«كىتاپ ئوقۇش يىلى» پائالىيەت پىلانى
چەرچەن ناھىيەسىنىڭ «كىتاپ ئوقۇش يىلى» پائالىيەت پىلانىكىتاپ ئوقۇش يىلى پائالىيەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق ھەم تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، «كىتاپ ئوقۇش جەمئىيىتى» قۇرۇلۇپ، جەمئىيەت رەئىسى، ھەيئەتلىرى، ئەزالىرى تۇرغۇزۇلدى. خىراجەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى ۋە ناھىيەلىك كۈتۈپخانىنىڭ ھەقسىز ئېچىۋېتىش تۈرىدىن پايدىلىنىمىز.
1، 1- ئايدا ناھىيەلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە راسىيو- تېلۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ قوللىشى بىلەن، ناھىيەمىز تەۋەسىكى 10-15 ئاشخانا، ساتراشخانا، ھۆكۈمەت ئىش بىجىرىش زالى، بانكا قاتارلىق ئادەملەر كۆپ بارىدىغان سورۇنلارغا ھەربىرسىگە 80- 100 گىچە كىتاپ- ژورنال تىزىمىز.
2، 2- ئايدا «قانداق كىتاپ ئوقۇش، قانداق ئوقۇش كېرەك؟»، «مەن ئوقۇغان كىتاپلار»، «ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان بىر كىتاپ» دىگەن تېمىلاردا كىتاپ ئوقۇش تەسىراتى سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىمىز.
3، 2- ئاينىڭ 21- كۈنى «ئانا تىل بايرىمى» كۈنىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، «قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش ۋە كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ؟» تېمىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارىمىز.
4، 3- ئايدا نۇرۇز بايرىمىغا بىرلەشتۈرۈپ، «ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئىناقلىق، تەرەققىيات ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرەيلى» تېمىسىدا نورۇزنامە ئوقۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5، 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن «چەرچەن مەدەنىيىتى» (ئايرىم بېكىتىلىدۇ) ژورنىلى تەسىس قىلىشقا تىرىشىمىز.
6، 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، جەمئىيەت ئەزالىرى كىتاپ ئىئانە قىلىش شەكلى بىلەن بىر خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى كۈتۈپخانا قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز. جەمئىيەت ئەزالىرى 5-10 غىچە كىتاپ ئىئانە قىلىدۇ. كىتاپنىڭ ئەت تۆۋەن قىممىتى 30 سوم ھىساپلىنىپ، كىتاپ ياكى تۆۋەن چېكى 150 يۇەن نەقپۇل ئېلىنىدۇ، كىتاپ تەكرارلىقىنى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جەمئىيەت تەشكىلى ھەيئىتى كىتاپلار تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، ئەزالارغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ناھىيەلىك كۈتۈپخانا بىر قىسىم كىتاپنى ھەل قىلىدۇ.
7، 3- ئايدىن باشلاپ 8- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ناھىيەمىزدىكى يازغۇچى، شائىر، تەرجىمانلارنى يېزىقچىلىق ۋە تەرجىمىگە تەشكىللەپ، ئۆتكەن يىلى مۇسابىقىلەردە نەتىجىگە ئېرىشكەن ئەسەلەرنى قوشۇپ، بىر ھىكايىلەر توپلىمى، بىر شېئىرلار توپلىمى، بىر تەرجىمە ئەسەرلەر توپلىمى چىقىرىشقا تىرىشىمىز (تەرجىمە قىلىدىغان ئەسەرلەرنى مەدەنىيەت يۇرتى بېكىتىدۇ).
8، 4- ئايدا «تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە چۇرچان (چەرچەن)» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىمىز.
9، 4- ئايدا چەرچەننىڭ مەدەنىيەت سەنئەت تورى www.bulbulgoya.com نى قوزغىتىمىز. كىتاپ ئوقۇش جەمئىيىتى ئەزالىرى ئۈچۈن بىر سۇپا ھازىرلاش بىلەن بىللە، مەشھۇر يازغۇچى شائىرلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى ۋە دۇنياۋى داڭلىق ئەسەرلەرنى بۇ تور بەت يۈزىگە توپلاپ، ماتىرىيال مەنبەسى بىر قەدەر مول بولغان تور كۈتۈپخانىسى بەرپا قىلىشقا تىرىشىمىز.
10، 5- ئايدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاپ- ژورنال بىلىملىرى بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىمىز. بىر ئوقۇتقۇچى 3 ئوقۇغۇچىنى يېتەكلەيدۇ. سوئاللارنى مەدەنىيەت يۇرتى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ بىرلىكتە تەييارلايدۇ.
12، 6- ئايدا 1-3 كىچە كىتاپ ئىسمىنى بېكىتىپ، كىتاپ ئوقۇش تەسىراتى سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىمىز.
13، 6- ئايدا چەرچەندىكى پىشقەدەم ئەدەبىيات سەنئەتچىلەرنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز.
14، 7- ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى يېزىقلار، رەسىملەر، نۇسخىلار مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىلىدۇ. يەنى ئۇيغۇرلار تارىختا قوللانغان 26 خىل يېزىقنى تېپىلىشىچە سۈرىتىنى تەييارلايمىز. قەدىمقى كىتاپلارنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىنى تاپالىشىمىزچە يىغىمىز، مىڭ ئۆي سۈرەتلىرى، قىياتاش سۈرەتلىرى، بالبال سۈرەتلىرى، مەڭگۈ تاش سۈرەتلىرىنى يىغىمىز.
15، 8- ئايدا قەدىمىي يېزىقلىرىمىز بويىچە ھۆسىنخەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىمىز.
16،8- ئايدا شېئىر ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىمىز.
17، 9- ئايدا ئۆتكەن يىللىق ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 2015- يىللىق مۇكاپاتلىق ئەدەبىي ئەسەر باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزىمىز.
18، 9- ئايدا چەرچەن «تەرجىمە ئەسەرلەر» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىمىز.
19، 10- ئايدا ناھىيەمىز سىرتىدىكى بىر قىسىم يازغۇچى ئەدىبلەرنى تەكلىپ قىلىپ، تۈنجى نۆۋەتلىك ئەدىبلەر سۆھبەت يىغىنى ئاچىمىز.
20، 10- ئايدا بۇلبۇلگويا تورى ئاساسىدا، تور ئەسەرلىرىنى باھالاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىمىز.
21، 11- ئايدا كىتاپ ئوقۇش تەسىراتى سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ. ئوقۇيدىغان كىتاپنى ئۆزى تاللايدۇ.
22، 12- ئايدا«كىتاپ ئوقۇش يىلى» خۇلاسە يىغىنى ئاچىمىز، 2015- يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلاپ، 2016- يىللىق خىزمەتلەرنى مۇكاھىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىمىز.
23، 12- ئايدا كىتاپ ئوقۇش جەمئىيىتىنىڭ 2015- يىللىق پائالىيەتلىرىنى ئەتراپلىق خۇلاسىلاپ تورلاردا تەشۋىقات ئېلىپ بارىمىز.
ياقۇپجان ناھايىتى ئەتىراپلىق ۋە ئەھمىيەتلىك پىلان بوپتۇ. ئىشىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن. ئىنشائاللا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىشقا تۇتۇش قىپسىلە!ئاپىرىن!ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى
يولۇڭلارنىڭ ئوچۇق بولۇشىنى تىلەيمەن!{:112:} مانا ،مانا مانا !!!!!! خاسىيەتلىك كۆڭۈللەردىن خاسىيەتلىك ئىشلار ۋۇجۇدقا چىققۇسى . ياخشى تىلەكلىرىڭلارغا رەھمەت! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىسىل پىلان بوپتۇ، بەك ياقتۇردۇم. مۇمكىن بولسا ساخاۋەتلىك ئاتىلار جايلاردىكى ساتىراچخانىلارغا كىتاپ ئىئانە قىلىش، ساتىراچخانىلار ئۆزلىرى كىتاب تىزىش ئورنى بىلەن ياكى كىتاپ تەكچىسى بىلەن تەمىنلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرسا بولغۇدەك ....... مەن بىگەن 1000 يۈەنلىك كىتاب سېتىۋالدىم، بەك جىق كىتابمۇ كەلمەيدىكەن، يالغۇز كۆتۈرۈپ ئەكىلەلىدىم.تۆۋەندىكىلەر:
1.بۈيۈك ئىستىقبال
2.مەنىۋى كاپىتال
3.يەر يادروسىغا ساياھەت
4.مەمىتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرى 4 كىتاب
5. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىغاندا 7 كىتاب
6.مىڭ بىر كېچە 8 كىتاب
7.ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى 10كىتاب يەنە نەچچە كۈن بۇرۇن ئالغان سىرلىق ئارال ئۈچ كىتاب خوتەندىن كېلىۋاتىدۇ. 3 يىلدىن بېرى ئىجرا قىلىۋاتقان ئايدا 150 كويلۇق كىتاب ئېلىش پىلانىم بۇ يىل كىتاب ئوقۇش يىلىنىڭ ھۆرمىتى بىلەن يىل بېشىدىلا يىللىق پىلان ئىجرا بولاپ كەتتى. بىزنىڭ ناھىيگە قاچانلىققا كېلە بۇنداق ياخشى ئىش؟ ئەجەپ سۆيۈندۈم ماۋۇ ئىشىڭلاردىن.:)
بەت:
[1]