munir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 14:23:54

شوپۇرلۇق 3-تۈر ئىمتىھانى توغرىسىدا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرلىك بولسۇن مەقسەتكە كەلسەم مەن قەشقەردىن c1 شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئىلىشقا تىزىملىتىپ 3-تۈر يول ئىمتىھانىغا كەلگەن ئىدىم ئىلگىرى 3-تۈر يول ئىمتىھانىنى  سانتانا ماشىنىدا يىنىغا بىرەيلەن چىقىپ ئاپتىكەن ئەمما 2ئايدىن بىرى 3-تۈر يول ئىمتىھانىنى كومپىيوتىردا ئىلىش يولغا قويۇلۇپتۇ ئوقۇغۇچىلارچەك تارتىپ ئادەم چىقسا سانتانادا كومپىيوتىر چىقسا جوڭخۇا ماشىنىسىدا كومپىيوتىردا بىرىدىكەن يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىرىمى ئادەمدە يىرىمى كومپىيوتىردا ئىمتىھان بىرىدىكەن مەنمۇ چەك تارتىپ كومپىيوتىردا ئىمتىھان بىرىدىغان بولدۇم ئەمدى چەك تارتىپ بولغاندىن كىيىن ئىمتىھانغا قاتناشمىساڭلار ئۆتەلمىگەن بولىسىلەر دەيدۇ ئىلگىرى كومپىيوتىردا ئىمتىھان بەرگەنلەردىن 21 ئادەمدىن 20سى ئۆتەلمەپتىكەن  ھەممەيلەن بەك تەس دىيىشىۋاتىدۇ مۇشۇ 3-تۈر يول ئىمتىھانىنى كومپىيوتىردا بىرىپ باققان دوسلار بولسا ياردەم قىلساڭلار

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 21:06:22

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 23:04:57

كومپىيوتىردا بەرسىىڭىز تەليىڭىز كەپتۇ، ياخشى مەشىق قىلغان بولسىڭىز ئۆتۇپ كىتىسىز،ئەمما سانتانادا بەرسىڭىز ئىش چاتاق ،مەنمۇ سانتانادا بەرگەن لىكىن شۇنداق ياخشى ھەيدىگەن ئىككىمىز ئۆتەلمەي،ناچارھەيدىگەن ئىككىسى ئۆتتى،  قالغىنىنى  ئىمتىھان بەرگەندە كۆرىسىز  

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 06:28:18

كومپيۇتېردا بەرمەك سەل تەسىرەك، ماشىنا ئاپتوماتىك بولۇپ، بىرەر تۈرگە خىلاپلىق قىلسىڭىز نەتىجىڭىز ئاپتوماتىك يوللىنىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ياخشى تەرىپى كومىىيە ئالغاندىكىگە قارىغاندا ئادىل بولىدۇ، يامان تەرىپى كومىسىيەلەر ئانچە دېققەت قىممايدىغان بەزى نەرسىلەرنىمۇ يوللىۋىتىدۇ، مەسىلەن ماتورنىڭ ئايلىنىشى مەلۇم چەكتىن ئېشىپ كېتىش... دېگەندەك. كومىسىيە ئالغاندىكىگە قارىغاندا نىسبەتەن تەسىرەك بولىدۇ، قالغىنى سىزنىڭ ھەيدەش ماھارىتىڭىز ۋە تەلىيىڭىزگە باغلىق.

munir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 10:08:12

UFO114 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-10 23:04 static/image/common/back.gif
كومپىيوتىردا بەرسىىڭىز تەليىڭىز كەپتۇ، ياخشى مەشىق قى ...

دىگىنىڭىزغۇ توغرا بىراق كومپىيوتىردا ئىلىش يىڭى باشلىنىپ سىستىمىلىرى مۇكەممەل بولۇپ بولغۇچە ئۆتەلمەي قۇربانلىق بولۇپ كىتىدىغان ئىش بولۇپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپ قالدىم

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 12:45:14

كىنىشكىدىن بىرنى 1000سومغا ئالسىڭىز شۇ جاپامۇ يوق :lol

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 15:54:09

ئاتۇشتىمۇ شۇ گەپ بولۇپ   ئوقۇتقۇچىمىز بۇ قىتىم ئاخىرقى قىتىملىقى ، كىلەر قىتىم كومپىيۇتىردا يەنى卫星لىق ئالىدۇ تەسلىشىپ كىتىدۇ ، شۇڭا  مۇشۇ قىتىم بىرىۋىلىڭ دىسە ماقۇل دەپ بىرىپتىمەن ، 5 كۈن ئۈگەندىم ، ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن كۈندە ئىككى قىتىمدىن ھەيتىگەن بولسام  ئاران 10 قىتىملا ھەيدىگەندىمەن .  ئۆتەلمىدىم ،  شۇ قىتىم بەك كۆپ بالا ئۆتەلمىدى ، ئۆتكەنلىرىمۇ شۇ  پۇل خەجلىگەنلەر ، ئۈچ مىڭ دىگەن ئاز پۇل ئەمەستە ، بىكاردىن خەقتە شۇنچە كۆپ پۇلنى بەرگەندىن كۆرە  ئۈگىنىپ بىرەي دەپتىمەن، كىلەر قىتىم ئىنتاھان شەكلىنى ئۆزگەرتسە راۋۇرۇس ئۈگۈنۈپ بىرىپ باقىمەن .
ئەمما مۇشۇ پىراۋىنىڭ ئىشى بەك ۋاقىت ئالىدۇ ،  مەكتەپكە بىرىپ مەشىق قىلماي باشقىلارنىڭ يىتەكلىشىدە ئۆزى ئۈگىنىپ بىرىدىغان قىلسا بولمامدىغاندۇ ، قايتا ئىنتاھان پۇلىنىڭ كۆپلىقىچۇ تىخى ، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ 补考费   750 يۈەن

tehram يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 15:55:18

ئالدىنقى كۈنى بىرەيلەن بىلەن مۇشۇ كومپيوتېر بىلەن ئىمتىھان ئېلىش توغرىسىدا سۆز بولغان، ئۇ كىشى ئۈرۈمچىدە تەقلىدىي ئىمتىھان ماشىنسىدىن نەچچىنى قويۇپ دۇكان ئېچىپتىكەن ،  ئۈرۈمچىدە بولغان بولساڭلار شۇ يەردە مەشىق قىلىپ باققان بولساڭلار ، ئەگەردە باشقا شەھەرلەردە شۇنداق دۇكان ئېچىشنى ئويلايدىغانلار بولسا ئىنكاس يازساڭلار ئالاقىلىشىش نومۇرىنى تېپىپ بېرمەن ، قارىغاندا سىياسەتكە توغرا كېلدىغان سودا پۇرسىتى ئوخشايدۇ ، ھەممە تۈرنى ئۆگەنگىلى بولدىكەن ، خېلى يامان ئەمەس

qongmiga يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 16:47:37

ئەسسالامۇئەلەيكۇم. قېرىنداشلار. مەنمۇ چەك تارتىپ كومپىيۇتىر چىقتى. 15-چىسىلا ئېمتاھان دەيدۇ. نەزىرىيەخانىدا چەك تارتقاندا يىڭىدىن قويۇلغان بىر تەقلىدى ماشىنىنى كۆردۈم.(ئويۇنچۇقخانىدىكى يۇمىلاق روللۇق ئويۇندەكلا) ھەممە ئۈسكۈنىلەر تولۇقكەن. كومپىيۇتىر دىگەن شۇمىكى دەپقالدىم. كومپىيۇتىردا ئېمتھان بىرىپ باققانلار بولسا تەجرىبە سۆزلەپ بەرگەن بولساڭلا.
يەنە بىر گەپ؛ ئارقا ئېشىك قىلماقچى بولغانلار ئۆزۇڭلارنى تۇتىۋىلىڭلار. بىرىنچىدىن پارىخورلارنىڭ نەپسىنى يوغانتىۋىتىسىلەر. ئىككىنچىدىن ماڭا ئوخشاش كەمبەغەللەرنىڭ يولىنى توساپ قويىسىلەر(ئاڭلىسام قەستەن ئۆتكۈزمەيدىغان ئىشلار باركەن)مەندە پار بەرگىدەك پۇل بولسىمۇ بەرمەيتىم. ئۈچىنچىدىن ئۈچ مىڭ يۈەن تۆت قىتىملىق قايتا ئېمتاھان پۇلى. ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئېرىشكەن نەرسىنىڭ تەمى باشقىچە بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم ئۆزەمچە.

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 17:35:02

xirhan0999 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 19:13:59

بېغىر ئەپەندىم، ئۈستىدىكىلەر تەقلىدىي مەشىق زالىدا بېرىدىغان ئىمتىھان دەپ قاپتۇ يول ئىمتىھانىنى، نەتىجىنى پەقەت كومپويۇتىر خاتىرلەيدۇ، ئەمەلىيەتتە يول ئىمتىھانى ئەمەلىيەت ئىمتىھانى، خاتا چۈشىنىش بولوپ قالمىسۇن، مەن قارىسام 3-ئىمتىھان 2- ئىمتىھاندەك قېيىن ئەمەس.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 19:15:46

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 15:54 static/image/common/back.gif
ئاتۇشتىمۇ شۇ گەپ بولۇپ   ئوقۇتقۇچىمىز بۇ قىتىم ئاخىرقى  ...

2-كالوننىڭ ئوخشىمامسىلە:lol  مەن 2012تىزىملىتىپ يا توۋلىماي ئىمتاھانغا پۇلۇمنى ياندۇرۋىلىپلا قاراپ ئوتتادىم.

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 19:35:34

مەن 2.تۈرنى مەشىق قىلىۋاتىمەن،ئەمما ئىمتىھامنى بەك تەس دەيدۇ،مەشىقنىغۇ ياخشى قىلىۋاتىمەن.ۋاقتى كەلگەندە كۆرەي،3.تۈرنىڭ كەچلىك ئىمتىھانىنى پۇل بولمىسا قەتتىي ئۆتەممەيسەن دەيدۇ،ياخشى ھەيدىسىمۇ ھەيدەممىدىڭ دەپلا باكا (بۇكو) قىلىۋىتەمىش
مىش مىش مىش دەپ ھېلىتىن كەپىمنى ئۇچاغىلى تۇدى ئالدىنقى قېتىم ئىنتام بېرىپ باققانلا……
ئەڭ ياخشىسى بېشىمغا كەلگەن چاغدا كۆرەي،ئىمتىھان تۈگىگەندە تەسىراتىمنى ۋە ئۇچىرىغان،كۆرگەنلىرىمنى مۇشۇ يەرگە يېزىپ كىيىنكىلەرگە تەجىرىبە ساۋاق سۆزلەپ بېرىمەن:P
ئاڭغىچە باشتىن ئۆتكەنلەر تەجىرىبەڭلەرنى دىگەچ تۇرۇڭلا،2-تۈردە ئەھۋال قانداقراق؟نىمىلەرگە دەقەت قىلىمىزكەن دىگەندەك……

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 20:13:44

Dihkanbay يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 19:35 static/image/common/back.gif
مەن 2.تۈرنى مەشىق قىلىۋاتىمەن،ئەمما ئىمتىھامنى بەك تەس ...

3-تۇرگە چىققاندىن كىيىن 2-تۈرنىڭ نەقەدەر ئوڭايلىقىنى ھىس قىلىسىز {:270:}
  2-تۈرنى كۆپ مەشىق قىلسىڭىز ، ئىنچىگە يەرلىرىگە دىققەت قىلسىڭىز ئۆتۈپ كىتىسىز

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 21:05:29

ئۈرۈمچىدە يول ئىمتىھانىنى كومپيۇتىرلاشقان ماشىنىدا ئېلىش سىناق قىلىنىۋاتىدۇ، ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندا چەك تارتىپ، چەككە چىققان ئوقوغۇچى شۇ ماشىنىدا بېرىدۇ. بۇ ماشىنىدا كومىسىيە بىللە ئولتۇرمايدۇ، پۈتۈن ئىمتىھان جەريانىنى ماشىنا ئاپتوماتىك نازارەت قىلىپ، نەتىجىنى سىستېمىغا يوللايدۇ، مەن مۇشۇ ئىش بولسا كېرەك دەپ ئىنكاس قايتۇرۇپ قويدۇم.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 21:07:05

ماشىنا ھەيدەشكە سەللا پىشقاندىن كېيىن، ئىمتىھان باسقۇچلىرىنىڭ ھەر بىر تۈرى ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئاساسى ماھارەتلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، شۇلاردىنمۇ ئۆتەلمىگەن كىشىنىڭ ماشىنا ھەيدەپ يولغا چىقالىشى ناتايىن، شۇڭا قاقشىماي ياخشى مەشق قىلغۇلۇق

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 21:55:00

مەن شاڭىخەيدە مۇشۇ يازدا  7000 سوم تۈلەپ ھەممىدە بىر يولا  ئۈتۈپ ، چوڭ يولدا ئۇيقسىزلقتىن بىر قتىم بۇ كاۋ بەردىم .... جەمئى 70070كويغا توختاپتۇ  كىنىشكەم ... ئۈچ يېرم ئايدا ئەۋالدىم ... بىزنىڭ ئىمتاھان پۈتۈن كومپىيوتىردا ئېلىندۇ ، ماشنىغا چىقىپ بارماق باسىدىغان گەپ تېخى ...

تولۇقلىما مەزمۇن (2015-1-13 15:41):
بىر تال نۆل جېق تۇردا  ... 7070تى ئەسلى

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 22:09:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-11 22:14  

ئەڭ ياخشىسى قېرىندىشىم:  ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كەتمەي، يۈرەكنى توق تۇتۇپ، مەشقنى كۆپرەك قىلىپ، قورقۇش دېگەندىن نېرىراق تۇرۇپ ئىمتاھاننى بىرىۋېرىڭ. «ھەركىم ھەرنىمە دەيدۇ، بېشىغا كەلمىسە بىلمەيدۇ» دېگەندەك، بۇ يەردە سىزگە ئۇنى- بۇنى دېسەك، بىر- بىرىدىن قورقۇنچلۇق گەپلەر چىقىدۇ-شۇ. ئەگەر مەشقاۋۇلىڭىز شۇ ئىمتاھاننىڭ ئۇجۇر- بۇجۇرىنى بىلسە ھەم «مۇشۇ بويىچە ئۆگەنسەڭ ئۆتەلەيسەن» دېيەلىسە، پىشىگە مەھكەم ئېسىلىپ، ئۆگەتكىنى بويىچە ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن مەشق قىلىڭ. يەنە دېسەم: ئىمتاھاندىن بۇرۇن، ئىمتاھان بېرىۋاتقاندا قەتئىي ھودۇقماڭ.
قورقماسلىق- بەك تەس. لېكىن شۇنى ئۇنتۇپ قالىدىكەنمىزكى: «بۇ ئىمتاھندىن ئۆتەلمىگەنگە ئۆلۈپ قالامدىم مەن؟ ناھايىتى شۇ قايتا ئىمتىھان بېرىمەنغۇ؟....» دىيەلىسەك، جىددىيلىك سەلپەل تۈگەيدىكەن. يوغان ئادەم تۇرۇپ، 8- ئايدا 2- تۈردىن ئىمتاھان بېرىۋېتىپ تىترىگەنلىرىمنى ئويلىسام، ھازىرمۇ ئۆز- ئۆزۈمدىن نومۇس قىلىمەن.

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 12:44:32

شۇپۇرلۇق مەكتەپتە ئۇقۇماي ئىمتاھان بەرسە بۇلىدىغان سىياسەتنى يۇلغا قۇيىمىز دىگەن خەۋەرنى ئۇقۇغانلىق ئېسىمدە بار .ئۆزۈڭلار پىششىق ئۈگۈنۈپ كۈچىڭلارغا تايىنىپ پىراۋا ئىلىڭلار ،مەن پىراۋىغا ئۇقۇۋىتىپ ماشىنا ئېلىۋىلىپ ئۈگۈنۈپ تۇرۇپ بەرسەم قالتىس ئوستا بۇلىمەن دەپ چۇڭ يۇلدا يولۇم تۇغرا بۇلسىمۇ باشقىلار سۇقۇۋىتىپ پىراۋا بۇلمىغاندىكىن يېرىم گۇنانى ماڭا ئارتىپ ماشىنام بىراك بۇلۇپ ئۇمۇمىي زىيان يۈزمىڭدىن ئېشىپ سۇل بىلىكىمدە تۆمۈربا  يۈرۈپتىمەن مانا ساقىيىپ پىراۋىنىمۇ ئىلىپ ھەيدەپ يۈرۈپتىمەن

qongmiga يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 16:45:08

hakaniye يوللىغان ۋاقتى  2015-1-12 12:44 static/image/common/back.gif
شۇپۇرلۇق مەكتەپتە ئۇقۇماي ئىمتاھان بەرسە بۇلىدىغان سى ...

كۆردۇڭلارمۇ؟ پۇلغا يۆلەپ ئۆتسە ئاشۇنداق ئۆز پۇتىمىزغا ئۆزىمىز پالتا چاپغان بىلەن ئوخشاش. ئەڭ ياخشىسى بىرەر قىتىم قالساقمۇ ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ بىرەيلى! ئېمتاھاننى دەريادىن ئۆتۈشكە ئوخشاتساق سۇ ئۈزۈشنى ياخشى ئۆگىنىپ ئۆتسەك كىيىنكى دەريالاردا تەمتىرىمەي ئۆتىمىز، باشقىلارغا پۇل بىرىپ ئۆتىۋالساق كىيىنىكى دەريالاردا چۆكۈپ كىتىشىمىز مۇمكىن.
بەت: [1] 2
: شوپۇرلۇق 3-تۈر ئىمتىھانى توغرىسىدا