mollam1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 14:40:26

بۇ ھەپتىلىك جوڭگۇ پاي بازىرىغا تەھلىل

مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن پاي بازىرىغا تەھلىل يۇللانماي قالغان،بۈگۈندىن باشلاپ داۋاملىق يۇللىنىدۇ،بۈگۈن ئۇچۇر ،تاراتقۇ،ئۆلچەش ئەسۋاپلىرى قاتناش ،ئېلىكتىر سايمانلىرى تەسىرىدىن بازار قىزىرىشقا يۇزلەنگەن،ئاكسيە ۋە بانكا قاتارلىق بۆلەكلەرنىڭ تەڭشىلىشى بازارنىڭ قاڭقىشىنى تۇساپ تۇرغان،بازار ئاخىرى شاڭخەي 3235.30شېنجىن 11355.8نۇقتىدا يېپىلغان،بۈگۈن شېنجىننىڭ ئوتتۇرا ئۇشساق بۆلىكى يامان ئەمەس قاڭقىغان،بازار ئاخىرى 5825.69نۇقتىدا يېپىلغان.
بۇ ھەپتىلىك بازار مەشغۇلاتى:
1.ئاساسلىق بازار ھەققىدە:ئاكسيە پايلىرى ئاساسەن چۈشۈش تونىلىنى ياساپ بولغان ھالەتتە.بۇ قاراشنى بىز ئىككى ھەپتە ئاۋۋال ئوتتۇرغا قۇيغان،گۇشىن ئاكسيەسىنىڭ بازارغا چىقىشى ۋە پىشاڭلىق سودىنىڭ قىززىق سۇۋۇشى ئاكسيە پايلىرىدىن مەبلەغ تەدرىجى نەقلىشىشنى تاللىغان،تۆۋەن باھالىق دۆلەت كارخانلىرى بولسا ئۇدا تەڭشىلىشتىن كېيىن تەدرىجى مۇۋاپىق رايونغا كېلىۋاتىدۇ،601600   601919 لار 30 كۈنلىك رايوندا تۇراقلىشىپ يەنە بىر ھۇجۇمغا تەييارلىق قىلىشى مۈمكىن.دۆلەت كارخانلىرى ئىسلاھاتى 2 يىغىندا تېخىمۇ پەللىگە چىقىشى مۈمكىن،قۇرال ياراق ساھە پايلىرىغىمۇ ئۇدا ياخشى خەۋەر كېلىۋاتىدۇ،بۇ ھەپتە تەڭشلىشىمۇ ئاخىرىلشىشى مۈمكىن.مېتال ،كۆمۈر قاتارلىق دەۋرلىك ساھەلەرمۇ تەڭشلىش باسقۇچىدا،مۇۋاپىق رايونغان كەلگەندە يەنە سىناشقا بولىدۇ،بۇ ھەپتە ئاساسلىق بازار 20كۈنلىك رايوننى سىناش مۈمكىن.
.ئۇتتۇرا ۋە ئۇششاق بۆلەك ،ئىگىلىك بازىرى ھەققىدە:
بۇ بۆلەك ئۇدا تەڭشىلىشتىن كېيىن كەلگەن پۇرسەت دەپ قاراشقا بولىدۇ،بۈگۈنكى ئەھۋالدا پەن تېخنىكا پايلىرى كۆپرەك ئىگلىك ۋە ئوتتۇرا ئۇششاق بۆلەكتە پۇرسەت ناھايىتى ياخشى بولغان،يىل بېشىدا پايدىنى ياخشى تەقسىم قىلدىغان شېركەتلەرنىڭ پېيى ياخشى ئۆسىشى مۈمكىن،ئىگلىرى كۈچلىك ئۇينالغان تۇنۇشلۇق پايلاردىن   002657ھەر 10پايغا 10پاي سوۋغا قىلىشنى ئوتتۇرغا قويغان،300235  300311   300206  لاردەك ئۇقۇملۇق پايلار بولسا چۈشۈشتىن توختاپ قاڭقىشقا ئۆتكەن،بىزگە تۇنۇشلۇق  300220 بولسا يەنە بىر نۆۋەت ھۇجۇم ھالەتكە ئۆتكەن،بۇ ھەپتە ئىگىلىك بازىرى 1635 ئەتراپتىكى كاۋاكنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يېنىشى مۈمكىن.بۇ بۆلەكتە داۋاملىق پايدا بولسا نەقلىشىش تەكلىۋى بېرىلدۇ.
يەككە پايلاردىن قولىدا  000686 دەك ئاكسيە پايلىرى بارلار پايدىدا چېكىندۇق،بىراق تۇتۇپ تۇرۋاتقانلار بولسا ھۇشيات تۇرساق،600343دەك قۇرال ياراق پايلىرى بار دوسلار ھازىرچە ھۇدۇقماي مال تۇتىلى،1919   1600 دەك پايلارنىڭ مال تۇلۇقلاش نۇقتىسى  30كۈنلىك رايون،قۇرال ياراقتا بولسا  000768 بۇبۆلەكنىڭ سەركىسى بولۇپ قالدى،تۆۋەندىن دىققەت قىلساق بولىدۇ.
يۇقارقىلار تەڭرىتاغ ئاكسيە تورىنىڭ بازار قارىشى،تەنقىدى پايدىلانساق بولىدۇ.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 16:15:15

601919 نىڭ ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى ئانچە ياخشى ئەمەستەكقۇ، بەزىلەر بۇنى زىيان تارتىۋاتقان كارخانا دەپ ئەخلەتكە چىقىرۋېتىپتۇ. مېنىڭچىمۇ ئەخلەت بولسا يېقىندىلا 70 % تەك ئۆسۈپ كەتمەس بولغىيتتى. ھازىرقى تەڭشىلىشى يېتەرلىكمۇ ؟

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 20:10:55

600877 نى بۇرۇن تەۋسىيە قىلغانتىڭىز، كىيىنكى مەشغۇلات ئەھۋالى ھەققىدە بىر كۆرسەتمە بەرسىڭىز
بەت: [1]
: بۇ ھەپتىلىك جوڭگۇ پاي بازىرىغا تەھلىل