bilgem يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 12:41:47

تور قۇتىسى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش

تورلاردا ئانرويىدلىق تور قۇتىلىرى 网络机顶盒 كۆپلەپ چىقرىلدى، بۇنىڭدا تېلېۋىزۇرغا ماس كېلىدىغان ئەپلەرنى قاچىلاش ئارقىلىق كىنو، تېلېۋىزىيە نۇمۇرلىرىدىن بەھىرلەنگىلى بولىدۇ.









داۋامى بار

bilgem يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 12:46:18

بۇ ئۈسكۈنىنى ھەرخىل تېلېۋىزۇر، ئىكران، سايىلىگۈچ投影仪، قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە چاتقىلى بولىدۇ.




مەن بۇ ئۈسكۈنىنى دەسلەپ ئەكەلگەندە تېلېۋىزۇرغا چېتىپ ئىشلەتكەن، بىراق ئىشلەتكەن تېلېۋىزۇر كونا تىپتىكى بولغاچقا، سۈرەت تازا ياخشى چىقمىدى، خەتنى شۇنچە يوغان قىلساممۇ يەنىلا چوڭ خەت بولسا كۆرۈنۈپ، كىچىك خەت بولسا كۆرۈنمىدى. كىيىنچە تاشلاپ قويغانىدىم.

داۋامى بار

bilgem يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 12:52:03

ئۇلاپ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئېغىزلار

bilgem يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 12:58:43

كونا تىپتىكى تېلېۋىزۇردا سۈرەت ياخشى چىقمىدى، شۇنىڭ بىلەن tv نى ئالماشتۇراي دېگەن بىراق، كومپيۇتېر ئىكرانىغا چاتسام قانداق بولار دەپ، قارىسام HDMI ئېغىزى بار، VGA ئېغىزى يوق، شۇنىڭ بىلەن توردىن HDMI  نى VGA غا ئالماشتۇرىدىغان ئۈسكۈنىدىن تاپتىم.


يۇقارقىدەك ئۈچ خىل ئىكەن،
1. توكسىز، ئاۋازسىز
2. توكسىز، ئاۋازلىق
3. توكلۇق، ئاۋازلىق
دەپ، شۇنىڭ بىلەن توكلۇق، ئاۋازلىق ماتىريالى ياخشى بولغاننى سېتۋالدىم.

داۋامى بار

bilgem يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 13:04:46



مۇشۇ شەكلىدە ئۇلايدىكەنمىز.
ئەمدى ئاۋاز مەسلىسىگە كەلسەك مەنبەلىك ئاۋاز ساندۇقى بولسا، ئاۋاز تۆشۈكىگە ئاۋاز كىرىش سىمىنى چاتساقلا بولىدىكەن.
USB لىك ئاۋاز ساندۇقى بولسا تازا ياخشى ئەمەس ئىكەن، شۇنىڭ سىرتتىن ئاۋاز كىرگۈزگىلى بولىدىغان رادىيولۇق قويغۇچنى چېتىپ كىنو ئاۋازىنى ئاڭلاشقىمۇ بولىدىكەن.


داۋامى بار

ئەمدىكىسى تور قۇتىسىدىكى ئەپلەر ۋە ئىشلىتىلىشى تونۇشتۇرلىدۇ.

bilgem يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 13:12:25

تور قۇتىسىدا ئىشلىتىدىغان ئەپلەر خىلى كۆپ بولۇپ شۇ قۇتىنى ئىشلىگەن زاۋۇتنىڭ ئۆزىنىڭ ئەپلىرى ۋە باشقا ئەپلەر بار، يېڭى يىلدىن بۇيان، بەزى ئەپلەرنى تور قۇتىسىدا ئىشلىتىشنى توختىتۋەتتى، مەسلەن QQ، pptv, youku دېگەندەك.

مەن ئەڭ كۆپ ئشىلىتىدىغان ئەپ بولسا 百度电视云  بولۇپ، بۇنىڭدا 百度网盘 گە ساقلىۋالغان فىلىم، ئاۋاز، سۈرەتلەرنى كۆرگىلى بولىدىكەن، شۇڭا كومپىيۇتېر ئىشلەتكەن ۋاقىتتا ياخشى كىنو ئۇچراپ قالسا، baidu网盘 دە بولسا ساقلىۋىلىپ، تور قۇتىسىدا كۆرىمەن.

bilgem يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 13:17:42

ئۆزىنىڭ ئەپ بازىرىدا تىزگىن ئارقىلىق باشقۇرغىلى بولىدىغان ئەپلەر بولۇپ، كىنو كۆرۈشتىن باشقا تېلېۋىزىيە نۇمۇرلىرىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.
مەسلەن: VST全聚合، 百视直播 ، HDP直播  قاتارلىقلار، شۇلاردا ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىمۇ بار.
xjtv13, xjtv15, utv2 دېگەندەك.

yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 14:17:27

مەن تېلگىرافنىڭ  iptv نى ئىشلىتىۋاتىمەن. ئۇيغۇرچە كىنو، تېلۋىزىيە تىياتىرى، كارتونلار خېلى مولكەن. خەنزۇچە دۇنياۋى فىلىملەر 大片  نى 15 سوم تۆلەپ ئاچقۇزۇۋەتتىم. بەك نوچى كىنولار باركەن. كۆرۈپ ئۈلگۈرتەلمەيۋاتىمەن. بەزى ئۇيغۇرچە كىنولارنى چۈشۈرۈۋېلىشنى ئويلىغان ئىدىم. tv رىم  tcl  ماركىسىدىكى ئەقىللىق تىپىدىن ئىدى. چۈشۈرۈشنىڭ ئامالى بارمىدۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 14:23:53

yaxar0996 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 14:17 static/image/common/back.gif
مەن تېلگىرافنىڭ  iptv نى ئىشلىتىۋاتىمەن. ئۇيغۇرچە كىنو،  ...

ئۇيغۇرچە كىنولار بولسا ياخشىكەنغۇ. ئۇيغۇرچە قاناللار قويۇلامدىكەن، مەسىلەن سۈنئىي ھەمرا 2، 5، 9 دىگەندەك. مەن ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئورناتقاندا ئۇيغۇرچە يوق دېگەن شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تاشلىۋېتىپ، يۇقىرىدىكى تورداش تەۋسىيە قىلغان قۇتىنى ئىشلەتكەن، بىراق يېقىننىڭ ياقى بۇنداق نەرسىلەرنى ئىشلىتىش قانۇنسىز دەپ ئۇچۇر چىقىدىغان بولۇۋالدى. ۋىرۇسنىڭ ئىشىمىكىن دەپ توردىن ئىزدەپ باقسام ھۆكۈمەت بۇنى راستتىنلا چەكلەپتۇ.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 14:39:28

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 14:23 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە كىنولار بولسا ياخشىكەنغۇ. ئۇيغۇرچە قاناللار ...

ئۇيغۇرچە سىز دىگەن قاناللار ۋە ئايرىم كىنو،پىرىگراممىكلار چىقىدۇ. كىنو، كارتۇن فىلىملەرنىڭمۇ يىڭىلىنىشى تىز.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 14:43:52

bilgem يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 12:52 static/image/common/back.gif
ئۇلاپ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئېغىزلار

       تور قۇتىسىغا ئاۋۇ سۈرەتتىكىدەك قاتتىق دېسكا ياكى بارماقدېسكا ئۇلانسا نىمە مەشغۇلاتنى قىلغىلى بولىدىكەن؟ تەپسىلىرەك بىر چۈشەندۈرۈۋەتسىڭىزكەن... سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، رەھمەت.

bilgem يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 15:27:55

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 14:43 static/image/common/back.gif
تور قۇتىسىغا ئاۋۇ سۈرەتتىكىدەك قاتتىق دېسكا ياكى  ...

بارماق دېسكا ياكى قاتتىق دېسكانى ئۇلاپ، ئۆزىدىكى ھۆججەت باشقۇرغۇچ بىلەن ھۆججەتنى كۆرگىلى، كىنونى قويغىلى، ئاۋاز ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ھىساپتا بۇ بىر كىچىك كومپىيۇتېر دىن ئىبارەت.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 15:39:17

  ئۇچۇرىڭىزغا رەھمەت، ياخشى بولغۇدەكقۇ بۇ نەرسە بولسا، نەچچە تەڭگىلەرگە بېرىدىكەن بۇنى؟...

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 15:59:00

مەنمۇ 小米盒子 نى ئىشلىتىۋاتىمەن !

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 17:04:24

yaxar0996 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 14:17 static/image/common/back.gif
مەن تېلگىرافنىڭ  iptv نى ئىشلىتىۋاتىمەن. ئۇيغۇرچە كىنو،  ...

تور ئەكىرسەم بىر يىل ھەقسىز بەرگەن ئىدى ، قارىسام ئۇيغۇرچە يوققۇ ، ئىشلەتمىدىم

evrkax يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 17:14:55

.man elgere bun dak nar selar ne exletep bakmegan bu narsa oyga tor aker megan bolsak mu ex lam du

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 17:15:00

ئاندىرويىد سىستىمىلىق تور تىلىۋىزىيە قۇتىسىنى ئىشلىتىپ كۆرگەنلەر بۇ نەرسىنىڭ ئارتۇقچىلىق كەمچىللىكلىرىنى سىتىۋىلىشتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىشى زۆرۈرلىكىنى دىگەندەك تەسىراتلىرىڭلارنى سۆزلىۋەتمەمسىلەر.

evrkax يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 17:26:03

man burun bu nar sene exletep bakmegan bu nar sene oyga tur aker mesak mu ex lat kele bolamdu maslehat barsegz rahmat.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 17:27:59

باللا بولسا ماڭا شىياۋمى تېلۋۇزۇردىن بىرنى سېتىۋالسام بولاتتى، ياردەم قىساڭلار....

Izdan8 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 17:41:34

شياۋمى نىڭ شىركىتى داڭلىقراق كەن شۇ .....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Izdan8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-13 17:43  

Abdiweli يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 15:59 static/image/common/back.gif
مەنمۇ 小米盒子 نى ئىشلىتىۋاتىمەن !

مەنمۇ شياۋمى نىڭ كىدىن ئالاييمىكىن دىگەن ، ئاغىنلىرىم باۋفىڭ  نىڭ نوچىكەن دەيدۇ ، قايسىسنى ئالسام بۇلا دەپ ئىككىلنىپ قالدىم
بەت: [1] 2
: تور قۇتىسى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش