man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 17:04:25

مايۇن نىڭ دۇنيا ئىنتىرنىت يېغىنىدا سوزلىگەن نۇتقى

مايۇننى ھەممىمىز بىلىمىز، بۇ گۇي 2014يىلى 11-ئايدا جېجاڭ ۋۇجىندا ئېچىلغان دۇنيا ئىنتىرنىت يېغىنىدا سوزلىگەن نۇتقى ماڭا بەكلا تەسىر قىلدى. بەزى ئىدىيەلەر ھەقىقەتەن ئۈگىنىشكە، ئويلىنىشقا تىگىشلىك ھىس قىلدىم.
قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ئاۋال كورەپ باقايلى.
http://player.youku.com/player.php/sid/XODMyMzU0OTc2/v.swf

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 17:06:23

خەيىرلىك سەھەر!
قاق سەھەردە گەپ ساتقىلى چىقىپ قالدىم، بەلكىم ئاڭلىغۇچىلارمۇ ماڭا ئوخشاش تولۇق ئويغىنىپ بولالمىغاندۇ، ئىشقىلىپ مەن تېخىچە تولۇق ئويغىنىپ بولالمىدىم.
ۋۇجىندا ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەققىدە پىكىرلىشىۋاتىمىز.
مېنىڭچە بۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا E_commerce  دېگەن سۆزدىكى E ھەرپى ئۇزۇنغا قالماي يوقاپ كېتىدۇ، پەقەتلا شۇ commerce سودا دېگەن سۆزلا قالىدۇ.

سودا دېگەننى ئويلىساملا جېجاڭلىق بىرسىنى ئەسكە ئالىمەن، ئۇ ناھايىتى ياخشى بىر ئۈلگىنى، شۇنداقلا ناھايىتى يامان بىر ئۈلگىنى تىكلەپ بەرگەن. ئۇ قەدىمكى جۇڭگودىكى جېجاڭلىق سودىگەر خۇشويەن. ئۇنىڭ مېنى زوقلاندۇرغان بىر جۈملە سۆزى شۇكى سودا قانچە تەس بولغانسېرى، پۇرسەتمۇ شۇنچە كوپ بولىدۇ، گەپ سىنىڭ نەزىرىڭدە، نەزىرىڭدە بىر ئۆلكە بولسا شۇ بىر ئۆلكىنىڭ سودىسىنى قىلىسەن، نەزىرىڭدە پۈتۈن جۇڭگو بولسا شۇ پۈتۈن جۇڭگونىڭ سودىسىنى قىلىسەن، نەزىرىڭدە پۈتۈن دۇنيا بولسا شۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ سودىسىنى قىلالايسەن،
نەزىرىڭدە بۇگۇننىلا بولسا، بۇگۈننىڭلا سودىسىنى قىلىسەن، نەزىرىڭ ئون يىلنىڭ كەينىدە بولسا، ئون يىلنىڭ كەينىدىكى سودىنى قىلىسەن.
شۇڭا سودىنىڭ جان يىرى نەزەر دە بولۇپ، بۇنى ئىنگلىزچە Vision دېسە كېرەك.
يەنە بىرسى بولسا ئۈزۈمنىڭ ئويى بولۇپ، خۇشويەن ناھايىتى يامان بىر ئۈلگىنى يەنى «قىزىل بۆكلۈك سودىگەر» 红顶商人 نى تىكلەپ بەرگەن بولۇپ، بۇنى مەن كىتابنى ئوقۇغان تۇنجى كۈنىلا ھېس قىلغان.
مېنىڭچە بۇ بىر خاتا يول.
چۈنكى پۇل بىلەن ھوقۇق بىرلىشىپ كەتسە بولمايدۇ. سودىگەرچىلىك قىلغان ئىكەنسەن، ئەمەلدار بولۇپ ھوقۇق تۇتۇشنى ئويلىماسلىقىڭ كېرەك. ئەمەلدار بولغانكەنسەن پۇلۇڭ بولماسلىقى كېرەك.
بۇ ئىككىسى پۇرۇق بىلەن پىستانغا ئوخشايدۇ، بىرلەشسىلا پارتلايدۇ.
قىزىل بۆكلۈك بولساق بولمايدۇ، قارا بۆكلۈك بولساق تېخىمۇ بولمايدۇ.
نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزەڭ بىلىسەن،
سەندە نېمە بار، ساڭا نېمە لازىم، نېمە لازىم ئەمەس( نېمىدىن ۋاز كىچىسەن دېمەكچى)؟
جېجاڭ دېگەن يەردىن نۇرغۇن قالتىس سودىگەرلەر چىققان.
بىز ھەممىمىز بۇ ئۆمرىمىزدە زادى نىمىمىزنىڭ بارلىقىنى، نېمىنىڭ لازىملىقىنى، نېمىنىڭ لازىم ئەمەسلىكىنى ئويلىشىمىز كېرەك.
بۇ گەپنى بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەن بەكمۇ ھۆرمەتلەيدىغان بىر ئۇستاز دېگەن.
ئۇ « مايۇن، ھالا بۈگۈنگە ئۇلىشىپسەن، سەن نىمەڭنىڭ بارلىقىنى، نېمىنىڭ لازىم، نېمىنىڭ لازىم ئەمەسلىكى ھەققىدە ياخشى ئويلانغىن!» دېگەن ئىدى.
ئالى بابا 15 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق بۈگۈنگە ئۇلاشتى، بەلكىم بىزنىڭ شىركەت بەكمۇ تەلەيلىك دېيىشىم كېرەكتۇ. بىزنىڭ تەلىيىمىز شۇكى تۈمەنلىگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىزنى بۈگۈنگە ئېرىشتۈردى، بىز تۈمەنلىگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىلەن بىللە ئىنتېرنېت ئوينىغان. 20يىل بۇرۇنقى ئۆتكەن ئايدا (1994-يىلى 10-ئاي) مەن جېجاڭ خاڭجۇدا ئىنتېرنېت بىلەن ئۇچراشتىم. شۇ چاغدىلا مەن خاڭجۇدا بىر شىركەت قۇرۇشنى ئويلىغان. 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئوتتى، سانسىز كىشىلەر ئىنتېرنېتتا ئىگىلىك تىكلىدى، سانسىز كىشىلەر مەغلۇپ بولدى، پەقەت بىر نەچچىمىزلا قالدۇق. جۇڭگودىكى ئەڭ بۇرۇن ئىنتېرنېتتا سودا بىلەن مەشغۇل بولغان بەلكىم مەندۇرمەن.
«جۇڭگو سېرىق بەت» نۇرغۇن ئادەم بۇنى ئۇنتۇپ كەتتى، 1995-يىلى بىز بۇ شىركەتنى قۇرغان ئىدۇق.
كىشىلەر ئالى بابانىڭ بۇنداق مۇۋەققىپىيىتىنىڭ سەۋەبى نېمىدۇ دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە «جۇڭگو سېرىق بەت» بولمىغان بولسا، سودا مىنىستىرلىكىگە تالاي قېتىم چاپقان كەچمىشلىرىمىز بولمىغان بولسا، سانسىزلىغان مەغلۇپ بولۇشلىرىمىز بولمىغان بولسا، بىز بۇگۇنگە ئۇلىشالمىغان بولاتتۇق.
ھەربىر تۈپ چوڭ دەرەخنىڭ ئاستىدا چوقۇم ناھايىتى جىق قۇۋۋەت بار. بۇ قۇۋۋەت دەۋرىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتالىقىدىن كەلگەن.
ئەمەلىيەتتە بىز سودىگەرلەر بىلەن MBA لارنىڭ نىڭ كارخانا باشقۇرۇشىدىكى پەرق شۇكى، نۇرغۇن MBA ئوقۇغانلار ئىگىلىك تىكلىيەلمەيدۇ، تىكلىيەلىسىمۇ مۇۋەققىپىيەت قازىنالمايدۇ. چۈنكى MBA ساڭا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قانداق قىلىپ مۇۋەققىپىيەت قازانغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ، نۇرغۇن مىساللار ئارقىلىق باشقىلارنىڭ قانداق قىلىپ مۇۋەققىپىيەت قازانغانلىغىنى ئۆگىتىدۇ، ئۆگەنگەنلەر بولسا مەنمۇ شۇنداق قىلسام مۇۋەققىپىيەت قازانغۇدەكمەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
بەلكىم بىزنىڭ شىركەت بەكمۇ تەلەيلىك دېيىشىم كېرەكتۇ.
ئەمما مىنىڭ 10 نەچچە يىللىق ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى ئەڭ چوڭ تەسىراتىم شۇكى،
مەڭگۈ باشقىلارنىڭ قانداق مەغلۇپ بولغانلىقى، قايسى خاتالىقلارنى سادىر قىلغانلىقى ھەققىدە ئويلاش كېرەك. چۈنكى مۇۋەققىپىيەت نۇرغۇن ئامىللارغا باغلىق بولىدۇ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى سەن ئۆگىنىپ بولالمايسەن. سەن ناھايىتى ياخشى بىرسىگە ئىرىشسەڭ، تەلىيىڭ كېلىپ، ياخشى ئىشتىن بىرنى تاپساڭ.. قىسقىسى مۇۋاپىق ۋاقىتتا مۇۋاپىق ئىشتىن بىرنى قىلساڭ بولىدۇ.
ئەمما مەغلۇبىيەتچۇ؟ نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ، پەقەت مۇشۇ مەغلۇپ بولۇشنىڭ سەۋەبىنى بىرلا نەرسىنى ئۇگىنىۋالساڭ، ئىشلار تەبىئىيلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. كارخانىچى، سودىگەر بولماق ھەقىقەتەن تەس، ئۇرۇش قىلغانغا ئوخشايدۇ، تېرىك قىلىشنىڭ ئۆزىلا مۇۋەققىپىيەت، جەڭگاھتىن تىرىك قايتقانلار مۇۋەققىپىيەت قازانغانلاردۇر، ئۇنىڭ جەڭدىكى ئىپادىسىنىڭ قانداق بۇلىشىدىن قەتئىي نەزەر.
سودىگەرمۇ ئوخشاش، بۇ يولغا ماڭغان چېغىڭدا چوقۇم ئويلىشىڭ كېرەك.  %95 ئادەم مەغلۇپ بولىدىكەن، مەن نېمە دەپ ئاشۇ %5 تەلەيلىكلەر قاتارىغا كىرەلىگۈدەكمەن؟
ئاشۇ %5 تەلەيلىكلەر قاتارىغا كىرگۈڭ بولسا، سەن چوقۇم ئاشۇ مەغلۇپ بولغان كىشىلەرنىڭ قانداق خاتالىقلارنىڭ ئۆتكۈزگەنلىرىنى ئۆگىنىشىڭ كېرەك، بۇ خاتالىقلارنى سادىر قىلمىساڭ، ئاندىن كېلەچەكنىڭ قانۇنىيىتىنىڭ تاپالايسەن.
مەن يىللاردىن بىرى ئەڭ كۆپ مۇھاكىمە قىلغان ئىش مۇشۇ.
كۆپچىلىك بىلىدۇ، ئالى بابا جۇڭگودىكى تور شىركەتلىرى ئىچىدىكى، ھەتتا دۇنيادىكى تور شىركەتلىرى ئىچىدىكى بىردىنبىر تورنى پەقەتلا چۈشەنمەيدىغان، كومپيۇتېرنى پەقەت بىلمەيدىغان، ھەتتا پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتنىمۇ ئۇقمايدىغان بىر شىركەت. مەن ئەزەلدىن بۇنداق تەربىيەگە ئېرىشمىگەن، سودىگەرچىلىك تەربىيەلەشلىرىگىمۇ قاتنىشىپ باقمىغان، ھەتتا بوغالتىر مەشىقىغىمۇ قاتنىشىپ باقمىغان. بىز قانداق قىلىپ بۇگۈنگە كىلەلىدۇق؟
شۇڭا بىر CEO ئوزىنىڭ كۈچلۈك تەرىپى ھەققىدە، كېلەچەك ھەققىدە ئويلىنىشى كېرەك.
مەن مانا مۇشۇنداق مەسىلىلەر ھەققىدە بەك جىق ئويلايمەن.
بۈگۈن كوپچىلىككە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەققىدە سوزلەي، بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئالى بابا ھەققىدە سوزلىسەملا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئادەم نېمانداق غەلىتە سوزلەيدىغاندۇ دەپ قالاتتى، بەزى گەپلىرىمنى يوللۇقتەك ھېس قىلسىمۇ بەزىلىرىنى پەقەتلا قوبۇل قىلالمايتى. بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب نېمە؟ مەن ئويلايمەنكى بۈگۈنكى ئالى بابانىڭ بازار قىممىتى بولسۇن، پاي تارقاتقىنى بولسۇن ھەرگىزمۇ بۈگۈن قىلغان ئىش ئەمەس، بەلكى بىز بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن ئويلىغان ئىشلار ئىدى. بىز ھەر بىرىمىز ئىش قىلغاندا چوقۇم ئويلىشىمىز كېرەك، ئەگەر سەن بۇگۈننىڭلا سودىسىنى قىلساڭ، بۈگۈن باشلاپ ئەتە مۇۋەققىپىيەت قازىنىشنى ئويلىساڭ، سەن ھەرگىزمۇ مۇۋەققىپىيەت قازىنالمايسەن. چۈنكى نېمە دەپ ساڭا بۇ پۇرسەت ئاشقۇدەك، نىمەڭگە ئوزەڭنى باشقىلاردىن ئەقىللىك چاغلايسەن؟
بۈگۈن باشلاپ ئەتە مۇۋەققىپىيەت قازىنىدىغان پۇرسەتنى ئىزدەيدىغانلارغا دەيدىغان گېپىم شۇكى
بۇنداق پۇرسەت يوق!
چۈنكى بۇ جاھاندا ئەقىللىك ئادەملەر بەك جىق، جاھاننى قويۇپ تۇرايلى، مۇشۇ بىزنىڭ شىركەتنىڭ ئىچىدىلا مېنى ھاڭ -تاڭ قالدۇرىغان ئەقىللىك ياشلاردىن نۇرغۇنى بار، ئوزەممۇ ئۇلارغا قاراپ بۇ گۇيلار نېمانچە ئەقىللىقتۇ دەپ كېتىمەن. ئەقىلنى سېلىشتۇرساق ساڭا پۇرسەت ئاشمايدۇ، تىرىشچانلىق سېلىشتۇرساق پۇرسەت تېخىمۇ ئاشمايدۇ. سەن پەقەت كەلگۈسىنىلا سېلىشتۇرالايسەن.

مېنىڭچە، مەن ئون يىلدىن كېيىن جەمئىيەتتە مۇشۇنداق بىر ئىش بولىدۇ، مەن چوقۇم قىلىشم كېرەك دەپ ئويلىسام، چوقۇم ئون يىل، ئون بەش يىل بەرداشلىق بىرىمەن، خاتالىق ئوتكۈزۈشتىن قورقمايمەن. بۇ چوڭ نىشان بېكىتىلىپ بولغاندىن كېيىن بىر تۇركۈم مۇنەۋۋەر كوللىكتىپنى تاپىمەن، چۈنكى مەن تېخنىكا بىلمەيمەن، شۇڭا تېخنىكىغا ئەڭ پىششىق بىرسىنى تېپىپ، ئۇ مەن بىلەن ئەمەس بەلكى مەن ئۇنىڭ بىلەن قانداق ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىمەن. مالىيە نى بىلمىسەم چوقۇم مالىيەنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان بىرسىنى تېپىپ ئۇنىڭغا ماسلىشىمەن. مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن بۇ ئىشتا ئاز - پاز پۇرسەت بولغان بولىدۇ.
ئالى بابا نىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىلىدىغان ئەڭ چوڭ يىرى كەلگۈسىگە بولغان چىڭ تۇرۇشتۇر، بىز ئون يىلدىن، يىگىرمە يىلدىن كېيىن شۇ ئىشنىڭ بۇ دۇنيادا بولىدىغانلقىغا ئىشىنىمىز. بۇرۇن مەن باشقىلار بىلەن ئىستراتېگىيە ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىشقان. سەن مۇشۇنداق قىلىۋەرسەڭ كەلگۈسىنىڭ چوقۇم مۇشۇ يەردە بولىدىغانلىقى بىلەلىسەڭ ئىستراتېگىيە دېگەن شۇ، يەنى بۇ يەرگە بىر ئورەك كولىساڭ، كىشىلەر چوقۇم كېلىپ كۆرۈپ باقىدۇ.
سەن جەزمەن ئون يىلدىن كېيىن ھۆكۈمەت چوقۇم مۇشۇ ئىشنى قىلىدۇ دەپ ھوكۈم قىلىشىڭ، ئاندىن ئەڭ ئاۋۋال ئۇ ئىشنى باشلىنشىڭ كېرەك، ھوكۈمەتنىڭ چاقىرىقىنى ساقلىساڭ پۇرسەت قالمايدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر يۇپۇرلۇپ كەلگەن چاغ دەل سىنىڭ ئولىدىغان چىغىڭ بولۇپ قالىدۇ.
ھوكۈمەت چاقىرىق قىلغان ھامان دەرھال ئالمىشىش كېرەك، مانا بۇ يىراقنى كورگەنلىك.
بازارمۇ ئوخشاش، سەن ھوكۈمۇڭ چوقۇم بازاردىن بۇرۇن بولۇشى كېرەك.
مېنىڭچە بىزنىڭ ئالى بابا شىركەتنىڭ باشقىلاردىن ئەڭ پەرقلىنىلىدىغان يېرىمىز كەلگۈسىگە بولغان باشقىچە
چىڭ تۇرۇشمىكى دەيمەن.
ئىكىنجىسى بولسا ئالى بابانىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە CEO لىرى تېخنىكا بىلمەيدۇ. شۇنداق بولغاچقىلا ئىشنىڭ ئەكسىچە بىز نۇرغۇن تېخنىكىلىق خادىملارنى ئەكىرەلىدۇق.

ئۇچىنچىسى بولسا يېتەرلىك سەۋر-تاقەت بار. ئەمما بەزىلەر يېتەرلىك پۇل بار دەيدىكەن، بۇ خاتا.
ئەمەلىيەتتە سەندە پەقەت كەلگۈسىگە قەتئىلىك بولسا، مۇنەۋۋەر مۇنەۋۋەر كوللېكتىپ بولسا، خاتالىق ئوتكۈزۇشتىن قورقمىساڭ، خاتالىقنىڭ ئۇگىنىپ ئۇنى قۇۋۋەتكە ئايلاندۇرساڭ، پۇل دېگەن ئوزلىكىدىن كېلىدۇ.
پۇلنى قوغلىغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق، پۇل دېگەن ئادەمنى قوغلايدىغان نەرسە. ئەگەر ئادەم پۇلنى قوغلىشىدىكەن ئۇ ئادەمنىڭ قىلچىمۇ ئىستىقبالى بولمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە تەۋەككۈل مەبلەغچىلىكى ھەققىدە سوزلەشكەندە سۇن جىڭيى« مەن سىنىڭ كوزلىرىڭنىڭ پارقىراپ كەتكەنلىكىنى كوردۇم» دېدى، ئەمەلىيەتتە ئۇ ۋاقىتتا مەن ئۇنى ئىزدەپ بارغاندا پۇل سوراشنى ئويلاپمۇ باقمىغان، مەن پەقەت كوپچىلىك بىلەن ئىنتېرنېت ھەققىدە پاراڭلىشارمىز دەپ ئويلىغاچقا بەكلا قىزىپ كېتىپتىكەنمەن. بىر ئادەم بىرسىدىن پۇل سورىغاندا ئۇنىڭ كوزى ۋە كوزنۇرى ئوزگىرەپ كېتىدۇ. سەن تەۋەككۈل مەغلىغى سالغىنىڭدا سىنىڭ ئىشەنچىڭ ئوزەڭنىڭ نېمە قىلىدىغانلقىڭنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىڭدىن كېلىدۇ، ھەرگىزمۇ مىنىڭ پۇل سورىغانلىقىمدىن ئەمەس. پۇل سوراش ئادەمنى خېلىلا پەس لەشتۇرۋېتىدۇ.
شۇڭا ئالى بابا ئالتە يەتتە يىل بۇرۇن ۋە ياكى توت بەش يىل بۇرۇنلا تالاش-تارتىش مەركىزى بولۇپ كەلگەن، بۇ شىركەت پەقەتلا مۇقامغا چۈشمەيدۇ، قانداقلا قارىسىڭىز بىرنىمىسى بىر قانداق كۆرۈنىدۇ. راستىنى دېگەندە پېيىمىزنى بازارغا سېلىشقا ئىككى ئاي قالغان چاغدىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بىزنىڭ شىركەتنى پۇل تاپالمايدىغان شىركەت دەپ بىلەتتى. لېكىن بىز ئالى بابالىقلار بۇ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىن كۆپ ياخشى ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنەتتۇق. ئۇلار ئالى بابا نىڭ ھالى چاتاق دېيىشەتتى، ئەمما بىز ئوزىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلىغىنى ھېچ بولمىغاندا ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنىدىن كۆپ ياخشىلىقىنى ئېنىق بىلەتتۇق. لېكىن ھازىر چوڭ چاتاققا دۇچ كەلدۇق، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىردەك سىنى بەك ياخشى، بەك نوچى دەپ كەتسە، سىنى قىلالمايدىغان ئىشى يوق دەپ ماختىغان چاغلىرىدا بولسا ئوزىمىزنىڭ ئۇنچىۋالا نوچى ئەمەسلىكىمىزنى ھېس قىلىپ قالدۇق. ھازىر بىز ئەڭ خەتەرلىك ھالدا، باشقىلارنىڭ ساڭا بولغان ئۇمۇدى قانچە يۇقىرى بولغان، سىنىڭ شىركىتىڭنى بەكلا قالتىس چاغلىغان، بىرسى ئوزىنى ھەممىنى بىلىمەن، قىلالمايدىغان ئىشىم يوق دېگەن چاغدا چاتاقمۇ تەڭ بىللە كېلىدۇ.
خۇسۇسەن مەن ئاخىرىدا خۇ شويەن ئاشۇنداق بولدى چاتاق تېخىمۇ چوڭايدى دەپ قارايمەن.
بىز ھەممىمىز ئوزىمىزنىڭ چېگراسىنى، نېمە ئىش قىلماقچى، قانداق قىلماقچى بولغانلىقىمىزنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەك. مەن رەسمىي گەپنى باشلاشتىن بۇرۇن بۇ سودا ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى سىلەرگە ئورتاقلاشتىم.
ئىككىنچى بولۇپ كۆپچىلىككە سوزلەيدىغىنىم ئاتالمىش ئېلېكتىرونلۇق سودا.
راستىنى دېگەندە ئالى بابا ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركىتى ئەمەس، ئالى بابا بولسا باشقىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلىشىغا ياردەملىشىدىغان بىر شىركەت. ئالى بابانىڭ سودا ئەندىزىسى پۈتۈن دۇنيادا ناھايىتى كەم كورۇلىدۇ. پۈتۈن دۇنيا خەلقى خەقنىڭ ئامازون سى بار، خەقنىڭ Ebay سى بار، خەقنىڭ ئۇنىمىسى بار، بۇنىمىسى بار، دەپ يۈرگەن دەۋردە بۇ جۇڭگو نېمە دەپ مۇشۇنداق بىر نېمىنى كوتۇرۇپ چىققاندۇ دەپ قالغان. بۇنى جۇڭگونىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. ئون توت، ئون بەش يىلنىڭ ئالدىدا، بىز  ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلىمىز، ئىنتېرنېت قىلىمىز دەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمىزدا ناھايىتى مۇھىم بولغان قارارنى چىقارغان، بىز زادى چوڭ كارخانىنى قىلامدۇق ياكى كىچىكىنىمۇ؟ ئەگەر چوڭىنى قىلساق پۇل تاپمىقىمىز ئوڭايراق بولاتتى، ئۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ مودا گەپ بولسا «ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەل قىلىش چارىسى» ئىدى، ئەگەر سەن بىر دۆلەت كارخانىسىنى ياكى بىر دۆلەت ھالقىغان كارخانىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا «ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەل قىلىش چارىسى» ئىشلەپ بەرسەڭ تىزلا ناھايىتى جىق پۇل تاپقىلى بولاتتى.  مۇناسىۋەت تايىنامسەن، يەپ -ئىچىشكە كۈچەمسەن، ياكى باشقىغىمۇ.. ئىشقىلىپ ھەرخىل چارىلەرنى ئىشلىتىپ ئۇ كارخانىلارنى قولغا كەلتۈرسەڭلا بولاتتى، لېكىن بۇ بىزنىڭ دا ئاجىز ئىدۇق، بىز بۇنداق ئىشنى قىلالمىدۇق.
ئەگەر ئىنتېرنېت بۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش قىلالايدىغان تېخنىكا بولسا، ئۇ چوقۇم تونۇگۇن قىلالمىغان ئىشلارنى قىلالىشى كېرەك. تونۇگۇن قايسى ئىشىنى قىلغىلى بولمايتتى؟ ئۇ بولسىمۇ ئاشۇ كىچىك كارخانىلارغا ياردەملىشىش، دىققەتنى تونۇگۇن ياردەمسىز قالغان كىشىلەرگە قارىتىش، ئاشۇ كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش، ئاخىرىدا ئاشۇ كىچىك كارخانىلارنىمۇ  IT  ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش ئىدى. شۇڭا بىز ئون بەش يىل بۇرۇنلار مۇشۇ كىچىك كارخانىلارنى كوزلىگەن، كىچىك كارخانىلارغا ياردەملەشكەن، بىزنىڭ يولۇنۇشىمىز مانا مۇشۇنداق قىلىپ قاڭقىپ كەتكەچكە باشقىلارنىڭكى بىلەن پەقەتلا ئوخشىماس بوپ قالغان.
كىچىك كارخانىنىڭ ئىشىنى قىلماق ھەقىقەتەن تەس. ئون ئۇچ، ئون توت يىل بۇرۇن، ئۇ چاغدا مەن Forrest Gump (فورسست گامپ ھەققىدە قىسسە) دېگەن كىنونى كورگەن چاغلىرىم ئىدى. مەن سەل بوينى قاتتىق ئىدىم، سىلتىسى جىلغىسىغا تەۋككۈل مەبلىغىغا ئېرىشىش ئۇچۇن كەلگەن ئىدىم. ئوتتۇز نەچچە تەۋەككۈلچىنىڭ ھەممىسى بىزگە ئازراققمۇ قىززىقمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە سىنىڭ بۇ Model ـىڭ ھەرگىزمۇ  Work قىلالمايدۇ. بۇ سودا ئەندىزىسى چوقۇم مەغلۇپ بولاتتى. چۈنكى ئامېرىكا بۇنداق ئەندىزە بولۇپ باقمىغان تۇرسا، نېمە دەپ  سىنىڭ جۇڭگوسىڭدا بولغۇدەك؟ ئۇلارنىڭ دىگىنىمۇ خاتا ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇ چاغدىكى ئىنتېرنېت پۈتۈنلەي ئامرىكىدىن كوچۇرلۇپ ئەكىلىنىەتتى. بىز قىلماقچى بولغان كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىشىنى بولسا ئۇلار ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. يېزىق ئارىسىدىن سان - سان گوشلەرنى سەن تاپالمايتتىڭ.
Forrest Gump (فورسست گامپ ھەققىدە قىسسە) نىڭ كىنوسىدىن مەن شۇنى ئىشنى ھېس قىلدىمكى ھېچكىم كىت، لەھەڭ تۇتۇپ پۇل تاپالماپتۇ، ئەكسىچە راك تۇتۇپ پۇل تېپىپتۇ. ھەربىر ئادەمدىم ئاز-ئازدىن تاپساڭ، ئاندىن بۇلارنى بىر يەرگە توپلىساڭ چوقۇم بىر گەپ بولىدۇ. لېكىن ھەربىر ئادەمدىن ئاز-ئازدىن تېپىش ئۇچۇن ھەر بىر ئادەمگە ئوزىگە خاس قىممەت يارىتىپ بېرىشىڭ كېرەك، بۇنى باشقا تېىخنىكا شىركەتلىرى قىلالمايتتى، ئالى بابا ئون بەش يىل بۇرۇن پەقەت كىچىك كارخانىلارغىلا كوڭۈل بولدى. بىز بۇ ئەندىزىنى بىركۈندىلا ئويلاپ تاپقان ئەمەس، بىزمۇ نۇرغۇن خاتالىقلارنى سادىر قىلغان. بىز پەقەت يەتتە سەككىز يىلنىڭ ئالدىدىلا ئاندىن بىر قائىدىنى چۇشەندۇق. ئۇ بولسىمۇ كىچىك كارخانىلارغا ياردەم قىلىمەن دەيدىكەنسەن، سىنىڭ چوقۇم ئېكولوگىيەلىك سىستېماڭ بولۇشى كېرەك.


داۋامى بار

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 17:23:55

ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، نۇرغۇن ئادەملەر قانداق بولار دەپ تۇرغاندا بۇ چىڭ تۇرۇپ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزدى،ئاخىرى نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.... داۋامىغا دىققەت قىلىۋاتىمىز.

sardar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 20:20:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sardar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-11 20:21  

ياخشى گەپلەر باردەك قىلىدۇ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 20:57:45

ئۇلۇغلارنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقالىشىدىكى سەۋەب بىر نۆۋەتتىلا ئۇچۇپ چىققان ئەمەس بەلكى رىقابەتچىلىرى شېرىن ئۇيقىدا ياتقان ۋاقتىدىمۇ داۋاملىق ئىلگىرىلىگەنلىكى سەۋەبىدىندۇر.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ilqutjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 21:02:57

man_sarang يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 17:06 static/image/common/back.gif
خەيىرلىك سەھەر!
قاق سەھەردە گەپ ساتقىلى چىقىپ قالدىم،  ...

جۇڭگو سېرىق بەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم man_sarang ئاكا (سىزنى يەنىلا ئاكا دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن، چۈنكى سىزنىڭ مەندىن چوڭ ھەم بىلىملىك ئىكەنلىكىڭىز ماڭا ئايان، مەن سىزنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلاردا بلوگ قىزغىنلىقى باش كۆتۈرگەندە سىز يازغان «ئۆگىنىش بلوگى» دىن كۆپ نەرسە ئۆگەنگەن، كېيىن تور دۇنياسىدىن جىمجىتلا يوقاپ كەتتىڭىز، يازمىلىرىڭىزخېلى تېتىملىق چىقاتتى، بولۇپمۇ شۇ ۋاقىتلاردا ئالىي مەكتەپنى ئەمدى پۈتتۈرەي دەپ تۇرغان ۋاقىتلاردا سىزنىڭ «قولىڭىزدا سائەت بارمۇ؟» دېگەن يازمىڭىزنى بەك ياقتۇرغان، كېيىن ئىزدەپ يۈرۈپ باشقا يازمىڭىزنى كۆپ تاپالمىدىم، مانا ئاخىرى ئۆچەكتىن چىققاندەكمۇ قىلىسىز. يوقاپ كەتمەي كۆپرەك يېزىپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن) «جۇڭگو سېرىق بەت» بۇ گەپنى ئەسلى «جۇڭگو ئالتۇن بەت» دەپ ئالساق بەكرەك ئىزىغا چۈشكەن بولاتتى. گەرچە خەنزۇچىدا 黄页 دېسىمۇ، ئەمما دېيىلگىنى دەل ئۇچۇر توپلانغان بەتنى كۆرسىتىدۇ. بىزدە بۇنداق ئېسىل ئۇچۇر توپلانغان بەتنى «ئالتۇن بەت» دەپ ئېلىش بەكرەك مۇۋاپىق. ئۇيغۇر تىلىدا «سېرىق» سۆزى سەل سەلبىي ئىشلىتىلىدۇ. «سېرىق بەت» دېسە خۇددى «سېرىق فىلىم» دېگەندەك مەنانى بىلدۈرۈپ قويۇش مۇمكىنچىلىكى بەك يۇقىرى. شۇڭا مۇۋاپىق كۆرسىڭىز «جۇڭگو ئالتۇن بەت» دەپ ئۆزگەرتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

amur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 21:22:01

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. تەرجىمە يامان ئەمەس....ئاپىرىن

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

5819 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 22:00:53

بەلەن نۇتۇق ئىكەن. داۋامىغا تەشنامىز.

Ependi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 00:00:55

رەھمەت ، ئادەمگە نان تېگىدىغان گەپلەركەن . تەرجىمىمۇ بەك پەيزى چىقىپتۇ . ناھايىتى راھەتلىك ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم . داۋامىغا تەشنامىز .

تېما ئىگىسىنىڭ داۋاملىق مۇشۇنداق ئىقتىسادقا دائىر ئىسىل تەرجىمە ئەسەرلەرنى سۇنۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 08:33:26

دەھشەت گەپلەر بوپتۇ.
مەن تەرجىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن.
بەك تەبىئىي. مەن ئازراق ئوقۇپ ئىنكاس بىلەن ساقلىۋېلىپ تۇراي.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 09:28:33

ئېسل

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 10:57:57

man_sarang يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 17:06 static/image/common/back.gif
خەيىرلىك سەھەر!
قاق سەھەردە گەپ ساتقىلى چىقىپ قالدىم،  ...

كۆپ ئەجىر قىپ تەرجمە قىپسىز قېرىندىشىم .ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.:handshake

nijat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 12:25:09

تەرجىمە بەك ياخشى چىقىپتۇ، شۇنداق يەڭگىللىك ئىچىدە ئوقۇۋەتتىم،  بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق ياخشى يازمىلىرىڭ ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.

Alif يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 13:16:17

ساقلىۋالاي.
بەت: [1] 2
: مايۇن نىڭ دۇنيا ئىنتىرنىت يېغىنىدا سوزلىگەن نۇتقى