batur72 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 14:10:05

قەيسەر مىجىت:كۆتۈرۈلىۋاتقان ھور، تېرىلىۋاتقان روھ...


كۆتۈرۈلىۋاتقان ھور، تېرىلىۋاتقان روھ...
قەيسەر مىجىت
ئېلاۋە: سۆزۈمنى مۇنداق باشلىغۇم كەلدى:
ئۆزۈم چەتئەلدىمەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر.

     مېنىڭ كۆڭۈل ئەينىگىمدە بۈگۈن زاھىر بولغىنى - دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ دولقۇنلىرىدا چايقىلىپ يۈرگەن كىشىلىرىمىز بولدى. مەن گويا قىرغاقتا جىمجىت ئولتۇرۇپ دولقۇنلارنىڭ چايقىلىشىنى كۈزۈتۈپ ئولتۇرۇپ خىيالغا چۆككەن ئادەمگە ئوخشاش تەپەككۇر ھىسلىرىنىڭ غىدىقلىشى بىلەن شۇ تاپ كومپىيۇتىرىمنىڭ ئالدىدا ئولتۇردۇم.
    باغداش تورىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئىسىدە بولسا كېرەك، مەن "شۇڭقار كەبى چاغلار" ناملىق چاتما يازمامنىڭ خاتىمە قىسمىدا ئوقۇرمەنلەردىن " قېنى ئەمدى نىمە توغرىسىدا يازاي؟ "دەپ سوئال قويۇپ سىلەرنىڭ رايىڭلارنى سىناپ كۆردۈم. بىر قىسىملىرىڭلاردىن چۈشكەن پىكىرى شۇ بولدىكى "زامانىۋى ئىگىلىك، مىللى كارخانا ھەققىدە توختالسىڭىز". مەن كىشىلەرنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئادەم. سىلەر شۇنداق تىمىلارنى تاللىغان ئىكەنسىلەر ھەم مەندىن "يازالايدۇ" دەپ ئۈمىد قىلغان ئىكەنسىلەر، مەن سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلار ئۈچۈن خىزمىتىڭىلەرگە تەييار. چۈنكى، ئەل رايىغا باقماي پىكىر قىلىش - قۇرۇق بىلجىرلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۈگۈندىن باشلاپ ئاۋسترالىيەدە قۇرۇلغان بايبول شىركىتىمىزنىڭ باغداش ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىغىنى تەبرىكلەپ يىڭى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغىنى چۆرىدىگەن ھالدا بەزىدە بايان، بەزىدە مۇھاكىمە شەكلىدە بىر ئۇزۇن چاتما ئەسەر قىلىپ يېزىپ چىقىش قارارىغا كەلدىم.
     سىلەرنىڭ دۇنياغا كىلىش ئالدىدا تۇرغان بۇ يازمىنى "شۇڭقار كەبى چاغلار" ناملىق ئەسىرىمنىڭ "قوشمىغى" دەپ چۈشۈنۈشۈڭلەرنى ئۈمىد قىلىمەن.  ئالدىنقىسى ئۆزۈمنىڭ ھايات كەچمىشلىرى بولسا، بۇ قىتىم يازماقچى بولغانلىرىم كەچمىشلىرىم بىلەن بىللە تەۋەللۈت بولغان تەپەككۈرۈمنىڭ خاتىرلىنىشدۇر.   
   تەلەپكە نىسبەتەن تەمىنلەش بولمىسا، بايلىق بازاردا ئۈنۈملۈك تەقسىملىنەلمىگەندەك، سىلەرنىڭ ئارزۇيۇڭلاردىكىدەك ئەسەر يازماي نەدىكى ئۆلچەمگە توشمايدىغان يازمىلارنى يوللاپ يۈرسەم ۋاقىت ئىسراپچىلىغى ۋە تۇترۇقسىزلىق يۈز بىرىپ قالغۇدەك.

***************************************************************************************

ئەلقىسسە، مەن گېپىمنى باشلاي، ئۇيقۇم كەلگۈچە يازاي، ۋاقتىملا  بولسا قەيەردە توختىغان بولسام قەدەمنى شۇ يەردىن ئالاي....

1. يېڭى يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلۋىغى ۋە ئۇيغۇرلار
     ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى مەسىلىگە كۆز يۈگۈرتۈپ بېقىڭ، ئابىل بىلەن قابىل قايسىسىنى تاللايدۇ؟
مەلۇم بىر شەھەردە  ئابىل بىلەن قابىل "ئوغرىلىق جىنايتى ئۆتكۈزدى" دەپ قولغا ئىلىنىپتۇ.  بۇ شەھەرنىڭ ئەدلىيە قانۇن سىستىمىسى ئادىل بولۇپ جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئۇرۇپ- قىيناپ، يوقنى بار قىلىپ جازالىمايدىكەن ھەم جازالىيالمايدىكەن. پاكىتسىز ئەيىپلەشنىڭ ئۆزى تۆھمەت ھەم ئۇششۇقلۇق-تە!  بۇلارنى جازالايدىغانغا ساقچىلارنىڭ قولىدا يىتەرلىك ئىسپات يوق ئىكەن. ئەگەر بۇلارنىڭ كەم دىگەندە بىرسى ئۆزلىرىنىڭ جىنايىتىنى بوينىغا ئالسا بۇلارنى جازالاشقا بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئابىل بىلەن قابىلنى ئايرىم-ئايرىم كامىرغا سولاپ ئۇلارغا ئۆزلىرىگە ماسلىشىش ۋە ماسلاشماسلىقنىڭ ئۆزلىرىگە ئىلىپ كىلىدىغان نەتىجىسىنى چۈشەندۈرۈپتۇ.
1. ئەگەر سەن بۇرۇن ئىقرار قىلساڭ، ساڭا كەڭچىلىك قىلىندۇ، دەرھاللا قويۇپ بىرىلىسەن، ھەمراھىڭ تۈرمىدە بىر يىل ياتىدۇ.
2. ئەگەر ھامراھىڭ سەندىن بۇرۇن ئىقرار قىلسا ئۇ دەرھال قويۇپ بىرىلىدۇ، سەن تۈرمىدە بىر يىل ياتسىەن.
3. ئەگەر ھەر ئىككىڭلار ئىقرار قىلمىساڭلار تۈرمىدە ئۈچ ئايدىن ياتىسىلەر.
4. ئەگەر ھەر ئىككىڭلار ئىقرار قىلساڭلار ھەر ئىككىڭلار تۈرمىدە ئالتە ئايدىن ياتىسىلەر.
   بۇ رىقابەت نەزەرىيەسىدكى مەشھۇر "جىنايەتچىلەر دىلىغۇللىقى" مەسىلىسىدۇر. يەنى ئابىلنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قىلىشى- قابىلنىڭ تاللىغان يولىغا يەنى ئۇنىڭ ئىقرار قىلىش-قىلماسلىقىغا باغلىق، شۇنداقلا، قابىلنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ئابىلنىڭ تاللىشىغا باغلىق.
  بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلار ھەر خىل كۈچلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ رول ئوينىشى، ھەر خىل كۈچلەرنىڭ رىقابەتلىك شارائىتتا بەزىدە ھەمكارلىشىشى، بەزىدە ئۆزئارا تايىنىشى ئارقىلىق بولىدۇ. بەزىدە دۈشمەنلەشكەن ئىككى تەرەپمۇ ئۆزىنىڭ تاللىشى تۈپەيلىدىن قارشى تەرەپ ياندۇرغان ئىنكاسنىڭ ئۆزىگە ئىلىپ كىلىدىغان پايدا -زيىنىنى دەڭشەپ ئاندىن  ئۆزىگە پايدىلىق ئىستىراتىگىيەلىك تاللاش ئىلىپ بارىدۇ. بۇ تارىختا نۇرغۇن قىتىم ئوينالغان ئويۇن، چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا، قوشنا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا، ئوخشىمىغان خەلقلەر مۇناسىۋىتىدە، كارخانىلار ئارا....
   بىر دۆلەتنىڭ قانداق ئىستىراتىگىيەلىك سىياسەت قوللىنىشى- ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى جۈملىدىن بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئورنىنى بەلگىلەيدۇ.
   مىللى دارامەتنىڭ ئومۇمى قىممىتى جەھەتتىن ئالغاندا جوڭگۇ ھازىر دۇنيادا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئىقتىسادى تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر چوڭ مۆجىزە.  بۇنىڭ تۈپ يىلتىزى -  جوڭگۇ ھۆكۈمىتى 1978 -يىلى يولغا قويغان "ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئىچىۋىتىش" سىياسىتىگە بىرىپ تۇتاشسىمۇ، ئەمما جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى ئىسلاھاتى بۇ دۆلەت 2001-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كىيىن ھەسسىلەپ مىۋە بەردى. ھىلىمۇ ئىسىمدە. 1993-يىلىدىن باشلاپ قوزغىلىپ ئەۋجىگە چىققان جوڭگۇنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ  كىرسە نىمە بولۇپ كىتىدىغانلىغى ھەققىدىكى پاراڭلار. شۇ چاغدا مەن كۆپىنچە پاراڭلاردىن، يازمىلاردىن كىشىلەرنىڭ جوڭگۇنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشىدىن ئەنسىرەش پىسخكىسىنى ھىس قىلغان ئىدىم" چەتئەل شىركەتلىرى جوڭگۇ ئىقتىسادىنى كونتىرول قىلىۋالىدۇ، دۆلەت ئىگىلىگىدىكى كارخانىلار ۋەيران بولىدۇ، خۇسۇسى ئىگىلىك باش كۆتۈرەلمەيدۇ، مىللىيونلىغان ئادەم ئىشسىز قىلىپ ۋەيران بولىدۇ، مىللى سانائەت ئۆلىدۇ....ۋاھاكازا
ئەمىليەت، دەل ئەكسىچە بولدى. جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ 15 يىل بوشاشماي سۆھبەت ئىلىپ بىرىشى ئارقىلىق دۇنيا 2001-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشى - ئەجدەرھانىڭ دۇنيا بازىرىغا بولغان ئىشتىھاسىنى ئىچىۋەتتى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مەقسىدى - ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودىنى كۈچەيتىش، توسالغۇلارنى يوق قىلىش يەنى ئەزا دۆلەتلەر بىر بىرىگە ئۆزلىرىنىڭ بازىرىنى ئىچىپ بىرىش، تاموجنا بىجىنى يۇقۇرى قىلىۋىلىش  قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن بىر بىرىنىڭ ئىمپورتىنى چەكلىمەسلىك بولۇپ بۇنىڭ نەتىجىسىدە جوڭگۇنىڭ  ئىكسپورتى كۈنسايىن كۆپۇيۈپ ئەمگەك زىچلاشقان توۋارلارنى چەتئەلگە سىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىنى قولغا كەلتۈردى.
   دىمەك بۈگۈنكى كۈندە سان-فرانسىسكو پورتىغا جوڭگۇنىڭ مىلىنى بىسىپ كەلگەن ھەر بىر بىر پاراخوتنى جوڭگۇدا بىر مىليونىرنى مەيدانغا كەلتۈرىۋاتىدۇ دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.
    شۇنداق ئىكەن، بىپايان كەڭرى زىمىندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كارخانىچىلار  جوڭگۇ ھۆكىمىتىنىڭ بۇ سىياسەتلىرىگە قارىتا قانداق تونۇشتا بولدى؟ قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟ بۇ ھۆكۈمەت يىقىندا يەنە "يېڭى يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلۋىغىنى" قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ بىر خېرس، بۇ بىر پۇرسەت. كارخانىچىلىرىمىز بۇ ھەقتە نىمىلەرنى ئويلىشىۋاتىدۇ؟ ئىقتىسادشۇناش لاڭشەنپىڭ ۋە ئالىبابانىڭ قۇرغۇچىسىى ما يۈن تېخى يىقىندا كەينى- كەينىدىن ئۈرۈمچىگە بىرىپ نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇلار نىمە دەيدۇ؟
       قەدىمى يىپەك يولىنى بەرپا قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرقى شارائىتتا نىمە قىلىشى كىرەك ھەم قىلالىشى مۈمكىن؟
     دۇنيا تۈپتىن ئۆزگىرىپ كەتتى. ئەمدى تەكلىماكاننىڭ قۇملۇقلىرىدىن چىقىدىغىنى - ئۈستىگە يىپەك بىسىلغان كولدۇرمىلىق تۆگە كارۋانلىرى ئەمەس - بەلكى باشقا نەرسە. ھەم شۇنداق بولۇشى كىرەك؟ ئۇنداقتا ئۇ نىمە؟
(داۋامى بار)  

President يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 14:19:53

داۋامىنى چۈشلۈك تاماققا ئېلىپ قويدۇم ئەمىسە
بەت: [1]
: قەيسەر مىجىت:كۆتۈرۈلىۋاتقان ھور، تېرىلىۋاتقان روھ...