rasheed يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 21:55:15

پوچتا خەت ساندۇقى خوجىلىقتىن رەت قىلىندى؟!!

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار!

مەن بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئىشلەۋاتقان ئورنۇمنىڭ ئادرىسى بويىچە گېزىت - ژورناللارغا مۇشتىرى بولاتتىم. ئەمما خىزمەت ئورنۇمدىكى خەت - چەكلەرگە مەسئۇل خىزمەتچىمىزنىڭ مەسئۇلىيەسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئالدىنقى بىر يىللىق يېزىلغان 20 نەچچە خىل ژورنالدىن 6-7 خىلىنىڭ بىر نەچچە ئايلىق سانلىرى قولۇمغا كەم تەگدى. سۈرۈشتۈرسەم ئوخشاشلا بىر باھانە «پوچتىخانا يەتكۈزۈپ بەرمىدى».  كېيىن كۈزەتسەم مەن بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان ئۆزى بىرمۇ گېزىت - ژورنالغا يېزىلمايدىغان خىزمەتداشلىرىمنىڭ قولىدا ئاشۇ ماڭا كەم تەگكەن ژورنالنى كۆردۈم. دېمەك ژورنال كەلگەن ، ئەمما قولۇمغا تەگمىگەن ئىكەن.
ھەممىنى كىتابخانا، بازاردىن ئىزدەپمۇ تېپىپ بولغىلى بولمايدىكەن. بولۇپمۇ مەن يېزىلىپ كېلىۋاتقان بىر نەچچە ئالىي مەكتەپنىڭ ئىلمىي ژورنىلى ۋە خەنزۇچە نەزىرىيەۋىي ژورناللارنى يۇرتىمىزنىڭ كىتابخانىلىرى تۈگۈل ۋىلايەتلىك كۇتۇبخانىمۇ ئەكەلدۈرمەيدىكەن.
شۇ ۋەجىدىن بۇ ئىشتا بېشىم قېتىپ پوچتىخانىغا بېرىپ، ئۆزۈمنىڭ نامىدا بىر خەت ساندۇقى ئىلتىماس قىلىپ شۇنىڭغا قارىتا ژورناللارغا مۇشتىرى بولۇشنى ئويلاشتىم. مېنى خۇشال قىلغىنى پوچتىخانىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار ناھايىتى قىزغىن ھالدا باشقا بىر ئىدارىدىكى يىللار ئاۋال گېزىت - ژورنالغا يېزىلغاندا ئورنۇتۇپ بېرىلگەن، لېكىن يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بۇيان ئىشلىتىلمەي بىكار تۇرغان پوچتا خەت ساندۇقىنى ماڭا سۆكۈپ ئەكىلىپ بەردى ۋە مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئۆيۈم بار ئولتۇراق رايۇننىڭ ئىشىكى ئالدىغىراق بىر مۇۋاپىق ئورۇنغا ئورنىتىۋىلىشىمنى، شۇنىڭدىن كېيىن كىلىپ ژورناللارغا ئاشۇ خەت ساندۇقىنىڭ ئادرىسى بويىچە مۇشتىرى بولىشىمنى ئېيتىشتى. ئۇلار يەنە  خەت ساندۇقىنى ئورتنىتىشتىن ئاۋۋال ئولتۇراق رايۇننىڭ خوجۇلۇق باشقۇرۇش بۆلۈمى بىلەن بىر ئالاقىلىشىپ ئەسكەرتىپ قويۇشۇمنى ئەسكەرتىشتى. مەن ئاجايىپ خۇش بولدۇم، ئەمدى ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان گېزىت - ژورناللارنى تولۇقى بىلەن يېزىلىپ، تولۇقى بىلەن تاپشۇرۇپ ئالالايدىغاندەك قىلاتتىم.
ئەپسۇس ....
مەن خەت ساندۇقىنى ئورتنىشتىن ئاۋال پوچتىخانىدىكى خادىمنىڭ ئەسكەرتكىنى بويىچە ئولتۇراق رايۇننىڭ خوجۇلۇق باشقۇرۇش بۆلىمىگە بېرىپ ئەھۋالنى ئېيتىپ، خەت ساندۇقىنى ئورنىتىدىغان ئورۇننى ئېيتىپ خەۋەرلەندۈرگىلى بارسام، ئۇ يەردىكى خەنزۇ خىزمەتچى ئايال (بىلسەم خوجۇلۇق باشقۇرۇشنىڭ مۇدىرىمىش) مېنىڭ خەت ساندۇقى ئورنىتىشىمنى قاتتىق رەت قىلىپ:«ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئولتۇراق رايۇن تاملىرىغا بىر نەرسە ئورنىتىشىغا قەتئىي بولمايدۇ. خەت ساندۇقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئەگەر ئورناتقىنى بايقالسا سۆكۈپ ئىلىۋىتىلىپ، مۇسادىرە قىلىپ، جەرىمانە تۆلەيدۇ...» دەپ چاڭىلداپ كەتتى. مەن دەسلىپىدە چېرايلىق چۈشەندۈرۈپ بۇنىڭ پوچتىخانىنىڭ قوللىشى بىلەن بولىۋاتقانلىقىنى، يالغۇز مېنىڭ شەخسىي ئىشىم ئەمەسلىكىنى، كېرەك بولسا خەت ساندۇقىنىڭ ئاچقۇچى بىلەن تەۋەلىك قوغدىغۇچى ياكى خوجۇلۇق خىزمەتچىلىرىگە بىر نۇسقا تەمىنلەيدىغانلىقىمنى، ئولتۇراق رايۇنىمىزدىكى باشقا ئائىلىلەرنىڭمۇ ئورتاق پايدىلانسا بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئولتۇراق رايۇندا بولۇشقا تېگىشلىك توك پار، سۇ، تېلېۋىزىيە، تېلېفۇن ئەسلىھەلىرىدەك ئوخشاشلا ئاممىۋىي ئەسلىھە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرسەممۇ قەتئىي ئۇنىماي چىرايىنى ئىت تالىۋەتكەندەك قىلىپ ئىشخانىسدىن قوغلىدى.
ئاخىرىدا مەنمۇ خېلى قاتتىق تاقىشىپ، «سەنلەر بىزنى باشقۇرمايسەن، مەن بەرگەن ھەر خىل خوجۇلۇق ھەقلىرى ئۈچۈن بىزگە مۇلازىمەت قىلىسەن . نېمەڭگە چالۋاقايسەن. ئاشۇنداق مۇناسىۋەتلىك ھۆججىتىڭ بولسا چىقار ... » دېگەندەك گەپلەر بىلەن بىر مۇنچە كالدىرلىشىپ ئۇرۇشۇپ يىنپ چىقتىم.

ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم، مۇشۇ خوجۇلۇق باشقۇرۇشقا دائىر مۇناسىۋەتلىك نىزاملاردا زادى مۇشۇ ھەقتە مەزمۇنلار بارمىدۇ؟ بار بولسا بۇ مەسىلىگە قانداق ئاساس بار؟! مۇنبەرداشلارمۇ مۇشۇنداق مەسىلىگە يولۇقتىمىكىن؟  بۇ ئىشنى قانداق ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟  
بىلىدىغىنىڭلارنى ئايىمىغان بولساڭلار !

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 06:57:25

مەن دەل سىزنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلىدىغىنى شاپپىدا بىكىتىۋالىمەن ، سوراپ قالسا چۈشەندۈرۈپ قويىمەن ،بولمىسا ئىشلىتىۋىرىمەن .
ھۆكىمەتكە تەكلىپ ، قالايمىقان باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنى يوقۇتۇش كىرەك ، بۇنىڭدا ئورۇن ئىقتىساد قاتارلىق نۇرغۇن ئارتۇقچە چىقىملار تىجىلەتتى .

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 07:29:48

پوچتا قانۇنىنى كۆرۈپ بېقىڭ،  ئولتۇراق بىنا سالغانلارنىڭ پوچتا ساندۇقى ئورنىتىش مەجبۇرىيىتى بار، ھەممە چىقىمنى ئۆزى كۆتۈرىدۇ،
ئۇلار ئورنىتىپ بەرمىسە ئۆزىڭىز ئورنىتىڭ، ئەگەر ئېلىۋەتسە ئاممىۋى ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەپ ئەرز قىلىڭ

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 11:50:23

خۇجۇلۇق تارماقلىرى دىگەننىڭ تۇلۇق نامى خۇجۇلۇق مۇلازىمەت شىركىتى ، ئۇلار تىما ئىگىسى دىگەندەك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ ، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش ھۇقۇقى بولمايدۇ .  
ئالاقىدار بەلگۈلىمىلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ خۇجۇلۇق باشقۇرۇش نىزامى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيى ئولتۇراق ئۆي ۋە شەھەر قۇرۇلۇش مىنىستېرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگۈلىمىلىرىدە ئىنىق بار ، بەيدۇ توردىن ئىزدىسىڭىزلا تاپالايسىز
سىز ئاتالمىش خۇجۇلۇق باشقۇرۇش دىگەنلەرگە ئەھۋالنى ئىنىق چۈشەندۈرۈپ ، پاراڭ خاتېرسىنى ئاۋازغا ئېلېپ قۇيۇپ ، ئۈزىڭىز تۇرۇشلۇق ئۇرۇندىكى شەھەر قۇرۇلۇش مەمۇرى تارماقلىرى (ئۆي - مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى ياكى ئولتۇراق ئۆي ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسى ) قاتارلىق ئۇرۇنلارغا يازمىچە ئەرىز قىلسىڭىز بۇلىدۇ .
دۆلىتىمىزدە گەرچە قانۇن تۈزۈملار مۇكەممەل بولسىمۇ بىر قىسىم ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلى قانۇن - تۈزۈمنى ئەمىلىلەشتۈرۈشتە نۇرغۇن قىيىنچىلىق مەۋجۇت ، بۇ ئىشتا سەۋرىچان بۇلۇڭ ، چىرايلىق سۆزلىشىڭ ، يولنى قانۇنى  تەرتىپ بۇيىچە مېڭىڭ ، گەرچە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق تارتدىغان ئىش بولسىمۇ چىداڭ .

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 11:53:44

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خۇجۇلۇق باشقۇرۇش نىزامى
http://baike.baidu.com/link?url=0hZCA34Ya-rFGsZjdFAQOOytT5Bw6LRRckgXIMoDYYXSW0bKUEagcRw5xqaDfhfV-JcMQqYtRUjbgNhqckDsoq
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ
http://www.wygl.net/bencandy.php?fid=12&id=878

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 13:42:32

سىلەر ئولتۇرۇۋاتقان ئۇ رايوننىڭ ئەسلىھەلىرى ئەسلىدىلا ئۆلچەمگە يەتمىگەن، سىلەر دەل ۋاقتىدا سۈرۈشتۈرۈپ ئەرز قىلمىغان ئەھۋالكەن بۇ. ھەرقانداق ئولتۇراق رايوندا پوچتا ساندۇقى چوقۇم ئورنىتىلىدۇ.  
ئەسلى سىز ئۆزەم ئورنىتىمەن دېمەي، قېنى پوچتا ساندۇقى دەپ، خوجۇلۇق باشلىقى تەتەينى سوراققا تارتقان بولسىڭىز بولاكەن.

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 14:00:48

خوجۇلۇق باشقۇرۇش دىگەننى زاغرا تىلدا ئېيتساق شۇ يۈگۈر يىتىم ئىشنى قىلىپ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلدىغان يىللىقچى دىگەن بۇلىدۇ .
ھازىر ئورۇن ئالمىشىپ ئۇلا خوجايىن بىز مەدىكاردەك بولۇپ قېلۋاتىمىز

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 14:05:47

ئاۋال پوچتىخانىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئورنىتىۋەمەپتىكەنسىز ، ياكى سىز پوچتىخانىدىكىلەرنى بىۋاستە كىلىپ ئورنۇتۇشقا تەكلىپ قىلسىڭىز ئاندىن خوجۇلۇق بۈلۈمى بىر نىمە دىيەلمەس بولغىيتى ....

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 14:38:32

خوجىدار دېگەن شۇ خوجايىننىڭ مۈلكى ۋە ئائىلە ئىشلىرىنى خوجايىنغا ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ بېرىدۇ.خوجايىننىڭ چاكىرى،چاكارلارنىڭ باشلىقى دېگەن گەپقۇ.

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 14:41:12

ماۋۇ جۇڭگو چىلىقتا بەزى بەكمۇ زىيالى مىجەز بۇلۇپ كەتسىڭىز باشقىلار ئاسانلا ئانى تاپىدۇ، تۇردىشىمىز  دېگەندەك پۇچتاخانىدىكىلەرنى باشلاپ كىلىپ شۇلارغا خەۋەرلەندۈرۈپ قۇيۇپ ئۇرناتقۇزۇڭ  <پارتىينىڭ تەشۋىقاتىغا كىم بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكىن كۆرۈپ باقاي > دەپ قۇيىمىز ئاچىغىمىز تۇتقان قىياپەتتە  

Arman1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 15:41:51

hakaniye يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 14:41 static/image/common/back.gif
ماۋۇ جۇڭگو چىلىقتا بەزى بەكمۇ زىيالى مىجەز بۇلۇپ كەتسى ...

ئەگەشتىم

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 16:00:20

پوچتا ساندۇقى ئورنىتىشقا قانداق رەسمىيەتلەر كېتىدۇ؟
مەن گېزىت ژۇرنالغا مۇشتەرى بولاي دېسەم 200كويلۇق مۇشتەرى بول دېگەنتى 300كويلۇق مۇشتەرى بولدۇم، پوچتا ساندۇقى ئورنات دېمىدى
ئۆيۈم يېزىدا

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 18:57:49

atella0997 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 14:38 static/image/common/back.gif
خوجىدار دېگەن شۇ خوجايىننىڭ مۈلكى ۋە ئائىلە ئىشلىرىنى  ...

ماۋۇ گىپىڭىزدىن قوشنامنىڭ ئىتى يادىمغا كەلدى:lol

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 00:26:49

ئىستىمالچىلار جەمىيتىگە  خوجۇلۇق باشقۇرۇش شىركىتى ئۈستىدىن ئەرىز قىلسىڭىز ئۇلار ياخشى بىتەرەپ قىپ بېرىشى مۇمكىن . ھېلىقى بىر تېلىفۇن نۇمۇرى بارغۇ . بىر قانچە يىل ئىلگىرى خوجۇلۇق شىركىتىدە ئىشلىگەن ۋاقتىمدا  لىفىت بۇزۇلۇپ قېلىپ  ئىككى - ئۈچ كۈن تاقىۋەتكەن .  ئۆپكىسى تۈشۈك بىر ئۆي ئىگىسى ئەرىز قىپتىكەن  شۇ ھامانلا ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈپ بىر قانچەيلەن كەپتىكەن . ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ، قانداق قىساق قىپ لىفىتنى ۋاقتىدا ئوڭشاپ نورمال ئىشقا كىرىشتۈرشىمىزنى بولمىسا جەرىمانە قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كىتىپ قالغان ...
سىزمۇ ئولتۇراق رايۇننىڭ ئۇل ئەسلىھەسى تۇلۇق ئەمەس ، تۇلۇقلاشنى ئېيتسام ماقۇل دىيىشنىڭ ئورنىغا مىنى ھاقارەتلىدى  . بىر ئىستىمالچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنداق خورلۇققا چىدىمىدىم ھوقوقىمنى قوغداپ بېرىڭلا دەپ ئەرىز قىپ باقسىڭىز بەلكىم ئۈنىمىنى كۆرىشىڭىز مۇمكىن

hanjar01 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 08:37:13

سىز ئۇنىڭغا پوچتا ساندۇقى ئورناتسا بولمايدۇ دىگەن ھۆججىتىڭنى چىقىرە دەپ بېقىڭە

kosan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 10:50:22

ئاۋو خوجىداردا ھوقۇقدارلىق كېسىلى زىيادە ئېغىركەن! شى رەھبەر دەۋرىدىكى پارازىتلار تىپىغا كىرەمدۇ نىمە؟

bityon3 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 10:50:42

پاۋىل كارچاگىننىڭ  فىلىمىدىكى  بىر    گەپ  يادىمغا  كىلىپ  قالدى  يەنى  قاتتىق  بىيۈكرات   تەتەيگە يۇلۇقۇپ   قاپسىز

asman يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 11:03:40

رەشىدبەگ خېلى-خىلى قىيىن ئىشلارنى قىلچىلىك تەمتىرىمەي بىر تەرەپ قىلالايتتىلە، ئەجەپ بۇ ئىشقا كەلگەندە گۇمپىلىرى ئىشلىمەي قاپتۇغۇ؟

rasheed يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 09:10:40

Abdikadir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 11:53 static/image/common/back.gif
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خۇجۇلۇق باشقۇرۇش نىزامى
htt ...

رەھمەت سىزگە!  مەن بىر تەپسىلىي كۆرۈپ باقاي ماۋۇ قانۇنلارنى.


باشقا تورداشلارنىڭ  ھەم قىزغىن تەكلىپلىرىگە رەھمەت.  مەن مۇشۇ تەكلىپلەرنى بىر بىر سىناپ بېقىپ ئۈنۈمى كۆرۈلگەندە مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرىمەن..
ھەممىڭلار ئامان بولۇڭلار!
بەت: [1]
: پوچتا خەت ساندۇقى خوجىلىقتىن رەت قىلىندى؟!!