ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 15:22:51

نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتىكى يېڭى نىزام

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gilas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-12 15:38  

نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش يېڭى نىزامى ئېلان قىلىندى

ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى



ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش چوڭ ئەترىتى يېڭى نىزامىدا، ئەشيا ئوبوروتى شەكلىدە بارلىق نىمكەش ئاپتوموبىل بازارلىرىدا بازارغا كىرگەن ئاپتوموبىللار ۋە كىشىلەرگە نىسبەتەن چوقۇم «ھەقىقىي نام تۈزۈمى» بويىچە تىزىملاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنى، ھەربىر ئادەم ۋە ھەربىر ئاپتوموبىلنىڭ كىملىك، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى، قولايلىق كارتا، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئىسپاتى، ئاپتوموبىل ئۇچۇرلىرى چوقۇم تەكشۈرۈلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

ئاپتوموبىل سېتىۋالغۇچىلار نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋالماقچى بولسا، چوقۇم ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئاھالىلەر كومىتېتى (كەنت) تىن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئىسپاتى ئېلىشى لازىم. ئاھالىلەر كومىتېتى (كەنت) ئاپتوموبىل سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىساد ئەھۋالى، پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش ئورنى ۋە نۆۋەتتىكى ئىپادىسى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىغا قارىتا قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، ئاھالىلەر كومىتېتى (كەنت) رەھبەرلىرى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كىشىلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كومىتېتىدىن ئىسپات ئالىدۇ، باشقا يۇرتتىن كېلىپ ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان كىشىلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كومىتېتىدىن ئىسپات ئالىدۇ، ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئەسلىدىكى تۇرۇشلۇق يېرىدىن ئىسپات ئالىدۇ. «نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئىسپاتى» دىن بىر ئاپتوموبىلغا بىر ئىسپات بېرىلىدىغان بولۇپ، نىمكەش ئاپتوموبىل بازىرى «ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئىسپاتى» غا ئاساسەن نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بېجى تالونىنى چىقىرىپ بېرىدۇ ھەمدە «ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئىسپاتى» نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ساقلاپ قالىدۇ.

ئەسكەرتىش: باشقا يۇرتتىن كىرگۈزۈلگەن ئاپتوموبىللار ئۈرۈمچى شەھىرى ئىچىدە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئىسپاتىنى ئالغاندىن كېيىن، نورمال ھالەتتە نوپۇس يۆتكىيەلەيدۇ.

1. ئۈرۈمچى شەھىرىدە نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋالماقچى بولغانلار چوقۇم ئالدى بىلەن ئاھالىلەر كومىتېتى (كەنت) تىن «نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئىسپاتى» ئېلىشى لازىم، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كىشىلەر تۇرۇشلۇق ئورنىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتىدىن ئىسپات ئالىدۇ، باشقا يۇرتتىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان كىشىلەر تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر كومىتېتىدىن ئىسپات ئالىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر، ئەسلىدىكى تۇرۇشلۇق ئورنىدىن ئىسپات ئالىدۇ.

2. «نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئىسپاتى» دىن بىر ماشىنىغا بىرسى چىقىرىلىدۇ، نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازىرى «ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئىسپاتى» غا ئاساسەن نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش سودا بېجى تالونىنى چىقىرىپ بېرىدۇ ھەمدە «ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئىسپاتى» نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ساقلاپ قالىدۇ.

3. «نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئىسپاتى» ئۈرۈمچىدىكى نوپۇسقا ئالدۇرۇش، يۆتكەش، كىرگۈزۈش رەسمىيەتلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ.

4. ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىكى ھەرقايسى كۆزنەكلەر نىمكەش ئاپتوموبىل رەسمىيىتى بېجىرگەندە، «نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئىسپاتى» ئەسلى نۇسخىسىنى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.
مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

rock يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 16:26:16

تەس بولۇپ كېتىۋاتىدۇ بۇ كۈن ئۆتكۈزۈشمۇ. پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسى دېگەنگە دودىجۇ ئويناپ ئۇتقان دېسە ماقۇل دەما؟

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 16:30:02

rock يوللىغان ۋاقتى  2015-1-12 16:26 static/image/common/back.gif
تەس بولۇپ كېتىۋاتىدۇ بۇ كۈن ئۆتكۈزۈشمۇ. پۇلنىڭ كېلىش م ...

:handshake :lol
بەت: [1]
: نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتىكى يېڭى نىزام