NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 11:05:36

12-يانۋاردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى

12-يانۋار خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1225 دوللار ئەتراپىدا، بۈگۈن بازار ئېچىلىپلا ئۆسۈپ 1226 غا چىقتى، چۈنكى ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئامرىكىنىڭ غەيرى يېزا-ئىگىلىككە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى مۆلچەردىكىدىن تۈۋەن چىقىپ دوللارنى بېسىۋەتتى.

بۇ ھەپتىدە بازار ئامرىكىنىڭ بىرقاتار ئىقتىسادى ئۇچۇرلىرى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ سۆز قىلىشىنى كۈتىۋالىدۇ. بۈگۈن غەيرى يېزا-ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىنكى ئامرىكىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئۇچۇرى- ئامرىكىنىڭ 12-ئايلىق ئىشقا ئورۇنلىىشىش بازىرى ئەھۋالى كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلىدۇ. ئالدىنقى جۇمەدىكى ئۇچۇرنىڭ تەسىرىدە خەلقارا ئالتۇن ئوڭۇشلۇق ھالدا 1220 دوللار ئەتراپىغا چىقىۋالدى، ئەگەر يەنە ئۆسۈشكە ئېرىشىمەن دىسە بۈگۈن ئامرىكىنىڭ ئۇچۇرىنىڭ قانداق بۇلىشىغا باغلىق بۇلۇپ قالدى.



ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad  


بۈگۈنكى تەھلىل

1220 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ،زىيان 1215،نىشان 1225~1230

1240 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ، زىيان 1245،نىشان 1235~1230

1208 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ،زىيان 1203،نىشان 1213~1217

1250 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ، زنيان 1255،نىشان 1245~1240



بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى  244   يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.25  يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
بەت: [1]
: 12-يانۋاردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى