waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 20:43:35

تەڭرىتاغ كوماندىسى يەنە 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىنى يەڭدى

  ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛   ئۈرۇمچى ۋاقتى 2015-يىلى1-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ سائەت 00؛6دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئوتتۇزىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى  يىڭى ساھىپخان مەيدانى سانجى تەنتەربىيە سارىيدا ئۇيغۇر باش تىرىنىر ئادىلجان سۇلايمان باش مەشقاۋۇللىقىدىكى 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىنى كۈتىۋالدى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى كوماندىسىدىن جۇچى كوماندىغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ مەيدانغا چىقمىدى، شىرئەلىجان كوماندىدىن ۋاقىتىلىق ئايرىلىپ چىڭدۇدا داۋالىنىۋاتقاچقا مەيدانغا چىقماي دەم ئالدى، تەڭرىتاغ كوماندىسى باشتىن ئاخرى ئۈستۈنلكنى ئىگەللەپ ئاخىرى 109-83 نەتىجە بىلەن رەقىبى 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.  تەڭرىتاغ كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەغلۇپ بۇلۇش ھالىتىگە خاتىمە بەردى. تەڭرىتاغ كوماندىسى ئالدىنقى قىتىملىق ئۇچۇرشىشتا مىھمان مەيدانىدا 84-69 نەتىجە بىلەن 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان ئىدى.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ 31 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سىباستئان تېلفىر  9 نومۇر،  2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لىيۇۋىي 16 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛   قىرانبېك ماقان 12 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ساۋفىي 11 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ يۈچاڭدۇڭ 8 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  سۇۋىي  6 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇشۇنەن 6 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  تاڭ جىڭدۇڭ  4 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ .
1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىدىن پەخىرلىك ئوغلانىمىز ئارسلان ئادىلجان 7 نومۇر،  1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.  
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە  2015-يىلى1-ئاينىڭ 11-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى داۋاملىق يىڭى ساھىپخان مەيدانى  سانجى تەنتەربىيە سارىيدا  جېجىياڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 09:58:10

شىر كۆرۈنمەيدىغۇ ؟ خەۋەر بېرىۋېتىڭە.

ئارىسلاننى ئەڭ ئاخىرقى ئەھمىيەتسىز ۋاقىتتا ئاندىن مەيدانغا چۈشۈردى. جازا توپنى ياخشى تاشلىدى، ئۆزى بۆسۈپ كېرىشكە تېرىشىۋاتىدۇ، ھەرھالدا يامان ئەمەس.
بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى يەنە 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىنى يەڭدى