ئامېرىكا بىر خىل لازېر نۇرى قۇرالىنى ئىشقا قويدى
ئامېرىكا بىر خىل لازېر نۇرى قۇرالىنى ئىشقا قويدىبىلىمخۇمار
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى
«ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» ژورنىلىنىڭ تېلېۋىزورىدا بۈگۈن خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى يېقىندا پېرىسىيە دېڭىز بوغۇزى (Persian Gulf) دا بىر يېڭى تىپتىكى لازېر نۇرى قورالىنى ئىشقا قويغان. بۇ قورال 2014-يىلى سىنتەبىر-نويابىر ئايلىرى «USS Ponce» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇرۇش پاراخوتى ئۈستىدە سىناق قىلىنغان بولۇپ، ئۇ پاراخوتنىڭ بۇرۇن بار بولغان ئۆزىنى قوغداش سىستېمىسى بىلەن ناھايىتى ياخشى ماسلىشىپ، نۇخسانسىز ئىشلىگەن. سىناق جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئەسكەرلىرى بۇ قورال بىلەن بىر دېڭىز سۈيىدە ناھايىتى تەز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان مودېل كىمىنى، بىر كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇچىسى يوق ئايروپىلاننى، ۋە دېڭىزدىكى باشقا ھەرىكەتلىك نىشانلارنى، مەسىلەن راكېتىنىڭ كۈچى بىلەن ماڭىدىغان گراناتلارنى، ئېتىپ ۋەيران قىلغان.
لازېر نۇرى يورۇقلۇق تېزلىكىدە سېكۇنتىغا 300000 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن ماڭدىغان بولغاچقا، بۇ قورال ھەرىكەتتىكى نىشانلارنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ. ئەنئەنىۋى قوراللارغا قارىغاندا بۇ لازېر نۇرى قورالىنىڭ تەنەرقى تۆۋەن، ئىشقا سېلىش كۆپ ئاددىي ۋە ئاسان بولىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ پىلانى مەزكۇر لازېر نۇرى قورالى ۋە ئۇنىڭ ۋارىئانتلىرىنى 2020-يىلىغىچە پۈتۈن دېڭىز ئارمىيىسىگە ئومۇملاشتۇرۇش ئىكەن.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
Behind the Scenes: Laser Weapon System Operational Demonstration
https://www.youtube.com/watch?feature=player_embedded&v=D0DbgNju2wE
Zapped! U.S. Navy Deploys Laser Weapons
1-رەسىم: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئىشقا سالغان لازېر نۇرى قورالىنىڭ بىر كۆرىنىشى.
2-رەسىم: مەزكۇر لازېر نۇرى قورالىنى كونترول قىلىدىغان ئەسۋاپنىڭ بىر كۆرىنىشى.
ئەسكەرتىش: بۇ خەۋەر ماڭا ناسا ئېلخەت ساندۇقۇم ئارقىلىق كەلگەن بولۇپ، تېلېۋىزور پروگراممىسىنىڭ مەزمۇنى يۇتيۇب ۋېدىئو فىلمى ھوججىتى شەكلىدە تارقىتىلغان. شۇڭلاشقا قېرىنداشلارنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەسىلىسىدە ئەنسىرەپ قالماسلىقىنى سورايمەن.
ئەسسالام ئەلەيكۇم!
مۇنداق بىر ئىشنى سورىغىم كېلىۋاتىدۇ ماۋۇ لازېر نۇرى قورالى توغرىلىق، بۇ قورالدىن چىققان نۇر تۈز سىزىق بۇيىچىلام نىشانغا تىگەمدۇ ياكى، نۇر ئارقىلىق نىشاننى مۇقۇملاشتۇرۇپ (Target lucked) قىلىپ ئاندىن نىشاننىڭ قانداق يۆتكىلىشىدىن قەتئىينەزەر بىۋاستە ھۇجۇم قىلامدۇ؟ cooloff يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 10:20 static/image/common/back.gif
ئەسسالام ئەلەيكۇم!
مۇنداق بىر ئىشنى سورىغىم كېلىۋاتىد ...
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام!
مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، مەزكۇر لازېر نۇرى قورالىنىڭ چوڭ تۇرۇببىسى ئۈستىدىكى كىچىك ساندۇق بىر تېلېسكوپ بولۇپ، نىشاننى قۇلۇپلاش ئۈچۈن ئاشۇ تېلېسكوپ ئىشلىتىلىدۇ. لازىر زەمبىرەك توغرىلىق مەرگىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەربى ئۇچۇر ۋە خەۋەر قانىلىدا خېلى مۇنازىرىلەر بولغان،
بۇنىڭ ھاۋا بۇلۇتلۇق بولسا جايىغا تەككۈزەلمەسلىكتەك ئاجىزلىقى بار دەپ يەكۇن چىقىرىۋاتىتى .
بۇنىڭغا يانداش بولغان ئېلىكتىر-ماگنىت زەمبىرەك بۇ بوشلۇقنى تولدىرۇدۇ دەۋاتقاندەك قىلغان .
ئەسسالام ئەركىن ئەپەندىم. خۇش كەپسىز. بىزگە يەنە بىر دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان خەۋەردىن بىرنى يوللاپسىز. رەخمەت خەۋەرلەندۇق.
بۇرۇن بۇنداق قۇرال ياراقلارنى خولۋودنىڭ فانتانزىيەلىك كىنولىرىدا كۆرەتتۇق . ئەمدى روياپقا چىقىرىپتۇ. بىزگە تىنچلىق كىرەك. ھە، مېنىڭ بىر قارىشىم بار ئىدى، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى فىلىم رىژىسسورى ئىلگىرى سۈرىدۇ دەيدىغان. transformers2 دە مۇشىنىڭغا ئوخشايدىغان قورال چىقىدۇ.
rock يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 10:43 static/image/common/back.gif
ھە، مېنىڭ بىر قارىشىم بار ئىدى، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىن ...
مەنمۇ شۇنداق پىكىردە، يىگىرمە ئۆتتۇز يىل بۇرۇن ئىشلەنگەن فانتانزىيەلىك فىىملەردىكى قۇراللار ھازىر رىئال ئۇرۇش مەيدانىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، تەسەۋۋۇرنىڭ ئىجاتچانلىق كۈچى ئۆزىنى كۈرسىتىۋاتىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 281151976ar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-13 11:06
ئەركىنكا
1. بۇ قۇرۇلمىنىڭ شەكلىگە قارسام ئالدىنى ئىتىپ كەيننى ئاتالمامدۇ قانداق ؟
2.بۇ قۇرۇلمنىڭ مىخانىك قۇرۇلمىسنىڭ ھەركەت شەكلى قوپالمۇ قانداق مەنچە بۇنى پاراخوتنىڭ چوققىسقا يۆتكەپ ھەركەتچانلىقنى كۇچەيتىش كرەكمۇ قانداق يەنى ھەممە ياققا تىز ئايلنالايدىغان قىلسا ھەتتا تۆپىسكىمۇ ؟
3. ئەركىنكا بۇ قۇرۇلمىدا ئاۋال رادار نشاننى بايقاپ ئاندىن تىلسكۇپقا بۇيرۇق چۇشرۇپ تىلسكپ نىشاننى كۇزتۇش دائىرسىگە كىرگۇزۇپ قۇلۇپلاپ ئاندىن لازر نۇرى ۋوجۇم قىلامدۇ؟
4. ئەركىنكا بۇ لازىر نۇرى قانچىلىق ئارلىقتكى نىشاننى ۋايران قىلالايدۇ ؟ يىراقلىغانسىرى كۇچى ئاجىزلامدۇ ؟ ئەگەر نىشاننىڭ قپى قىلىن ياكى بەك قاتتىق بوللسچۇ؟ يەنى تىمپىراتۇرغا چىداملىق بولسچۇ؟
5.لازىر نۇرنىڭ نىشاننى پاچاقلىشدىكى سەۋەپ نىشاندا يقىرى تىمپىراتۇرا پەيدا قىلغانلىقى ئۇچۇنمۇ ؟ تاش قورال دەۋرى-تۆمۈر قورال دەۋرى-پۇرۇخ دەۋرى-ئاتوم دەۋرى-لازىر دەۋرى...-تاش قورال دەۋرى{:107:} ئىلىمىز مىنىڭچە بۇ چاققا ئېلېكتروماگنىت ئىمپۇل قورالىنى تەتقىق قىلىپ بى يەگە ئاپادىمىكى، بۇنى ياساپ كىتەمىكى
电磁脉冲 ھوللىۋۇد فانتازىيىلىك فىلىملىرى ئاجايىپ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنلەرنى تەسەۋۇر قىلىپ فىلىمگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار شۇ فانتازىيلىك قۇراللارنى ئەمەلىيەتتىن بەك چەتنەپ كەتمىگەن ئاساستا ئويلاپ چىقالايدۇ. دىمەكچى ئۇلار خىيالى تەسەۋۋۇردىكى يالغان نەرسىلەرنى كۆپ ئىشلەتمەيدۇ. شۇ فانتازىيىلىك ۋەقەلىك ياكى قۇراللارنىڭ چوقۇم ئىلمى تەسەۋۋۇرى بار.
مەسىلەن بۇرۇن قويۇلغان ۋاقىت ماشىنىسى دېگەن فىلىدىكى ۋاقىت ماشىنىسى، نىكولاسنىڭ سىھرىگەرنىڭ شاگىرتى فىلىمىدىكى سىمسىز توك يەتكۈزۈش، ئەنجىلىنا جۇلىيانىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى فىلىمىدىكى ۋاقىتنى كونتىرول قىلىش، ئوقنى ئەگىتىپ ئېتىش....قاتارلىق تەسەۋۋۇرلەر ھەرگىزمۇ رىژىسورنىڭ خىيالى تەسەۋۋۇرى ئەمەس. 电磁脉冲 بۇ قورالنى ئۆتكەندە نامايىشنى ، توپىلاڭنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن سىناق قىلغانلىقىنى خەۋەردىن كۆرۈۋېدىم ، بىرونىۋىك ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۆۋەن قۇۋۋەتلىك بۇ قورالنى ئادەم توپىغا قارىتىپ ئىشقا سالسا ئادەملەر چىداپ تۇرالماي قېچىپ كېتىدىكەن . بۇ لازىر نۇر قۇرالىنى خېلى يىللار بۇرۇنلا كۆرگەندەك قىلىغانتىم، كۈچى سەل ئاجىزدەك قىلامدۇ
http://player.youku.com/player.php/sid/XNTIzMjY4OTI=/v.swf
http://v.youku.com/v_show/id_XMjY4OTU5ODAw.html ئامىرىكىدەك دۆۋلەتلەر بولمىسا بەزى ئاجىز توپلارنىڭ كۈنى تېخىمۇ تەس بولىشىدا گۇمان يوق،جوڭگۇ ئامىرىكا دوسلۇقى ياشىسۇن 281151976ar يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 11:01 static/image/common/back.gif
ئەركىنكا
1. بۇ قۇرۇلمىنىڭ شەكلىگە قارسام ئالدىنى ئىتىپ ...
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئۇكام!
1.لازېر نۇرى ئۈسكۈنلىرى ئادەتتە سەل قوپالراق كېلىدۇ.
2. بۇ يەردە كۆرسىتىلگىنى سىناق نۇسخىسى بولۇپ، رەسمىي قوراللار سىز دېگەندەك ئورۇنلاشتۇرىلىشى، ياكى بولمىسا بىر پاراخوتقا 3-4 قورال ئورنىتىلىشى مۇمكىن.
3. مېنىڭچە شۇنداق.
4. بۇ قورالنىڭ ئۈنۈم بېرىش ئارىلىقى لازېر نۇرىنىڭ قۇۋۋىتىگە باغلىق. ھازىر بۇ قورالنىڭ يەر يۈزىدە تۇرۇپ ئاسماندىكى سۇنئىي-ھەمراھلارنى بۇزىۋېتىدىغانلىرىمۇ بار.
5. لازېر نۇرى بىلەن تۆمۈر-پولات كەسكىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاشۇنداق ئۈسكۈنىلەرمۇ بار. ساۋساۋنىڭ ئەسكەرلىرىدەك قىلىچ، نەيزە كۆتۈرۈپ چىقىپ ئاتتا ئولتۇرۇپ ئۇرۇشساق نەقەدەر جاسارەت ھەم پىداكارلىق نامايەن بولاتتى-ھە. ھازىرقى ئۇرۇشلار كومپىيوتېر ئويۇنىغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. bilimxumar يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 12:08 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئۇكام!
1.لازېر نۇرى ئۈسكۈنلىرى ئا ...
دۇنيادا ھەرقاندا قۇدىرەتلىك مەخلۇقنىڭمۇ بىر ئاجىزلىق نوقتىسى بولغىنىدەكلا، مېنىڭ بىلىشىمچە لازىر قوراللىرىنىڭ بىر ئەجەللىك نوقتىسى شۇكى - لازىر نۇرىمۇ باشقا نۇرلارغا ئوخشاشلا قايتۇرغۇچ ئەينەكتىن «قورقىدۇ». چۈنكى لازىر نۇر ھاسىل قىلىش ئاپپاراتى ئىچىدىكى يادرولۇق قۇرۇلما بولغان «رىزۇنانىس كامېراسى» نىڭ ئىككى ئۇچى چوقۇم ۋە چوقۇم يۇقىرى دەرىجىلىك نۇر قايتۇرغۇچ ئەينەكتىن تۈزۈلىدىكەن.(يەنى بىر ئۇچى %100 نۇر قايتۇرىدىغان، يەنە بىر ئۇچى %99 نۇر قايتۇرىدىغان ئالتۇن يالىتىلغان قايتۇرغۇچ ئەينەكتىن تۈزۈلىدىكەن). لازىر ئاپپاراتىنىڭ ئىچىدىكى نۇر مەنبەسىدىن چىققان يەككە رەڭلىك نۇر دەل مۇشۇ قايتۇرغۇچ ئەينەكلەردىن كۆپ قېتىم قايتىش نەتىجىسىدە ئىشچى ماددا ئىچىدە(قىزىل ياقۇت ياكى گېلىي-نىئون گازى ئىچىدە) رىزۇنانىس ھاسىل قىلىپ ئامپىلتۇدىسى ئەڭ چوڭ قىممەتكە يەتكەندە رىزۇنانىس كامېراسىنىڭ %99لىك قايتۇرغۇچى ئەينەك بار ئۇچىدىن ئېتىلىپ چىقىدىكەن. دىمەك ئۇ لازىر نۇرى ئۆزىنىڭ ئېنىرگىيىسىنىڭ غايەت زور بولۇشغا قارىماي يەنىلا «رايىش» بولغاچقا سىرىتقىي مۇھىتتا تارقىلىش جەريانىدا ھېلىقىدەك %100لىك ياكى %99لىك قايتۇرغۇچ ئەينەككە دۇچ كەلسىلا ئوپتىكا قانۇنىيەتلىرىگە «يۇۋاشلىق بىلەن بويسۇنۇپ» ئۆز يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتىپ باشقا يۆنۈلۈشكە قايتىدۇ، ھەتتا دەلمۇ-دەل قارشى يۆنۈلۈشكە قايتىپ كېتىپ قارىغا ئېلىش دۇربۇنى قاتارلىق ئەسلىھەلەرگە بەلگىلىك بۇزغۇنچىلىق كەلتۈرىشىمۇ مۈمكىن. شۇڭا لازىر قوراللىرىنىڭ مۇشۇ خىل ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ لازىر قورالىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان «قايتۇرغۇچ ئەينەك قالقان» ياساشقا بەك كۆپ چىقىم كەتمەسلىكى مۈمكىن. مېنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشۈنىشىم مۇشۇنداقراق، ئەركىنىكام بۇلار ھەققىدە بەك چوڭقۇر بىلىدۇ، ئېھتىمال ھازىرقى لازىر ئاپپاراتلىرىدا قايتۇرغۇچ ئەينەك ئىشلىتىلمەسلىكىمۇ مۈمكىن، قېنى دوكتۇر ئەركىنىكام بىر نەرسە دەپ بەرسە بولاتتى... jesurmen يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 11:29 static/image/common/back.gif
ھوللىۋۇد فانتازىيىلىك فىلىملىرى ئاجايىپ يۇقىرى تېخنى ...
مەن ئامېرىكىنىڭ داڭلىق فانتازىيىلىك كىنو رېژىسسورى سپىربورگنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە ( ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئورگاندا) مىنىستىرلىقىدا مەسلىھەتچى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاندەك قىلغان، شۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق قۇراللار شۇ يۈلۈنۈشتە تەتقىق قىلىنىدىغان چىراي . bugday يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 13:30 static/image/common/back.gif
ساۋساۋنىڭ ئەسكەرلىرىدەك قىلىچ، نەيزە كۆتۈرۈپ چىقىپ ئا ...
توغرا دەيسىز. ئۇرۇش دىگەن كۈچ سىنىشىش ،ئەركەكلەرنىڭ جەسۇرلىقىنى سىناش بولسا بولاتتى. ھازىر ھىچ نىمىنى كۆرمەيلا ۋەيران قىلىدۇ. نامەرت ئۇرۇش دەيمەن .:funk: ئەقىل-پاراسەت مۇ ئەرلىكنىڭ مۇھىم سۈپەتلىرىدىن بىرى. 'بىلىمى چوڭ ئوننى يېڭەر' دەپتىكەن، مەرتلىكنىڭ ئېنىقلىمىسى چەتئەللدە ئاللىقاچان يېڭىلىنىپ بولدى.
جۇڭگۇنىڭ لازىر قورالى سۈنئى ھەمرانى ئېتىپ چۈشۈرۈپ باقتىغۇ دەيمەن،جۇڭگۇ ئاپتوموبىل ،تانكا قاتارلىق يەر يۈزىدىن قويۇپ بېرلىدىغان لازىر قوراللىىرىنىمۇ تەتقىق قىلىۋېتىپتىمىشلەر.
لازىر نۇرى قويۇپ بېرىشتە كېرەك بولىدىغان ئىنىرگىيە مەنبەسى تەرەققىياتىنى توسۇپ تۇرىۋاتقان ئاساسلىق ئامىلمىش. يەنە بىر ئويۇن ئېسمگە كەلدى، Red Alert قىزىل تىرۋوگا. توك بولمىسا ھىچقانداق قورال ئىشلىمەيدىغان.
بەت:
[1]
2