kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 18:52:28

72-نۆۋەتلىك ئالتۇن شار مۇكاپاتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kowruk_cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-12 19:04  


لوس ئانژېلېس يەرلىك ۋاقتى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى (بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن)، ۋوللىۋود چەتئەللىك مۇخبىرلار جەمئىيىتى باش بولۇپ ئۆتكۈزگەن 72-نۆۋەتلىك كىنو ۋە تېلېۋىزىيە ئالتۇن شار مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ يىللىق ئاۋات فىلىملەردىن «ئۆسمۈرلۈك چاغلار(Boyhood)» بەش تۈردە نامى ئاتىلىپ، ھېكايە فىلىم تۈرىدىكى ئەڭ نادىر فىلىم، ئەڭ نادىر رېژىسور مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «بۇداپېشت ئالىي مېھمانسارىيى(The Grand Budapest Hotel)» مۇزىكىلىق ياكى كومىدىيەلىك فىلىم تۈرىدە ئەڭ نادىر فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «ئاشنا (The Affair)» ھېكايە فىلىم تۈرىدىكى ئەڭ نادىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «سۈزۈك ھايات (Transparent)»مۇزىكىلىق ياكى كومىدىيەلىك فىلىم تۈرىدىكى ئەڭ نادىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «فارگو (Fargo)» ئەڭ نادىر كالتە تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

كىنو تۈرىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر تىزىملىكى

ھېكايە فىلىم تۈرى

ئەڭ نادىر فىلىم
ئۆسمۈرلۈك چاغلار (Boyhood)


ئەڭ نادىر باش ئەر ئاكتىيور
Eddie Redmayne (مەۋجۇداتلارنىڭ نەزەرىيسى (The Theory of Everything))


ئەڭ نادىر باش ئايال ئاكتىيور
Julianne Moore (يەنىلا ئەلىس (Still Alice))


مۇزىكىلىق ياكى كومىدىيەلىك فىلىم تۈرى

ئەڭ نادىر فىلىم
بۇداپېشت ئالىي مېھمانسارىيى (The Grand Budapest Hotel)


ئەڭ نادىر ئەر باش ئاكتىيور
Michael Keaton (قۇش ئادەم (Birdman))


ئەڭ نادىر ئايال باش ئاكتىيور
Amy Adams (چوڭ كۆزلەر (Big Eyes))


ئونىۋېرسال تۈر

ئەڭ نادىر رېژىسور
Richard Linklater (ئۆسمۈرلۈك چاغلار (Boyhood))


ئەڭ نادىر ئەر يانداش ئاكتىيور
J.K. Simmons (ھۇجۇمغا ئۆتكەن دۇمباقچى (Whiplash))


ئەڭ نادىر ئايال يانداش ئاكتىيور
Patricia Arquette (ئۆسمۈرلۈك چاغلار (Boyhood))


ئەڭ نادىر چەتئەل تىلىدىكى فىلىم
Leviathan


تېلېۋىزىيە تۈرىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر تىزىملىكى

ھېكايە فىلىم تۈرى

ئەڭ نادىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى
ئاشنا (The Affair)


ئەڭ نادىر ئەر باش ئاكتىيور
Kevin Spacey ( (قارتا سارىيى))


ئەڭ نادىر ئايال باش ئاكتىيور
Ruth Wilson (ئاشنا (The Affair))


مۇزىكىلىق ياكى كومىدىيەلىك فىلىم تۈرى

ئەڭ نادىر تېلېۋىزىيە-تىياتىرى
سۈزۈك ھايات (Transparent)


ئەڭ نادىر ئەر باش ئاكتىيور
Jeffrey Tambor (سۈزۈك ھايات (Transparent))


ئەڭ نادىر ئايال باش ئاكتىيور
Jane the Virgin) Gina Rodriguez)


كالتە تېلېۋىزىيە تىياتىرى

ئەڭ نادىر كالتە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ياكى تېلېۋىزىيە فىلىمى
فارگو (Fargo)


ئەڭ نادىر ئەر باش ئاكتىيور
Billy Bob Thornton (فارگو (Fargo))


ئەڭ نادىر ئايال باش ئاكتىيور
Maggie Gyllenhaal (سەۋدا يۈرەك (Crazy Heart))


مەنبە: http://www.kowruk.cn/?a=newsview&id=47

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 11:52:27

Julianne Moore بۇ ئارتىسنى ھەر بىر كۆرسەم  ئىتوتچىمىز قۇندۇزئاي تاش  كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ دىسە ، ئوخشاڭ دىسە شۇنداقمۇ ئوخشىشىپ كەتكەن بارمۇ {:101:}

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 12:34:58

لىيام بوۋاينىڭ ئايروپىلاندىكى پىلىمىدىكى موماي شۇكەن ھە.ئاشۇ بىرلا پىلىمىنى كۆرۈپتىكەنمەن بۇ موماينىڭ.شىرزات ياقۇپتىن ئىككى ياش چوڭكە.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 23:48:23

ئەمما ماۋۇ ئىككى ئايال رىياسەتچى غەزەپ سۆزمەنكەن. قانداقمۇ ئېسىدە تۇتۇپ بولغاندۇ شۇنداق جىق ئارتىستلار بىلەن كىنولارنى ئىسمىنى. ھەر بىرىنى شۇنداق قىزىقارلىق قىلىپ تۇنۇشتۇردى...

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 07:12:01

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 23:48 static/image/common/back.gif
ئەمما ماۋۇ ئىككى ئايال رىياسەتچى غەزەپ سۆزمەنكەن. قاند ...

مەنمۇ بۇرۇن مۇشۇنداق ئويلايتتىم، مۇ رىياسەتچىلەر قانداق ئەستە تۇتىدىغاندۇ،دەپ. لېكىن ئاشۇ چىرايلىق، جايىدا قىلىنغان قىزىقارلىق ۋە ئۇزۇن گەپلەر ئالدىنئالا تەييارلىنىدىكەن، تېكىست بولسا كامېرالارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېكراندا چىقىپ تۇرىدىكەن ۋە رىياسەتچىلەر ئوقۇپ بېرىدىكەن.
بەت: [1]
: 72-نۆۋەتلىك ئالتۇن شار مۇكاپاتى