ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلار 12-01
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 91.90 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1227 دوللار بولدى .ئاساسى ئانالىز:
ئالدىنقى ھەپتىدە ئالتۇن باھاسى 1200 دوللارنى بۇزۇپ تاشلىغاندىن كىيىن 1200 دوللارنىڭ يۇقىرىدا تەۋرىنىش ئىلىپ باردى ، جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ئامىرىكىنىڭ غەيرى يىزا ئىگىلىك قىممتىنىڭ نەتىجىسى گەرچە ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىسىز بۇلۇپ چىققان بولسىمۇ ئەمما ئالتۇن -كۈمۈش باھاسىسدا چۈشۈش كۆرۈلمىدى ئەكىسچە بازاې ئاخىرلىشىغا ئاز قالغاندا يۇقىرى باھاغا ئۆرلىدى .
نۆۋەتتە ئالتۇن كۈمۈش باھاسىمۇ ئۆرلەۋاتىدۇ ، دوللار نىڭ كۆرسەتكۈچىمىۇ ئۆرلەۋاتىدۇ ، شۇڭا ھازىرقى ئەۋالدا ئالتۇن -كۈمۈش سودىسىغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دوللارنىڭ يۆلىنىشىگە قاراپ تەھلىل قىلساق بىرتەرەپلىمە بۇلۇپ قالىدۇ .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى1226-1222 دوللار ئارلىقىدا تەۋرەندى ، ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى سۇس بولدى . ئاسىيا بازىرىدا 1226-1230 ئارلىقىدا تەۋرىنىدۇ .
2. ياۋرۇپا بازىرىدا 1222 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىگەن ئەھۋالدا ئۆرلەشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1230 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ ، ئەگەر 1222 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1215 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .
3. ئالتۇن باھاسىدا 1230 دوللاردا توسالغۇ نۇقتا بار بۇلۇپ 1230 دوللاردىن ئىشىپ مۇقىم تۇرالغاندا ئاندىن 1250-1260 دوللارغىچە بولغان ئۆرلەش بوشلۇقى ئىچىلىدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1230 1233
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1215 1222
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1235-1218
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1215
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1230
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 91.85 ئەتراپىدا ئايلاندى ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1226.10 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، جۈمە كۈنى ئايلىق ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ ياخشى ناچارلىقى بىردەك بولمىغان ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىش ھەققى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورتاقلاشقان نىسبىتى ناچار چىقىپ دوللار كۆرسەتكۈچكە بېسىم ئېلىپ كەلگەن ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئاۋسترالىيە پەسىللىك تەڭشەشتىن كېيىنكى ئۆي قەرز ئىجازەت سانلىق مەلۇماتى ، ئاۋسترالىيە سانلىق مەلۇماتىنىڭ ياخشى ناچارلىقى دوللارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئالتۇن باھاسىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ . ياۋرۇپا ۋاقتىدا ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات يوق . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ، سودىگەرلەر جەمئىيىتى ئىشقا ئورۇنلىشىش يۈزلىنىش كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات ناچار چىقسا دوللار كۆرسەتكۈچ بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن .
ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 241.04 يۈەن ؛
كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.25 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛
ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ كېتىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئامىل
1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئاسىيا بازىرىدا خەلقئارا ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى ، 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئېلان قىلغان ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك دوكلاتىدىكى ئىش ھەققى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورتاقلاشقان نىسبىتى ناچار چىقىپ دوللار كۆرسەتكۈچكە بېسىم ئېلىپ كەلگەن ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن . ئالتۇن باھاسى ئۆسۈپ 1226.74 دوللارغا چىققان ، بۇ باھا 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باھا ھېسابلىنىدۇ ، ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسى تەخمىنەن 1% يۇقىرى ئۆرلەپ ، ئالدىنقى 3 ھەپتىلىك چۈشۈش ھالىتىنى ئاياغلاشتۇردى . ئالتۇن باھاسى نۆۋەتتە 1225 دوللار ئەتراپىدا تۇرىۋاتىدۇ .
ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتىدىن كېيىن ئالتۇن باھاسى قانداق بولدى ؟
1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتىدىن كېيىن دوللار كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ ، دوللار / ياپونىيە يېنىمۇ تۆۋەنلەش ھالىتىنى كۆرسەتتى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى ئۆرلەپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى بېسىمغا ئۇچرىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك بېسىمغا ئۇچرىدى ؛ بۇ سودا كۈندە LMCI قاتارلىق ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، گەرچە ئامېرىكىنىڭ 12 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى مۆلچەرىدىكىدەك ياخشى چىققان بولسىمۇ ، لېكىن ئالدىنقى ئايدىكىدىن تۆۋەن بولغانلىقى ، ھەم 12 - ئايلىق ئىش ھەققى نىڭ ئېشىش ئەھۋالى مەنپىي قىممەتنى كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبىدىن نەخ ئالتۇن باھاسى ۋە Comex قەرەللىك ئالتۇن باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىگەن بولۇپ ، نەخ ئالتۇن باھاسى 13.80 دوللار ئۆرلىگەن ، ئۆرلەش ئاساسى 1.14% بولۇپ ، بازار باھاسى 1222.40 دوللار ئەتىراپىدا بولغان ، Comex قەرەللىك ئالتۇن باھاسى 7.60 دوللار ئۆرلىگەن ، بولۇپ ، بازار باھاسى 1216.10 دوللار ئەتىراپىدا بولغان ؛
ھەر قايسى ئېكسپورت دۆلەتلىرىنىڭ خام نېفېت مەھسۇلاتىنى چىڭ ساقلىشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى تۆۋەنلىگەن .
ئامېرىكا 12 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى
1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر بۆلۈمى (DOL) ئىلان قىلغان سانلىق مەلۇاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكا 12 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى گەرچە مۆلچەرىدىكىدەك ياخشى چىققان بولسىمۇ ، ئىشسىزلىق نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ 6 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتكەن ، لېكىن يېقىنقى مەزگىللەردە يەنە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش ئەھۋالى مەۋجۇت ؛ ئامېرىكا 12 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى كۆپىيىپ 252000 ئادەم ، مۆلچەرىدىكى كۆپىيىپ 240000 ئادەم ، ئالدىنقى قىممىتى كۆپىيىپ 321000 ئادەم بولغان ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ 12 - ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتى 5.6% تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، 2008 - يىلى 6 - ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتكەن ، مۆلچەرىدىكى 5.7% ، ئالدىنقى قىممىتى 5.8% بولغان ؛ ئامېرىكا 11 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى تۈزەتمە قىممەتتىن كېيىن كۆپىيىپ 353000 ئادەم بولغان ؛
دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى باھاسى
ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتىدىن كېيىن دوللار كۆرسەتكۈچى ئازراق تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، 1- ئاينىڭ 12 - كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 92.305 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 91.7238 ، ئوتتۇرچە باھاسى 92.10 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى 0.33% بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىش باھاسى 91.9451 بولۇپ ، ئاسىيا بازىرىدا 91.85 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 92.2689 ، سېتىلىش باھاسى 92.2789 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى 91.9658 بولدى .
1 - ئاينىڭ 12 - كۈندىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى
2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغاندىن بانكىلار ئوتتۇرسىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى باھاسىنىڭ ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1233 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ياۋرو 7.2796 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1937 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.78978 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.3071 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 5.0436 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.8126 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ سىنگاپور دوللىرى 4.6108 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.1695 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.57582 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولدى ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 9.9204 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولدى ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.7092 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3691 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولدى .
ئەسلى مەنبە ؛ ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
1 تۈركىيە لىراسى 2.7092 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3691 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولدى .
ئەڭ ئاخىرقى ماۋۇ جۈملدە خاتالىق بارمۇ قانداق ؟ ياكى مەن چۈشىنەلمىدىممۇ . buyukturn يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 18:45 static/image/common/back.gif
1 تۈركىيە لىراسى 2.7092 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0 ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟ بۇ جۈملىدە خاتالىق يوق ، سىز ئېنىق چۈشنەلمىگەن ئوخشايسىز ؛ بۇ دېگەنلىك 1 لىرانىڭ قىممىتى 2.7092 يۈەن خەلق پۇلنىڭ قىممىتى بىلەن تەڭ ، 1 يۈەن خەلق پۇلنىڭ قىممىتى 0.3691 لىرانىڭ قىممىتى بىلەن تەڭ ؛ يەنى 1 لىرا بىلەن جۇڭگودا 2.7092 يۈەن قىممىتىدىكى نەرسىنى سېتۋالالايسىز ، لېكىن 1 يۈەن خەلق پۇلى بىلەن تۈركىيەدە ئاران 0.3691 لىرا قىممىتىدىكى نەرسىنى سېتۋالالايسىز ، بۇنىڭدىن خەلق پۇلغا سېلىشتۇرغاندا تۈركىيە پۇلنىڭ قىممىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ ؛
نۆۋەتتە يەنە ئامېرىكا پۇلى دوللارنىڭ قىممىتىمۇ يۇقىرى ئۆرلەۋاتىدۇ ، بۇنىڭ تەسىرىدە ئالتۇن كۈمۈش باھاسى چۈشۋاتىدۇ ؛ :)
ئەگەر ئېنىق بولمىغان ، چۈشنەلمىگەن مەسىللەر بولسا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ ، مەن چوقۇم تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويمەن . ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ‹‹دوللار كۆرسەتكۈچى باھاسى ›› دىگەن ئۇقۇمنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز.
يەنە بىر سوئالىم : ئامرىكا دوللىرى بىلەن ئالتۇن باھاسى نىمە ئۈچۈن تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەت شەكىلللەندۈرىدۇ؟
بەت:
[1]