678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 04:39:52

روھىيەت ۋە تۆت تادۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-11 04:46  

روھىيەت ۋە تۆت تادۇ
يىقىننىڭ ياقى ئارىمىزدا پىسخولوگىيە دىگەن بىر ئاتالغۇ قىزىقارلىق بىر تۇستە ، روھىيتىمىزنى مىھمان ئەتتى. تۇزتەملىرى بەزىلىرىمىزنى ھۇزۇرلاندۇرغان بولسىمۇ،بەزىلىرىمىزگە تازا تىتىمىدى. ھەنىمىدۇر يىڭلىق ئەمەسمۇ، بارچە تەم يىڭىدا.پىقىر گەرچە بۇساھادا پىچكا چىلىك بۇلالمىساممۇ، بۇپەننىڭ ئارىمىزدىكى راۋاجىغا كىچىككىنە ئەسلەتمە بىرەلىسەم زورشەرەپ ھىس قىلىمەن.
پىسخولوگىيە يەنى روھىيەت ئىلمىنى, يۇسۇپ خاس ھاجىپ بايان ئەتكەن تۆت تادۇ پەلسەپىسى بۇيىچە تەخمىن قىلساق مۇنداق بۇلىدۇ.
دۇنيا ، ماكان زامان ئىنسان مەدىنىيەتتىن ئىبارەت تۆت تادۇدىن تۇزىلىدۇ. ماكان تۇپراققا تەققاس، زامان ئوت،ئىنسان سۇ، مەدىنىيەت ھاۋا. مۇشۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنسان ،ئىنسان روھىيتى، تەپەككۇر قەلىپ  كۆڭۇل روھتىن ئىبارەت تۆت تادۇدىن تۇزىلىدۇ.
تەپەككۇر تۇزۇلىشى جەھەتتە؛ھۇش ئەقىل پەزىلەت بىلىمدىن ئىبارەت تۆت تادۇغا ئايرىلىدۇ.
ھۇش سەزگۇرلۇك،يىڭىنى بايقاشنى كۆرسەتسە،ئەقىل تەدبىر بەلگۇلەش دىگەنلىك، ئەقىل تاپتى دەيمىز. ئاندىن پەزىلەتمۇ تەپەككۇرنىڭ بىر تادۇسى.ئۇندىن باشقابىلىم ئۇگۇنۇش تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۇنلەش ئارقىلىق ئەھياغا كىلىدۇ.بۇنى ھازىرغا يىقىنلىساق، ئىجادىي تەپەككۇر ھۇشنى كۆرسىتىدۇ.لوگىكا بۇ ئەقىلدە ئەكىس ئىتىدۇ.ياكى قەدىمدە لوگىكىنى ئەقىلغە قاراپ تادۇلىغان.پەزىلەت مەن دەۋاتقان تادۇچە تەپەككۇر شۇ.ئۇندىن باشقا ئوبىرازلىق تەپەككۇر نى بىلىم دەپ قىياس قىلىشقا بۇلىدۇ.
مىسال؛ بىزنىڭ يىقىن بىر دوستىمىز بار دەيلى، ئۇ دوقمۇشتا دۇكان ئاچىدۇ. شۇنىڭ يىقندىراق باشقا بىرىنىڭ دۇكىنى بار، ماللىرى ئەرزان ياخشىراق . ناۋادا مەن لازىمەتلىكنى ئەرزان باشقا بىرنىڭ دۇكىنىدىن ئالسام بۇ ئەقىل بۇيىچە ئىش قىلغىنىمنى كۆرسىتىدۇ. ئەكسىچە دوستۇمنىڭ دۇكىنىدىن سىتىۋالسام پەزىلەت بۇيىچە ئىش قىلغان بۇلىمەن.
تادۇلارنىڭ رولى جەھەتتە؛ھۇش يىڭىنى بايقايدۇ، ئەقىل پايدا زىياننى ئايرىيدۇ، پەزىلەت ياخشى يامانغا مەسھۇل،بىلىم كونا كاسىردەك خاتىرلەپ ماڭىدۇ.
زىدىيەت مۇناسىۋىتى بۇيىچە؛ھۇش يەنى ئىجادىي كۇچ بىلەن بىلىم زىدىيەتلىك بولىدۇ. بىلىمگە زىيادە بىقىنغاندا ياكى كىتاپتىكى بىلىملەرنى ئاساس قىلغاندا سىزغان سىزىق بۇيىچە ماڭماي بولمايدۇ.كىتاپتىن سىرىت تەپەككۇرگە ئىگە بۇلالمايمىز.ياكى كىتاپتا بولمىسا ئامالسىز قالىمىزيۇكسەلمەيدۇ. ئىجادىي كۇچ بولسا بارلىق كونىنى كەسلەپ ، باشقىچە يول باشقىچە تەپەككۇر بىلەن يىڭىنى بايقايدۇ. ھىچكىم قىلمىغاننى قىلىش، ھىچكىم دىمىگەننى دىيىش،ھىچكىمننىڭكىگە ھەتتا كىتاپتىكىگە ئوخشىمايدىغان قىلىش ئىجادىي كۇچنىڭ مەنبىيى.دىمەك تەرەققىيات يىڭىلىق ئىستىسەك،كونىنى ئەنئەنىۋىيلكىنى تاشلىماي بولمايدۇ.يىڭىسىمۇ كونىرايدۇ.ئۇنى يەنە يىڭىسىغا ئالماشتۇرماي بولمايدۇ،،،،،،،ئالماشتۇرىۋەرسەك يەنچۇق كوكىرايدۇ.كونىنى سالغىلى ئۇنىمىساق ،يىڭىسى ئۇچىمىزغا چىقمايدۇ. ئەقىل بىلەن پەزىلەت تەتۇر، سۇبىلەن ئوت. شۇڭا كونىلار شەرىئەت ئىستىسەڭ ئۆلتۇر يىلاننى، تەرىقەت ئىستىسەڭ قىينىما جاننى دەپ توغرائىيىتقان.بىرلىرى ئەقىل بىلەن قۇرال ياسايدۇ،بىرلىرى پەزىلەت بىلەن مۇقام تولايدۇ.
ئىجادىي كۇچ بىلەن ئەقىل مۇناسىۋىتى بار، يەنى ئەقىل ئىجادىي كۇچنى بەرپاقىلىدۇ. خۇددى ھازىرقى ئەقىل مەنپەت توقۇنىشى ياكى رىقابەت، نۇرغۇن يىڭىلىقلارنى روياپقا چىقارغىنىدەك.پەزىلەت بىلىمگە تۇرتكە بۇلىدۇ. بىلىم ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەقىلنى بەرپا قىلىدۇ، خۇددى بىلىم تەجىربە سىناقلىرى بولغان 36تەدبىر ئەقىلغە ئايلانغاندەك.ياكى ئەقىل بىلىمگە تايىنىپ كۆيىدۇ.ئىجادىي كۇچمۇ پەزىلەت بىلەن كۆكلەيدۇ.
مىسال، پەزىلەتكە سەل قارىغان ئىجادچى ئاسانلا خەقنىڭ نەزىرىدىن چۇشۇپ كىتىدۇ.خەقنىڭ ئىۋەنى بىلەن ئىجادىيتى ئىتىبارغا ئىرىشەلمەيدۇ.
خۇي خۇسيەت جەھەتتە؛ئىجادىي كۇچ ئالدىراڭغۇ بۇلىدۇ،تىز ماڭىدۇ، سەۋىرسىز كىلىدۇ.شۇڭا ئۇنى بايقىغان ھامان چىڭ تۇتۇش كىرەك ،ئىتىبارسىز قويساق ئاسان يامانلايدۇ.ئەقىل بۇ رەتلىك سىستىمىلىق پىلانلىق بۇلۇشنى ئىستەيدۇ.ئەيىپ نوخسانسىز بۇلۇشنى قوغلىشىدۇ.ياكى نوخسان بولسا رەھىم يوق كەسسەم دەيدۇ.پەزىلەت ئەكسىچە مەيلى دەيدۇ.گۇلنىمۇ تىكەننىمۇ ئوخشاش سۇغۇرىۋىرىدۇ.بىلىم كەچكىچە ئادەمنى مەلەك قىلىپ ، شۇ بۇيىچە ماڭساق دەپ تۇرىۋالىدۇ.
ئالاھىدىلىك جەھەتتە؛ ئىجادىي تەپەككۇر ئالاھىدىلىك جەھەتتە چوڭقۇرلۇق ئىستەيدۇ.پەزىلەت كەڭرىلىككە مايىل.چوڭقۇرلۇق ئىستىگەنچە ماھىيەتتىن قىچىپ بىر بىرىگە باغلىيالمايدۇ.خۇددى مۇسا كالا دىسە، يەھۇدىيلار ئاقمۇ قارىمۇ ياشمۇ قىرىمۇ سىغىنمۇ يەرگە قاتقانمۇ دەپ باغلىيالمىغىلى تاس قالغاندەك.بىلىمنىڭ مۇستەھكەملەش ئالاھىدىلىكى بار.ياكى كىتاپ قىلىپ يىزىپ قويسا ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ئۇلىشالايدۇ، ساقلىنىدۇ.ئەقىلنىڭ سۇرئىتى تىز كىلىدۇ.
ئۇندىن باشقا سەۋدا مىجازلارنىڭ ئىجادىي كۇچى يۇقرى بۇلىدۇ.سەپرامىجازلار تەشكىللەشكە ماھىر ئەقىل ئەكىس ئىتىدۇ.بەلغەم مىجازدا پەزىلەت بار،ئىشنىڭ ياخشى تەرپىنى ئويلايدۇ.خۇن مىجازلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى يۇقرى بىلىمگە مايىل بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىجادىي كۇچ بىلەن بىلىمنى ئۇگەنگىلى بولىدۇ. بىراق ئەقىل بىلەن پەزىلەت تۇغما بولىدۇ.
ئىنسان تەپەككۇرى مىجازى سەۋدا ،ئىنسان روھىيتىدە يەنە تەپەككۇردىن سىرىت قەلىپ دەيدىغان شەيئىي بار. تەپەككۇرنىڭ ئورنى مىڭە دىسەك، قەلىپنىڭ ئورنى يۇرەكتە. مىجازى سەپرا .قەلىپكە تەپەككۇر تەسىر قىلسا، غايە ئىستەك بولىدۇ. كۆڭۇل ئارلاشسا ھۇزۇر بولىدۇ. روھ قىتىلسا قورقۇنۇچ پەيدا قىلىدۇ.
كۆڭۇلمۇ ئايرىم بىر سىي ،ئورنى ئاشقازان. كۆڭۇلنىڭ بىلىش سۇپەتتە ھىس ھاياجىنى، ئادىللىقا يانداش خاپا خوشلىقى،ياخشىلىق ئەكىس ئەتكەن  مۇھەببەت نەپرىتى،تەقۋادارلىق سۇپەتتە ۋاپا ساداقىتى بولىدۇ.مىجازى بەلغەم سۇ.
ئاخىردا روھ بۇلىدۇ.نەپەس توختىسا روھ ئاجرايدۇ،ئورنى ئۆپكە.ئارىمىزدىكى كۇنەگ دىگەن گەپ روھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنە ھىدايەت ئۆزلۇك ئارىفلىق قاتارلىق بىرقاتار ماقاملار روھنى تاۋلاش ئارقىلىق ئايان بولىدۇ.
دىمەك؛تەپەككۇر ، قەلىپ، كۆڭۇل،روھ ئوتتۇرسىدىمۇ تادۇچە مۇناسىۋەت بۇلىدۇ. زىرىكمىسەك تۇزۇلىشى،قىلقى رولى،زىدىيتى،مۇناسىۋىتى، خۇيى خۇسيىتى، ئالاھىدىلىكى، تەقدىر ماھىيتى دەپ تادۇلىساق، روھىيەتمۇ ناھايتى كەڭرى بىر ساھا بۇلۇپ تۇيۇلىدۇ.

مەنبە؛ قۇتادغۇ بىلىگ

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 12:32:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tursunjan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-11 12:41  

بىراق ئەقىل بىلەن پەزىلەت تۇغما بولىدۇ.
==================================
ما گەپنى چۈشەندۈرۈپ قۇيالامسىز
ئادەم تۇغما ئەقىللىق ۋە پەزىلەتلىك پۇپكىتەمدۇ ئەمدى
شۇنداق بۇلغاندا مىنىڭ دۆت ۋە ئەخلاقسىز،جاھىل بولىشىم مىنىڭ خاتالىقىم ئەمەستە

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 14:13:21


ھۇش بىلەن بىلىمنى ئۇگەنگىلى بولىدۇ.يەنى ئىجادىي كۇچنى ئىچىش جەھەتتە يىڭىنى قىلىش،ھىچكىم قىلمىغاننى قىلىش، دىگەن مەۋقەنى بويلىسا قانداقلىكى ئادەم بولسا قىلالايدۇ.بىلىممۇ كىچىكىدىن زەن قويسا ئىگىلىگىلى بۇلىدۇ.
‏بىراق ئەقىل بىلەن پەزىلەتنى ئۇنداق دىگىلى بولمايدۇ،كونىلاردا بىرگەپ بار،ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا دەپ. ياش يوغىنىغانچە تەجىربە ساۋاق بىيىيدۇ.،لىكىن ئەقىل نى ئۇنداق دەپكەتكىلى بولمايدۇ،بىرەر مەسىلە ياكى تۇگۇچ بولسا شۇنى ھەل قىلىش چارىسىنى تىپىپ چىقىشنى ئەقىل دەيمىز ئادەتتە،ئەقىلمۇ قىرىغانچە گاللىشىدۇ.بۇنىڭغا پىلنى جىڭلاش توغرىسىدىكى  باللار چۆچىكىنى مىسال قىلىش مۇمكىن.
‏پەزىلەتنى قىياس قىلماق تەسرەك،،ياخشى ياماننى پەرىق قىلىش دەپمۇ ئالدۇق. بۇ خىل ئىقتىدارمۇ تۇغما بۇلىدۇ، مەسلەن ياخشىغا بىشارەت،يامانغا جۇۋالدۇرۇز دەپمۇ قۇيىمىز،ياخشى پەزىلەتلىك بولسا،ئىشەك ھەيدىگەندەك تاياقلا ۋەرسە جىمىرگە يىنىۋالىدۇ،رىغبەت قىلسا ئاۋىيدۇ. بەزىلەرگە تاياق دۇرا.

‏ماۋۇ تىمىنى سىستىمىلايمەن دەپ تولا ئۆزگەرتىپ ئىپادىلىنىشى ئغىر بۇلۇپ قاپتۇ.

Return-Death يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 14:47:10

{:112:}

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: [1]
: روھىيەت ۋە تۆت تادۇ