saparcn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 16:42:32

كىملىك يۈتۈپ كەتسە ئايروپىلانغا قانداق چىقىش كېرەك؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saparcn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-9 16:54  

كىملىك يۈتۈپ كەتكەن يولۇچى ئەگەر ۋاقتىدا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا بېرىپ ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولسا، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئايروپىلانغا چىقالايدۇ.
كونكرېت رەسمىيەت بېجىرىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: رەسمىيەت بېجىرمەكچى بولغان كىشىنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىغا بېرىپ كىملىك يۈتۈپ كەتكەنلىك ئىسپاتنامىسىنى يازغۇزىمىز، ئاندىن ئۈستىگە بىر پارچە يالاڭ باش چۈشكەن رەسىمنى چاپلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ تامغىسىنى باستۇرىمىز؛ ياكى بولمىسا كىملىك تارقاتقان جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىغا بېرىپ كىملىك يۈتۈپ كەتكەنلىك ئىسپاتنامىسىنى بېجىرىمىز، ئىسپاتنامە مەزمۇنى يۇقىرىدىكى مەزمۇن بىلەن ئوخشاش.
ئىككىنچى، يولۇچى خادىم ئۆزىنىڭ نوپۇس كىنىشكىسى ۋە باشقا شۇ كىشىنىڭ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان كۈچكە ئىگە كىنىشكىسى، بىر پارچە يېقىندا چۈشكەن يالاڭ باش رەسىم، ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى چىقارغان تونۇشتۇرۇش خېتىنى ئېلىپ خەلق ئاۋىئاتسىيىسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى (ئايرودورۇم ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا دىجورنى ئۆيى بار) غا بېرىپ، ۋاقىتلىق ئايروپىلانغا چىقىش كارتوچكىسى ئىسپاتنامىسى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەگەر سىرتتا ساياھەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان كۈچكە ئىگە كىنىشكىلەرنى يېنىدا ئېلىۋالمىغان بولسا، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇندىن خەلق ئاۋىئاتسىيىسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىغا فاكس ئارقىلىق كۈچكە ئىگە بولغان كىنىشكىلەرنى يوللاپ بەرسە بولىدۇ.

مەنبە :http://www.sapar.cn/?a=airinfoview&id=33

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 19:25:54

ئەسسالام ئەلەيكۇم  مەن سىز دىن بىر ئىشنى سورماقچتىم ياردەم قىلغان بولسڭز
مەسلەن مەن ئاقسۇدىن -ئۈرۇمچىگە باردىغان بىر بىلەتنى كۆردۇم  بىلەت باھاسې 400خەلق پۇلكەن، بۇ 400يۇەننڭ ئىچىدە يېقۇلغۇ پۇلى ھەم ئايرىدروم قۇرلۇش پۇلى بارمۇ ياكى بىلەتنى ئالدغاندا 50يۇەندىن 30يۇەندىن قۇشلۇپ بىلەت قولغا 480يۇەن بوپ تىگەمدۇ؟

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 19:33:27

كىملىك بىجىرىش ئۈچۈن ئايرۇپىلان بىلەن نوپۇس بار يەرگە بارماقچى بولساقچۇ .

nur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 19:40:45

ئالدىنقى قىتىم دوستۇمنىڭ كىملىكى ئايرۇپىلان ئۇچۇشقا ئۈچ سائەت ۋاقىت قالغاندا تاكسى ماشىنىدا ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ.بىز پورتىمالنىڭ ماشىنىدا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال شۇ يەردىكى(گۇاڭجۇ شەھىرى) 110 غا تىلىفۇن قىلىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدۇق ۋە بىز چۈشكۈن قىلغان مىھمانخانا باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ساقچىخانىغا بىرىپ  ئەھۋال ئىنكاس قىلساق ئۇلار دەرھال كىملىكنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى توغۇرلۇق بىر ئىسپات چىقىرىپ بەردى.شۇ ئىسپاتنى كۆتۈرۈپ 15 كۈنگىچە ئايرۇپىلانغا كىملىك يوق ھالدا ئەركىن-ئازادە چىقىپ يۈرىۋەردۇق.لىكىن بۇ قەغەز قەشقەر شەھىرىگە كەلگەندە ھىچنىمىگە ئاقمىدى..:lol:lol

saparcn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 20:16:47

ozyurt يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 19:25 static/image/common/back.gif
ئەسسالام ئەلەيكۇم  مەن سىز دىن بىر ئىشنى سورماقچتىم يا ...

ئايدىروم قۇرلۇش پۇلى ۋە ماي پۇلى  بۇلار قوشۇمچە ھەق ھىسابلىندۇ ، شۇڭا تەكشۈرگەندە بىلەت باھاسىنىلا كۆرسىتىدۇ ، دىمەك 400 يۈەن بىلەت باھاسى ،   80 يۈەن قوشۇمچە ھەق ، جەمئىي 480 يۈەن ،
يېقىندا ماي پۇلى چۈشتى ئەمما شۇنىڭغا ماس ھالدا بىلەت باھاسىمۇ بىر قەدەر ئۆرلەپ قالدى . ھەم ھازىر ئوقۇغۇچى باللار قايتىدىغان ، چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلانغان ، قىشلق ساياھەتمۇ ئەۋجىگە چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا ، شۇڭا بىلەت باھاسى يېقىندا بىر ئۆرلەپ چاغانغا ئاز قالغاندا يەنە تۇراقلىشىشى مۇمكىن ، يەنى دەل چاغان كۈنى ئالسىڭىز بەلكىم بەكلا ئەرزان چىقىشى مۇمكىن ، ئۆتكەن يىلىمۇ شۇنداقراق ئەھۋال بولغان .

saparcn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 20:22:13

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 19:33 static/image/common/back.gif
كىملىك بىجىرىش ئۈچۈن ئايرۇپىلان بىلەن نوپۇس بار يەرگە  ...

ئەگەر سىزدە سىزنىڭ سالاھيىتىڭىزنى ئسپاتلايدىغان ھېچقانداق نەرسە بولمىسا ئۈ ۋاقىتتا تەس بوپ قالىدۇ

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 11:32:17

ئادەتتە كىملىك نۇمۇرىنى كىرگۈزسىلا شەخىسنىڭ كىملىكىدە بار بولغان ئۇچۇرىدىن كۆپرەك ئۇچۇرىنى چىقىرىپ بېرەلەيدىكەن . شۇنىڭغا قاراپ كىملىك ئېلىپ ماڭمىسىما  بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمە ...

saparcn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 11:39:16

memetawaq يوللىغان ۋاقتى  2015-1-10 11:32 static/image/common/back.gif
ئادەتتە كىملىك نۇمۇرىنى كىرگۈزسىلا شەخىسنىڭ كىملىكىد ...

بەزى ئايدىروملاردا كىملىكىڭىز بولمىسمۇ ئايدىرومنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنگا كىرىپلا كىملىك نومۇرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز سېلىشتۇرۇپ ۋاقىتلىك ئىسپات چىقىرىپ ئايروپىلانغا چىقىشڭىزغا يول كۆرسىتىدىكەن ، ئەمما كۆپىنچە يەرلەردە يۇقىردا ئېيتىلغاندەك تەرتىپ بويىچە ئىش كۆردىكەن

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 13:31:33

ئالدىنقى قېتى مەن شاڭخەيدىن ئاقسۇغا قايتقاندا  كىملكىم يوقتى ... نۇپۇسۇم ئۆيدىتى ... تەلىيىمگە پىراۋام بارتى شۇنى كۈترەپ بارسام خوڭچىياۋ ئايرىدىروملۇق ساقچىخانىدىن ۋاقتلىق ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش كىنىشكىسى چىقىرىپ بەرگەن ... بىكاغا  ... يېرىم سائەتتە قىپ بەرگەن ... ئاۋال ئايدىروم، ياكى  ۋوگزالدىن سوراڭلا  شۇلارنىڭ مەخسۇس شۇنداق ئىشنى قىلدىغان پەيچۇسوسى يە بىر كىچىك ئىشخانىسى بۇلدۇ ... ئىشقىلىپ ، رەسمىڭلار بار بولغان ، مەمىلكەتتە ئىتراپ قىلدىغان ھەر  خىل كىنىشكە بولسا ئەڭ قۇلايلىق بىجرەلەيسىزلەر

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 13:44:34

ماي پۇلىنى يولۇچىدىن ئالىدىغان غەلىتە ئۇلاغكەن بۇ:lol
بەت: [1]
: كىملىك يۈتۈپ كەتسە ئايروپىلانغا قانداق چىقىش كېرەك؟