېئىرلىرى توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەميىتىنىڭ ئەزاسى.

ئۇنىڭ ئاساسلىق شېئىرىيتى بالىلارغا ئاتالغان بولۇپ، بىزنى گۈزەل بالىلىق تۇيغۇلىرىمىزنىڭ ئۇنتۇلماس سىمالىرىغا نەزەر سېلىشقا، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى گۈزەل دۇنيانى چۈشىنىشىمىزگە ۋە سەمىمىي ئادەملىكىنىڭ يۈكسەكلىكى ھەققىدە ئويلاندۇرىدۇ. شېئىر ئەنە شۇنداق گۈزەل چۈشلەرنى سۆزلىيەلەيدىغان تىلدۇر. بالىلىقنىڭ گۈزەل سىمفۇنىيەلىرى زىمىن ئەركىلىرى-توغراقزارلىقلار، قىپقىزىل يۇلغۇنلۇقلار، خوخا-تىكەن، يانتاقلىقلار ۋە يەنە قانداقتۇر ياۋا ئۆسۈملۈكلەر ئۆزگىچە زىننەت قوشۇپ تۇرغان شور تۇپراقلىق پايانسىز دالىلاردا كېچىدىكى كولدۇرما ئاۋازىدەك يىراق-يىراقلارغا ئۇزاپ كەتكەن ئىدى... ئايدىڭ كەچلەردىكى مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويۇنلىرى، شورىلاردىن ئوغۇرلۇقچە ئېلىپ قاچقان غورىلار، تەڭتۇشلار بىلەن قوي پادىلىرىنى يايلاققا ھەيدەپ قويۇپ، قىزغۇچ رەڭدىكى لاي سۇلار تولغۇنۇپ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭ بويىدىكى قۇملاردا سۇنايلىنىپ يېتىشقىنىمىزچە، كۆككە قاراپ سۈرگەن بالىلىقنىڭ تاتلىق خىياللىرى، يازنىڭ سالقىن كەچلىرىدە ئاپئاق ساقاللىق بوۋىلارنىڭ چۆرىسىگە يىغىلىپ ئاڭلىغان ئاجايىپ-غارايىپ چۆچەك-رىۋايەتلەر... ئەمدىلىكتە بولسا، مەڭگۈ قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدىغان گۈزەل ئەسلىمىلەر ئىدى، خالاس!

شۇنداق، بىزغەمسىز، بىغۇبار، ئەركە تايدەك بالىلىقىمىز بىلەن خوشلاشقان بولساقمۇ، تۇرمۇش ئېتىزلىقىدا بەرق ئۇرۇپ چېچەكلەۋاتقان كېلىچەكنىڭ يارقىن جىلۋىسى بولمىىش پەرزەنىتلىرىمىزگە شەيدا بولۇپ، ئىنسانىي مەسئۇلىيەت قاينىمىغا غۇلاچ كەرگەن ۋاقتىمىزدا ئۇلارنىڭ «لاي قونچاق» لىق شاد ناخشىلىرىدا، تۇغۇلغان تۇپرىقىمىزنى سۆيىدىغان ئۆرپ – ئادەت، پاك ئىتقاد، تەبىئەتتىكى بارلىق جانلىقلارنى دوست تۇتىدىغان گۈزەل ئەخلاققا بولغان مەدىھىيەلىرى ۋە ئەۋلاد يېتىشتۈرۈشتىكى نەچچە مىڭ يىللىق ئەقىل پاراسىتىمىزنىڭ ياڭراق سادالىرىغا غەرق بولىمىز.


مەن ياسىدىم لاي قونچاق،

‹‹ئوسما كۆل ››نىڭ بويىدا.

تىزدىم لايدىن قەن-گېزەك،

قارلىغاچنىڭ تويىغا.





لاي قونچىقىم ئولتۇردى،

تويدا ئىسسىق چاي ئىچىپ.

تويىدا خان قارلىغاچ،

ئەرگە تېگىپتۇ قېچىپ.



لاي قونچىقىم،لاي قونچاق،

ئۆيگە چاپسان كېتەيلى.

لاي ھاساڭدا بىز يەنە

يېڭىۋاشتىن كۆكلەيلى!...





راخمانجان ئاۋۈت ئۆزھال:

1977 – يىلى يەكەن ناھىيسنىڭ خاڭدى بازىرىدا دۇنياغا كەلگەن. 1993– يىلىدىن 1994- يىلغىچە قەشقەر سەنئەت مەكتىۋىنىڭ ناخشا كەسپىدە ئوقۇغان.1994– يىلىدىن 1998- يىلغىچە مەركىزى تىياتىر ئىنستېتۇتىنىڭ ئاكتىيۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوپىرا تىياتىرىدا خىزمەت قىلغان.2006–يىلى مەركىزى تىياتىر ئىنستىتۇنىڭ دراما - كىنو يېزىقچىلىق فاكۇلتېتىغا ئىككى يىللىق ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن، ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۈنۈم رايۇنلۇقسەنئەت يۇرتى ئىجادىيەت تەتقىقات بۈلۈمىنىڭ كەسپى ئىجادىيەتچىسى بۇلۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئىجتىھاتلىق ياش يازغۇچى ۋە شائىر راخمانجان ئاۋۈت ئۆزھال يىقىندا ئون يىلدىن بىرى يازغان ئەسەرلىرىنى يىغىپ ئىككى پارچە رۇمان، پوۋېسىتلار توپلىمى، ھېكايىلەر توپلىمى، ماقاللەر توپلىمى،شېئىرلار توپلىمىدىن ئىبارەت يەتتە پارچە كىتابىنى شىنجاڭ پەن تېخنىكا نەشىرياتىغا نەشىرگە سۈندى. ئۇنىڭدىن باشقا «ئۆمۈر يولى»، «تاغلارغا قارا» قاتالىق مەخسۇس ناخشا- مۇزىكا لېنتىلىرى كەڭ تارقىلىپ، ئۇ ئۆزى جاكارلىغان «شائىرلار شېئىرمۇ يېزىشى، كىلاسىكلاردىن نەۋايى، مەشرەبلەردەك مۇزىكا چېلىشنىمۇ بىلىشى، بۇ ئارقىلىق شېئىر بىلەن مۇزىكىنىڭ سېھىرلىك بىرلىكىنى كىشىلەرگە ھېس قىلدۇرۇشنىمۇ بىلىشى كېرەك» دىگەن قارىشىنى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاپ كەلدى.

ئۇ بىر قولىدا سەنئەتنى، بىر قولىدا ئەدەبىياتنى تۇتقان كۆپقىرلىق ئىجادكار. ئۇنىڭ «كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن»، «دۇئا بېرىڭ بەختىمگە ئانا» ناملىق شېئىرلىرى ئۇنىڭ شېئىرىيەتتىكى ئورنىنى بەلگۈلەپلا قالماستىن، بۇ شېئىرلارغا ئىشلەنگەن مۇزىكا، ناخشىلارئۇنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتىنىڭ يەنە بىر قانىتى بولۇپ، ھەر بىر ژانىردىكى ئىجادىيىتىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر، ساددا، ئاقكۆڭۈل، ۋاپادارلىققا ئوخشاش ئېسىل كىشىلىك پەزىلەتلىرى جۇلالاپ تۇرىدۇ. ئۇ شېئىرلىرىدا بارلىققا كەلتۈرگەن شېئىرىي رېتىم ئۆزگىچە بولۇپ، دائىم ناخشا قىلىپ ئوقۇشقا باپ كېلىدۇ، بۇنىڭدىكى تۈپ ئالاھىدىلىك ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، دەۋر روھىغا باي، تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك مەزمۇندىكى مىسرالاردا دائىم يېڭىچە تىل مۇھىتىدىكى كىشىلىك دۇنيا، ئاتا- ئانا، يۇرتنى سۆيۈشتىكى قىزغىنلىق، سۆيگۈگە سادىقلىق، سېغىنىش ئىچىدىكى تىپىرلاشقا تولغان جاھان ئىشلىرىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىققىچە بولغان ئورتاق ئاھاڭ بالقىپ تۇرىدۇ. بۇ خىلدىكى شېئىرلارمۇ بىر دەۋر شېئىرىيتىنىڭ ياڭراق مىلۇدىيەسى سۈپىتىدە، بەلگۈلىك ئىستىتېك قىممەت يارىتىپ بارىدۇ ھەم شېئىر بىلەن مۇزىكا، مۇزىكا بىلەن قەلبنىڭ ئۆز ئارا چېقىلغاندىكى نازۇك ئاۋازىدا بىزنى مەستخۇش قىلىدۇ.



ئەھمەت يۈسۈپ سەرداھى:

1975-يىلى قىشتا قويۇق رىۋايەتلەر پۇرىقىغا تويۇنغان ۋە يىراق تارىخنىڭ نۇرانە كەچمىشلىرى قالغان يۇرت- كەلپىن ناھىيەسىنىڭ چىلان يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ شېئىرىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەندىن بېرى، تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى بۇ قەدىمى ئۆتەڭدە شىئېر ئىزلەپ سەپەرگە چىققىنىدا، چوغدەك يېلىنجاۋاتقان قۇم بارخانلىرىنىڭ يۈرىكىگە بېشىنى قويۇپ، ئىچىدىكى قاراڭغۇلىقىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق ياقتى.

ئۇ دائىم ئۆزىنىبىر تۈپ شىئېر دەرىخىنىڭ تۆۋىدە، ناۋايى، زەلىلى، مەشرەپ، نىزارى، تەجەللى...قاتارلىق شېئىرىيەت پىشۋالىرى قىپقىزىل بۇغدايدەك چەشلەنگەن ئۆگۈتلىرىنى شىئېرىيەت كوچىسىغا يىراقتىن بويۇنداپ قاراۋاتقان كىملەرنىڭدۇر ئىختىيارىغا سۇنىۋاتقاندا، ئۆزىنى ئۇلار بىلەن بىللىدەك تۇيغۇدا مىسرا پۈتتى. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىكى كىرسىن چىراقنىڭ غۇۋا يورۇقىدا، تاغىسى يىغىپ ساقلىغان كىتابلىرىدىن يادلىۋالغان قوشاقلار، شىئېرلار، ‹‹قاينام ئۆركىشى››، ‹‹چالا تەگكەن ئوق››، ‹‹ئىز››، ‹‹ئۆچمەس ئىزلار››، ‹‹ئىلى دولقۇنلىرى››، ‹‹ئۆتكەن كۈنلەر››، ‹‹مېھرىگىياھ››...قاتارلىق رومانلار، ‹‹چىن تۆمۈر باتۇر››، ‹‹نوزۇگۇم›› قاتارلىق داستانلار ۋە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە تەسۋىرلەنگەن تارىخىي تىراگىيەلەردىكى ئاچچىق ساۋاق، ئەل-يۇرتنىڭ تنىچ-ئاسايىشلىقى ئۈچۈن كېسىلگەن باشلار ۋە تۆكۈلگەن قانلار، قەھرىمانلىق، مەردلىك، سۆيگۈ-ۋاپا، شەرمىي-ھايا ۋە ئەخلاق ئۇچقۇندىلىرى چاراسلاپ يېنىۋاتقان بالىلىق ئالىمىدىكى ئويناق چىنلىقنى تۈرلۈك سىمۋوللارغا ئېقىۋاتقان جۇشقۇن رېتىم بىلەن يېڭىچە تىل مۇناسىۋەتلىرىگە كىرىش جەريانىغا سىڭدۇردى. نەتىجىدە، ‹‹تارىم››، ‹‹تەڭرىتاغ››، ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››، ‹‹شىنجاڭ مائارىپى››، ‹‹جۇڭگو مىللەتلىرى››، ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى›› قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ‹‹يۈرەكسىز ئۆلۈش››، ‹‹دىلبەرنىڭ ئاسمىنى››، ‹‹چاراسلاپ كۆيمەكتە قەلبىمدە قىزلار››، ‹‹تۈننىڭ قانىتى››، ‹‹باھار كەپتۇ تۇيدۇڭمۇ دىلبەر››، ‹‹روھ چېچەكلىرى››، ‹‹تەبىئەتنىڭ كۆز يېشى››...قاتارلىق 200پارچىدىن ئارتۇق شىئېر، نەسىر، ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى. ‹‹سەن ھېچنىمە دىمە›› ماۋزۇلۇق نەسىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى›› ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. ‹‹تارىم ناۋاسى›› ناملىق توپلامغا بىر قانچە پارچە شىئېرى كىرگۈزۈلدى. ‹‹كىرپىكتىكى قار›› ناملىق (بىرلەشمە) شېئىرلار توپلىمى نەشىردىن چىقتى.

شۇنداق، ئۇ شىئېرىيەت كوچىسىغا بويۇنداپ قاراۋاتقانلارنىڭ دىلىنى لال قىلغۇدەك ئۆزگىچە پۇراق ئاتا قىلىشقا تېرىشىۋاتقان ياش شائىرلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە يازغانياشلىق چۇقانلىرىدىكى لېرىكىلىرىدا، يالغۇزلۇقنىڭ چوغدىنىغا ئايلانغان نۇر قوينىدىكى سۈزۈك ئاۋازنى خاتىرلىدى. سۆيگۈ، ھىجران، ئىزتىراپ، ئەندىشە، ئۇھسىنىش ھىسلىرى پۇرۇقلاپ قايناۋاتقان مىسرالارنىڭ قېتىدا شېئىردىكى دىلبەرنىڭ سېماسىنى جانلاندۇردى.



ئالىمجان قاسىم:

1973 – يىل 5- ئاينىڭ 29 – كۈنى تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. ھازىر تۇرپان شەھەر چاتقال ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.1987- يىلى << شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى >> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان << ھەممىمىز خۇشال >> ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە قوشۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ھەرقايسى گېزىت –ژورناللاردا 400 پارچىغا يېقىن تۈرلۈك ژانېرلاردىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. 2012 – يىل 5 – ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان << كىرپىكتىكى قار >> ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا 25 پارچە شېئىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.
ئالىمجان قاسىم ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .

ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ياز» ھەققىدىكى بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ئارقىلىق «ياز»دىن ئىبارەت ئۆزگىچە، يېڭى بىر ئىماگنى ئۇيغۇر شېئىرىيەت تۇپرىقىغا يىلتىز تارتقۇزدى. ئۇنىڭ «ياز ئاستىدا1»، « ياز تەرلىمەكتە »، « ياز بىلەن خوشلىشىش»، « ياز ئاستىدا 2 »، « ياز داۋاملاشماقتا »، « چۈشۈمدىكى يازنىڭ بىر كۈنىدە »،«يازغا ئەگىشىش »، « ياز ئىچىدە »، « يازدىكى خىيال »،«ئىچىمدىكى ياز »، « ياز قۇشلىرى» قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ئەنە شۇلار جۈملىسىدىندۇر.


ئالىمجان قاسىم شېئىرىلىرى جۇشقۇن، قايناق ئەمەس، چۈشكۈن ،ئۈمىدسىزمۇ ئەمەس. بەلكى ناھايتى يىنىك، نەپىس، ئازادە كەيپىيات بار. ئۇ شېئىرىلىرىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆلەردىن يۇمشاق ، لەرزان ، جىمجىت، ئىسسىق، قاتارلىق سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۈپەت سۆزلىرىنىڭ كۈچەيتمە ياكى كېمەيتمە دەرىجە شەكىللىرىنى ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرھال ھالەتتىكى ئەسلى دەرىجە شەكلىنى ئىشلىتىشكە مايىل. شۇڭا، ئۇنىڭ شېئىرلىرى لەرزان، يىنىك، تەبئىيلىككە ئىگە. بىز بۇنىڭدىن ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكىزىيادە چۈشكۈن ياكى زىيادە كۆتۈرەڭگۈ خاراكتىردىكى ئادەمنى ئەمەس بەلكى ئېغىر بېسىق، تەمكىن ، سالماق خاراكتىردىكى لېرىك قەھرىماننىڭ ئەسلى قىياپىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىمىز.
سۆزلەرنى مارجان قىلىپ
بىر يىپقا تەڭ ئۆتكۈزدۇق،
قەلبىمىز ياز تەپتىدە پىشتى.

شائىرنىڭ سۆزلەردىكى تەپچىپ تۇرغانياز ئىماگىغا سىغدۇرغان بارلىق ھېسسىي تۇيغۇلار ئۇ ياشاۋاتقان تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ سېھىرلىك كۆرۈنۈشلىرىگە ۋە ئۇ يەر ئادەملىرىنىڭ ئىسسىق ھەم ئوچۇق مىجەز - خارەكتېرىگە، مۇھەببەتلىك ھاياتىغا يۇغۇرۇلغان.

دىمەك، بۇ دەۋردىكى شېئىرىيەتساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئىجاد قىلىندى، تەرجىمە ئارقىلىق قوبۇل قىلغان باشقا ئەللەر ئەدەبىياتىنىڭ رەڭدارلىقىنى ئىجادىي قوبۇل قىلدى ھەمباشقا مىللەتلەرنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىسمەن قىزىقىشنى قوزغىدى. چۈنكى، بىزگە تەرجىمە قىلىش كۆپ، سىرىتقا تەرجىمە قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش سېستىمىلىق تېمىلار قاتارىدا تۇتۇلمىدى. شۇنداقتىمۇ، بۇ شېئىرلاردا دۇنياۋى تېمىلار، ئۆزگىچە رايونۋەمىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە خاس مەجەزلار، ئىنسان پىسخىكىسىنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرىگىچە تۇتاشقان ئاجايىپ نادىر ئەسەرلەرمۇ بارلىققا كېلىشتەك ئېغىر سىناقلاردىن ئۆتۈش پەللىسىنى ياراتتى.






خاتىمە

       سەنئەتكارلار شەيئىلەرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان نەرسىلەرنى تۇتالىغاندىلا، ئاندىن شەيئىلەر ۋە ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان ماھىيەتلىك ھادىسىلەرنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ.

                                          ـــ كاسىمىل

ئۇيغۇر شېئىرىيتى ئۇزاق يىللار ئىلگىرى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى شەكلىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل نامايەندىسى بولغان «12 مۇقام» ئارقىلىقپۈتۈن دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇرۇش بىلەن بىرگە، مەڭگۈ ئۆچمەس سەمەرىمىز سۈپىتىدە بىزگە ئۇلۇغ كىلاسسىكلىرىمىزدىن لۇتفى، نەۋايى، مەشرەبلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ تېخىمۇ مەزمۇت قەدەم بىلەن شېئىرىيەت قەسىرىنىڭ ئىشكىنى چېكىش تەلىيىنى نېسىپ قىلغان بولسىمۇ، نۇرغۇن قېتىم يېزىق ئۆزگەرتىش، فونتىكىدىكى دائىملىق يېڭىلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇلار ياراتقان چوققىلارغا يېتىش ئارزۇيىمىز كۈچلۈك بولدى. ئەمما، قايناق شېئىرىي دۇنياغا چوڭقۇر چۆكەلمىدۇق. ئۇيغۇر شېئىرىيتىدىكى ئەنئەنىۋى شەكىللەر ھەققىدە باشلانغۇچ ساۋادقا ئىگە نەزەرىيىۋى چۈشەنچىلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، يېڭى دەۋردىكى يېڭىچە شەكىللەر ھەققىدە مۇكەممەل ئاساسقا ئىگە نەزەرىيە سېستىمىسى يارىتالمىغاننىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن سىناقلار ئارقىلىق ئۆزىمىزنى شېئىردىن ئايرىلمايدىغان بىر توپ سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلدۇق. بۇ جەرياندا، دۇنيا شېئىرىيتىدىكى ھېس – تۇيغۇ ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ۋە ياشاۋاتقان شارائىتنىڭ ئەسلى كۆرۈنىشىنى خاتىرلەش ئىمكانىيەتلىرىنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلىپ، شېئىرىيەت يولىنىڭ تولىمۇ ئەركىن خاھىشچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى غۇۋا چۈشىنىپ يەتتۇق. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەسلى ئىجادىيەتتىكى ئەنئەنىنىڭ ھەر قانداق شەكىلدە مەۋجۇد بۇلۇش بىلەن بىرگە تىل مۇناسىۋەتلىرىنى يېڭىلاش ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئېڭىدىكى ئىچكى ئاۋازنى قېزىشقا، شەخسىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بىر توپنىڭ ئورتاق دۇنياسىغا يېقىنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى شائىرلاردىن ئىبارەت تىل مىراسخورلىرىنىڭ قانداق يوسۇندا ئىپادىلەيدىغانلىقىغا زەن سېلىشتىن ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتتۇق. بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ دىئالىكىتىكىسىغا چۆكەلمەيۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسەتتى. ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى شائىرلارنىڭ ئىلگىرىكى شائىرلادىن پەرقى شۇ بولدىكى، ئىلگىرىكىلەر پۈتۈن ۋوجۇدى بلەن ئۇيغۇر شېئىرىيەت سېپىگە كىرىشنى ئىستىگەن بولسا، كېيىنكىلەر ئۆز شېئىرىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر شېئىرىيتىنىڭ رەڭدارلىقىنى، تىل بايلىقىنىڭ تەڭداشسىزلىقىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ھەمدە ئۇنىڭ خاسلىقىنى دۇنيا ئەدەبىيات خەزىنىسىگە ئۆزىنىڭ كىملىكى، ئاۋازى، جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە كۈچلۈك سىغدۇرمىچانلىققا ئىگە يۈنىلىشى بىلەن قوشۇلۇشنى مىزان قىلدى. ئەمما، بۇ دەۋر ياش شېئىرىيتىنىڭ سىناق پەيتلىرىدىكى ئەڭ جۇشقۇن چاغلىرى مەتبۇئات، نەشىرىيات قاتارلىق ئاۋامغا ئەڭ يېقىن ۋاستىلەر تەرىپىدىن قىسمەن قوللاشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئومۇمى جەھەتتىن بىردەك رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېرىشەلمىدى. ئېرىشتۈرۈش كويىدا بولغان ژورنالسىتلار، نەشىرىيات مۇھەررىرلىرىمۇ ئۇزاق يەكلىنىش تۈپەيلىدىن بولدى قىلدى. بۇ ئەمەلىيەتتە، تەرەققىياتنىڭ زىددىيەتلەر ئىچىدە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا بولغان كۆز يۇمىۋېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. رېئاللىق شۇنى كۆرسەتتىكى، كىشىلەر ھەر قاچان شېئىردىن زېرىكىش ئەمەس، نامايەندىلەرنىڭ چىقىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىشتى. بىراق، ئىجتىمائى، ئىقتىزادى بېسىمنىڭ قىزىق پەيتلىرىگە توغرا كەلگەن بۇ بىر دەۋر ياش شائىرلىرى ئىجتىھات بىلەن، پۈتۈن ئىشقى بىلەن شېئىر يازغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ نادىر شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن توپلاملىرى ئاۋام بىلەن يۈز كۆرىشىدىغان ئىزگۈ پەيتلەردە، نەشىرىياتلارنىڭ ئىقتىزادى جەھەتتىن چەكلىشىگە بەرداشلىق بېرەلمىدى.مىللىي تىل - يېزىقتىكى گېزىت –ژورناللارنىڭ ئىجتىمائى بېسىمدىن قورقۇش پىسخكىسى تۈپەيلىدىن، ئۆزى بىلەن بىللە نەپەسلىنىۋاتقان ئاۋامدىن يىراقلاپ كېتىشتەك ئەھۋالغا دۇچار بولدى. قىسقا، تار رامكىدىكى دېداكتىك شېئىرلار بازارلىق بولۇش كېسىلى يامراپ، ھەقىيقى مەنىدىكى ئىجادىيىلىق ئۆز سەھنىسىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن يېڭىچە شەكىل ۋە تىل، مەزمۇن راڭدارلىقىغا تويۇنغان نادىر داستانلار، يېڭى تىپلارنى تەسەۋۋۇر قىلدۇرۇدىغان قىسسەلەر مەيدانغا كەلمىدىياكى كەلگەن بولسىمۇ، شائىرلارنىڭ رېئاللىق ئالدىدىكى ھەسىرەتلىك خاتىرىلىرىدە سارغىيىپ قالدى. بۇ ئەمەلىيەتتە، تولدۇرىۋالغىلى بولمايدىغان ۋاقىت ۋە غېرىبلىق تۇيغۇسىنىڭ ئۇزاق تىندۇرمىسىن چىققان سادادۇر.

   شائىرلار ھامان ئۈمىد ئىچىدە شىۋىرلايدۇ. ئۇ مەڭگۈ ئوقۇرمەنسىز قالغان ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈمىدى ئىنساننىڭ ئىچكى تىلىنى تەبىئەتتىكى ئاۋازلار ئارىسىغا سىڭدۈرۈپ، كەلگۈسىنىڭ مەڭگۈلۈك سىناق ئىكەنلىكىنى جاكارلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈزۈلمەس ئېقىن سۈپىتىدە زاھىر بولۇپ تۇرىدۇ.شائىر ئۇ بىچارە ئەمەس، بەلكى، بىچارىلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلاشقۇچىدۇر. شائىر پەقەت، ئىنسانىيەتدۇنياسىنىڭ ئۆزىنى مەيلى ئازابى ئۈچۈن ۋە مەيلى بەختلىك كۈلكىسى ئۈچۈن ئەڭ سەمىمىي قۇچاقلىشىنى چۈشلىرىگە ئېسىپ، كېچە يۇلتۇزلىرىغا يەردىن يېنىپ چاقنىغۇچى مۇقەددەس ئىزگۈ كۈيچىسىدۇر.

2012- يىل ئىيۇن، پەيزاۋات

ـــــــــــــــــــــــــ

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1. ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرى، كىتابلىرى

2. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار مۇنبىرى - «يازغۇچىلار لۇغىتى» قاتارلىق سەھىپىلەر

3. «ئىلاھە چوققىسى»، «شېئىرىيەتتىكى بوشلۇق»، «قەشقەردىكى يەر شارى»، «شائىرلىق كوچىىسىدا»، «ئەدەبىياتىمىز نېمە دەيدۇ» قاتارلىق كىتابلار

4. «تەڭرىتاغ»، «تارىم» قاتارلىق ژورناللار

5. قسىمەن خەنزۇچە توربەتلىرى ۋە كىتابلار



(بۇ ماقالە «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3-سانىدا قىسقارتىپ ئېلان قىلىنغان)

metujan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 23:27:12

بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىقلىرىمىز ئەجەپ قىزىقكىنا؟ ئۇلارغا «ئۆكتەبىر تېڭى»نى ئاتقۇزغانلار، بۇنداق تاڭدىن شام ياخشىكەن دەپ، كەچقۇرۇنغا قايتقان چاغدىمۇ، خىجىل بولماي، ئاشۇ كونا قىزىل نەرسىلەرنى ئەخلەتلەردىن قۇتقۇزۇپ كېلىپ كىتاپ قىلىپتۇ. قانداق كاللا، قانداق ئاڭ بۇ؟

qaratugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 14:45:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaratugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-17 14:47

metujan يوللىغان ۋاقتى2015-1-14 23:27 static/image/common/back.gif
بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىقلىرىمىز ئەجەپ قىزىقكىنا؟...

دېمىسىمۇ يا ئوبزۇر ئەمەس بىر يازمىكەن، ئەكەپ قويغانتىم كۆرەيلى دەپ. ئەسلىدە شۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆزىكەن.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 15:33:22

metujan يوللىغان ۋاقتى2015-1-14 23:27 static/image/common/back.gif
بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىقلىرىمىز ئەجەپ قىزىقكىنا؟...

100 يىلنىڭ ياقى شۇنداق نەرسىلەر بىلەن ھەپىلىشىپ قېنىغا سىڭىپ كەتتىدە. 90-يىللاردا سوۋېت تۈزۈمىدىن قۇتۇلدى دېگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ھازىرغىچە شۇ چاغلاردىكى ئىشلار داۋاملىشىۋاتسا. ئا چاغدا بىر ماقالىنى كۆردۈم ئۈچ ئەۋلاد ك گ ب غا خىزمەت كۆرسەتكەن بىر جەمەتنى ماختاپ يېزىپتۇ قەھرىمان دەپ پەخىرلىنىپ. ئۇلارنىڭ ئۇنداق زەھەرلەردىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا بار تېخى.

qaratugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 15:41:10

قايسى كۈنى ئەدەبىي تەرجىمىلەر ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 12-سانىدا مەھمۇت مۇھەممەت ئەپەندى ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان خەمىت ئالىمجان شېئىرلىرىنى كۆردۈم، خەمىت ئالىمجان 1945-يىلىلا 40 قا كىرمەي تۇرۇپ تۈگەپ كەتكەن شائىركەن.
بەزى لېرىكىلىرى بولىدىكەن، ئەمما سىتالىننى داڭلاپ، روسسىيە نى سۆيۈپ يېزىپ كەتكەن قۇشاقلىرىغا يا كۈلەلمىدىم يا يىغلىيالماي ئولتۇرۇپ كەتتىم.

metujan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 23:37:41

ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ قىزىق ئىشلىرى ئاز ئەمەس، بىر يىلى قازاقسىتاننىڭ ئۇيغۇردىن بولغان بىرىنچى سېكرىتارىغا ھەيكەل تىكلەپ، يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى قىلىشتى. يەنى، مۇستەقىللىقتىن كېيىن، مۇستەملىكە ئۈچۈن ئەڭ ئاكتىپ خىزمەت قىلغان بىرىنچى نومۇرلۇق غالچىغا!
بۈگۈنگىچە ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى مىداللىرى بىلەن پەخىرلىنىدىغان، لېنىن ئوردىنى دېگەنلەرنى ئېسىۋېلىپ، يۈرۈدۇغانلار نۇرغۇن. بىشكەكتە گېنېرال فرۇنزېنىڭ ھەيكىلى تېخىچە مەۋجۇت. يەنى، بۇ يەرلەرنى قانغا بوياپ، رۇسىيەگە قوشۇۋېلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەن قانخور جاللاتنىڭ!
بەت: [1]
: 20-ئەسىردىكى پوئىزېيىمىزمىزگە نەزەر