NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 12:06:22

13-يانۋاردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى

13-يانۋار خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1234 دوللار ئەتراپىدا. دۈشەنبە ئامرىكىنىڭ 12-ئايلىق غەيرى يېزا-ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىدا "تۆشۈك" بارلىقى سەۋەبىدىن بازارنىڭ ئامرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆسۈم قوشۇشقا بولغان مۆلچەرىنىڭ تۈۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئالتۇن باھاسى ئۆسۈپ بۇ ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى باھا 1235 دوللارغا چىقتى. لېكىن ئۈستىدە يەنىلا 1238 لىق مۇھىم توساق بار ھەمدە كەچتە ئامرىكىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى بۈركۈت تەرەپدارى تەرەپتە سۆز قىلدى.

بۈگۈن جۇڭگونىڭ سودا ھىسابات كۆرسەتكۈچى ۋە ئەنگىلىيەنىڭ 12-ئايلىق ئىستىمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچى بازارنىڭ قىزىق نوقتىسى. كەچتە يەنە ئاتلانتا زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ رەئىسى سۆز قىلىدۇ.



ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad  


تۈنۆگۈنكى تەھلىلدە 1228ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ۋە 1240دىن چۈشۈشكە ئالىدىغان مال توغرا چىقتى، ئاز دىگەندە 12 نوقتا پايدا بار.
بۈگۈنكى تەھلىل

1228 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ،زىيان 1223،نىشان 1233~1238

1254 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ، زىيان 1245،نىشان 1235~1230

1217 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ،زىيان 1212،نىشان 1222~1227

1270 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ، زنيان 1275،نىشان 1265~1260



بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى  244   يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.25  يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .

bityon3 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 20:53:15

ئالتۇن باھاسى  ئۈسۈپتىغۇ  ئەمدى.

MASTANA907 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 22:14:35

خ

MASTANA907 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 22:15:28

Ha a.  Usuptu.  Tunugun kid in.  4. Joy. Usuptu
بەت: [1]
: 13-يانۋاردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى