MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 14:56:02

مۇنداق نومۇسسىز ئەزالارغا گەپ يوقمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سەل قايناپ قالدىم.
ئەسلى بىراۋنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىش نىيىتم يوق ئىدى. لېكىن باشقا قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ ئالدىنىپ، كومپيۇتېرىنىڭ ئەخلەتخانىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ مۇشۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مۇشۇ تور بېكەتلىرىمىزدە بەزى پارازىت قۇرۇتلار بار. كىچىككىنە پايدىنى دەپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا زىيان سېلىشتىن نۇمۇس قىلمايدىغان. ئۇلار باشقىلارنىڭ كومپيۇتېر بىلىمىنىڭ كەمچىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن شۇلارنىڭ كومپيۇتېر ۋە يانفونلىرىنى ۋەيران قىلىشتىن يانمايدىغان. ئاتالمىش قانداقتۇر "پۇل تېپىش دېتالى" بىلەن سىزنى ئالداپ ئۆز يانجۇقىغا كۈچىسە، يەنە بەزىلىرى بىر قىسىم ئېلان قىستۇرۇلغان دېتاللارنى يوللاپ، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ كاردىن چىقىشىغا ھەسسە قوشىدۇ.
بۈگۈن مانا شۇنداق پارازىتتىن بىرنى پاش قىلىمەن.
مەن كىرىدىغان بىر قىسىم مۇنبەرلەردىكى ئىسمى: (باشقا ئىسىملىرى بولىشىمۇ مۇمكىن)
روھلاندا : ستۇدېنت
ئىنتىلدا: dilxat103
ئالپتا: parxat
قۇتياردا: parxat
xjcfan دە: student
مىسرانىمدا: dilyar130
ئىزدىنىشتە: parxat
باشقا مۇنبەرلەرگە كۆپ كىرمىگەچكە ئۇ يەردە بارمۇ يوقمۇ بىلمەيمەن.
پاش قىلىش سەۋەبى: بىر قىسىم ئەخلەت ياكى ئېلان قىستۇرۇلغان دېتاللارنى يوللاپ، تورداشلارنى ئالدىغان. (نېمە مەقسەتتە يوللىغىنى ئۆزىگە ئايان) ئارتۇق سۆزلەپ يۈرمەي. يەنە بىرى شۇ دېتاللارنىڭ كۆپىنچىسى ئىگە تەرەپتىن كەلگەن، ئىشەنچلىك دېتاللار ئەمەس.
مەقسىتىم: تور دۇنياسىدىكى كومپيۇتېردىن كۆپ خەۋىرى يوق تورداشلارنىڭ مۇشۇنداق ئەخلەت، ئېلان قىستۇرۇلغان دېتاللارنى قاچىلاپ كېيىن پۇشايمان قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
دەيدىغىنىم: مۇشۇنداق ئەزالارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلسە ياكى چەكلەنسە.
پاكىت: ئىلگىرى يوللىغان تېمىلىرىدىكى دېتاللارنى چۈشۈرۈپ كۆرسەڭلار بىلىسىلەر.
نەق مەيدان پاكىت: مۇشۇ ئەزا يوللىغان "كىلاسسىك نۇسخىدىكى Office 2003" دېگەن تېمىدىكى ئادرېستىن دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسام، بەيدۇ ۋروسخورى بىللە قاچىلاندى.
يەنە ئىلگىرى يوللىغان "كىنىشكە رەسىمى تەھرىرلەش دېتالى" ، "ھەر قانداق كىنو فىلىمنىڭ ئۇرۇقىنى تېپىش دېتالى" دېگەن دېتاللارمۇ شۇنداق.
ئىلگىرى بىر قىسىم مۇنبەرلەردىكى باشقۇغۇچىلارغا مۇشۇ ئەزانىڭ تېمىسىغا سەگەك بولۇشىنى ياكى ئۆچۈرۋېتىشىنى دېسەم، خاتا چۈشىنىپسىز دېدىيۇ، كېيىن چۈشكەن ئىنكاسلاردىن يەنىلا ئېلان قىستۇرۇلغان دېتال ئىكەنلىكىنى بىلدى ۋە بەزىلىرىنى ئۆچۈردى.
تورداشلارغا دەيدىغىنىم: مۇشۇنداق نومۇسسىز ئەزالاردىن، ئەخلەت دېتاللاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار.
نومۇسسىزلارغا دەيدىغىنىم: قاسىم قوشۇقتا ئۈچ كىلو ۋىجدان بار. سىلەردە ھېچ بولمىسا ئۈچ گرام بولسىمۇ ۋىجدان بولسىكەن.
يەنە قانداقتۇر ئەپتىن پۇل تاپىمىز، توردىن پۇل تاپىمىز دەپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ يۈرگەنلەر ياخشىسى ھالال ئىشلەپ پۇل تېپىڭلار.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 19:42:48

ئېلان چەكلەيدىغان يۇمشاق دېتال يوقمۇ؟ مەن بىرقېتىم بىر يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈپ سېلىپ بىللە قاچىلانغان ئويۇننىڭ ئېلانىنى ئۆچۈرەلمەي سېستىمىنى باشتىن قاچىلىغان ئىدىم.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 19:42:58

تەكرار ئىنكاس..........

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 20:19:22

پەرھات دىگەن ئەزانىڭ جاجىسىنى بىرەلمەي مەنسەپتىن قالغىنىمغا ئېچىنىمەن :@

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 20:36:42

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2015-1-10 20:19 static/image/common/back.gif
پەرھات دىگەن ئەزانىڭ جاجىسىنى بىرەلمەي مەنسەپتىن قالغ ...

سىزگە نېمە بولدى؟ :lol

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 20:56:48

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 20:59:00

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2015-1-10 20:19 static/image/common/back.gif
پەرھات دىگەن ئەزانىڭ جاجىسىنى بىرەلمەي مەنسەپتىن قالغ ...

نىمە گۇناھ قىلغان بولغىيتى ئېچىنىپ كەتكىدەك .

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 21:04:08

begir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-10 20:56 static/image/common/back.gif
ئەگەر بۇ يەردە مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈشكە كەلسە مۇنداق ب ...

مەن شۇنداق قىلاتتىم لىكىن پەرھادنىڭ پات پات ‹‹تەلىيى›› كېلپ قالاتتى

iltirix يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 21:04:32

bugday يوللىغان ۋاقتى  2015-1-10 19:42 static/image/common/back.gif
ئېلان چەكلەيدىغان يۇمشاق دېتال يوقمۇ؟ مەن بىرقېتىم بى ...

ADsafe  ماۋۇ دېتالنى ئىشلىتىڭ ، تور بەتلەردىكى ئېلانلارنى چەكلەش ئىقتىدارى بەك ياخشى ...

bityon3 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 21:49:48

iltirix يوللىغان ۋاقتى  2015-1-10 21:04 static/image/common/back.gif
ADsafe  ماۋۇ دېتالنى ئىشلىتىڭ ، تور بەتلەردىكى ئېلانلارن ...

بۇ   دىتال   بەك  ياخشى  جۇمۇ.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 22:13:06

ئ‍ۇنىڭ ئ‍ۈستىگە بۇ پەرھات ئ‍اتلىققا قەتئ‍ىي گەپ تەسىر قىلمايدىكەن. نەخ يۈزۈمنىڭ قىلىنلىقى جېنىمنىڭ راھىتى دەيدىغىنىكەن. نەچچە قېتىم تۇز تەمىنى خېلى تەڭشەپ، ئ‍ۆتىنى يېرىۋەتكۈدەك دەپمۇ باقتۇق باشقا يېرى يېرىلىپ كەتتىمۇ بىلمىدۇق يەنە شۇ قىلىقى بۇرۇنقىدەك…

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 22:14:17

begir يوللىغان ۋاقتى  2015-01-10 20:56:48 static/image/common/back.gif
ئەگەر بۇ يەردە مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈشكە كەلسە مۇ
تاپقان پايدىسىدىن بەزىلەرگە «تىچىڭ» ئ‍ايرىمدىكى دەيمەن:lol

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 23:02:20

دىتال چۈشۈرۈپ-قاچىلىسىغۇ شۇنداق بولىدىكەن. ئەمما قاراپ تۇرسام بىردەمنىڭ ئىچىدە (چىيى قويغۇچ، 360 قاراۋۇلى، ...قاتارلىق داڭلىق دىتاللار ۋە نۇرغۇن ئۇششاق دىتالار بولۇپ) ئون نەچچە لۈكچەك دىتال ئۆزلىكىدىن قاچىلىنىۋالدى، بەزىلىرىنى تېىخي كونتۇرول تاختىسى ئارقىلىقمۇ،  C پەنگە كىرىپ قول بىلەنمۇ ئۆچۈرگىلى بولمايدىكەن.
بۇ نىمە ئىشتۇ ئەمدى. قارىغاندا يولداشلارنىڭ ئەخلاقسىزلىقى چىكىگە يەتتىمۇ دەپ قالىمەن. ئاچچىغىم بەك كېلىۋاتىدۇ. ئەمما  بەزىدە يېزىۋاتقان بىرنەچچە قۇر ئىنكاسىمنىمۇ بىر نەچچە قېتىم توختۇتۇپ قويغىنىغا قاراپ، كۇلۇپ كېتىمەن. بۇنداق ۋاقىتلاردا «يازدا چىۋىنغا ئامال قىلالماي كۈلىسەن قارابەگ، ئەمدى قىشتا دىتال لۈكچەكلىرىگە ئامال قىلالماي كۈلىۋاتامسەن» دەپ قويىمەن ئۆز-ئۆزەمگە.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 09:36:43

ماڭا ھىچ نومۇسسىزدەك تۇيۇلمىدى ئۇ نىڭ تىمىسى .:lol

torqicom يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 15:30:21

بەزىدە مىنىڭ كومپىيوتۇرۇمنىڭ بىر ئىلانلارنىڭ ئاۋازى چىقىپ قالىدۇ ، ئەمما ئىزدەپمۇ زادى نەدىن چىققىننى تاپالماي ئاخىرى سىستىما قاچلاپ قۇتلىمەن .
بەلكىم شۇمۇ ئاشۇ يامان نىيەتلىك ۋىروسلارنىڭ .ئىشى ئوخشىمامدۇ ھە

aptap1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 16:30:15

دىمىسمۇ غاجىلغۇچى قۇرۇتلار كۆپىيىپ كەتتى .

parxat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 10:03:58

ياۋ پاناھ ...ماۋۇ مۇناجات دىگەن ئاداش بىلەن نېمە ئاداۋىتىم بارلىقىنى ھىچ بىلەلمىدىم...تورداشلار، بۇ ھەقتە ئىنكاس يېزىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ماۋۇ مۇنبەرگە يوللىغان تېمىسى ۋە مىنىڭ جاۋابىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار.http://bbs.xjcfan.com/thread-4244-1-1.html
ئىت بولسا شۇنچىلىك بولار، بىراق، ئىت ھامان ئىت، ئىت قاۋاپ قىلىۋىرىدۇ، كارۋان ئۆز يولىدا مېڭىۋىرىدۇ.

parxat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 10:53:42

روھلان تورىغا يوللانغان نۇرلان ئىسىملىك توردىشىمىزنىڭ بۇ شىئېرىنى ھەممەيلەنگە سوۋغا قىلاي:







         ھەسەت سېتىش ئېلانى
                       (ساتېرا)
غەيۋەتنىڭ بۇ يىللىق سەرخىلىنى ئىلغاپ،
پىتنە ۋە پاساتتىن ھەل بېرىپ، سىرلاپ.
ئۆسەكتىن دۇكاننى توشقۇزدۇم سىغداپ،
خۇشخەۋەر، كېلىڭلار ھەسەت ساتىمەن.

جاھازغا ئوغ بىلەن ...مىش...مىش...تىزىغلىق،
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئېنىق يېزىقلىق.
دۈشمەننى  ئېتىشقا سۇلياۋدىن مىلتىق،
تۆھمىتى بىكارلىق، سوۋغا قاتىمەن.

تارتىنماي تاللاڭلار ئەھۋالغا قاراپ،
كۆرەلمەس كۆڭۈلگە قالىدۇ ياراپ.
نامەرتكە خوشاللىق مەن ئۈچۈن ساۋاب،
خېرىدار كۆپەيسە روناق تاپىمەن.

تەركىبى سۈپەتلىك، ئۈنىمى بەك تېز،
«پاھىشە» بولىدۇ ھايالىق بىر قىز.
تەقۋادار سېسىيدۇ ئاتىلىپ «دىنسىز»،
سەۋەبى: بۆھتاندىن ماركا ئارتىمەن.

مەن ساتقان مال بىلەن قايناق جەمئىيەت،
ئىدارە-ئورگاندا چاپ-چاپتۇر غەيۋەت.
مۇستەسنا بولمايدۇ ھەتتاكى تور بەت،
«مەشھۇر»لار سېسىسا بەكمۇ رازىمەن.

ئالارمەن كۆپىيىپ كەتسە ناۋادا،
تارماقنى كۆپەيىتسەم يېزا-بازاردا.
كېلىشىپ قالىمىز ئېلىپ- ساتاردا،
قېپىغا تاپ پۇرار دەرمەك چاچىمەن.

كېلىڭلار، ماللىرىم قېلىپ قالدى ئاز،
تۈگەيدۇ، ئېھتىمال، كىرىپ قالسا ياز.
ئۆز ئارا چۆكۈرۈپ، كۈچەيسە ئاراز،
يالغاندىن ئاھ ئۇرۇپ.كۈلۈپ ياتىمەن.   

umidwar029 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 11:11:12

مۇشۇ كومپىيۇتىرغا چاقىرمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن كىرىۋالىدىغان، دادىسىنى چاقىرىسا بارلىق ئۇرۇق-تۇغقان، دوسىت بۇرادەرلىرى، ھەتتاكى تونىمايدىغان بىرمۇنچە يۈزى (قېلىنلىقىنى نېمىگە ئوخشاتسام بولا)بىر قانداق دىتاللارغا بەك ئۆچ بولدۇم، تازىلاي دەپ كىرسە تىخى تاپقىلى بولمىغان، تاپسا يۈزىنى بىر نېمىدەك قىلىپ چىققىلى ئۇنىمىغان:@:@:@

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 11:11:49

يېقىندا قايسىمۇ بىر ئۆلكىدە پۇخرالار يانفۇنغا قاچىلانغان كارخانا تەرەپ تەمىنلىگەن ئەپلەرنى ئۆچۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەرز قىپتۇ ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق 95% دىن ئارتۇق ئادەم بۇ ئىشقا قاتتىق نارازى ئىكەن .. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ ئىشنى قانداق ھەل قىلىش توغرۇلۇق ئويلىشىۋېتىپتۇ.  بەيدۇ ۋىروسخورىغا ھەقىقەتەن ھۆ بولدۇم بەيدۇغا چىقسىلا چۈشۈۋالىدىكەن ئۆچۈرۋەتسە يەنە چۈشۈۋالغان،  360 ئەسلىدە لۈكچەك دىتاللارغا قارشى تۇرىمىز دەپ ئوتتۇرغا چىقىپ ئەمدى ئۆزى تېخىمۇ قالتىس لۈكچەككە ئايلاندى .... ئەلۋەتتە بۇ ياخشى تەرەپلىرىمۇ بار  بۇ شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ  ... يا بىر قانۇن چىقىرىپ چەكلىمەيدىكەن ...
بەت: [1]
: مۇنداق نومۇسسىز ئەزالارغا گەپ يوقمۇ؟