irpan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 20:38:17

بالىڭىزنى دۇنياغا تاپشۇرۇڭ

بالىڭىزنى دۇنياغا تاپشۇرۇڭ
ليۇ شا
      ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مۇنداق ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى يۇمىلاق، بىرى قىرلىق بولىدۇ.
     مائارىپ توغرىلىق مۇنداق قىزىقارلىق خەۋەرنى كۆرگەنىدىم. بىر يىلى جۇڭگودىكى بىر زىيارەت ئۆمىكى ئامېرىكىغا بېرىپ باشلانغۇچ مائارىپىنى كۆزدىن كەچۈرۈپتۇ، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق تەسۋىرلەر بار ئىكەن: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ياخشى-ناچار، قابىلىيىتى يۇقىرى-تۆۋەن دەپ ئايرىلمايدىكەن؛ باشلانغۇچ ئىككىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى يەنىلا خەت تونۇمايدىكەن؛ بالىلار مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت مائارىپىغا ئەھميەت بېرىپ، ماتىماتىكا، فىزىكا، خىمىيە مائارىپىغا سەل قارايدىكەن؛ دەرسخانا ئىنتىزامى ناچار بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ بارلىقىغا پىسەنتمۇ قىلمايدىكەن. بۇ زىيارەت ئۆمىكىنىڭ يەكۈنى بولسا:  ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ مائارىپى ئىنتايىن چاتاقكەن.
    شۇ يىلى ئامېرىكىمۇ زىيارەت ئۆمىكىنى جۇڭگوغا ئەۋەتىپتۇ، ئۇلارنىڭمۇ زىيارىتتىن كېيىنكى تەسىراتى باركەن: جۇڭگو باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ئىنتىزامى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، قولىنى كەينىگە قويىدىكەن، ئوقۇتقۇچى سۇئال سورىمىغۇچە ئوقۇغۇچىلار گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىكەن؛ جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرى ئۆيگە قايتىپ يەنە تاپشۇرۇق ئىشلىشى كېرەككەن؛ نومۇر ئارقىلىق ياخشى-ناچىرى رەتكە تىزىلىدىكەن. ئامېرىكا تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن مەدەنىيىتىمۇ بەلكىم 20 يىلنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىغا يېتىشىۋېلىپ ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىنكەن.
    ئەمما ئارىدىن 30 يىل ئۆتۈپ، بۇ ئىككى زىيارەت ئۆمىكىنىڭ يەكۈنى خاتا بولۇپ چىقتى. كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان ئامېرىكىچە مائارىپ بارغانسېرى قەدىرلەنمەكتە، ئەكىسچە كىشىلەر ياقتۇرىدىغان جۇڭگوچە مائارىپ بارغانسېرى باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.
    بۇ قىزىقارلىق خەۋەر ئەمەلىيەتتە مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك «تەڭرى سوئاللىرى»دۇر ، مائارىپ دېگەن زادى نېمە؟ رېججيو (Reggio) بالىلار مائارىپى سېستىمىسىنىڭ بەرپاچىسى مالاگۇززى (Loris Malaguzzi) «ئەمەلىيەتتە يۈزى بار» دېگەن شىئېرىدا مۇنداق يازغان:«بالىلار يۈز خىلدىن تەركىب تاپقان. بالىلارنىڭ يۈز خىل تىلى...يۈز دۇنياسى بار... ئەمما 99ى ئوغرىلاپ كېتىلدى». ئۇنىڭ كۆز قارىشى ئىنتايىن ئېنىق، بالىلار ئەمەلىيەتتە سىلەرگە تەۋە ئەمەس، ھالبۇكى دۇنياغا تەۋە. سىز ئۇلارنى ئېگىلىۋالالمايسىز، ئۇلار ئەركىن-ئازادىلىك بىلەن چوڭ بولۇشى كېرەك. مالاگۇززىنىڭ مائارىپ كۆز قارىشى ئىنتايىن روشەن، مائارىپ يالغۇزلا بىلىم مائارىپى بولۇپلا قالماستىن، ئەكىسچە ھاياتلىق مائارىپى، تۇرمۇش مائارىپى، ئاخىرىدا ئاندىن بىلىم مائارىپىدۇر.
     ئەمما بىزنىڭ مائارىپىمىزدا بىلىم ئەڭ مۇھىم نەرسە دەپ قارالدى، «بىلىم مائارىپى» بولسىلا ئادەمنىڭ جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى، ئادىمىيلىك مائارىپى، ئەمگەك ئىقتىدارى، ئەمەلىي ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا ھەل قىلغىلى بولىدىغاندەك قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ مائارىپنىڭ ئەڭ چوڭ پاجىئەسى. بىر قىسىم تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر %80 بالىلار كىيىم يۇيۇشنى، تاماق ئېتىشنى، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشنى بىلمەيدىكەن. جۇڭگودىكى 18 ياشقا توشمىغان ياش ئۆسمۈرلەردە، تەخمىنەن %17ى ھەرخىل كەيپىيات توسالغۇسىغا ۋە ھەرىكەت مەسىلىرىنىڭ قىينىشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، كىشىلىك مۇناسىۋەت، كەيپىيات تۇراقلىقى ۋە ئۆگىنىشكە ماسلىشىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى مەسىلىلەردە كۆرۈنەرلىك ئىپادىلەنگەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قىيىن ئەھۋالغا تاقابىل تۇرالمايدۇ، زەربىگە ئۇچرىغان ياكى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان ۋاقىتلاردا، بەزىلىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشىنى تاللايدۇ. مانا بۇ ئىمتىھان مائارىپىنىڭ پاجىئەسىدۇر.
    مەن بىر دادىنى تونۇيمەن، ئۇ بەش ياشلىق قىزىغا بىر كىچىك سومكا بەرگەن بولۇپ، ئىچىدە تېلېفون نۇمۇرى يېزىلغان بىر قارتا، بىر يانفۇن، 20 يۈەن پۇل بار ئىكەن، ئاندىن ئۇنى بالىلار باغچىسىغا ئۆزى بېرىشقا بۇيرىغان. دەسلەپكى مەزگىلدە، ئۇ ھەر كۈنى قىزىنىڭ كەينىدىن ئەگەشكەن. كېيىن بۇ قىز بالىلار باغچىسىغا ئۆزىلا بارىدىغان بولغان. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ كەينىدىن:«جاھاندا نەدىمۇ مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىز دادا بار»؟ دېيىشىپ كەتكەن. لېكىن بۇ بىر خىل باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان مائارىپ ئىكەنلىكىنى ھېچكىم كۆرۈپ يېتەلمىدى.
ئامېرىكىلىق ئاننى ستون ئىسىملىك بىر ئانا خېتىدە:«مېنىڭ بالام مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولدى، مەن ئۇنى دۇنياغا تاپشۇردۇم. ئۇنىڭ قولىنى ئاستاغىنا تارتىپ، بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگىن. ئۇنىڭغا يامان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا چوقۇم پالۋانلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويغىن؛ ساختىپەزنىڭ ئارىسىدا ئادالەتپەرۋەرلەرمۇ بولىدۇ؛ دۈشمەن بار يەردە دوستنىڭ ياردىمى بولىدۇ. ئۇنىڭغا مۇۋەپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن 100 ھەسسە زېھىن-قۇۋۋەت ۋە ئەقىل-پاراسەت بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتقىن. ئۇنىڭغا كىتاب ئوقۇش گەرچە مۇھىم بولسىمۇ، لېكىن تەبىئەت ھەدىيە قىلغان گۈزەل مەنزىرىلەردىنمۇ ھوزۇرلىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتقىن...دۇنيا، سەن بالامغا قەيسەرلىك، ئىشەنچ ۋە ئېگىلمەس-سۇلماس روھ ئاتا قىلغىن...» دەپ يازغان.   
     مەن بۇ ئابزاسنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.
    مۇنداق بىر بالا بولۇپ، ئۇ شوتىنى يۆتكەپ ئۆگزىدىكى توپنى ئېلىپ چۈشۈشنى ئويلاپتۇ، لېكىن ئۇنىڭغا شوتىنى تۇتۇپ بېرىدىغان ئادەم يوقكەن، بالا روھى چۈشۈپ ئازاپلىنىپتۇ. بالىنىڭ دادىسى كېلىپ ئوغلىغا دەپتۇ:«بالام، سەن چىقىۋەر، مەن بۇ يەردە شوتىنى تۇتۇپ تۇرىمەن». بالا ئىنتايىن ئېگىزگە يامىشىپتۇ، ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئۇنچىلىك ئېگىزگە يامىشالىشىنى ئويلاپ باقماپتىكەن. بۇ دادا روكېفېللېر ئىدى. بالا پەسكە چۈشىۋاتقاندا ئۇ بالىسىغا:«ئەمەلىيەتتە، شوتا ئىنتايىن بىخەتەر، مەن باشتىن-ئاخىرغىچە شوتىنى تۇتۇپ باقمىدىم» دەپتۇ. ھەر بىر بالىنىڭ تۇرمۇشىدا ئاشۇنداق شوتا بولىدۇ، نۇرغۇنلىغان بالىلار ئاشۇ شوتىنى تۇتۇپ بېرىدىغان ئادەمنى ساقلاش ئۈچۈن ئارىسالدى بولۇپ ئىلگىرىيەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالا ئۆزى يالغۇز تېخىمۇ ئېگىزگە يامىشالايدۇ.
    بالىڭىزنى دۇنياغا تاپشۇرۇپ بېرىڭ، بەلكىم ئۇ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن.
    مەنبە:«ئوقۇرمەنلەر» ژۇرنىلىنىڭ ئالىي مەكتەپ نۇسخىسى. ئوكيان تورى دىن لوقمان تەرجىمە قىلدى.   

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 21:09:33

  نىمىنى ئارزو قىلسا شۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ. ئىت-مۈشۈككە بۇيرۇقنى ئاڭلاشنى، ئادەم بالىسىغا بارنى بىلىشتىن باشقا يوقنى بەرپا قىلىشنى ئۈگىتىش زۆرۆر...

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 21:45:39

     بالا تەربىيىسىدىكى ئېسىل چارە!{:112:}

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 10:44:23

لېكىن ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆزى جەمىيەتتە يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بۇلالمىغاننى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ،بالام سەن چوقۇم ياخشى ئۆگەنمىسەڭ بولمايدۇ دەپ، بالىلارغا  چوڭ ئۈمىد باغلىماقتا.شۇڭلاشقا ھەرخىل كۇرجىكلارغا بېرىش بىلەن بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ تەربىيەلىمەكتە.بۇ خېلى ئويلانغىدەك يازما ئىكەن.
بەت: [1]
: بالىڭىزنى دۇنياغا تاپشۇرۇڭ