huxhui يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 09:15:12

تۆگە بۆرىنى مۇشۇنداق مەغلۇپ قىلدى

پايانسىز قۇملۇق، ياشاش مۇھىتى ئىنتايىن كەسكىن بۇ زېمىندا چىشلىرى پىچاقتەك ئۆتكۈر، ھەرىكىتى ئىنتايىن قەبىھ بۆرە تۆگىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى. روبىرو تۇتۇشۇشتا تۆگە ئېنىقلا بۆرىگە رەقىب بولالمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۆرىنى يوقىتىدىغان پاراسىتىمۇ يوق ئەمەس. تۆگە بۆرىگە ئۇچراپ قالسا، بۆرە ئالدى بىلەن ئەڭ تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم قىلىدۇ، بىراق تۆگە ھەرگىز بىرگە بىر قارشىلشىشىقا ئالدىرىمايدۇ، بەلكى جېنىنى ئېلىپ قاچىدۇ ۋە بەزىدە قەدىمىنى ئاستىلىتىپ، بۆرىگە ئازراق ئۈمىد ئاتا قىلىپمۇ قويىدۇ؛  بۆرىمۇ تۆگىنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ،  ئۇنى شىددەت بىلەن قوغلايدۇ. شۇنداق قىلىپ تۆگە بۆرىنى سۇمۇ، يېمەكلىكمۇ يوق قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە ئالداپ ئېلىپ كىرىدۇ... تۆگە ئەنە شۇ پاراسىتى بىلەن ئەشەددىي رەقىبى بۆرىنى ھالاك قىلىدۇ.
ئەل ئارىسىدا :«كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەيدۇ» دەيدىغان قاراش بار، بىراق بۇ بۇزغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت ئەمەس، ئەمما بۇ يەردىكى ھالقا ئۆزىدىكى ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ، رەقىبىنى مەغلۇب قىلىش بىلەن كۈچلۈكلەرگە ئايلىنىش ياكى ئايلىنالماسلىق. تۆگە ئەنە شۇنداق ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ ، چىدامچانلىقى بىلەن ۋەھشىي بۆرىنى مەغلۇب قىلىدۇ.
    ئادەملەرگە نىسبەتەنمۇ ئەھۋال شۇنداق. بىزدە مۇنداق بىر گەپ بار :«ئاز يېگەن كۆپ يەپتۇ». بۇ ھېكمەتنىڭ مەنىسى ئاچ كۆز بولما،نىشانىڭ ئېنىق ھەم ئاددىي بولسۇن، شۇندىلا بارلىق ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، كۈنسېرى ئالغا ئىلگىرىيەلەيسەن ... دېگەنلىك.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 10:28:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-13 10:32  

كاتتا مەسەلكەن بۇ، باشقىلارنىڭكىگىلا قارىماي ئۆزىدە باردىن پايدىلىنىش ئەڭ ئاقىلانە تاللاش ئەلۋەتتە...
  ئىسىل ماشىنا ئىلىشقا پۇل بار، ئەمما باللېرىمىز ئۈچۈن 100 يۈەن خەجلىگىمىز كەلمەيدىغانلارمۇ كۆپ. باللېرىمىز مەكتەپتە قانداق ئۇقۇشىدىن قەتئى نەزەر ئازراق ۋاقىت ئاجرىتىپ قۇيايلى. بەلىكىم سىزنىڭ بالىڭىز كەلگۈسىدىكى ئېينىشتېيىن بۇلىشى مومكىن.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 11:27:33

لىىن بۆرە تۆگە قوغلاپ قۇملۇققا كىرمەيدۇ، ھەم يالغۇز قوغلىمايدۇ. ئورماندا ياشايدىغان بۆرە قۇملۇقتا تۆگە قوغلىغاننى تۇنجى ئاڭلىشىم.  
ئەمما ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىديە نوچى

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 11:59:13

TARiMBOY يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 12:40:00

«كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەيدۇ» دەيدىغان قاراش بار، بىراق بۇ بۇزغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت ئەمەس،
تۆگىمۇ چەكنى بۇزىۋىتەلەيدىكەندە  . :lol
ئىنسانلار باشقىلارغا قاپقان قۇۇرۇش ئۇچۇن ھەرخىل ۋەقەلىكلەرنى تۇقۇپ چىقالايدىكەن

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 13:04:19

بۆرىنىڭ تۆگە ئوۋلىشىنى تۇنجى ئاڭلىشىم، يەنە بىر كىلاسسىك يالغان ھىكايىدەك قىلىدۇ.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 17:04:22

يالغىنى يوق،1956-يىلى تەكلىماكاندا ئازاتلىق ئارمىيەنىڭ قوراللىق ئەسكەرلىرىنى يەۋەتكەن قۇملۇق بۆرىلىرىنىڭ ياۋا تۆگىلەرنى تۇتۇپ يىيىشىگە ئىشىنىشكە بۇلىدۇ.مۇشۇ توغرىلىق مەخسۇس بىر ئەسلىمە بولىدىغان بىر يولداش يازغان،95-يىللىردىكى ئەدەبى تەرجىمىلەر ژورنىلدىمۇ ئازراق تەرجىمىسى بىرىلگەن،ھازىر تاپالماي قالدىم.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 17:14:15

شۇ قېتىمدا كۇزۇپلۇق ماشىندىكى ئىككى ئەسكەر ماشىنغا ماي قاچىلاش ئۈچۈن سەپتىن توختاپ قالغان،(كۇزۇپتا ماي باكى بار)بىر تاماكا چەككۈچە بولغان ئارلىقتا بۆرىلەرنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ كېپىنكىدىن چۈشۈشكە ئامالسىز قالىدۇ،ئېلىۋالغان بارلىق ئوقلىرنى ئىشلىتىپ بۆرىلەرنى ئاتىدۇ،ئاخىردا ئوق تۈگەپ بۆرىلەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش شەكىلى بىلەن ماشىنا ئەينىكىنى چېقىپ كەپىنكىگە بۆسۈپ كىرىدۇ،بۇ مەلۇماتنى يەتكۈزگۈچى مەسئۇلىيەتچان لىيەنجاڭ ئاخىرقى تىنىقلىرغىچە ئۆزلىرى يۇلۇققان پالاكەتچىلىكنى خاتىرلەشنى ئۇنۇتمايدۇ.ئۇنىڭ بۇخاتىرسى1961-يىلى،يەنى بەش يىلدىن كىيىن ماشىنا بىلەن تەڭ تېپىلغان،يەرلىك باندىتلار ئۆلتۈرۋەتتى دەپ گۇمان قىلىنغان ئەسكەرلەرنىڭ بۆرىلەر تەرپىدىن يەۋىتىلىشى ئازاتلىق ئارمىيەنى ھەيران قالدۇرغان.

ronaldo999 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 18:10:13

dawanqi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 17:14 static/image/common/back.gif
شۇ قېتىمدا كۇزۇپلۇق ماشىندىكى ئىككى ئەسكەر ماشىنغا ما ...

ئوقۇغان، ئۇ بىر ماشىنىغا ماي قاچىلىماقچى بولۇپ تۇرغاندا بۆرىلەر ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلىپ كېلىشىدۇ، ئۇ بىر بۆرىنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن قالغانلىرى مىلتىق ئاۋازىدىن قورقۇپ قېچىپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇ بۆرىلەر ئەمدى كەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ، تاماك چېكىپ تۇرغاندا، نەچچە مىنۇتتىن كېيىنلا بۆرىلەر ئىككىنجى قېتىم ھۇجۇم باشلايدۇ، ھەم ئوق ئاۋازىدىنمۇ قورقۇپ قالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال مېيى تۈگەپ كەتكەن ماشىنىنىڭ ئىچىگە قايتىپ كىرىدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىرتقا چىقالمايدۇ، بۆرىلەرمۇ كەتمەيدۇ، ھەتتا سۇنىڭ قىسلىقىدىن سۈيدۈكنى قايتا ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
        مەن بۇنى ھېكايە ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، 12ياش ۋاقتىمدا ئوقۇغان

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 20:08:31

«مىراس»ژۇرنىلىنىڭ 2003- يىللىق مەلۇم بىر سانىدا سەھرايى كەبىر چۆللۈكىدە  ئادەم بىلەن تۆگىنىڭ ھەمكارلىشىپ بىر توپ بۆرە بىلەن ئېلىشقانلىقىدەك بىر ۋەقەلىك بار.

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 00:25:07

ATLAN111 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 20:08 static/image/common/back.gif
«مىراس»ژۇرنىلىنىڭ 2003- يىللىق مەلۇم بىر سانىدا سەھرايى  ...

سەھرايى كەبىر قۇملۇقى قەيەرگىرەك جايلاشقان دوستۇم

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 15:03:01

mrdon يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 00:25 static/image/common/back.gif
سەھرايى كەبىر قۇملۇقى قەيەرگىرەك جايلاشقان دوستۇم

سىز مېنىڭ جۇغراپىيىلىك سان-سىفىرلار بىلەن جاۋاب بېرىشىمنى تەلەپ قىلىۋاتامسىز ياكى جاۋابىنى ھەممە ئادەم بىلىدىغان سوئالنى سوراش ئارقىلىق ئىنكاسىڭىزدا مەسىلە بار دېمەكچى بولۇۋاتامسىز؟

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 16:00:52

مىنى خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ دوستۇم!
مەن ئۇيەرنىڭ خېلى نامىنى ئاڭلىغان ئەمما،قايسى دۆلەت تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايمەن،شۇڭا سورىشىمتى   ھى ھى:lol
بەت: [1]
: تۆگە بۆرىنى مۇشۇنداق مەغلۇپ قىلدى