TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 14:11:00

تاشپولات: 8 خىل ئادەت كاللا ئىشلەشنى تېزلىتىدۇ

8 خىل ئادەت كاللا ئىشلەشنى تېزلىتىدۇ

تاشپولات روزى



مەن “MT Lifehacher” دېگەن تور بېتىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن ۋە ئۇنى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرىمەن. ئۇنىڭدىن ھەر خىل مەسىلىلەرنىڭ جاۋاپلىرىنى تاپقىلى ۋە ئاشۇ مەسىلەرنى قانداق يېشىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئەمدى ئوقۇغانلىرىمنى ئۆزۈمنىڭ بىلىملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قېرىنداشلىرىمغا مۇشۇ تور بەتتىكى بىلىملەرنى سۇنسام بولىدىكەن دېگەن ھېسسىياتقا كېلىپ قالدىم. مەن كۆرسىتىدىغان مەسىلە يېشىشنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللىرىنى بەلكىم مېنىڭدىن باشقا قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ بىلگۈسى كېلىشى ۋە ئۇنى ئۆزىگە تەتبىقلاپ ئۇچۇرغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا يېشىشنى ئارزۇ قىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەقى قىلىۋاتقان دەۋردە، جەمئىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر ئادەمگە كەلتۈرۈۋاتقان مەسىلىلەرنى قانداق يېڭىش بارلىقىمىزنىڭ باشلىرىنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلىگە ئۇچۇرسىلا ئۇنۇڭدىن قورقۇپ كېتىشكە ۋە ياكى جەمئىيەتتىن ئاچچىقلىنىپ يۈرۈشكە مېنىڭچە تېخىمۇ بولمايدۇ. ھەرقانداق بىر قىيىن مەسىلە ئالدىڭىزغا كەلگەندە، سەۋرچانلىق بىلەن ئىزدەنسىڭىز چوقۇم ئۇنى ھەل قىلىشىڭ يولىنى تاپقىلى بولىدۇ. شۇڭا ئۆزىڭىزنى بىلىم ئارقىلىق قوراللاندۇرۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. مەن تونۇشتۇرىدىغان بۇ مەسىلە يېشىشنىڭ ئۇسۇللىرى ناھايىتى قىسقا ھەم مەزمۇنلۇق بولۇپ، سىز ئۇنى چوقۇم ياخشى كورىسىز.

بەزى كىشىلەر ھېسابلاشتا ئاستا، يېڭى نەرسىلەرنى ئېسىدە ساقلىيالماي، ئوخشاش بىر خاتالىقنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ. ئۇنداق بولسا قانداق قىلغاندا كاللىنىڭ ئىشلىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندە كاللا ئىشلەشنىڭ تېزلىگىنى ئاشۇرۇشنىڭ 8 ئادىتىنى كۆرۈپ چىقايلى.

1. ھەر كۈنى كۆرگەن ۋەقەلەر ياكى ھادىسىلەرنى ئويلاش ياكى ئەسلەپ چىقىش

ھەر كۈنى كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن، شۇ كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە بولغان بارلىق ھادىسىلەر ياكى ۋەقەلەرنى بىر بىرلەپ ئويلاپ چىقىپ ئۇنى سۆزگە ئايلاندۇرۇپ چىقىڭ. بۇنداق قىلسىڭىز تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرەلەيسىز. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان كاللىدا ئويلاش دېگىنىمىز، ئۇ ۋەقەلەرنى ئويلاپلا بولدى قېلىش ئەمەس، ئويلىغانلىرىڭىزنى سۆزگە ئايلاندۇرۇپ دەپ چىقىشتىن ئىبارەت. بۇ ئۇسۇل تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، ئوخشاش خاتالىقنى داۋاملىق ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەرگە بەك ئۈنۈملۈك بولىدۇ. مېنىڭچە بۇ ئۇسۇل كاللىسى ئاستا ئىشلەيدىغانلا ئەمەس، كاللىسى تېز ئىشلەيدىغانلارغىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇپ، كاللىنىڭ تېخىمۇ ئىشلىشىگە زور تەسىر قىلىدۇ. سىز بۇ ئۇسۇلنى ھازىرغىچە قىلىپ كۆرگەنمۇ؟ ئەگەر قىلمىسىڭىز كەم دېگەندە 3 ئاي داۋاملاشتۇرۇپ بېقىڭ. بۇ بەكمۇ ئاددىي ئۇسۇل بولۇپ، قېنى بۈگۈن كەچتىن باشلاپ سىناپ بېقىشنى باشلاڭ.

2. كاللىنىڭ ئىشلىشى يېمەك ئىچمەككە تايىنىپ قالمايدۇ

ئەپسۇسكى، كاللىنىڭ ئىشلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە يېمەكلىك يوق. ماۋۇ يېمەكلىكنى يېسەڭ كاللاڭ ئىشلەيدۇ دەيدىغان گەپمۇ يوق. بىراق، كاللىنىڭ ئوزۇقلۇقىغا شېكەر لازىم بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك شېكەرنى كوپ يېسەڭ كاللاڭ ئىشلەيدۇ دېگەنلىك ئەمەس. شۇڭا يېمەك-ئىچمەكلەرنى نورمال يەپ بەدەننىڭ تەن ساغلاملىقىنى ياخشى تۇتۇش لازىم. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ كاللىسىنى ئۆتكۈرلىتىش ئۈچۈن ھەددىدىن ئارتۇق يېمەكلىكلەرنى بېرىپ بالىنى بىزار قىلىدۇ. مېنىڭچە بۇ ياخشى ئەھۋال ئەمەس. مۇمكىن بولسا بالىنى ئىلمى ئۇسۇلدا ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم.

3. قانغىچە ئۇخلاش لازىم

سىز ياخشى ئۇخلىماي چارچىسىڭىز كاللىنىڭ ئىشلىنىشى ئاستىلاپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزدىن چاتاق چىقىدۇ. مەنمۇ بەزى ۋاقىتتا كوپ ئىش قىلىپ چارچىغان ۋاقىتلىرىمدا، بالىلىرىمنىڭ مەندىن نېمە سوراۋاتقانلىقىنى ئۇقالماي خاتا جاۋاب بېرىپ قويغان ۋاقىتلىرىم بولغان. بۇنداق ئىش داۋاملاشسا بەدەن ئاجىزلاپ كاللىنىڭ ئىشلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن تەن-سالامەتلىگىڭىز ناچارلىشىدۇ. شۇڭا قانغىچە ئۇخلاش لازىم. قانغىچە ئۇخلىيالمىدىم دەپ ئورۇندىن تۇرماي يېرىم كۈن ئۇخلاشنىڭ لازىمى يوق. ئادەتتە 6 سائەت قانغىچە ئۇخلاشقا يېتىدىكەن. قانغىچە ئۇخلاش ئۈچۈن تەبىئەت ئاۋازلىرى ئېلىنغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ ياتسا ياخشى دەپ قارىلىدىكەن. مەسىلەن سۇلارنىڭ شارقىرىغان ئاۋازلىرى ئېلىنغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ يېتىش. كەچتە ياخشى ئۇخلاش ئۈچۈن ھەددىدىن ئارتۇق ئېغىر تەن ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشمۇ ياخشى ئەمەس ئىكەن. مەسىلەن، قاتتىق يۈگۈرۈش ۋە ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش. بۇ دېگەنلىك ھەرگىز بەدەن چىنۇقتۇرما دېگەنلىك ئەمەس. ھەر كۈنى بەدەن چېنىقتۇرۇش كاللىنىڭ ئىشلىشىگە تەسىر قىلىپ قالماي تەن-سالامەتلىگىڭىزنىڭ ياخشى بولۇشىغىمۇ ئالاھىدە تەسىر قىلىدۇ.

4. ھەر كۈنى چوقۇم مېڭىش لازىم

ھەر كۈنى مېڭىش ۋە بەدەننى تولغاچ، كاللىنىڭ ئىشلىشىگە بەكمۇ ياخشى دەپ قارىلىدىكەن. بىراق ھەددىدىن ئارتۇق ھەرىكەت ياخشى ئەمەس ئىكەن. ئادەتتە كىشىلەر ھەر كۈنى كەم دېگەندە 3 كۈن بەدەن چېنىقتۇرۇشى، كەم دېگەندە 50 مىنۇت مېڭىپ بېرىشى زۆرۈر ئىكەن. بۇنداق بولغاندا بەدەندىكى قان تومۇرلارنىڭ ئايلىنىشى ياخشىلىنىپ، كاللىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىگە لازىم بولغان شىكەرلا ئەمەس، كاللىغا مۇتلەق لازىم بولغان ئوكسىگەن يېتىپ كېلىدىكەن. شۇڭا ھەر كۈنى ھەرىكەت قىلىپ قان تومۇردىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلىتىپ، قان ئېقىم مىقدارىنى كۆپەيتكەن ياخشى ئىكەن. سىز كاللىڭىزنىڭ ئىشلىشىنى ھەقىقىي ياخشىلايمەن دېسىڭىز ھەر كۈنى نورمال تەن ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىڭ. مۇمكىن بولسىلا ماڭىدىغان يەرلەرگە مېڭىپ بېرىپ، ماشىنا ياكى ئاپتوبۇسلارنى ئىشلەتمىگەن ياخشى. خىزمەت ۋاقتىدىكى دەم ئېلىشلاردا مۇمكىن بولسىلا يارلىقلاردىكى دەم ئېلىشلاردا ماڭغىنىڭىز ياخشى.

5. ئوخشىمىغان ئىش قىلىش

كاللىنىڭ ئىشلىشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قىلىپ باقمىغان ئىشنى قىلىپ بېقىشمۇ ياخشى ئۇنۇم بېرىدۇ. بۇنداق بۆلىشى ئوخشىمىغان ئىشنى قىلغاندا كاللىنىڭ ئىشلەپ باقمىغان قىسىملىرى ھەرىكەتلىنىدىكەن. ھەر كۈنى ئوخشاشلا ئىش قىلغاندا كاللىنىڭ پالىيەتچانلىقى تۆۋەنلەيدىكەن. شۇڭا قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىن باشقا ئىشلارنىمۇ داۋاملىق قىلىپ بەرگىنىڭىز ياخشى ئىكەن. مەسىلەن شەخمەت ئويناش ۋە تېپىشماق ئېيتىش قاتارلىقلار.

6. كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۆپەيتىش

كاللىنى چېنىقتۇرۇش ئۇسۇللىرى كوپ بولۇپ، بۇ ئۇسۇللار كىشىلەرنىڭ تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى بىلەن چۈشىنىش قابىلىيىتىنى ئۇستۇرىدۇ. يەنى ھېسابلاشنى تېزلەتكىلى، يېڭى نەرسىلەرنى چۈشىنىشنى ياخشىلىغىلى بولسىمۇ بىراق بۇنۇڭ بىلەيلا كىشىلەر ئىپادىلەش كۈچىنى ياكى تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرەلمەيدۇ. شۇڭا كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ئاشۇرساق ئىپادىلەش كۈچىنى ياكى تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقە دېگەندە چوقۇم سوز ئىشلىتىپ باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئېغىزىمىزدا سوز ۋە جۈملىلەرنى ئىشلىتىپ قارشى تەرەپ بىلەن پاراڭلىشىش. بولۇپمۇ باشقىلارغا ناھايىتى ئاسانلار ئۆزىنىڭ دېمەكچى بولغىنىنى يەتكۈزۈش بەك مۇھىم. چۈنكى باشقىلارغا دېمەكچى بولغىنىنى ئاسان چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۆزى ئىپادىلەش كۈچىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ سۆزلىشىش بىرئاز قىيىن بولسىمۇ تارتىنماي قارشى تەرەپكە ئۆزىڭىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىزنى يەتكۈزسىڭىز ۋە بۇنداق قورقماسلىقنى قايتىلاپ تۇرسىڭىز سىزنىڭ ئىپادىلەش كۈچىڭىز تېزلا نامايان بولىدۇ. شۇڭا باشقىلار ئالدىدا تارتىنماي سوز قىلىش ئادەتنى يېتىلدۈرۈڭ. بۇ يەردە يەنە بىر مۇھىم مەسىلە باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا قانداق نەرسىنى ئەڭ ئالدى بىلەن يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. سىز باشقىلار بىلەن پاراڭلاشتىم دەپ كاللىغا نېمە كەلسە شۇنى دەۋەرسىڭىز بولمايدۇ. كالىدا دېمەكچى بولغاننى ياخشى ئويلاپ ناھايىتى راۋان ۋە نورمال ئاۋازدا ئىپادىلەشنى ئۆگىنىڭ. ئەلۋەتتە سوز بايان قىلىشتىن بۇرۇن قارشى تەرەپنىڭ پىكرىنى ياخشى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش لازىم. بۇنداق قىلىش سىزنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي ناھايىتى رەتىملىك ئىپادىلەشنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن رادىئو ۋە قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئاڭلاشمۇ ناھايىتى چوڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ. بۇنداق دېگەنلىك سۈرەت ۋە رەسىملەر يوق ھالەتتە كالىڭىزغا ئۇچۇرلارنى قاچىلاشتىن ئىبارەت. ئۇچۇرنى رەسىمسىز تەھلىل قىلغاندا ئاشۇ ئۇچۇرنىڭ نەق مەيدان ھالىتىنى كالىڭىزدا سۈرەتلەپ چىقىسىز. شۇڭا كوپ ئاڭلاش تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. يۇقىرىدا دېگەندەك قىزىق ھېكايىلەرنى ئوقۇشمۇ سىزنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ چۈنكى ئوقۇغان ھېكايىدىكى قىزىق ھالەتنى كاللىڭىزدا تەسۋۇرلىيەلمىسىڭىز ئۇنۇڭ قىزىق بىر ھېكايە ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز.

7. تېز ئاڭلاش ئۈنۈمى

تېز ئاڭلاش ئۈنۈمى دېگىنىمىزدە  تېز سۈرەتتىكى ئاۋازلارنى ئاڭلاشقا قارىتىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئاۋازلارنى ئاڭلاپ بەرگەندە كىشىلەرنىڭ نەرسىلەرنى چۈشىنىش كۈچى ئالاھىدە ئارتىپ مېڭىش بىلەن بىرگە تەسەۋۋۇر كۈچىمۇ ئازراق ئۆسىدىكەن. بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تېز چۈشىنەلمەيدىغانلار بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقسا بولىدىكەن. كاللىڭىز چارچاپ كەتكەندە بۇ ئۇسۇلنى تەجرىبە قىلماڭ.

8. ئەتىگەن تۇرۇش

چۈشتىن بۇرۇنقى كاللىنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئەتىگىنى ئەتىگەن تۇرغان ياخشى ئىكەن. مەسىلەن سىز سائەت توققۇزلاردا ئىشلىمەكچى بولسىڭىز چوقۇم ئىككى سائەت بۇرۇن تۇرغىنىڭىز ياخشى ئىكەن. ئەتىگەن تۇرغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئەتىگەنلىك تاماق يېيىشنى ئۇنتۇماسلىقىڭىز لازىم. ئەتىگەنلىك تاماقنى مۇمكىن بولسا ياخشى يېمەكلىكلەر بىلەن قورساقنى راۋۇرۇس تويدۇرۇش لازىم. ئەتىگەنلىك تاماققا سەل قارىسىڭىز سىزنىڭ بىر كۈنلۈك ئىشىڭىز ۋە كاللىنىڭ ئىشلىشىگە ياخشى تەسىر بەرمەيدىكەن.

چۈشتىن بۇرۇنقى كاللىنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئەتىگىنى ئەتىگەن تۇرغان ياخشى ئىكەن. مەسىلەن سىز سائەت توققۇزلاردا ئىشلىمەكچى بولسىڭىز چوقۇم ئىككى سائەت بۇرۇن تۇرغىنىڭىز ياخشى ئىكەن. ئەتىگەن تۇرغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئەتىگەنلىك تاماق يېيىشنى ئۇنتۇماسلىقىڭىز لازىم. ئەتىگەنلىك تاماقنى مۇمكىن بولسا ياخشى يېمەكلىكلەر بىلەن قورساقنى راۋۇرۇس تويدۇرۇش لازىم. ئەتىگەنلىك تاماققا سەل قارىسىڭىز سىزنىڭ بىر كۈنلۈك ئىشىڭىز ۋە كاللىنىڭ ئىشلىشىگە ياخشى تەسىر بەرمەيدىكەن.

yadlan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 14:41:41

ئۇقۇغۇچىلارغا چۇقۇم يەتكۈزۈشكە تىگىشلىك ياخشى تېما بوپتۇ .رەھمەت.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 17:19:20

yadlan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 14:41 static/image/common/back.gif
ئۇقۇغۇچىلارغا چۇقۇم يەتكۈزۈشكە تىگىشلىك ياخشى تېما بو ...

ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ كاللىسى ئىشلەپ تۇرىشى كىرەكتە، مىنىڭچە ھەر بىر ھايات ئىگىسى ئۆزىنى تاكاممالاشتۇرۇپ تۇرىشى كىرەك.

Izdan8 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 17:33:59

ساقلىۋالدىم ، ئادىتىمگە ئايلاندۇرۇشقا تىرشىمەن ، تىما ئىگسىگە رەھمەت

ronaldo999 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 18:03:19

ئوقۇغۇچىلار قانغۇدەك ئۇخلاش دېگەننى تاللاپلا ئاشۇرىۋېتىدۇ قىلالاپ قالسا:lol

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 08:50:20

رەخمەت تاش پولات مالىم. كاللا ئىشلىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىنىق كۆرسىتىپ بىرىپسىز. بىزنىڭ مىللىتىمىزدە بولۇپمۇ تەبىئى پەنگە ئانچە كاللا ئىشلىتىپ كەتمەيدۇ. بولۇپمۇ ماتىماتىكا،فىزىكا قاتارلىق پەنلەرگە . سىزنىڭ بۇ ماقالىڭىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانسا ،پايدىسى زور بولغىدەك. خۇشۋاخ بولۇڭ.

abdulla0013 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 09:17:30

ياخشى مەزمۇنكەن ئۈستىدىكى MT Lifehacher تور بەتنىڭ تۇلۇق ئادىرسىنى يوللاپ بەرگىلى بۇلامۇ

puhra يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 17:24:12

ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن .{:258:}{:263:}
بالامغا ئۇقۇتتۇم مەنمۇ ھەم ھازىر كومپىيۇتېرنى ئېتىپ ،چىنىقىشقا ماڭدىم.
{:92:}

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 08:59:31

abdulla0013 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-17 09:17 static/image/common/back.gif
ياخشى مەزمۇنكەن ئۈستىدىكى MT Lifehacher تور بەتنىڭ تۇلۇق ئاد ...

پايدىلانغان مەنبە: MT Lifehacher
http://en.motivation-upgrade.com/
بەت: [1]
: تاشپولات: 8 خىل ئادەت كاللا ئىشلەشنى تېزلىتىدۇ