choice يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 17:07:08

ئۆتكەن كۈنلەردىن پارچە خاتىرىلەر

يېقىندا تۈركىيە كۆپ قىسىملىق فىلىمى‹ ئۆتكەن كۈنلەر›نى كۈرىپ فىلىمغا قىزىقىپ قالدىم،   فىلىمدىكى ماڭا تەسىر قىلغان بايانلارنى خاتىرلەپ يوللاپ قويدۇم ، فىلىمنىڭ داۋامى تېخى تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ بولۇنمىغاچقا بەلكىم يەنە داۋامىنى كۆرۈش جەريانىدا تەسىر قىلغان بايانلارنى تولۇقلاپ مېڭىشىپ مۈمكىن

دادامنىڭ بۇ قانچىنجى قېتىملىق قايتىپ كېلىشى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتۇق، ئاپام دادامنىڭ ھەر قېتىملىق قايتىپ كېلىشىنى ياخشى باشلىنىش دەپ ئۇنى زور ئۈمۈتلەر بىلەن كۈتەتتى، ئالاھىدە قاچا قۇچىلىرىنى چىقىرىپ ئائىلىمىزنى قايتىدىن بىر يەرگە جەم قىلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىراتتى.ئۆزى بۇرۇن يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىلەرنى ئۇنتۇپ كېتەتتى ۋە ھەممىمىزنىڭمۇ ئۇ كۆڭۈلسىزلەكلەرنى ئۇنتۇپ كېتىشمىزنى ئارزۇ قىلاتتى، ئۇ بۇ قېتىممۇ شۇنداق ئارزۇلارنى قىلغان لېكىن دادامنىڭ بۇ قېتىملىق قايتىپ كېلىشى ئائىلىمىزدىكى دېڭىز دولقۇنلىرىدەك جىدەل ماجرالارنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى.ئۇنى كېيىن بىلدىم.مېنىڭ ئىسمىم ئوسمان، مەن ئۇ ۋاقىتتا 6 ياشتا ئىدىم، ۋاقىت مېنىڭ بۇ ھىكايەمدىكى ھەممە پىرشۇنازلارنىڭ بىر كىشىلىك ئوبرازىنى شەكىللەندۈردى.ئۇ ئازاپلىق ئىشلار، ئېنىق بولغان گەۋدىلەر خۇددى تۈنۈگۈن يۈز بەرگەندەكلا بىلىنەتتى،لېكىن ئەمدى كەينىگە يانغىلى بولمايتتى.ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈشكە ئايلاندى،ئۇ ئۆتمۈشتىن پەقەت ئەسلىمىلەرلا قالغان ئىدى.

مەن خۇددى چۆچەكلەردىكىدەك بەزىدە بار ئىدىم، بەزىدە يوق ئىدىم.چۈنكى مەن كىچىك ئىدىم چوڭلارنىڭ مېنى كۆرگۈسى كەلسە بار بولاتتىم، كۆرگىسى كەلمىسە يوق بولاتتىم.لېكىن ئۇلار خاتالاشقان ئىدى،مەن داۋاملىق مەۋجۇت ئىدىم.ھەممىدىن بەك مېنى يوق دەپ ئويلغان ۋاقىتلاردا بار ئىدىم.ھەممىسى بىر بىرلىرنى قانچىلىك كۆرسە شۇنچىلىق چۈشىنەتتى.شۇنچىلىك بىلەتتى.لېكىن مېنىڭ يېنىمدا ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئەپتى بەشىرىسى ئېچىلاتتى،چۈنكى مەن بالا ئىدىم، يوق ئىدىم.ئۇلارنى  كاللامغا ئەڭ ھەقىقىي كۆرۈنۈشلرى بىلەن خاتىرە قالدۇراتتىم ،  مەن چوڭ بولغانچە ئۇلار مېنىڭ ئىچىمدە چۆچەك بولدى.

باشقىلار بىلەن كۆزۈمنىڭ ئۇچرىشىپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيتىم،بىراق بەزىدە بىلىندۈرۈپ قوياتتىم،بەزىدە ماڭا قاراۋاتقان كۆزلەرنى بايقاپ قالاتتىم.ئۇلار بۇنى يۈزۈمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن شۇنداق قىلىدۇ دەپ بىلەتتى،ئەلبەتتە مەن ناھايىتى خىجىلچان ئىدىم.چۈنكى ئۇ كۆزلەردىن يۈزۈمگە سالمىغان نۇرغۇن يالغانچىلىقلارنى ھىس قىلاتتىم.بۇنى بىلىپ تۇرۇپ كۆزلەرنىڭ بىر-بىرىگە تىكىلىشى ئاسانمۇ؟! مۈشۈك بىلەن ئىتنىڭ كۆزىگە قاراپ بېقىڭلار،ئۇلار يالغان سۆزلىسۇن ياكى يالغانچىلىقنى يوشۇرسۇن ھەرگىزمۇ كۆزلىرنى قاچۇرالمايدۇ.

ھەرقانداق چاغدا بىر خىل ئىشنىڭ ئوخشاش مەنىسى بولمايدۇ،ئۆز مەنىسىدە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقىلى بولمايدۇ، خۇددى مەڭگۈ ھايات ياشايدىغاندەك ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى بىلمەي ۋاقىتىمىزنى ئىسراپ قىلىمىز.ھايات مانا مۇشۇنداق ئۆتىدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشماقچى بولۇپ ئەتراپىڭىزغا قارىسڭىز پاراڭلىشىدىغان ئادەم تاپالمايسىز ياكى پااڭلىشىدىغان ئۇ ئىشنىڭ   ئەھمىيىتى قالمايدۇ. بىز ئۆتكەن كۈنلىرىمىزنىڭ ئارقىسىدىن قولىمىزنى پۇلاڭلىتىپ قالىمىز خالاس!
  
مەن چۈشەنمەيمەن، ئاپام گەپ قىلغان  ۋاقىتتا دۇنيادىكى دۇنيادىكى ئەڭ يېقىملىق مۇزىكىنى ئاڭلىغاندەك بولاتتىم، ئاپام قارىغان ۋاقىتتا بولسا دۇنيانىڭ پۈتۈن رەڭلىرى  مېنى قۇچاقلايتتى، يىغلىسا يۈرۈكۈمگە چىلەكلەپ يامغۇر قۇيۇلغاندەك بولاتتى.كۈلىشى قەلبىمگە باھارنى ئېپ كېلەتتى.چۈشەنمىدىم ئاپام بۇنى قانداق قىلار بوغىيتى، ئاپام ئەڭ ئاجىز ۋاقىتلىرىدا ھاياتنى يېپ يېڭى بىر ئۈمۈت بىلەن باشلىيالايتتى،قايغۇنى ئۈمۈتكە ئايلاندۇرالايتى.ھەرقېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن ئاپام خۇددى قۇش بالىسىدەك يېنىك ئەركىن بوپ كېتەتتى،ھەم قايتىدىن تۇغۇلاتتى ھەم بالىلىرىنى يېڭىدىن تۇغاتتى.

ئاپام ئاشىقلىق توغۇرلۇق گەپ قىلغاندا مەن ھەيران قالدىم،ئاپام تاماق ئېتەتتى، قاچا يۇياتتى، كىر يۇياتتى.سودىمۇ قىلاتتى، ئۆي تازىلايتى،بالىلىرىنى باقاتتى.ئاپامنىڭ ھاياتىدا ئاشىقلىق دىگەن سۆز يوق ئىدى،شۇ سەۋەپتىن ئولتۇرۇپ يىغلاپ كېتەتتى،كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ بەختسىزلىكى بىلەن چىقىشىپ ئۆتەتتى،ئاشىقلىق ئۇ يوقىتىپ قويغان قىممەتلىك بىر نەرسە ئىدى،ئۇ بەلكىم بۇنى بىرەسى تېپىۋىلىپ قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بېرەر دەپ ساقلايتتى.خۇددى بارلىق ئانىلارغا ئوخشاش ساقلايتتى، ئارزۇ قىلاتتى...


بەت: [1]
: ئۆتكەن كۈنلەردىن پارچە خاتىرىلەر