HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 22:31:36

2015-يىللىق IELTS ئىمتىھانى ئۈرۈمچى ۋاقىت جەدۋىلى

2015-يىللىق IELTS ئىمتىھانى بۈگۈن باشلاندى. توردا ھەرخىل ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئالدىن پەرەز قىلىشمۇ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ خىل ئالدىن پەرەز قىلىشقا ھەرخىل ئادەم ھەرخىل كۆز قاراشتا. بۇ توغرىسىدا كېيىنچە ئايرىم توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.

بۇ يازمىغا بۇ يىللىق IELTS  ئىمتىھانىنىڭ پۈتۈن يىللىق ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى رەتلەپ چىقتىم. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئۆز ئەھۋالى بويىچە ۋاقىت تاللاپ سىستېمىلىق تەييارلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.




ئورۇن چەكلىك تىزىملىتىشكە ئالدىراڭ
(بۇ ھەرگىز ئېلان ئەمەس، ئورۇن توشۇپ كېتىش ئەھۋالى دائىم ئۇچرايدۇ)

مەنبە: 24 سائەت ئىنگلىز تىلى

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 10:33:53

مەنمۇ 2009 باشتا ئورۇن ئىلىۋالماپتىمەن ،كېيىن شىنجاڭدىن ئورۇن چىقماي بىيجىڭغا بىرىپ ئىمتىھان بىرىدىغان بولۇپ ئورۇن ئاران چىققاندا يوغاش ئىشنى بىرنى قىلدى ،شۇ تاقاشقانچە مانە ئۆگەنگەننىڭ ھەممىسى توپا بولۇپ كۈلىمۇ قالمىدى .{:99:}

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 10:45:58

kuysoyar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 10:33 static/image/common/back.gif
مەنمۇ 2009 باشتا ئورۇن ئىلىۋالماپتىمەن ،كېيىن شىنجاڭدىن ...

كېيىنكى يىلى سىناپ باقمىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت تەييارلىق قىلغان بولسىڭىز، ئىمتىھان بېرەلمەي بەك ئەپسۇس بوپتۇ.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 11:13:19

توفئەل ياكى ئايىلتىس بىرىدىغانلار كەم دىگەندە ئۈچ ئاي بۇرۇن تىزىملىتىپ قويۇڭلار.
ئالدىنقى 12-ئايدا توفئەلنىڭ بۇ يىللىق تىزىملاش ۋاقتىنى تەكشۈرسەم  شىنجاڭدا ئىككىنجى ئايغىچە توشۇپ بوپتىكەن. بۇ كەمگىچە تۆتىنجى ئاينىڭمۇ توشۇپ بولدى. ئامال بار بالدۇر تۇتۇش قىلىڭلار.

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 11:16:06

توفىل بىرىدىغانلار يوقمۇ، نىمە ئۇچۇن نۇرغۇن بالىلار ئايلىتىسنى تاللايدۇ، قايسىسى ياخشاراق،،،،،،

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 11:23:15

HeyDoctor يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 10:45 static/image/common/back.gif
كېيىنكى يىلى سىناپ باقمىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت ت ...

بىر يىل يۇرتقا قايتىپ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى خىزمەت ھەلىكچىلىكى بىلەن يۈرۈپتىمەن ، خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇپ بولۇپ بىرەرمەن دەپ ئويلىغان ئەمما ئۇ گەپ ئەمەسكەن .خىزمەتكە بىر ئىلناشتى بولدى تۈگەيدىكەن .

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 11:30:47

perwazqil يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 11:16 static/image/common/back.gif
توفىل بىرىدىغانلار يوقمۇ، نىمە ئۇچۇن نۇرغۇن بالىلار ئ ...

IELTS نى ياۋروپادىكى مەكتەپلەر كۆپرەك ئېتىراپ قىلىدۇ، ياۋروپاغا چىقىدىغانلارنىڭ سانى كۆپ، شۇڭا IELTS ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلارمۇ كۆپ بولىدۇ.
بۇلتۇردىن باشلاپ ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن مەكتەپلەرمۇ IELTS نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى. مېنىڭچە بۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن.

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 11:32:30

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 11:13 static/image/common/back.gif
توفئەل ياكى ئايىلتىس بىرىدىغانلار كەم دىگەندە ئۈچ ئاي  ...

راست شۇنداق بولىشى مۇمكىن.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 11:33:44

perwazqil يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 11:16 static/image/common/back.gif
توفىل بىرىدىغانلار يوقمۇ، نىمە ئۇچۇن نۇرغۇن بالىلار ئ ...

توفئەل بىرىدىغانلارمۇ خىلى بار، ئەمما رايۇنىمىزدا كۆپىنچە بالىلار ئايلىتىس بىرىدۇ. مەنچە ئاساسلىق سەۋەبى ئايىلتىس كۇرۇسىنىڭ كۆپ بولىشى ،ئۈرۈمچىدىكى كۇرۇسلاردىكى ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى ئايىلتىس بەرگەچكە ئوقۇغىلىرىغا ئايىلتىس توغرىسىدا ئىمتاھان بىرىشقا تەبىيلا كەلتۈرگەن بولىشى مۇمكىن .
قايسىسى ياخشى دىگىنىڭىزنى قايسىسى ئاسان دەپ چۈشەندىم. مەنچە ئىككىلىسىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئوخشاش. لېكىن توفئەلنىڭ ئۇنىۋىرساللىقى سەل كۈچلۈكمىكى دەيمەن. ھەر ئىككىسىنىڭ نەتىجىسىنى خەلقئارادىكى مەكتەپلەر ئىتراپ قىلىدۇ. ۋە ئۆزىنىڭ نومۇر چەكلىرى بار. توفئەلدىن ياكى ئايىلتىسدىن ئۆتتۈم دىىيىلمەيدۇ، مانچە نومۇر ئالدىم دىيىلىدۇ.

Bilgar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 14:43:55

 ئايلتىس ئىمتىھانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى جانلىق ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى سىناشنى مەقسەت قىلىدۇ. توفىل بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلۈك ۋە گىرامماتىكا بىلىمىنىڭ كۆپ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ . ئايلتىس ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان شەكلى كۆپ خىل، تاق تاللاش، كۆپ تاللاش، بوش ئورۇننى تولدۇرۇش، قىسقىچە جاۋاب بېرىش، بىرىلگەن جاۋابنى تولۇقلاش، تۈرگە ئايرىش،ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق ھەر خىل سۇئال شەكىللىرى بار. ھەتتا بىر سۇئالنىڭ ئىچىدىمۇ بىر نەچچە خىل جاۋاب بىرىش شەكىلى بار. توفىل بولسا  ئاساسەن تاللاش سۇئاللىرى. ئايلتىس ئىمتىھانى بەرمەكچى بولغانلار كۆپرەك ئۈلگە سۇئال ئىشلەپ ھەر خىل سۇئال شەكىللىرى بىلەن تونۇشسا ياخشى نومۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
بىر دېققەت قىلىدىغان مەسىلە ،  سىز قايسى دۆلەت ياكى رايۇنغا چىقىپ ئوقۇماقچى  بۇنىمۇ ئويلىشىش كېرەك . مەسىلەن ،  ئايلتىسنى ئەنگىلىيە ، ئاۋستىرالىيە قاتارلىق ياۋرۇپا دۆلەتلىرى چىقىرىپ ئالىدىغان بولغاچ بۇ دۆلەتلەرگە ئايلتىس نەتىجىسى توفىلغا قارىغاندا «چىرايلىق » كۆرۈنىشى مومكىن . ئامېرىكا ، كانادالار بولسا توفىلنى دىگەندەك . قاراتمىلىق ھالدا تاللاڭ ھەم تەييارلىق قىلىڭ دىمەكچىمەن . ئەلۋەتتە بۇ ئامېرىكا ئايلتىسنى ، ئەنگلىيە توفىلنى ئېتراپ قىلمايدۇ دىگەن گەپ ئەمەس . يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ كونكىرت ئەھۋالى ۋە قىزىقىشىڭىزغا قاراپ بەلگىلەڭ .
خۇلاسە كالام ، ئىككىلا خىل ئىمتىھاننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق  ئالاھىدىلىكى ، قىيىنلىقى بار . ئەگەر ياخشى ئۆگىنىپ پۇختا تەييارلىق قىلمىسىڭىز دۇنيادا ئاسان ئىش يوق . ئۆزىمىزنىڭ كونكرىت ئەھۋالى ، قىزىقىشىغا قاراپ قايسىسىنى بېرىشنى قارار قىلساق بولىدۇ . ھازىرقى دۇنيا ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا . ئامېرىكا ، كانادامۇ  ئايلتىس نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ، چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ ئىختىساسلىقلاردىن ئايرىلىپ قالغۇسى ، باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويغۇسى يوق . ئەنگىلىيە ، ئاۋىستىرالىيەمۇ توفىل نەتىجىسىنى ئېتراپ قىلىۋىرىدۇ . سەۋەبى ئوخشاش  .  قايسىسىنى تاللاش بەك مۇھىم  ئەمەس  ،بەلكى  قانداق تەييارلىق قىلىپ ، قانداق نومۇر ئېلىش  ئەڭ مۇھىم .

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 16:03:02

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 11:33 static/image/common/back.gif
توفئەل بىرىدىغانلارمۇ خىلى بار، ئەمما رايۇنىمىزدا كۆ ...

دۇرۇس

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 19:07:06

Bilgar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 14:43 static/image/common/back.gif
 ئايلتىس ئىمتىھانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى جان ...

توفئەل سۆزلۈك ۋە گىرامماتكىلا ئەمەس ، بۇنداق ئىپادىلىسىڭىز CET4,6 نى ئەسلىتىپ قويىسىز، بۇ گەپلىرىڭىزدىن توفئەل بىرىپ باقمىغىڭىزنى پەرەز قىلدىم. توفئەلنىڭ ئۇنىۋىرساللىقى ئايىلتىسنىڭكىدىن كەم تۇرمايدۇ. ھەتتا ئىغىزتىلى قىسمىغىمۇ ئاڭلاش ۋە ئوقۇشلۇق تەڭ چىقىدۇ. ئاۋال بىر پارچە ئوقۇيسىز ئاندىن ئىكران ئاق بولۇپ ، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى ئاڭلايسىز، ئاندىن ئاڭلاش تۈگەپ ئىغىزچە جاۋاپ بىرىسىز.
توفئەلنىڭ تاللاشلىرىمۇ كىشىنى بەك قايمۇقتىرىدۇ. يىزىقچىلىق قىسمىدىمۇ نومۇر بەك زىچ بىرىلىدۇ. ئايلىتسىنىڭمۇ قىينلىق دەرىجىسى ئوخشاش ئەلۋەتتە. ئەمما پەرىق ئىغىزتىلىدا چىقىدۇ.
بىرىنجىدىن ئايىلتىستا  رەسمىي ئادەمگە سۆزلەيسىز، توفئەلدە بولسا كومپىيوتىرغا سۆزلەيسىز. مەنچە ئادەمگە سۆزلىسە بەكرەك ئىنگىلىزچە پۇراق بىلەن سۆزلەمدىكىن دەيمەن.
ئىككىنجىدىن، ئايىلتىسنىڭ ئىغىزتىلى بىلەن قالغان قىسمىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۇلاپلا بەرمەيسىز، يا ئەتىسى ياكى چۈشتىن كىيىن بىرىسىز. توفئەلنىڭ بولسا ئۇدا ئارقىمۇ ئارقا تۆت سائەتتىلا تۈگەيدۇ، ئوتتىردا ئارام ئىلىپ تاماق يىيىش ۋاقتى.
قايسىسى بەرمەڭلا، ئاساسىڭلا پۇختا، ئىنكاسىڭلا تىز بولسا، مەشىقنى كۆپ ئىشلەپ بەرگەن بولساڭلا يۇقىرى نومۇر ئالالايسىلەر.

Bilgar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 21:44:38

توغرا دەيسىز ، مەن توفىل بەرمىگەن، ئايلتىس بەرگەن، ئەمما مەن ئەينى ۋاقىتتا(2009-يىلى) توفىلغا نەچچە ئاي تەييارلىق قىلىپ ، تىزىملىتىشقا ئورۇن تاپامماي ئايلتىس بەرگەن . مېنىڭ ھېس قىلغىنىم ئايلتىسنىڭ سۇئال شەكلى كۆپ خىل ، جانلىق، بولۇپمۇ ئېغىزتىلى قىسمى ئادەم بىلەن پاراڭلىشىدىغان بولغاچ جانلىق چىقىدۇ.

HeyDoctor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 11:23:29

Bilgar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 21:44 static/image/common/back.gif
توغرا دەيسىز ، مەن توفىل بەرمىگەن، ئايلتىس بەرگەن، ئەم ...

كېيىن توفېل بېرىپ باقتىڭىزمۇ؟

Bilgar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 15:47:45

ياق ، بېرىپ باقمىدىم.
بەت: [1]
: 2015-يىللىق IELTS ئىمتىھانى ئۈرۈمچى ۋاقىت جەدۋىلى