waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 20:16:48

تەڭرىتاغ كوماندىسى يەنە جېجىياڭ كوماندىسىنى يەڭدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-11 20:18  

ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 2015-يىلى1-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ سائەت 00؛6دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئوتتۇز بىرىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى  يىڭى ساھىپخان مەيدانى سانجى تەنتەربىيە سارىيدا جېجىياڭ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى كوماندىسىدىن جۇچى بىلەن شىرئەلىجان داۋاملىق مەيدانغا چىقماي دەم ئالدى، تەڭرىتاغ كوماندىسى  چەتئەللىك ئەزا  ئاندىرى بىراچنىڭ  43 نومۇر، 29 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىشتەك ئالاھىدە ئىپادىسىگە تايىنىپ باشتىن ئاخرى ئۈستۈنلكنى ئىگەللەپ ئاخىرى 123-98 نەتىجە بىلەن رەقىبى جېجىياڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.  تەڭرىتاغ كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبە قىلدى. تەڭرىتاغ كوماندىسى ئالدىنقى قىتىملىق ئۇچۇرشىشتا مىھمان مەيدانىدا 128-107 نەتىجە بىلەن جېجىياڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان ئىدى.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ 43 نومۇر، 29 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سىباستئان تېلفىر  14 نومۇر،  3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ قىرانبېك ماقان 21 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  سۇۋىي  16 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇۋىي 9 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 1 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛  لىيۇشۇنەن 8 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  ساۋفىي 6 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ؛ يۈچاڭدۇڭ 4 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە  2015-يىلى1-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى داۋاملىق يىڭى ساھىپخان مەيدانى  سانجى تەنتەربىيە سارىيدا  جېجىياڭ گۇاڭشىيا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

muzappar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 23:16:24

كىينكى مەيدان يەڭمىسە ئىشى چاتاق،

5tash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 23:26:09

ساھىپخان مەيدانىنى بىر مەيدانلا سانجىدا قىلغانمىدۇ ياكى داۋاملىق شۇ يەردە ئويناپ قىزىل تاغدىكى مەيداننى بىكار قىلامدۇ؟

ab1ajan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 09:07:11

بىر مەيدان مۇسابىقە بېلىتى نەچچىدۇ؟ مەكتىپىمىزنىڭ يېنىدىلا ئۆتكۈزۈپتۇ .كۆرۈپ كەلسەك

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 09:20:33

ئالدىنقى قېتىم گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرىۋەتكەندە كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولغانتى، جېجىياڭ كوماندىسى بىلەن ئوينىغاندىمۇ دەككە دۈككىدە ئولتۇردۇم خۇددى ئۇتتۇرىۋەتسە بولمايدىغاندەك ، ئۇتىۋىدى كۆڭلۈم تىندى. كىيىنكى مۇسابىقىلەردىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 12:31:52

5tash يوللىغان ۋاقتى  2015-01-11 23:26:09 static/image/common/back.gif
ساھىپخان مەيدانىنى بىر مەيدانلا سانجىدا قىلغانمىدۇ يا
سانجىدا ئ‍ۇدا ئ‍ۈچ مەيدان ئ‍ورۇنلاشتۇرغان ئ‍وخشايدۇ…

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 17:51:44

ھازىر شىنجاڭ كوماندىسى كۈچلۈكلەرگە بوزەك بولۇپ قالىدىكەن. ئاجىزنى گوم-گوم سالىدىكەن.
بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى يەنە جېجىياڭ كوماندىسىنى يەڭدى