دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئون دۆلەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا NURI24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-13 12:29ۋاتىكان يەنە ۋاتىكان شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، دۆلەتنىڭ ئومومى يەر مەيدانى 0.44 كۇۋادىرات كىلومىتىر كىلىدۇ. ئالتە پۇتبول مەيدانىدەك چوڭلۇقتا دىگەن گەپ. ۋاتىكان دۇنيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ كىچىك، نوپوسىمۇ ئەڭ ئاز بولغان دۆلەت بۇلۇپ نوپوسى 836 ئادەم.
ۋاتىكان ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رۇمنىڭ غەربى شىمال قىسىمىغان جايلاشقان بۇلۇپ، كاتولىك دىنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوقۇققا ئىگەن ئورگىنى جايلاشقان دۆلەت.
ئىككىنچىسى موناكو
موناكو باغچىسى ياۋرۇپادىكى يەنە بىر شەھەر فىدراتىسىيە دۆلىتى.
يەر مەيدانى: 1.96 كۇۋادىرات كىلومىتىر
نوپوسى: 37580
جايلاشقان ئورنى: ياۋرۇپا
ئىشلىتىدىغان پۇلى: ياۋرۇ
ئىشلىتىدىغان تىلى: فىرانسوزچە
ئۈچىنچىسى ناۋرۇ
ناۋرۇ جۇمھۇريىتى جەنوبى تېنىچ ئوكياندىكى مىكرونىزىيە تاقىم ئاراللىرىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت. دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئارال دۆلەت ھەمدە دۇنيادىكى ئۈچىنچى كىچىك دۆلەت.
نوپوسى: 9322(2010-يىلى)
يەر مەيدانى: 21 كۇۋادىرات كىلومىتىر
ئىشلىتىدىغان پۇلى؛ ئاۋىستىرالىيە دوللىرى
ئىشلىتىدىغان تىلى: ئىنگىلىز تىلى، ناۋرۇ تىلى
تۆتىنچىسى تۇۋەلۇ
تۇۋالۇمۇ جەنوبى تېنىچ ئوكيانغا جايلاشقان ئارال دۆلەت. يەر شەكلى بەك پەستە بولغاچقا، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كىتىشى سەۋەبىدىن دېڭىز يۈزىنىڭ كۆتۈرلىشى بۇ دۆلەتكە ئېغىر تەھتىد ئېلىپ كەلمەكتە. تۇۋەلۇ بولسا دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققى قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرسى.
دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 4.6 مىتىر
نوپۇسى: 9860 (2012-يىلى)
ئىشلىتىدىغان تىلى ئىنگىلىز تىلى، تۇۋەلۇ تىلى
بەشىنچىسى سان مارىنو
سان مارىنو ياۋرۇپانىڭ جەنوبىغا ، ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بۇلۇپ، ئىتالىيە بۇ دۆلەتنى ئوراپ تۇرىدۇ، شۇڭلاشقا سان مارىنو دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت ھېساپلىنىدۇ. بۇ دۆلەتتىكى %90 ئادەم ئىتالىيەلىك.
يەر مەيدانى 61.2 كۇۋادىرات كىلومىتىر
نوپۇسى: 31250 (2012-يىلى)
جايلاشقان ئورنى ياۋرۇپا
ئىشلىتىدىغان پۇلى : ياۋرۇ
ئىشلىتىدىغان تىلى: ئىتالىيە تىلى
ئالتىنچىسى: لىچتېنىشتېين
يەر مەيدانى: 160 كۇۋادىرات كىلومىتىر
نوپۇسى: 32000
جايلاشقان ئورنى: ياۋرۇپا
ئىشلىتىدىغان تىلى: گىرمان تىلى
ئىشلىتىدىغان پۇلى: شىۋىتسارىيە فالاڭ
يەتتىنچىسى : مارشال تاقىم ئاراللىرى دۆلىتى
تېنىچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئارال دۆلەت
يەر مەيدانى: 181 كۇۋادىرات كىلومىتىر
نوپۇسى: 50000
ئىشلىتىدىغان پۇلى: دوللار
ئىشلىتىدىغان تىلى: ئىنگىلىز تىلى
سەككىزىنچىسى: ساينت كىتىس ۋە نېۋىس
دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئون دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى بىردىن بىر ئامرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەت
يەر مەيدانى: 267 كۇۋادىرات كىلومىتىر
نوپۇسى: 40000
ئورنى: شىمالى ئامرىكا
ئىشلىتىدىغان تىلى: ئىنگىلىز تىلى
ئىشلىتىدىغان پۇلى: غەربى كارب پۇلى
تۇققۇزىنچىسى: مالدىۋىيە
ئاسىيادىكى ئەڭ كىچىك دۆلەت
يەر مەيدانى: 298 كۇۋادىرات كىلومىتىر
نوپۇسى: 270000
ئونىنچىسى: مالتا
يەر مەيدانى: 316 كۇۋادىرات كىلومىتىر
نوپۇسى؛ 380000
ئورنى: ياۋرۇپا
ئىشلىتىدىغان پۇلى؛ ياۋرۇ
مەنبە ئىقتىساد سالونى
ئىزدەش نۇمۇرى
iktisad
ھەمممىسىلا ئىنتايىن گۈزەل دۈلەتلەركەن مىنىڭ ھەممىندىن ياخشى كۈردىغان يەرىم مالدىۋىيە بۇ يەر بەك گۈزەك دىڭىزلىرىنىڭ گۈزەللىككى ئادەمگە بىرخىل زۇق بىغىشلايدۇ مەن بەك ئامراق مۇشۇ مالدىۋىيەگە:P:P سىز بىرىپ باققانمۇ؟
ئارىسىدىكى نەچچە دۆلەتنىلا بىلدىكەنمەن.ئەمدى تولۇق بولدى، رەھمەت.ئاندىن ئاۋۇ‹‹شىۋىتسارىيە فالاڭ›› دىگەننى شىۋېتسارىيە فرانكى دەپ ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز. بەزىلەرگە دۆلەت دىگەن توننىلاپ قاننىڭ بەدىلگە كىلدۇ ، بەزىدە دۆلەت دىگەن ئۇقۇم ئۇيۇننىڭ ئورنىدىكى گەپ ....
رەڭگارەڭ بايراقلىرىڭنى تىكلىۋېلىپ ئۈزەڭچە چىگرا ياسۋېلشىڭ قىززىق سىنىڭ دۇنيا ۋاتىكان ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رۇمنىڭ غەربى شىمال قىسىمىغان جايلاشقان بۇلۇپ، كاتولىك دىنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوقۇققا ئىگەن ئورگىنى جايلاشقان دۆلەت.
«رۇم» مۇ «رىم» مۇ KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 08:37 static/image/common/back.gif
ۋاتىكان ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رۇمنىڭ غەربى شىمال قىسىم ...
پەقەت بىزلا رېم دەيمىز .... قاغان ھەممە قەۋىم روم دەيدۇ ....
خۇددى ھونگىريە نى ۋىنگىريە دەۋاغاندەك بەگەنلىگە با تۇماقتەك بەمىگەنلىگە يوق قۇلاقتەك turken يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 09:06 static/image/common/back.gif
بەگەنلىگە با تۇماقتەك بەمىگەنلىگە يوق قۇلاقتەك
:lol :handshake ghalibjan يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 12:14 static/image/common/back.gif
پەقەت بىزلا رېم دەيمىز .... قاغان ھەممە قەۋىم روم دەي ...
ئۇيغۇرچە كىلاسسىك ئەسەرلەردىمۇ رۇم دەپ ئېلىنغان، قاچاندىن بېرى رىم دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ قالغانكىن بىزمۇ « رۇم» دەپ ئاتاپ ئادەتلەنسەك بولغىدەك.
بەت:
[1]