[خەتلىك فىلىم] چاقناش
فىلىم نامى: چاقناش
ئېنگىلىزچە نامى: The Shining
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 1980-يىلى
دۆلىتى: ئامېرىكا
تۈرى: قورقۇنچلۇق
تىلى: ئېنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە / ئېنگىلىزچە
IMDB نومۇر: 8.5
رازمىرى: 720*1280
چوڭلىقى: 2.5GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 02:23:46
رېژىسسور: Stanley Kubrick
باش روللاردا: Jack Nicholson, Shelley Duvall, Danny Lloyd
فىلىم ھەققىدە:
جەك بىر يازغۇچى بولۇپ، بىر يىلى قىشتا ئۇ تاغدىكى بىر مېھمانخانىغا قاراش خىزمىتىگە ئېرىشىدۇ. جەك يېزىقچىلىقى ئۈچۈن جىمجىت بىر جاي ئىزدەۋاتقان بولۇپ، بۇ يەر دەل ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك يەر ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالى ۋە ئوغلىنى ئېلىپ بۇ مېھمانخانىغا كۆچۈپ كېلىدۇ. بۇ يەردە قىش بەك قاتتىق بولىدىغان بولۇپ، بۇ يىلمۇ زور قارلىق شىۋىرغان بولۇپ، يوللاپ توسۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇلار كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن جەكنىڭ ئايالى ۋېندىي بۇ يەرنىڭ مۇھىتىنىڭ غەيرىلا ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئوغلى دەنىي بولسا دائىم ئۆزى تونۇمايدىغان ئادەملەرنى كۆرەتتى، ئەمما بۇ يەردە بۇ بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئادەمدىن باشقا ئادەم يوق ئىدى. ئەمما جەك پۈتۈن بىر كۈن باش چۆكۈرۈپ يېزىقچىلىق قىلغاندىن باشقا، مىجەزىمۇ بارغانسېرى غەيرى بوپ كېتىدۇ.
كەسمە رەسىملەر:
بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن ياكى بەيدۇ بۇلۇت دېسكىسىدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.
ئەسكەرتىش: بۇ فىلىمنى كىچىك بالىلار، يۈرىكى ئاجىزلار، ئىككى قات ئاياللارنىڭ كۆرۈشىگە بولمايدۇ. قورقۇنۇشلۇق دەرىجىسى قانچىلىك ؟ ئىشتاننى ھۆل قىلىۋەتمەس ھە يىڭى ئىشلەنگەن ئامرىكا داڭلىق فىلىملىرىنى تەرجىمە قىلمامسىلەر؟
بۈگۈن نۇر تورىدا ئامرىكا داڭلىق فىلىملىرىدىن 10 دەك تۇنۇشتۇرۇپتۇ. ئارىسىدىكى بىر نەچچىنى مەن ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. بەزىلىرىنى ئاق بۈركۈت تورى تەرجىمە قىلغان. مەن ھازىر چاقناشنى كۆرۆۋاتىمەن. قاچانمۇ بەيدۇ خوتەندە تولۇق ئىچىلار؟ ھۆرمەتلىك تېما ئىگىسى،ئالەملىك تارتىش كۈچى ناملىق فىلىمنى چۈشۈرۈپ كۆرمىسەك قەتئى كۆرگىلى بولمامدا؟ئىلگىرى كۆۋرۈكتىكى كىنولارنى بىۋاستىلا كۆرىۋېرەتتىققۇ؟ھەر قېتىم كىرسەم چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ دەپلا تۇرىدۇ...بۇرۇنقىدەك كۆرۈش دېگەن خەت يوق؟ چۈشۈرۋالدىم. كۆپ رەھمەت! memetawaq يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 13:44 static/image/common/back.gif
قورقۇنۇشلۇق دەرىجىسى قانچىلىك ؟ ئىشتاننى ھۆل قىلىۋەتم ...
ئۇ سىزگە باغلىق nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 14:13 static/image/common/back.gif
ھۆرمەتلىك تېما ئىگىسى،ئالەملىك تارتىش كۈچى ناملىق فىل ...
توردا كۆرۈش ئۈچۈن فىلىملەرنى youku غا يوللايتۇق، ئەمما youku يېقىندا چوڭ تازىلاش ئېلىپ بارغاچقا نۇرغۇن فىلىملەرنى توردا كۆرگىلى بولماس بولۇپ قالدى ھەمدە تەستىقلاش تۈزۈمىمۇ چىڭىپ كەتتى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇن فىلىملەرنى توردا كۆرگىلى بولماسلىقى مۇمكىن. udun007 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 14:12 static/image/common/back.gif
يىڭى ئىشلەنگەن ئامرىكا داڭلىق فىلىملىرىنى تەرجىمە قى ...
باشقا خەتلىك فىلىم گورۇپپىسى تەرجىمە قىلمىغان ۋە بىز تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆرگەن فىلىملەرنى تەرجىمە قىلالىغىنىمىزچە قىلىمىز.:) تىرمىنالمۇ ئاقمامدۇ نىمە ئەمسە؟؟؟؟ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى نىمانداق كىنولار قويۇلمايدىكى دەيمە kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 15:20 static/image/common/back.gif
باشقا خەتلىك فىلىم گورۇپپىسى تەرجىمە قىلمىغان ۋە بىز ...
بولسا ئامىرخاننىڭ‹ ئۈچ ئەخمەق›دىگەن كىنوسىنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلساڭلار بەك بەلەن بولاتتى.مەزمۇنىمۇ بەك ياخشى ئىدى. 超体نىمۇ تەرجىمە قىلغانسىلەرمۇ؟ توردىن بىۋاستە كۆرۈپ قانداق كىنو كۆرگەندەك بۇلىسىلەر، توردا بىۋاستە قۇيۇلىدىغان FLV نىڭ ئېنىقلىقى ھەر قانچە يۇقۇرى بۇلۇپ كەتسىمۇ بەرىبىر چاپاق چىقىدىغان تۇرسا.
كۆۋرۈك تورى ياخشى فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ يوللاۋاتىدۇ، سىلەرنىڭ بىر ياخشى يىرىڭلار بەك داڭلىق بىراق تايىنى يوق ئەھمىيەتسىز كىنولارنى تەرجىمە قىلمايدىكەنسىلەر، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئۆزەڭلارنىڭ بۇرۇنقى ئۇسلۇبىدا مېڭپ ياخشى كىنولارنى تەرجىمە قىلىپ يوللىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن toxkan يوللىغان ۋاقتى 2015-01-12 17:27:51 static/image/common/back.gif
بولسا ئامىرخاننىڭ‹ ئۈچ ئەخمەق›دىگەن كىنوسىنى ئۇيغۇر
ئۇ كىنونىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق چېققىلىمۇ ئۇزۇن بوپ كەتتى. pk, ھەيدەر، يەنە بىرەد پىتنىڭ غەزەپ دېگەن كىنولىرىنى تەرجىمە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. toxkan يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 17:27 static/image/common/back.gif
بولسا ئامىرخاننىڭ‹ ئۈچ ئەخمەق›دىگەن كىنوسىنى ئۇيغۇر ...
بۇرادەر مۇندا ئۇيغۇرچە توربەتلەرگىمۇ كىرىپ تۇرۇڭ بولمىسا مۇشۇنداق جاھاننىڭ كەينىدە قالىدىغان گەپ ....... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا attir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-13 02:06
闪灵كىلاسسىك ۋەھىمە فىلىمى ،ھازىرغىچە ھەممە تور بەتلەردە ئىغىزدىن چۇشمەيدۇ.
يەنە بىر تارىخىتىكى مۇكاپات ئىرىشكەن سانى ئەڭ يۇقۇرى قاتىل فىلىمى 老无所依،
49تۇردە مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.
ھازىرغىچە ھىچقانداق بىر قاتىللىق ئەكىس ئەتكەن فىلىم ئۇنىڭ ئوبرازىنى بۆسۇپ ئۆتەلمىدى،.
ئۇنىڭدا ھىسسىيات پۇشايمان يوق تولا گەپ قىلمايدۇ،قاتىللىق قىلغاندىكى ھالىتى بەك قالتىس،ئۆزىمۇ قالتىس مۇكاپاتلارغا ئىرىشتى.
toxkan يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 17:27 static/image/common/back.gif
بولسا ئامىرخاننىڭ‹ ئۈچ ئەخمەق›دىگەن كىنوسىنى ئۇيغۇر ...
ئۇ كىنۇ نى ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىپ بوپتىغۇ؟:) باشقىلار دەپ بولغان گەپنى يەنە دەپتىمەن يا :loveliness: APSUN يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 08:47 static/image/common/back.gif
باشقىلار دەپ بولغان گەپنى يەنە دەپتىمەن يا
شاھتۇربەگ توررىمۇ تەرجىمە قىلغان ،لېكىن چۈشۈرگىلى بولمىدى،ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقنى xjtvئاۋاز بەرمىگەن بولغاچقا يارىمىدى،ھەم تاپالمىدىم،بولسا ئۆز تىلدىكى ئۇيغۇرچە خەتلىك سۈزۈك نۇسقا بولسا دەخشەت بەلەن بولاتتى،ھەقلىق بولسىمۇ مەيلى !
بەت:
[1]
2