huxhui يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 09:20:54

زوردۇن سابىر ۋە شاھمات

زوردۇن سابىر ۋە شاھمات


ئابدۇرېشىت ئوسمان

  شاھمات ئويناش يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن سىرىتقى كۆڭۈللۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى، يازغۇچى زوردۇن سابىر سابىق ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىنىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن تارتىپلا شاھمات ئويناشقا قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە بۇ ھەۋىسىنى تاشلىماي كەلگەن.
   ئەدىب ماخمۇت مۇھەممەت «قەلبىمدىكى زوردۇن سابىر» ناملىق ئەسلىمە كىتابىنىڭ 26-بىتىدە يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ شاھمات ھەۋىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بىزنىڭ 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەينى يىللاردا شاھمات ماھىرلىرى  كۆپ بولىدىغان. ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ئاپتونۇم رايۇن، ئوبلاسىت، شەھەر بويىچە تونۇلغان. ھەتتا مەملىكەتلىك خەلقئارالىق شاھمات مۇسابىقىلىرىگە تاللىنىپ قاتناشقانلارمۇ بارئىدى. شۇلار قاتارىدا كۆپچىلىك زۇردىنكامنىمۇ ئۇستا شاھماتچى دەپ تونۇيتتى. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلىنىپ تاكى 1979- يىلى ئۇ ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەتكۈچە بولغان يىللاردا مەكتەپ ھويلىسىدا، ئۆز ئۆيىدە، مەكتەپكە يېقىن كوچا دوقمۇشلىرىدا زوردۇنكامنىڭ شاھمات ئويناپ ئولتۇرغىنىنى تالايلاپ كۆرگەنىدىم.
زوردۇننىڭ شاھمات ئوينىغىنىنى كۆرگەندىنمۇ شاھمات ئوينىغاندا قىلىدىغان سۆزلىرىنى ئاڭلىغان قىزىق،-دېگەنىدى 2 -ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سابىق خوجىلىق بۆلۈم خىزمەتچىسى ئەھەتجان ئاكا بىر ئەمەس، بىر نەچچە قېتىم.
دېمىسىمۇ زوردۇنكام شاھمات ئوينىغاندا بۆلەكچىلا بىر ئادەمگە ئايلىناتتى. شاھماتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ، جان-جەھلى بىلەن جەڭ قىلاتتى. قولىمۇ، ئېغىزىمۇ جىم تۇرمايتتى. رەقىبىنى ئۇتۇش تەرىپىگە ئۆتسە ناخشا ئېيتىپ ھە دەپ قىزىق گەپلەرنى تۆكەتتى. مۇبادا ئۇتتۇرۇشقا يۈزلەنسە ‹ۋاھ، ئىتىنىڭ پېچكىسىنى قارا !›، ‹نەگە بارىدۇي مونۇ چوشقىنىڭ توركىسى!› دېگەندەك گەپلەرنى ياغدۇرۇپ، رەقىبىنى تېرىكتۈرۈپ، ئەتراپتىكى تاماشىبىن، ‹چاپانچى› لارنى  كۈلدۈرەتتى.
يۈرۈڭلار، زوردۇن ئەپەندى شاھمات ئويناۋاتىدۇ، گېپىنى ئاڭلايمىز،-دېيىشكەنلەرنى نەچچە قېتىم كۆرگەنىدىم.
زوردۇنكامنىڭ ئۈرۈمچىدە شاھمات ئويناۋاتقان چېغىدا تاماشا كۆرۈپ، گەپلىرىنى تولا ئاڭلىمىغان بولساممۇ، ئەمما خىزمەت بىلەن ئۈرۈمچىگە بارغان چاغلىرىمدا ئۇنىڭ ئىتتىپاق تىياتىرنىڭ ئالدىدىكى شاھماتچىلار سورىنىدا بېرىلىپ شاھماتقا قادىلىپ ئولتۇرغىنىنى نەچچە رەت كۆرگەنىدىم. ئىشىنىمەن ئۈرۈمچىنىڭ شاھمات مەستانىلىرىمۇ ئۇ زاتنىڭ شاھمات سورۇنىدىكى مەنىلىك، قىزىق چاقچاق، پاراڭلىرىنى زۇقلىنىپ ئاڭلاشقاندۇر .
           يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ شاھمات ھەۋىسى توغرىسىدا يەنە ئۆمەر ئابدۇخالىق ھاجىم «ئىلى دەرياسى»  ژۇرنىلنىڭ 2009-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلغان «غۇلجىدىكى شاھماتچىلار» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قورۇسى ئالدىدا 1970-1975-يىللاردا بىر كارىدورلۇق بىر قەۋەتلىك ئولتۇراق ئۆي بار ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى مەرھۇم زوردۇن سابىر ئاكا، ئابدۇراخمان قاھار ئاكا، يارمۇھەممەت ئاكا، ئەركىن خوجايوفلار شاھمات ئوينىشاتتى. مەن ئارىلاپ بېرىپ ئوينايتتىم».
     يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ شاھمات ھەۋىسى توغورلۇق بىر سۆھبەتتە غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرېھىم سادىق مۇئەللىم سۆز ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «1988-يىللىرى شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتتېدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا شاھماتقا بەك ھەۋس قىلاتتىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ‹ئۈرۈمچى ئىتتىپاق تىياتىرىنىڭ ئالدىدا شاھماتخانا ئېچىلىپتۇ› دېگەن خەۋەرنى ساۋاقداشلىرىمدىن ئاڭلاپ، خۇشاللىق ۋە تەققازالىق بىلەن دەم ئېلىش كۈنىنى كۈتتۈم. ئاخىرى بۇ كۈنمۇ يېتىپ كەلدى. ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن ئالدىراپ–تىنەپ ئىتتىپاق تىياتىرخانىسىغا قاراپ يول ئالدىم. بەك بالدۇر كېلىۋالغاچقا شاھماتخانىدا ئادەم ئاز ئىكەن، مەن ئۇدۇللا كەلگەن بىرى بىلەن شاھمات تىزدىم، ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيمەن بىر چاغدا يېنىمدا ئولتۇرغان بىرەيلەن ‹بالىموي، ئات ئويناشقا بەك ئۇستا ئىكەنسەن، ئىلىلىق ئوخشىمامسەن!› دېدى. پۈتۈن دىققىتىم بىلەن شاھمات ئويناۋاتقان بولساممۇ، بۇ ئادەمنىڭ ھەم يېقىملىق ھەم يۇمۇرلۇق بۇ گېپى مەندە بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلدى. بۇ بىر قول شاھماتمۇ ئاخىرلاشتى . شۇندىلا مەن يېنىمدىكى بايا ماڭا گەپ قىلغان ئادەمگە سەپسالدىم. يۈزىنىڭ يېرىمىنى بىر ئالىدىغان كۆزەينەك تاقىغان، قويۇق بۇرۇتلۇق، دوغلاقىنا كەلگەن 50 ياشلار چامىسىدىكى بۇ ئادەم ماڭا يەنە ‹كىچىكلا بالا ئىكەنسەن، شاھماتنى بەك ئوبدان ئوينايدىكەنسەن› دەپ مېنى ماختاپلا كەتتى، كېيىن شۇ شاھماتخانىدا بۇ ئادەم بىلەن پات-پات ئۇچرىشىپ قالىدىغان بولدۇق. ئۇنىڭ يۇمۇرغا باي سۆزلىرى، شاھمات ئويۇنىدىكى كەڭ قورساقلىقى، ئۇتسۇن–ئۇتمىسۇن ئويۇن چىقىرىپ ئويناشقا ئامراقلىقى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. تاسادىپەن بىر كۈنى بۇ ئادەم بىلەن شاھمات ئويناپ قالدىم، ئويۇن تولىمۇ كۆڭۈللۈك داۋام ئەتمەكتە ئىدى. بىر چاغدا بىرسىنىڭ ‹ھوي، زوردۇن! سەن بۇ بالا بىلەن خاتا ئوينىدىڭ، بۇ بالا ئالدىنقى كۈنى رەخمىتۇللا جارىنى ئۇتىۋالغان. سەن دېگەن تونۇلغان يازغۇچى، كىچىك بالىغا شاھماتتا ئۇتتۇرۋېتىپ يۈزۈڭ چۈشۈپ كەتمىسۇن يەنە!› دەپ چاقچاق قىلدى. مەن شۇندىلا مەندە چوڭقۇر ھۆرمەت تۇيغۇسى قوزغىغان ئالدىمدىكى بۇ ئادەمنىڭ ساۋاقداشلار ئارا دائىم گېپىنى قىلىشىدىغان، ئەسەرلىرىدىكى پېرسۇناژلارنى بىر–بىرىمىزگە تەقلىد قىلىپ شۇ پېرسۇناژلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىشىدىغان، شىنجاڭ ئونۋېرىستېتىنىڭ ئەدەبىي مۇھاكىمە سورۇنلىرىدا ئىسمى كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان مەشھۇر يازغۇچى زوردۇن سابىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم.»
  يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ شاھمات ئويناش ماھارىتى خېلى يۇقىرى بولۇپ، 1988-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياشانغانلار تەنتەربىيە جەمئىيتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك شاھماتچىلار جەمئيىتى ئويۇشتۇرغان پىشقەدەملەر شاھمات تەكلىپ مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن.
يازغۇچى زوردۇن سابىر يەنە ئامما ئىچىدە شاھماتنىڭ ئومۇملىشىغا قارىتا خېلى كۆرىنەرلىك ئەجىر–مېھنەت قىلغان. يەنى 1984-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيتى شىنجاڭ شۆبىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تېلېۋىزىيىدە شاھمات بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان پروگرامما تەسىس قىلغان، شۇ چاغدا يازغۇچى زوردۇن سابىر بۇ پروگراممىنى ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن قوللاپ–قۇۋۋەتلەپ، تېلېۋىزىيىدە شاھمات بىلىملىرىدىن لېكسىيە سۆزلىگەن.
     يازغۇچى زوردۇن سابىر گەرچە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئالدىراش بولسىمۇ، شاھماتقا بولغان ئوتتەك ھەۋەس، قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ھەر دەرىجىلىك شاھمات مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى يەنىلا قولدىن بەرمىگەن. ئۇ 1991-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياشانغانلار تەنتەربىيە جەمئىيتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك شاھماتچىلار جەمئىيتى ئويۇشتۇرغان شاھمات مۇسابىقىسىدا چوڭلار گۇرۇپپىسى بويىچە 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن.
شاھمات يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ دوستلۇق رېشتىسى بولغان. يازغۇچى زوردۇن سابىر تۇرمۇش ئۆگىنىش ئۈچۈن ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ جاي–جايلىرىغا بارغاندا، يېڭى تونۇشقان كىشلەر بىلەن پۇرسەت تاپسىلا شاھمات ئوينىغاچ مۇڭداشقان، سىرداشقان، شاھماتقا بولغان ئورتاق ھەۋەس، قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسى بىلەن نۇرغۇن كىشلەر بىلەن دوست-ئاغىنە، ئاكا-ئۇكا بولۇشقانىدى.
مۇتەللىپ سېيىت «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلغان «زوردۇن سابىر ۋە مەكىت» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: « ..... زوردۇن سابىر مەكىتكە كېلىپ، بىر ھەپتە بولماي تۇرۇپ، ياسىن قاسىم، ئوبۇل ئاقچى، ھەسەنجان، مەمتىمىن قاتارلىق ئون نەچچە شاھمات ماھىرلىرى بىلەن تونۇشۇپ دوست بولدى.»
  شاھمات يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ مەنىۋى ئوزۇقى بولغان، يازغۇچى زوردۇن سابىر مەيلى قەيەردە بولسۇن جاپالىق ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ھارغان، چارچىغان ۋاقىتلىرىدا مۇڭداش، دىلكەش، سىرداش دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن شاھمات ئويناپ، ھاردۇق چىقارغان، مەنىۋيىتىنى بېيىتقان، كەيپىياتىنى تەڭشىگەن.
«ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ پىشقەدەم مۇھەرىرى يازغۇچى سىدىق تۇرسۇن سادىرۇف ئاكا يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ شاھمات ھەۋىسى ھەققىدە بولۇنغان بىرقېتىملىق سۆھبەتتە مۇنداق دېگەنىدى: «زوردۇن سابىر شاھمات ئويناشقا بەك ئامراق ئىدى، ئۇ غۇلجىغا كەلسىلا ئۆيۈمگە كەلمەي قالمايتتى. ئىككىمىز قىزىق پاراڭ، لەتىپە، يۇمۇر-چاقچاق بىلەن شاھمات ئويناپ كۈننى كەچ قىلىۋىتەتتۇق. ‹ئانا يۇرت› تېرلوگىيىسىنىڭ ئاخىرقى تومىنى غۇلجىدا جىددى يېزىۋاتقان كۈنلىرىمۇ ماڭا ئالايىتەن تېلېفون قىلىپ، ئۆزى تۇرۋاتقان بىزنىڭ مەھەللىنىڭ دوقمىشىدىكى شاۋكەت ئابدۇش ھاجىم بىناسىدىكى مېھمانخانغا چاقىرىتاتتى. ئىككىمىز سائەتلەپ شاھمات ئويناتتۇق. شاھمات ئوينىغانسىرى ئۇنىڭ جاپالىق يېزىقچىلىقتىن ھارغان، چارچىغان زېھنى ئېچىلىپ، كەيپىياتى كۆتۈرلۈپ، باشقىچىلا روھلىنىپ قالاتتى.
   بىر يىلى زوردۇن ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا كەلگەندە، تەھرىر بۆلۈمىمىز ئاچقان يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندىن تارىغان چاغدا، تەھرىر بۆلۈمىدىكى خادىملار زوردۇننى تاماققا تەكلىپ قىلىشتۇق. زوردۇن رەھمەت، ھەشقاللا ئېيتىپ ئۇنىماي تۇرۇۋالدى. يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر زوردۇنغا: «زوردۇنكا، بىز سىزنى ئىدارىنىڭ پۇلىغا مېھمان قىلمايمىز، ئۆزىمىزنىڭ پۇلىغا مېھمان قىلىمىز!» دېسىمۇ ئۇنىمىدى. ئاخىرى مەمتىمىن ھوشۇر :«زوردۇنكا، سىدىق تۇرسۇن بىلەن بىر قول شاھمات ئويناڭ، كىم ئۇتتۇرۋەتسە شۇ مېھمان قىلسۇن!» دېدى . شۇنىڭ بىلەن زوردۇن بىلەن بىر قول شاھمات ئوينىدىم. زوردۇن مېنى شاھماتتا ئۇتىۋالدى، ئۇنىڭ ناھايىتى خۇشال بولغان ھالدا ئېيتقان: «سىدىق، ماڭا قەستەن ئۇتتۇرۇپ بېرىپ، ماۋۇ ئاغىنىلەرنىڭ ئالدىدا خېلى ئىناۋىتىمنى قىلدىڭ-ھە!› دېگەن گەپلىرى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە تۇرۇپتۇ «.
شاھمات يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئالىي مەكتىپى بولغان. بىر يازغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە مول تىل بايلىقى بىلەن باي خىيال- تەسەۋۋۇر يازغۇچىنىڭ كۈچلۈك بىر جۈپ قانىتى. يازغۇچى مانا بۇ كۈچلۈك قاناتقا تايىنىپ تەپەككۇر ئالىمىدە پەرۋاز قىلىپ، گۈزەل ھېسلارغا چۆمۈلىدۇ. يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئېسىل ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى شاھمات بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.
يازغۇچى زوردۇن سابىر دائىم شاھمات ئويناش ئارقىلىق زېھىن بۇلىقىنى ئاچقان، ئەستە تۇتۇش، تەسەۋۋۇر قىلىش، تەپەككۇر قىلىش قابىليەت-ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن.
   شاھمات يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ خاراكتېرىنى تاۋلاش ئوچىقى بولغان. يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ناھايتى ئېسىل بولۇپ، ئادىمىيلىك ئەخلاق-پەزىلەتكە ناھايتى باي. يازغۇچىنىڭ بۇ خىل مىجەز-خاراكتېرىنىڭ يىتىلىشى يەنىلا شاھمات بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىكتۇر. يازغۇچى زوردۇن سابىر شاھماتكە بولغان ئوتتەك ھەۋەس، قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىدە ئالىي پەزىلەت، قەيسەر، تەمكىن، ئېغىر-بېسىق، خۇشپىئىل ياخشى بولغان خاراكتېرنى يىتىلدۇرگەن. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە تەدبىرلىك، پاراسەتلىك، ئىرادىلىك بولۇپ يېتىشىپ چىققان.        
(«شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2012–يىللىق 10–سان)

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 11:45:40

bugday يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 13:37:59

زۇردۇن سابىرنىڭ ئىزدىنىش رومانىدا رەقىپ دېگەن گۇي ئەدھەمنى بۇ بىزنىڭ مىللەتنىڭ ئەڭ ئۇستا شاخماتچىسى دەپ لەنجۇدىكى بىر دەريا بويىدا باشقا بىر تائىپە بىلەن مۇسابىقىگە سېلىپ، ئەدھەم يېڭىلگەندە رەزىللەرچە بىر خوش بولىۋالىدىغان يېرى بار. شۇ چاغدىكى تەسۋىردىمۇ شاخماتنىڭ مېڭىش يۆلىنىشىنى بەك تەپسىلى تەسۋىرلىنىدۇ.

roh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 13:45:26

شاھمات مىنىڭ كۈندۈلۈك ئادىتىمگە سىڭىپ كەتتى ...

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 14:11:42

ئادەمنى بىكارچى قىلىۋېتىدىغان ئېسىل ئىش بۇ.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 20:12:13

شاخماتتا،    گەردە    تۇپراق  بىلىش
              پىل      ئوت     ئادىللىق
             ئات        سۇ    ياخشىلىق
             توپ      ھاۋا    تەقۋادارلىق
مۇشۇ تۆت تادۇنىڭ زىدىيەت مۇناسىۋىتى ئەكىس ئىتىدۇ. مەسلەن پىل  مەشئەل شام ئوتقا ئوخشايدۇ. توپ بۇ سىپىل سىپىل ئىچىدىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
شاخماتنىڭ ئۆزى بىر سىستىما، ياكى پەلسەپە سىستىمىسى. ھازىرغىچە نۇرغۇنلار نىتزى ئۇبۇ ئۇندا جەمىيەتچى دەپ سۇ بۇلۇپ كەتتى،تىخى ئىبىنسىنا يۇسۇپلەردىن قالسا جاھاندا شاخماتچىلىك بىرەر پەلسەپە سىستىمىسىنى ئوتتۇرغا قويغانلار يوق.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 20:51:58

شاھ بىلەن پېچكىنى كۆزگە ئىلمامدۇق، شاھ بولمىسا شاھمات دېگەن گەپمۇ يوق بولىدۇغۇ؟ شاھ بىلەن پېچكىنى قوشۇپ ئالتە تادۇ دېسەك مۇۋاپىق بولىدىكەن.:shutup:

xXx يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 22:36:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xXx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-13 22:41  

شاھمات ئىسىل ئۇيۇن  شاھمات تۆغۇرلۇق گەپ چىقىپ قاپتۇ مەنمۇ بىر ئاز قۇشۇپ قۇياي  
شاھماتنى بۇرۇن  سەبداشلىرىم بىلەن دۆسلۇرۇم بىلەن ئۆينايتىم كىيىن مەن يىراق سەپەرگە كىتىپ ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالدىم شۇنىڭ بىلەن شاھماتنى يالغۇز ئۆينايدىغان بۆپ قالدىم   باشتا قىينالدىم  بۇنداق ئۇزى بىلەن ئۇزى ئۆيناش مەنىسىز تۇيۇلدى  كۇنلەر ئۇتۇپ شاھماتنى ئۇزى بىلەن ئۇزى ئۆيناشنىڭمۇ بىر ھۆزۇر ئىكەنلىكى ھىس قىلدىم باشقىلار بىلەن شاھمات ئۆيناش ئاسان بولغان بىلەن ئۇزى بىلەن ئۇزى ئۆيناپ يىڭىش تەس ئىشكەن   .
ئۇزەم بىلەن ئۇزەم  پەقەت بىر قۆللام شامات ئۆيناش ئۇچۇن  بەزىدە نەچچە  سائەت ۋاقىت كەتسە بەزىدە نەچچە كۇن نەچچە ھەپتە  ھەتتاھ نەچچە ئاي ۋاقىت كىتىدۇ   
كۇنلەر شۇنداق ئۇتۇپ بىر نەرسىنى بايقىغاندەك ھىس قىلدىم ئىنسان ھاياتى بەزىدە دەل مۇشۇ شاماتقا ئۆخشاپ قالىدىكەن  شۇنداق قىلىپ مەن ھاياتىمنى ھەم ھاياتىمدىكى مەن يۇلۇققان ۋە يۇلۇقۇش ئالدىدا تۇرغان مەسىلىلەرنى مانا بۇ شاھمات تاختىسىغا  مۇۋاپىق تەخسىملەپ مۇجەسسەملىدىمدە ئاندىن ئۆياشنى باشلىدىم  
شۇنداق قىلىپ بۇ قارىماققا شۇنداق بىر ئاددى شاھمات تاختىسى مىنىڭ  رىيال تۇرمۇشۇمدىكى  تۆساقلارنى كۇرۇشكە ۋە ئۇنى قانداق تەخسىملەپ بۇسۇپ ئۇتۇشكە ئەينەكلىك رۆل ئۆينىدى .
بەزىدە برەر باش قاتۇرىدىغان ئىشارغا يۇلۇقۇپ قالسام دەرھام شاھمات تاختىسى ئالدىغا كىلىپ ئىشنى باشلىۋىتىمەن  مەن ئادەتتە بۇ شاھمات تاختىسىنىڭ ئالدىدا ئۇنداق نەچچە سائەتلەپ مۇقىم ئۆلتۇرۇپ كەتمەيمەن  . مەن  ئاۋل رىيال تۇرمۇشمدىكى يۇلۇققان مەسىلىلەرنى ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ بۇ شاھمات تاخىسىدىكى ئۇرۇقلارغا سىڭدۇرىۋىتىمەن ئاندىن ئۇلارنى مۇۋاپىق ئۆرۇنلاشتۇرىمەن ئۇزەم مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئۇرۇخنى بىر يۆل مىڭىۋىتىپ ئاندىن پۇتۇن ئۇرۇخلارنىڭ ھالىتىنى كاللامغا ساخلىۋېلىپ  شاھمات ئۇستىلىنىڭ يىنىدىن قۇپۇپ كىتىمەن شاھمات شۇ جايىدا شۇ پىتىم تۇرىۋېرىدۇ    ئۇيۇن شۇ تەرىقىدە بۇلىدۇ  ۋاختىم چىقسا بۇ قۆل ئۇيۇن شامات تاختىسى ئۇستىدە ئۆينىلىدۇ ۋاختىم چىقمىسا ماڭغاچ تۇرغاچ  مەيلى مەن  ئۆيدە يۇرەي ياكى سىرىتتا يۇرەي بىر ئاز بىكار ۋاختىم بولسىلام  مەن يۇلققان مەسىلىنى شۇنداقلام ئىسىمگە ئالساملام بايامقى ئۇزەم ئۆرۇنلاشتۇرۇپ قۆيغان شاھمات ئۇرۇخلىرىنىڭ  ھالىتى ئەينەن كاللامغا كىلىپ تۇرىدۇ  رىيال تۇرمۇشتا قانداق مەسىلىگە يۇلۇقسام  ئۇيۇننىمۇ شۇ تەرىقىدە مىڭىۋېرىدۇ تاكى مەن  يۇلۇققان ۋە كۆڭلۇمگە پۇككەن مەسىە مەيلى غەلبە بىلەن بولسۇن ياكى مەيلى مەغلۇبىيەت بىلەن بولسۇن ھەل بولمىغىچە بۇ بىر قۆل شاھمات ئۇيىنى تۇگىمەيدۇ  
مەغلۇپ بولسام رىياللىقتىن ساۋاق ئالىمەن غەلبە قىلسەم تەجىربىلىرىمنى يەكۇنلەپ چىقىمەن
بەزەندە بۇمۇ بىرخىل ھۇزۇر ئىكەن  .

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 23:38:59

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 20:51 static/image/common/back.gif
شاھ بىلەن پېچكىنى كۆزگە ئىلمامدۇق، شاھ بولمىسا شاھمات  ...

شاھ مىڭىشى گەردىگە ئوخشايدۇ.
مىنىڭ قارشىمدا ،  پۇتۇن دۇنيانى بىر شاخمات تاختىسىغا تىزىشقا بۇلىدۇ.

مەسلەن ئاق ئۇرۇق ياخشى، قارائۇرۇق يامان بۇلىدۇ. ياكى بىرى ئىنسان يەنە بىرى شەيتان.
تەپەككۇر جەھەتتە، گەردە يۇرىشى بىلىشنى كۆرسىتىدۇ، ياكى ئىجادىي تەپەككۇرنى كۆرسىتىدۇ. مەسلەن ؛ بىر بۇۋاي تاققا چىقىدۇ، قۇلىنى ئوت كىسىۋىتىدۇ، نىمىشقا كىسىدۇ،ئوت ئەسلى ھەرەچىشلىق، مۇشۇنداق ھەرەچىشلىق قىلىپ تۇمۇردە ياسىسام، ياغاچنى كەسكىلى بۇلىدىكەن دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەرەكەشىپ بۇلىدۇ. بۇنىڭدا ئوتنىڭ ھەرەچىشلىق بۇلىشى سەۋەپ جەريان نەتىجە بۇيىچە قارىغانلىقتىن، ياكى لوگىكىلىق پىكىر يۇلىنىشىدىن كەپ چىققان. بۇنىڭ تۇمۇرگە تەقلىت قىلىنىشى ئوبرازلىق تەپەككۇرنى كۆرسىتىدۇ. دىمەك گەردە ئىككى يولغا تەڭ قارايدۇ.ياكى گەردە پىل توپتەك ماڭالايدۇ. دىمەك گەردىدە لوگىكا ئوبرازلىق بىرلەشكەن ئىجادىي تەپەككۇر ئەكىس ئىتىدۇ. شاھتىمۇ شۇ.
دۇنيادا ئىجادىي تەپەككۇرغا ئەڭ ئۇستا كىلىدىغىنى،  يەھۇدىي بىلەن سەھۇدىيلار، بۇلارمۇ ئۆز ئىچىدىن ئىككى خىل، مەسلەن سادامنى گەردە دىسەك، ئەرەپلەر شاھ بۇلىدۇ. بىرى تەرەققىياتنى، بىرى ئەنئەنىۋىيلىكنى ياقىلايدۇ. ئەمدى پىل بۇ لوگىكىنى كۆرسىتىدۇ. سەۋەپ جەريان بۇيىچە پىكىر قىلىش قانۇن سىستىمىسىدا جىق ئىشلىتىلدۇ. مىسىر ئەڭ بۇرۇن قانۇن پەيدا بولغان جاي، خاۋارىجلارنىڭ يۇتى، بۇلار ئۆز ۋاختىدا خەلپىلىك مىراس قالمايدۇ، سايلام ئارقىلىق سايلاش كىرەك دەپ ئاجىرلىپ چىققانلار. دىمەك روھىيەت جەھەتتە مىسىر سۇرىيە گە ئوخشاش خاۋارىجلار پىلغا مىسال. ئەمدى ئاتقا كەلسەك، ئات يۇرىشى تۆت كاتەك ، بەلكىىم يەتتە ئورۇنغا ئاياق تاشلايدۇ. بۇتۆت تادۇ پىكىر ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.ياكى ھەممىسىدەك ماڭىدۇ، ھەممەخىل يۇرۇشلەرنى باغلايدۇ. بۇ تۇرۇكلەرنى كۆرسىتىدۇ. تۇركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا دىگەندەك. توپ ئوبرازلىق تەپەككۇرنى كۆرسىتىدۇ.ئىران ھىندى مالايلا  شۇنىڭغاقىياس.
يەنە بىر تەرەپ، يەھۇدىيلار گەردە ياكى شاھ،ئامرىكا ياۋرۇپا پىل، روسلا ئات، دىگەندەك،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
بۇنى خۇي پەيلىنى ئاساس قىلىپ تادۇلايمىز.  
بەت: [1]
: زوردۇن سابىر ۋە شاھمات