dilnur1214 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 11:09:30

ئىنتېرنېت پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى

بىرىنچى، دەرھاللىقى: تاختا كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفوننىڭ ئېلىپ – يۈرۈشكە ئەپلىك بولۇش ۋە مەشغۇلات قىلىش ئاسان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى، ئابۇنىچىلارنى خالىغان جايدا ۋە خالىغان ۋاقىتتا ئىنتېرنېت تورى تەمىنلىگەن پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ، پۇل چىقىم قىلىش، پۇل ئامانەت قويۇش، ئاكسىيە سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئابۇنىچىلار تاختا كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفوننىڭ تېرمىنالىنىڭ كۇنۇپكىسىنى باسسىلا سودا قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. بۇنىڭغا كېتىدىغان ۋاقىت قىسقا بولغاچقا، ئابۇنىچىلار ئۆزىگە ئېھتىياجلىق ئۇچۇرلارغا بىمالال ئېرىشەلەيدۇ.
  ئىككىنچى، كۆچمىچانلىقى: 2007 – يىلى iPhone  نىڭ كەشىپ قىلىنىشى بىلەن كۆچمە ئىنتېرنېت تورى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلىپ، ئىنتېرنېت تورىنى كۆچمىلەشتۈرۈش يۈزلىنىشى يەر شارىنى قاپلىدى.
  ئۈچىنچى، ئۆزئارا قوزغىتىشچانلىقى ۋە سوزۇلۇشچانلىقى: تىپىك كۆچمە ئىنتېرنېت تورىنىڭ قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، ئابۇنىچىلار يان تېلېفوندا ئۈندىدار ئارقىلىق خالىغان ۋاقىت، خالىغان جايدا پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈش ۋە ئىككى تەرەپ بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. كۆچمە ئىنتېرنېت تورى ئابۇنىچىلارنى پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشىنى كاپالەتلەندۈردى. copyright by www.iz.la
   تۆتىنچى، تەننەرخى تۆۋەن: كۆچمە ئىنتېرنېت تورى پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى خالىغان ۋاقىتتا ۋە خالىغان چاغدا سودىلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى. مەسىلەن، ئوخشاش بىر كەسىپنى تور بانكىسىدا بېجىرىشنىڭ تەننەرخى ئادەتتە بانكىغا بېرىپ بېجىرىشنىڭ ئوندىن بىرىگە تەڭ كېلىدۇ. يان تېلېفون تورىنى سودا ئىشلىرىدا ئىشلىتىپ تور بانكىسى ۋە توردا پۇل چىقىم قىلغاندا، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى خالىغان جايدا سېتىۋالغىلى ھەم سودا تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
مەزكۇر ئەسەر ئەجداد خەلقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئقتىساد مۇنبىرىدىن ئىلىندى http://xjabs.com/show/?id=2146
توردىكى ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىغا قىزىقسىڭىز ۋە ياكى بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز 18699850319 بىلەن ئالاقىلىشىڭ .

بەت: [1]
: ئىنتېرنېت پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى