uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 17:44:08

ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلار 13-01

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 92.09  دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى  1239  دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     
ئامېرىكا 12 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىدا يوچۇق مەۋجۇت بولۇپ ، بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى ، شۇنىڭ بىلەن پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى تېخىمۇ ئاشتى ، ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1235 دوللارغا چىقىپ 1 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى .

بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياپونىيە 11 - ئايلىق سودا ھېسابات سانلىق مەلۇماتى ، جۇڭگو 12 - ئايلىق سودا ھېسابات سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر جۇڭگو مەلۇماتى يەنە كۈچلۈك بولسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن .

ياۋرۇپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئەنگلىيە 12 - ئايلىق پۇل پاخاللىشىش ۋە پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر پۇل پاخاللىشىش مەلۇماتى تۆۋەن چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .  ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ، نېفىت باھاسىنىڭ يۆلىنىشى ، ئەگەر نېفىت باھاسى تۆۋەنلىسە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن ،  ھەم ئالتۇن باھاسىمۇ خەۋىپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى تەسىرىدە يەنە ئۆرلىشى مۇمكىن  .

مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1239-1230  دوللار ئارلىقىدا تەۋرەندى ، ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى ئۆرلەشنى ئاساس قىلدى  . چۈشلۈك ئاسىيا بازىرىدا 1240 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە 1238 دوللار ئەتىراپپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى  1230-1227 ئارلىقىدا تەۋرىنىدۇ . ئەگەر 1240 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە 1250-1248 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .

2.  ياۋرۇپا بازىرىدا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئىلىشقا مۇۋاپىق بۇلۇپ 1250 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى  1235-1230 دوللاردا چىقىرىشقا بولىدۇ .


3. ئالتۇن باھاسى بىر كۈن ئىچىدە 1223 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار  1240 1250
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار   1223 1230

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1225-1250
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1215
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1250

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .




ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

       ئامېرىكا 12 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىدا يوچۇق مەۋجۇت بولۇپ ، بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى ، شۇنىڭ بىلەن پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى تېخىمۇ ئاشتى ، ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1235 دوللارغا چىقىپ 1 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى .
    بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياپونىيە 11 - ئايلىق سودا ھېسابات سانلىق مەلۇماتى ، جۇڭگو 12 - ئايلىق سودا ھېسابات سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر جۇڭگو مەلۇماتى يەنە كۈچلۈك بولسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن .
    ياۋرۇپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئەنگلىيە 12 - ئايلىق پۇل پاخاللىشىش ۋە پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر پۇل پاخاللىشىش مەلۇماتى تۆۋەن چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .  ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ، نېفىت باھاسىنىڭ يۆلىنىشى ، ئەگەر نېفىت باھاسى تۆۋەنلىسە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن ، ھەم ئالتۇن باھاسىمۇ خەۋىپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى تەسىرىدە يەنە ئۆرلىشى مۇمكىن  .


ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 244.98 يۈەن ؛
كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.35 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛



دوللار بىلەن پاي چېكى بازىرىنىڭ ئالتۇن بازىرىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى

     رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ دوكلاتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ئالتۇن باھاسى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى  1% يۇقىرى ئۆرلەپ بىر ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتكەن ، بۇنداق بولىشىدا  دوللارنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە پاي چېكى بازىرىنىڭ چۈشۈشى ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى سەۋەبىدىن ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن .
      ئاسىيا سودا مەزگىلىدە ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1,235.90 دوللار بولغان ، ئامېرىكا 2 - ئايلىق قەرەللىك مال ئالتۇن باھاسى 1.4% يۇقىرى ئۆرلەپ ، 1232.8 دوللار بولغان .
     نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ 2009 يىلى 4 - ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى ، بۇ ئامېرىكا ياۋروپا  پاي چېكى بازىرىنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ ئالتۇن باھاسىغا تىرەكلىك كۈچ ئېلىپ كەلدى  .
    خەلقئارا كۈمۈش باھاسى 0.4% يۇقىرى ئۆرلەپ ، 16.56 دوللارنى كۆرسەتكەن .






نەق ئالتۇن سودىسىنىڭ باشقا سودىلار بىلەن بولغان پەرقى

پاي چەك بىلەن  بولغان پەرقى :
.1 پاي چەك سودىسىدا پەقەت ئۆسۈشكە سودا قىلغىلى بولىدۇ ، نەق ئالتۇن سودىسىدا بولسا قوش يۆلىنىشلىك سودا قىلغىلى بولىدۇ ،  چۈشۈشكە ھەم ئۆسۈشكە مال ئالغىلى بولىدۇ .   
.2  پاي چەك بازىرىدا بىركۈندە پەقەت 4 سائەت سودا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ ، ئالتۇن سودىسى كۈنىگە 24 سائەت  سودا ئېلىپ بېرىلىدۇ .
  .3  پاي چەك رايون خاراكتېرلىك بازار ، ئالتۇن بولسا خەلقئارالىق بازار .
  .4 نەق ئالتۇن كاپالەت سوممىسى 1:100 بولغان نىسبىتى بويىچە ئاز مەبلەغ بىلەن كۆپ سودا قىلغىلى بولىدۇ ، پاي چەكتە 100% مەبلەغ بىلەن سودا ئېلىپ بارىدۇ .
  5 .  پاي چەك  مەلۇم كىشى ياكى گۇرۇھ جەھەتتىن كونترول قىلىنىدۇ ، نەق ئالتۇن خەلقئارا ئۆلچەمنى ئاساس قىلىدۇ ،

قەغەز ئالتۇن سودىسى  بىلەن  بولغان پەرقى :
.1    قەغەز ئالتۇن سودىسىدا پەقەت ئۆسۈشكە سودا قىلغىلى بولىدۇ ، نەق ئالتۇندا بولسا قوش يۆلىنىشلىك سودا قىلغىلى بولىدۇ ،  چۈشۈشكە ھەم ئۆسۈشكە مال ئالغىلى بولىدۇ .  
.2   قەغەز ئالتۇن سودىسىدا پىشاڭلىق تاناسىپلىق شەكلى بولمايدۇ ، بىر كىلوگرام ئالتۇن سېتىۋالسىڭىز بىر كىلوگرامنىڭ پۇلىنى تۆلەيدۇ ، لېكىن نەق ئالتۇن سودىسىدا پەقەت 1% تىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ بىر كىلوگرام ئالتۇن سېتىۋالغىلى بولىدۇ .
.3   قەغەز ئالتۇن سودىسىنىڭ ۋاقتى بانكىلارنىڭ خىزمەت ۋاقتى بىلەن بىردەك بولىدۇ ، نەق ئالتۇن سودىسىدا كۈنىگە 24 سائەت  سودا ئېلىپ بېرىلىدۇ  .


   ماددىي بۇيۇم ئالتۇنى بىلەن بولغان پەرقى :
.1 ماددىي بۇيۇم ئالتۇن سودىسى قىلغاندا پەقەت باھا ئۆرلىگەندە پايدا ئالغىلى بولىدۇ . نەق ئالتۇندا باھا ئۆرلىسە ۋە چۈشسە ئوخشاشلا پايدا ئالغىلى بولىدۇ .
.2 ماددىي بۇيۇم ئالتۇن سودىسىدا كۆپ مەبلەغ بىلەن ئاز پايدا ئالىدۇ ، نەق ئالتۇن سودىسىدا ئاز مەبلەغ بىلەن كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ .


قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى بىلەن بولغان پەرقى :
.1 قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى بىلەن نەق ئالتۇن سودىسىنىڭ ھېسابات ئۈزۈش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ ، نەق ئالتۇن بولسا قىسقا مەزگىللىك كېلىشىم بولۇپ ، سودىدىن كېيىنلا ھېساب ئۈزۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .  قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى ئۇزاق مەزگىللىك كېلىشىم بولۇپ ، بەلگىلەنگەن ئايدا ھېسابنى ئۈزىدۇ .
.2   قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ .
.3  قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسىنىڭ خېيىم-خەتىرى نەق ئالتۇن سودىسىدىن چوڭ بولىدۇ ،  قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى ۋاقىت چەكلىمىسى بولغانلىقىدىن خالىغان ۋاقىتتا مالنى قولدىن چىقىرۋېتەلمەيدۇ .






ئالتۇن باھاسىنىڭ تەۋرىنىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار

          1 .  دوللار ھالىتى : دوللار كۈچلۈك بولسا ئالتۇن ئاجىز بولىدۇ ، ئالتۇن كۈچلۈك بولسا دوللار ئاجىزلايدۇ.

  2 .          ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە سىياسىي ۋەزىيەت تەۋرەنگەن مەزگىل : ئۇرۇش مالىمانچىلىقى يۈز بەرسە ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ .
   3 .          مەركىزى بانكىلارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى : ئامېرىكا ئۆسۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرسە ئالتۇنغا پايدىسىز .
          SPDR خەلقئارا ئالتۇن فوند زاپىسى :   ئالتۇن فوند زاپىسى كۆپەيسە ئالتۇنغا پايدىلىق ، ئالتۇن فوند زاپىسى كېمەيسە ئالتۇنغا پايدىسىز .
   4 .         نېفىت باھاسى :  خام نېفىت باھاسى يۇقىرى ئۆرلىسە ئالتۇن مۇ يۇقىرى بولىدۇ .
  5 .          ھەرقايسى دۆلەت ئورگانلارنىڭ ئالتۇن زاپىسى :   ئالتۇن زاپىسى بىر دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى بەلگىلەيدۇ .
  6 .         ئالتۇن تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتى :   ئالتۇن ئېھتىياجى ئاشسا ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ
  7 .          پۇل پاخاللىشىش .
  8 .          يەرلىك سىياسەت




خام نېفىت باھاسى نېمە سەۋەپتىن تۆۋەنلىدى ؟

       تۈنۈگۈن پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، خام نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى ئەسلىگە قايتتى ، ئامېرىكا پاي چېكى تۆۋەنلەپ ياپونىيە يېنى بازىرى ياخشىلاندى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى ئۆرلەپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئۆرلەش تۆۋەنلەش ھالىتىنى كۆرسەتتى ؛ بۇ سودا كۈندە ئەنگلىيە پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
     كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەسىرىدە نەخ ئالتۇن باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىگەن ؛ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى نېفىت باھاسىنى ھەسسىلەپ چۈشۈرۈشى ، ھەم سەئۇدى ئەرەبىستان مەھسۇلات كېمەيتىمەسلىكتە چىڭ تۇرۇشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن .





خەلق پۇلنىڭ دوللارغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى ئۇدا ئۆرلەپ 6.1195 يۈەن بولدى

    جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئىلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى بانكىلار ئارسىدىكى پېرېۋوت بازىرىدا خەلق پۇلنىڭ دوللارغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھاسى 6.1195 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىن 38 ئاساسى نۇقتا ئۆرلىگەن ، ئالدىنقى سودا كۈنى 6.1233 يۈەن بولغان .
   باشقا پۇللارنىڭ خەلق پۇلغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھاسى : 1دوللار 6.1195 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ياۋرو 7.2573 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1977 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.78930يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 فوندستېرلىڭ  9.3033 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 4.9989 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7711 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛  سىنگاپور دوللىرى 4.5983 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى  ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.1143 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.57986 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولدى  ؛  1 يۈەن خەلق پۇلى 10.2106 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولدى  ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.7170 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3681 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولدى .

ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلار 13-01