بالىلار كىتابلىرى تەۋسىيە قىلساڭلار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdukerim11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-10 18:32ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ئوقۇغۇچى بالىلارنى قىشلىق تەتىلگە قويۇۋېتىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
باشلانغۇچ 5،6- يىللىقتىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ماس كەلگۈدەك كىتاب، كارتون، كىنو-فىلىم تەۋسىيە قىلساڭلار.
نېلىسنىڭ غاز ئۈستىدىكى ساياھېتى
تۈلكە رېنارت
گۆھەر ئارال
يەر يادىروسىغا ساياھەت ...
ئەلىسنىىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلىرى .
ياغاچ قونچاقنىڭ سەرگۈزەشتىسى .
....
يەنە ئېسىمگە كەلگەنلىرىنى يازاي ، لېكىن بەزى كىتابلارنى كىتابخانىدىن تاپقىلى بولمايدۇ ھازىر ، كىتابخانىغا بارسىڭىز، بىرمۇنچە دۇنياۋى ئەسەرلەرنىڭ بالىلار نۇسخىسىنى بازارغا ساپتۇ. گەرچە قىزىم ئەمدىلا بىرىنچى يىللىقتا بولسىمۇ بىرقانچىنى ئېلىپ قويدۇم، تولۇقسىزلارغا چىققاندا ئوقۇسا بولغۇدەك .
بالىڭىز 5-6-يىللىقلاردا ئوقۇۋاتقان بولسا يەنە بىر ئېسىل كىتاب « بۈيۈك بىرىتانىيە بالىلار قامۇسى» (5قىسىم) نى تەۋىسيە قىلىمەن ، قىزىقارلىق يوسۇندا نۇرغۇن بىلىملەرنى سىڭدۈردىغان ياخشى بالىلار قامۇسى بۇ.
« كىروراندىكى بالىلار» رومانىنىمۇ ئېلىپ قويۇڭ . ھازىرچە ئۆزىڭىز ئوقۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرى، ھايۋانات،ئەقىلللىق تاز،چىچەن قىز قىسىملىرى،
ھازىرىقى باللار كارامەت تۈركىيە ئەزىزنەسىن dadash يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 20:22 static/image/common/back.gif
كىتابخانىغا بارسىڭىز، بىرمۇنچە دۇنياۋى ئەسەرلەرنىڭ ب ...
«بۈيۈك بېرىتانىيە ئۆسمۈرلەر قامۇسى»نى كىچىك ۋاقتىمدا دادام ئېلىپ بەرگەن ئىدى . باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمغۇ دەيمەن . بەك قىززىقىپ ئوقۇغان ، ھەم جىق بىلىم بېرىپتىكەن ئويلاپ باقسام . بەك ياخشى كىتاب زادى
بەت:
[1]