aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 18:53:04

كىچىك يۈرەك

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aypalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-9 19:11  

كىچىك يۈرەك


1

قېچىش ئىدى ئۇنىڭ تۇنجى غايىسى،
ئۆيىدىن، يۇرتىدىن يىراق يەرلەرگە.
قۇتۇلسا نومۇستىن، سىقىلىشلاردىن،
چۆمۈلمىسە قارا-قارا تەرلەرگە.

كىچىك بىر مەھەللە، ئۇزۇن بىر ئۆستەڭ،
يۇلغۇنلۇق كەينىدە قەبرىسىز مازار.
دەل-دەرەخ، ھايۋانلار، قۇشلاردىن باشقا،
ھەممىسى ئۇنىڭغا بېرەتتى ئازار.

سېپىلدەك تېمى بار يوغان، كەڭ ھويلا،
يۈز يىللىق غايەت زور ئۈجمە دەرىخى.
كېپىنەك، ھەرىلەر يايرىغان گۈللۈك،
ئۇنىڭ بۇ دەردىدىن خەۋەرسىز تېخى.

مۆشۈككە شۇنچىلىك ئامراق ئىدى ئۇ،
ئىللىقلىق ئىستەيتتى كىچىك بىر يۈرەك.
ئادەملەر شۇ قەدەر سوغۇق ۋە قوپال،
ئىلتىپات قىلمايتتى ئازاردىن بۆلەك.

ئىللىقلىق ئىستەيتتى كىچىك بىر يۈرەك،
كۆزلەردىن تۆكۈلەر مۇڭلۇق بىر تىلەك.
توغراقلىق، جىگدىلىك، سۆگەتلىكلەردىن،
ئىزدەيتتى ئۆزىگە بىر ئىگە-يۆلەك.

پۇتىغا نەچچە رەت تىكەنلەر كىردى،
بارماقلار يېنىشلاپ پەشۋامۇ يېدى.
قوي باققاچ جاڭگالدا ئۇخلاپ قالغاندا،
كىملەرگە كىم قويغان ئامانەت ئىدى؟

تۇغۇلۇش، چوڭ بولۇش ئىلكىدە ئەمەس،
ئۆمىلەر، تىلى چىقار، ماڭار بىر كۈنى.
بىلەرمۇ گۈپۈلدەپ سوققان يۈرىكى،
بالىلىق ئىگىسىنىڭ ئۇزۇن بىر تۈنى؟

تۇغۇلغان بەلكىم ئۇ قارا بىر قىشتا،
سوغۇقنىڭ دەردى خۇددى ئاز كەلگەندەك.
ۋاز كېچىش ئەسلىدە بەك تەس بىر قارار،
ياخشى بىر باھانە چىقتى بىلگەندەك.

قىشىچە ياغقان قار ئېرىپ تۈگىدى،
ئۆيلەرنى قاپلىدى نەم توپا ھېدى.
ھاياتقا ئەلەملىك باقار بىر ئايال،
پەرزەنتسىز ئائىلە كېسەر تىلىنى.

تالاي ئەسىر كەزدى قانچە بەدەندە،
ئىسسىق-سوغۇق نېمە كۈنلەر كۆرمىدى.
توشۇپ ئەمدى ئۇنىڭ ۋاقتى سائىتى،
سۇدا ئاقتى، ئوتتا لېكىن كۆيمىدى.

توغراقلار شۇ كۈنى جىق پىچىرلاشتى،
ئەتراپقا پۇر كەتتى يېپيېڭى بىر سىر.
دىللارغا، تىللارغا سىغماي ئاخىرى،
تامدى شۇ يۈرەككە بولۇپ بىر داغ-كىر.

ئۆستەڭدە سۇ ئاقتى شۇنچە ئۇزۇن يىل،
تۈگمەن تېشى چۆرگىلىدى ساناقسىز.
چوڭ قۇملۇق يېقىنلاشتى خېلىلا،
ئەمدى بىرى ئوينىماقچى ئاياقسىز.

ئۆتتى ئارىدىن ئۇزۇن بىر جەريان،
تۇغۇلۇش...قىرق كۈن... ئۆمىلەش...مېڭىش...
پادىچى بولۇپ كىردى بۇ ئۆيگە،
مۈمكىن ئىكەن تاشنى تاياققا تېڭىش...

ئىللىقلىق ئىستەيتتى بىر كىچىك يۈرەك،
تۇترۇق بولدى، بىر مورىدىن ئىس چىقتى.
تۈگمەنبېشى بەكمۇ خىلۋەت مەھەللە،
ھەر ئاخشىمى مازار كۆلدە نوكچا يېنىقتى.

مازار كۆلى بويىدا يوغان بىر سېدە،
چوڭ يولدىن ئۆتكەنلەر توختاپ ئۆتەتتى.
بۇ كۆلنىڭ كاچكۇلى ھەر يىلى قىشتا،
بىر كىچىك بالىنى يۇتۇپ كېتەتتى.

بۇ كۆلدىن توشۇدى تالاي ئەپكەش سۇ،
يېڭنىدىن قارماق ياساپ بېلىق تۇتتى ئۇ.
تۇغۇلۇش باشقا گەپ، چوڭ بولۇش باشقا،
گەپ باشقا، ئىش باشقا ھايات دېگەن شۇ.

قۇنەش دەپ بىر بوۋاي كېلەتتى دائىم،
يۈزلىگەن، مىڭلىغان يىڭنىنى ئېلىپ.
چاپاننىڭ ئەستىرى يىڭنە ئورمىنى،
ھەر ئۆيگە كېرەتتى ئايدا بىر كېلىپ.

ئۇ بوۋاينىڭ قۇلاقچىسى بىر ئالەم ئىدى،
چۈنكى ھېچكىم ئۇ كىيگەندەك كىيمەيتتى.
كېلىپلا مەھەللىگە ئۇنى ئىزلەيتتى،
پۇرايتتى، سۆيەتتى، ئۈنسىز يىغلايتتى.

ئىللىقلىق ئىستەيتتى بىر كىچىك يۈرەك،
كۆزلىرى يىغلاشقا ئاران تۇراتتى.
يۈرىكى تاش بولۇپ قاتقان بولسىمۇ،
يېرىلىڭ تېشىم دەپ ئاھلار ئۇراتتى.


2

كۆزىنى تۇنجى رەت ئاچقان چېغىدا،
كىمنى ۋە نېمىنى كۆرگەن بولغىيتتى؟
ئېھتىمال بەك قاتتىق ئۈمىتسىزلەندى،
لېكىن ئۇ ئەمدى بەك كېچىككەن ئىدى.

قار ياغسا كىشىلەر ھەيران قالمايدۇ،
يامغۇردىن ھېچكىشى خۇش بولمىغاندەك.
بۇ يۇرتتا ھاياجان ئۆلگىلى نەكەم،
تۇغۇلار بوۋاقلار تۇغۇلمىغاندەك.

تۇنجى رەت ئىشىتتى كىمنىڭ گېپىنى،
تۇنجى رەت كىم ئۇنىڭ مەڭزىگە سۆيدى؟
قانداقراق بىر ئىنسان ئېغىزلاندۇردى،
كىم زادى يۈرەكتىن، ئىچىدىن كۆيدى؟

كەلگەندە رەھىمسىز ئايرىلىش پەيتى،
چىڭقىلىپ، چىڭقىلىپ يىغلاپ كەتتىمۇ؟
ھاياتنىڭ بۇ تۇنجى قاتتىق زەربىسى،
سۆڭەكتىن يىلىككە بېرىپ يەتتىمۇ؟

قانچە رەت چۈشىدە يەتتى مۇراتقا،
ئانىسى ئەللەي ئوقۇپ ھەم ئېمىتىپ.
چۈشتەكلا ئۇنتۇلۇپ كەتتى ھەممە ئىش،
قالدى سۇنۇق كۆڭۈل زەھەر تېمىتىپ...

كۈن تۇغدى ھەر كۈنى بۇرۇنقىدەكلا،
ھاياتمۇ بىرلا خىلدا داۋام قىلدى.
بىر چاغلار سىر بولۇپ پىچىرلانغان سۆز،
ئەسلەرگە قايتىدىن مىق بوپ قېقىلدى.

ھاياتنىڭ دەردى بەزەن ئۆتەر جاندىن،
ئەتىياز سوغۇقى جاندىن ئۆتكەندەك.
بىر باھانە لازىم زەھەر تىقىشقا،
بۇ ئىش بولدى خۇددى ئۇلار كۈتكەندەك...

بۇ مەھەللە كىچىك ھەمدە بەك خىلۋەت،
كېچە ئۇزۇن، تاڭ بەك تەستە ئاتاتتى.
دەرت تۆكۈپ چىقاتتى بىر كىچىك يۈرەك،
بىر مۈشۈك بۇلارنى ئاڭلاپ ياتاتتى.

ئىللىقلىق ئىستەيتتى بىر كىچىك يۈرەك،
مۇزلىغان ۋۇجۇتتىن تۆكۈلەر تىترەك.
ئىنسانلار بەك سوغۇق، ھاياتمۇ مۇدھىش،
ئەي بوۋاق چوڭ بولغىن، چوڭ بولغىن تېزرەك.

سەن ھازىر بەك كىچىك سۇئال سوراشقا،
سەن ھېچكىم سەزمىگەن ئەڭ توغرا جاۋاب.
كۆزۈڭگە پېتىنىپ قارالماس ھېچكىم،
سەن چۈنكى ھېچكىمگە باقمىغان  ياراپ.

ئۆستەڭنىڭ بويىدا بىر تۈپ چوڭ سۆگەت،
ھەر باھار چىقىرار ساناقسىز نوتا.
نەي ياساپ دەردىنى پۈۋلىگەن بالا،
كۈي بىلەن دەردىدىن بولماقچى جۇدا.

زاراڭزا چېچىكى ئەجەپ چىرايلىق،
ئەڭ ئامراق مېۋىسىدۇر كوس-كوس چىلان.
يىغىدەك ئاسانتى تەسەللىسىمۇ،
بىر گەپتۇر ھاياتىنى قارا قىلغان.

كۆڭلىگە كەلمەستى ماختالمىسا گەر،
ئازاردىن قۇتۇلۇپ باقمىدى زىنھار.
كېچىسى تۇڭلۈكتىن مارىغان ئايغا،
ھالىنى تۆكەتتى، يىغلايتتى زار-زار.
ئىللىقلىق ئىستەيتتى بىر كىچىك يۈرەك،
مامكاپلار ئېچىلار تىلەكلەر تىلەپ.

3

ئەڭ يورۇق دەرىزە، ئەڭ ئىسسىق ئۆيدە،
بەختنىڭ پەيزىنى سۈرەر بىر ئازاب.
ئوخشىغان چۆچۈرە، مەزىلىك پىننە،
تۇنجى رەت تېتىغان شۇ ئاچچىق شاراپ.

كۆينەكچان ئولتۇرار مەشنىڭ يېندا،
مۈشۈككە ھەۋىسى، مەستلىكى كېلىپ.
بولماقچى چوڭ بولسا بەك مەشھۇر شەخس،
ئۇنتۇلۇپ كېتىشتىن بەك قورقۇپ كېتىپ.

ئەللىك يىل يېتەتتى ئۆلگەندىن كېيىن،
تىللاردا، دىللاردا ياد ئېتىلىشكە.
مىس ھەيكەل يا مۇزىي كېرەك ئەمەستى،
مۇكاپات تەيياردۇر ئېرىشىلىشكە.

ئۇ بەلكىم ئۈمىد بوپ تۇغۇلغان بالا،
تەسەللى بولۇشقا تۆلىدى بەدەل.
ئۇ ئەمدى ئىسمىدەك چاقناپ باقماقچى،
غايىگە ۋەدىدەك قىلىپ چىڭ ئەمەل.

قېقىلىپ، سوقۇلۇپ ئۆتتى ئۇزۇن يىل،
ئۆزگەردى جىق نەرسە، ئۆزگەردى دۇنيا.
تېخىچە ئەندىكىپ سوقار ئۇ يۈرەك،
يالغۇزلۇق بىردىنبىر رېئاللىق گويا.

ئىللىقلىق ئىزلىگەن كۆزلىرى تالدى،
سۆيگۈ دەپ يۈرىكى ھەسرەتتە قالدى.
ئاراملىق ئىزدىدى، يىراققا قاچتى،
دەردىنى گۇناھتىن، ئازابتىن ئالدى.

بىردىنلا مەنىسىز تۇيۇلدى ھايات،
مەنىلىك ياشاشنى نىيەت قىلغاندا.
بېتونغا ئايلىنار مېھرى ئىسسىق قىز،
ئەقىل كېلىپ يۈرىكىنى تىلغاندا.

توپا يولدا چۈشۈپ قالدى خۇشاللىق،
لاي سۇلاردا ئېقىپ كەتتى مۇھەببەت.
ئۆسۈمدەك كۈنسېرى ئېشىپ باردى غەم،
يۈرەكنى سەگىتتى سەبىر ۋە تاقەت.
ئىللىقلىق ئىستەيتتى بىر كىچىك يۈرەك،
يۈرەك بىر قانخوردۇر، مېھىر نە كېرەك.

4

ئۆگزىسى بېدىگە لىق تولغان بىر ئۆي،
يازلىرى كۈن چۈشمەس باراڭلىق ھويلا.
باغ ئىچى گۈپپىدە قىزىلگۈل ھېدى،
ئەڭ بالدۇر سارغىيار بۇ باغدا غورا.

ئەڭ بالدۇر پىشىدۇ غورا سالغان ئاش،
ئەڭ بالدۇر چېكىلەر مەرۋايىت ئۈزۈم.
ئەڭ بالدۇر چىللايدۇ بۇ يەردە خوراز،
ياخشىلىق بۇ ئۆيدە بىردىنبىر تۈزۈم.

قاپقارا كۆمۈردەك مورىنىڭ ئىچى،
تام –تورۇس ئىس تارتىپ قارىيىپ كەتكەن.
ئوچاقنىڭ بېشىدا ئاقكۆڭۈل موماي،
مېھرىنى خۇرۇچ قىپ غىزالار ئەتكەن.

قوزۇقتا ئېسىقلىق چۇۋۇلغان سەللە،
ئەڭ ئېگىز تاكچىدا قېلىن بىر كىتاب.
ئىۋرىقنىڭ جوغىسى پۇچۇلۇپ كەتكەن،
ھەممىسى گوياكى ئۈنسىز بىر خىتاب.

توپىدىن لاي ئېتىپ قۇيۇلغان كېسەك،
لاي سۇۋاق، لاي سۇپا، لاي سالغان ئۆگزە.
قۇم-قازان ۋە چۆگۈن، ساپال تاۋاقلار،
چاڭ-توزاڭ كۆرىنەر كۈن چۈشسە ئۆيگە.

بۇ ئۆيدە جىق ئىشقا يامان بولىدۇ،
ياخشىلىق دۇنيانى تۇتۇپ تۇرىدۇ.
ھەر ئىشتا بار مۇتلەق سەۋەب-نەتىجە،
يەر يۇتار، سۇ بوغار، خۇدا ئۇرىدۇ.

ئايۋانغا قۇرۇلغان يەتتە كۆزلۈك كات،
ئۈستىگە يېپىلغان ئوت بوياق پالاز.
تۆتىنچى كۆزىدە يوغان ھەمەكلەر،
يېنىدا قاتلانغان كەڭرى جەيناماز.

تۈڭلۈككە يېپىلار يالتىراق ياپقۇچ،
ئىشىكتە ھەمىشە بىر ئورۇس قۇلۇپ.
ئاچقۇچى بىر تەشتەك گۈلنىڭ ئاستىدا،
چايداننىڭ ئاغزىغا قاپلىنار تۇرۇپ.

شورلىرى قىرىلغان ئوچاق سامسىسى،
داستىخان سېلىنغان ئۈجمە سايىسى.
چۆمۈلە، قۇشقاچلار ئالار رىسقىنى،
ئايەت ئوقۇر قارلىغاچنىڭ بالىسى.

قارلىغاچ ھەر يىلى بۇ ئۆيگە كېلەر،
يىلان يىلى تۇغۇلمىغاچ ھېچكىشى.
قارلىغاچ ئۇۋىسى بىر چوڭ خۇشخەۋەر،
بوۋاينىڭ قۇرۇماس كۆزىدىن يېشى.

سارغىيىپ ھەم تولۇپ پىشىدۇ ئەنجۈر،
ئۇ ئەنجۈر شېخىدا ئولتۇرار يالغۇز.
يىقىلىپ چۈشكەندە مۈگىدەپ قېلىپ،
مىجىلىپ كەتكەنتى نەچچە تال قوڭغۇز.

ئۇ بىلمەس ئەنجۈرنىڭ ھېكايىسىنى،
ئېسىدە قالغىنى پەقەت شىرىن تەم.
كاچاتلاپ ئۇرۇشقا بارمايدۇ قولى،
شىرىن تەم كۆڭلىدە قوزغايتتى بىر غەم.

ئۈسسىگەك كالىنىڭ غەزەپلىك كۆزى،
زەيكەشتە ئاققان شۇ ئوغىدەك سۇلار.
ئېڭىزلىق، جىگدىلىك، يانتاق تىكەنلەر،
بىر كىچىك ھاياتقا رەڭ بوپ قوشۇلار.

نۇرغۇن ئىش ئېسىدە قالماس ئەلۋەتتە،
كىم تاپتى، كىم تۇغدى ۋە كىملەر باقتى؟
ئاغزىغا كەپلەنگەن شۇ يوغان تۇخۇم،
ئۇنىڭغا ئاتالغان تۇنجى قوشاقتى:

"كىچىكىمدە ئوينايتتىم،
چىلان كۆتىكى كولايتتىم.
چوچىقىمنى دىڭ قوپۇرۇپ،
قىز بالىلارنى قوغلايتتىم."

"موزاينىڭ قېچىشى سامانلىققىچە"،
ساقاللىق سۈننەتچى قومۇشتا قىستى.
پاختىنى كۆيدۈرۈپ توختاتتى قاننى،
ئوچاققا كۆمۈلگەن تۇخۇممۇ پىشتى.
ئىللىقلىق ئىستەيتتى بىر كىچىك يۈرەك،
قىپقىزىل بىر چوغدىن سېلىندى شۈمەك.

5

تۇغۇلۇش نومۇسلۇق ئىش ئەمەس ئەسلا،
ياشاشتىن لېكىن ئۇ قىپكەلدى  نومۇس.
قېچىشقا باشلىدى توختىماستىن ھېچ،
بىر ماكان ئىزدەيتتى يېڭى، ناتونۇش.

ئۈجمىنىڭ شېخىدا ئۇخلىغان كېچە،
قۇش بولۇپ قېلىشنى ئىستىدى قەۋەت.
ۋە ھەتتا ئويلىدى ئۆلۈپ قېلىشنى،
يۈز-كۆزى نەملەندى تۆكۈلۈپ ھەسرەت.

قەھرىتان سوغۇقتا ئوچۇق دالىدا،
تۈنىدى بىر كېچە مۇزلىدى يۈرەك.
بىر ئۆمۈر ساقايماس ئۈششۈك يارىسى،
ھېچكىمنىڭ بۇ ئىشقا پەرۋايى پەلەك.

توغراقلىق ئىچىدە يېتىپ قالغاندا،
تېنىدىن دەھشەترەك ئاغرىغان يۈرەك.
تۆمۈر چىۋىق زەردە بىلەن تەگكەندە،
شاھىدى بولغانتى شۇ قاپاقتېرەك.
ئىللىقلىق ئىستەيتتى بىر كىچىك يۈرەك،
يول يوقتى ئالدىدا قېچىشتىن بۆلەك.

كىشىلەر سۆزلەيدۇ، سۆزلەيدۇ تىنماي،
ئاغزىدىن شۆلگەيدەك زەھەر ئېقىتىپ.
تېپىلماس ھېچكىمدىن بىر گىرام سۆيگۈ،
قۇتۇلۇش مۈمكىنمۇ قۇلاقنى ئېتىپ.

ئۆگزىدە قۇرىدى ئۈجمىنىڭ قېقى،
قۇرىدى ئەڭ يوغان، سايىلىك شېخى.
بۇ ئۈجمە ئىچىگە سىغدۇرغان سىرنى،
دۇنيادا ھېچكىشى بىلمەيدۇ تېخى.

ئۆمرىدە قانچە رەت پىشىپ تۆكۈلدى،
كىملەرگە ئېچىنىپ، كىمگە ئۆكۈندى.
قەدىم جاي ئاخىرى تاشلىنىپ كەتتى،
ئەسلىمىلەر قىبلە تامان يۈكۈندى.

توغراقلار يوق بولدى، ئۆستەڭ قۇرىدى،
مەھەللە تۈزلىنىپ كەڭ ئېتىز بولدى.
قىرلاردا ئېچىلار ھەر يىلى مامكاپ،
كەچمىشنىڭ كۆزىگە يەنە ياش تولدى.
ئىللىقلىق ئىستىگەن ئۇ كىچىك يۈرەك،
ئىللىقلىق ئىستىگەن چوڭ يۈرەك بولدى...


2003- يىلى ئاپرېل، ئۈرۈمچى

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 16:09:10

ھەجەپ يېزىپسىز بۇ داستاننى. « تۈگمەن بېشى » دىكى ھېلىقى ھويلا كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۈجمە، شاتۇت، ئەنجۈر، تال باراڭ ئاستىدىكى يوغان كات.( كارۋات) داستانلىرىڭىزدىن  تونۇش بىر مەنزىرىنى كۆردۈم. ھەجەپ يېزىپتىكەنسىز. ئىلھام دېگەنمۇ قايناپ تېشىپتىكەن. مېنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىمنى تەسۋىرلىگەندەكلا تۇيغۇ بەردى.
بەت: [1]
: كىچىك يۈرەك