Typography يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 10:42:33

ئېنتىرنېتتىكى ئۇيغۇرچە

ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ Googleۋە Microsoftتىكى ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلار كۆپېيىشكە باشلىغان بولۇپ بۇ قېتىملىق يېڭلىنىش خېلى سېستىمىلىق ۋە كەڭ دائىرىلىك بولغان. Appleدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچە كىردى.(ئالدىن تېمامدا بار بولۇپ. چىسىلا ۋاقىت كالىندار ئۇچۇرلىرى) ھەمدە skypeتىكى دۆلەت تاللاش يېرىدىكى پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ نامى ئۇيغۇرچە چىقدىكەن. بەزى دۆلەتلەرنىڭ نامىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى شۇ يەرگە قاراپ بىلدىم.

1.Google نىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خېلى بۇرۇن باشلانغان بولۇپيېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر يېزىقىGoogle تور يۈزىدە خېلى سېستىمىلىق كېڭەيگىلى تۇرۇپتۇ.


يەنە ئېلخەت مۇلازىمىتىدە ئۇيغۇرچە كونۇپكىنى قوشۇپ يازالايسىز. (ئۆزىدە تەمىنلەنگەن)


2. Microsoft
دىمىسەممۇ ھەممىڭلارغا ئايان بولغىنىدەك ئەڭ چوڭ سېستىما windows 8ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ بەزى دىتاللىرى ماس قەدەمدە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلىۋاتىدۇ.
بۇنىڭ بىرىنچىسى OneDrive   ئادرىسى : https://onedrive.live.com/about/ug-cn/   
كۆرۈنمە يۈزلىرى:




بېتىگە كىرسىڭز ھەممە يېرى ئاساسەن ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشتە....
3.Skype
تىل تاللاش ئورنىدا ئۇيغۇرچە


Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 15:48:04

ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن چىقىرىپسىز .ھەم خەۋەردار ھەم ھوزۇردار بولدۇم :P. رەھمەت.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 17:01:08

ياخشى باشلىنىش، بۇ يىڭىلىقلارئۇيغۇر ئىكىلتىرۇنلۇق ئۇچۇردەۋرىنىبىرقەدەمئالغائىلگىرىكەتكۈسى.

aziz101 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 18:23:42

مىنىڭ تىلفۇنۇمدىكىoneDrveنى سىز دىگەندەك ئۇيغۇرتىلىغا تەڭشىيەلمىدىم تىلىفۇننىڭكىنى ئۇيغۇرچە تەڭشىگىلى بولمامدۇ يا

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 18:24:29

ھەقىقى ھۆرمەتكە تىگىشلىك كىشىلەر،دەل مۇشۇنداق ئەمىلى نەتىجىسى بار كىشىلەر.

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 18:34:29

مەن ئايپاتەمنى (ئېپاد)نى سىزدىن ئاڭلاپلا ئۇيغۇرچە قىلىۋالغان،مىنىڭ كومپىيوتىرىمدىلا گوگلىنىڭ ئىزدەش ئىختىدارى ئىشلىمەمدىغاندۇ ياكى سىلەرنىڭكىدىمۇ ئىشلىمەمدۇ

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 18:52:07

hakaniye يوللىغان ۋاقتى2015-1-11 18:34 static/image/common/back.gif
مەن ئايپاتەمنى (ئېپاد)نى سىزدىن ئاڭلاپلا ئۇيغۇرچە قىلى ...

گۇگولنىڭ بارىلىق ئىشلىرى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدە ئىشلىمەيدۇ.يىقىندا تىخى ئىلخەتنىمۇ توسۇۋەتتى.....

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 19:08:39

ياخشى باشلىنىش!{:112:}

Alisher يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 20:28:09

ناۋادا سىز مەلۇم ئويغۇرچە مەزمۇن ئىزدىمەكچى بولسىڭىز،googlغا بىۋاستە ئويغۇرچەكىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىز ،ئىزدىمەكچى بولغان مازمۇنى تاپالايدىكەنسىز.مەن بۇنى يىڭىدا بايقىغان :lol

ilqutjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 21:11:09

ئەينى ۋاقىتتا گۇگولنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلىكىمدىن تولىمۇ ئېچىنىمەن... گۇگولنىڭ دۆلىتىمىزگە يەنە كىرىشىدە ئۈمىد بارمىدۇ؟

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 09:59:03

مۇشۇنداق ئىشلارنى ئاڭلىسا ئادەم سۆيۈنۈپ كېتىدىكەن.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 10:14:43

ئاناتىلىمىزغا مۇبارەك بولسۇن...:)

kosan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 10:56:39

ئالماتېلىفونغا ئۆزىدىن تەمىنلەنگەن ئۇيغۇرچە بارما؟ ياكى تېلىفوندا تېخى يوقمۇ يا مەن دىققەت قىلالمىدىممۇ؟ 6-ئەۋلاد ۋە ئەڭ يېڭى سېستىمىسىدىمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئۆزىدىن تەمىنلەنمىگىنىگە ئاچچىقىم كېلىۋاتاتتى تېخى قايسى كۈنى...

Zenjiwiljan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 13:55:59

kosan يوللىغان ۋاقتى2015-1-12 10:56 static/image/common/back.gif
ئالماتېلىفونغا ئۆزىدىن تەمىنلەنگەن ئۇيغۇرچە بارما؟...

ئۆزىدەيوق ،يالتاپاننى قاچىلايسىز .يالتاپاننى قاچىلىسىڭىز خىلى ئىقتىدارى ئۇيغۇرچىگە ئۆزگىرەيدۇ .

kosan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 11:37:57

Zenjiwiljan يوللىغان ۋاقتى2015-1-12 13:55 static/image/common/back.gif
ئۆزىدەيوق ،يالتاپاننى قاچىلايسىز .يالتاپاننى قاچىل ...

ھە، بىلىۋالدىم

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-16 11:43:53

Zenjiwiljan يوللىغان ۋاقتى2015-1-12 13:55 static/image/common/back.gif
ئۆزىدەيوق ،يالتاپاننى قاچىلايسىز .يالتاپاننى قاچىل ...

كىرگۈزۈشتىن باشقا يەنە قانداق ئىقتىدارلىرى ئۇيغۇرچىگە ئۆزگىرىدىغاندۇ؟!
بەت: [1]
: ئېنتىرنېتتىكى ئۇيغۇرچە