ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى 09-01
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-9 16:04ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1195.4 دوللار ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1210.7 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1167.77 دوللا ر بازار يېپىلىش باھاسى 1188.64 دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 92.36 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1211 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات بازار ھالىتىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتمىگەن ، كەچتە ئېلان قىلغان ئامېرىكا ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى 4000 ئادەم كېمەيگەن بولۇپ ، ئومۇمىي سانى 294000 ئادەمگە يەتكەن ، ياخشى بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى دوللارنىڭ ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈردى ، شۇنىڭ بىلەن ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىنىڭ ئۆسۈشىنى پەيدا قىلدى .
ئالتۇن كۈمۈش بازىرى-- تۈنۈگۈن بازار ھالىتى ئاۋۋال چۈشۈپ 1204 دوللار غىچە بولۇپ ، ئامېرىكا بازار ۋاقتىدا يۇقىرى ئۆرلەپ ئاخىرقى باھا 1215 دوللار بولدى . پۈتۈن كۈنلىك تەۋرىنىش دائىرىسى 10 دوللار ئەتراپىدا بولغان ، كۈمۈش باھاسى 16.65 دوللاردىكى نۇقتىنى كۆرسىتىپ ، كۈمۈش بەلگىلىك چۈشۈش تىرەش كۈچىگە ئۇچرىدى .
تۈنۈگۈن خەلقئارا ئالتۇن باھاسى يەنە چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسەتتى ، ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە دوللار ۋە پاي چېكى بازىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى سەۋەب بولدى . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئاۋسترالىيىنىڭ پەسىللىك تەڭشەشتىن كېيىنكى پارچە سېتىش مەلۇماتى ، جۇڭگو 12 - ئايلىق پۇل پاخاللىشىش سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلار ، ئەگەر جۇڭگو پۇل پاخاللىقى ئاجىزلاشسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىشى مۇمكىن . . ياۋروپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيە ۋە فرانسىيىنىڭ سودا ھېسابات سانلىق مەلۇماتى . ئەنگلىيە سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش ۋە تاۋار سودا ھېساباتى ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات ياخشى بولسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا قىسقا مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا دوللار كۆرسەتكۈچ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1207-1211 دوللار ئارلىقىدا تەۋرەندى ، ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى سۇس بولدى . ئاسىيا بازىرىنىڭ 4 سائەتلىك سىزىقى تەۋرەنمە تەۋرىنىش ھالىتىدە بۇلۇپ چۈشلۈك ئاسىيا ياۋرۇپا بازىرىدا 1205-1215 دوللار ئارلىقىدا تەۋرىنىدۇ .
2. ئامىرىكىنىڭ غەيرى يىزا ئىگىلىك قىممتى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن سودا بازىرىدا چوڭ تەۋرىنىش بولمايدۇ ، نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسى يۇقىرى تەرەپتىن 1229-1230 دوللاردىكى توسالغۇ بىسمغا ئۇچىراپدۇ ، تۆۋەن تەرەپتىن 1200-1298 دوللاردىكى تىرەش بىسىمىغا ئۇچىرايدۇ .
3. پەيشەمبە كۈنى كەچتە ئامېرىكىنىڭ دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقرى باھاغا ئۆرلەپ مۇسبەت سىزىق بىلەن بازار يىپىلدى ، بۈگۈن كۈندۈزدە يۇقىرى باھادا تەۋرەنمە تەۋرىنىش ئىلىپ باردى ، ئالدىقى ھەپتىدە مەن دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ھەرۋاقىت چۈشۈش ئىھتىماللىقى بار دىگەن ئىدىم ، شۇڭا كەچتە ئالتۇن باھاسى ئاۋال ئۆرلەپ ئاندىن چۈشۈش ئىھتىماللىقى بار .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1229 1215
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1190 1200
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1193-1230
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1190
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1230
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 92.30 ئەتراپىدا ئايلاندى ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1210 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى . خەلقئارا كۈمۈش باھاسى 16.37 دوللار بولغان . تۈنۈگۈن خەلقئارا ئالتۇن باھاسى يەنە چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسەتتى ، ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە دوللار ۋە پاي چېكى بازىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى سەۋەب بولدى . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئاۋسترالىيىنىڭ پەسىللىك تەڭشەشتىن كېيىنكى پارچە سېتىش مەلۇماتى ، جۇڭگو 12 - ئايلىق پۇل پاخاللىشىش سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلار ، ئەگەر جۇڭگو پۇل پاخاللىقى ئاجىزلاشسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىشى مۇمكىن .ياۋروپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيە ۋە فرانسىيىنىڭ سودا ھېسابات سانلىق مەلۇماتى . ئەنگلىيە سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش ۋە تاۋار سودا ھېساباتى ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات ياخشى بولسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا قىسقا مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا دوللار كۆرسەتكۈچ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن .
خەلقئارا خام نېفىت باھاسى كىچىك ئاساستا ئۆرلىدى
1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، ياۋرو / دوللار قايتىدىن تۆۋەنلەپ 9 يىلدىكى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ ، ئاساسلىقى پۇل سىياسىتى تەسىرىدە تۆۋەنلىدى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى تۆۋەنلەپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى كىچىك ئاساستا ئۆرلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىدى ؛ بۇ سودا كۈندە ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى ئىلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ، نەخ ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسىدا ئازراق تەۋرىنىش بولۇپ كىچىك ئاساستا تۆۋەنلىگەن ؛ تېخنىكىلىق سېتىۋېلىش تىرەش كۈچى سەۋەبىدىن ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى كىچىك ئاساستا ئۆرلىگەن .
ئاساسي پۇل ۋە تاۋارلارنىڭ بازار يېپىلىش باھاسى
1-ئاينىڭ 8 - كۈنى تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا : ياۋرو / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.1792 بولدى ؛ فوندستېرلىڭ / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.5089 بولدى ؛ ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 0.8121 بولدى ؛ دوللار / يېن بازار يېپىلىش باھاسى 119.65 بولدى ؛ دوللار / كانادا دوللىرى بازار يېپىلىش باھاسى 1.1829 بولدى ؛ دوللار / شۋېتسارىيە فرانكى بازار يېپىلىش باھاسى 1.0181 بولدى .
تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار : نەخ مال ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1208.10 دوللار بولدى ؛ Comex قەرەللىك ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1208.50 دوللار بولدى ؛ نەخ مال كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.34 دوللار بولدى ؛ Comex قەرەللىك كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.385 دوللار بولدى ؛ بۇلۈنتې خام نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 50.96 دوللار بولدى ؛ NYMEX خام نېفىت قەرەللىك مال بازار يېپىلىش باھاسى 48.79 دوللار بولدى .
1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرچە باھاسى
2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغاندىن كېيىن بانكىلار ئوتتۇرسىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرچە باھاسى :
1دوللار 6.1296 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ياۋرو 7.2477 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1343 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.79044 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.2770 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 4.9906 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.8084 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ سىنگاپور دوللىرى 4.6039 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.1836 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.57616 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولدى ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 9.6822 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولدى ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.6947 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3711 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولدى .
دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى باھاسى
1- ئاينىڭ 9 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 92.3626 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 92.1267 ، ئوتتۇرچە باھاسى 92.25 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى -0.03% بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىش باھاسى 92.2975 بولۇپ ، ئاسىيا بازىرىدا 92.30 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 92.2964 ، سېتىلىش باھاسى 92.204 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى 92.2964 بولدى .
ئىقتىساد لىكسىيە پائالىيىتى
ھۆرمەتلىك ھەرقايسى ھەمكارلاشقۇچى ، مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ئىقتىسادقا قىزىققۇچى كەڭ دوسلار :
2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى شىركىتىمىز يىللىق خۇلاسە يىغىنى ۋە ئىقتىسادقا ئائىت ھەقسىز لېكسىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى ئىدۇق ؛ بۇ يىغىندا ئاساسلىقى شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادنىڭ خەلق ئاممىسىغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىلىق تەرەپلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارماقچى ؛
شۇڭا سىلەرنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ئورنى : گۈزەل قاشتېشى ئالىي مھمانسارىيى 2 - قەۋەت ) يىغىن زالى ( ؛
ۋاقتى : ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:30 دا .
ھۆرمەت بىلەن:ئۈرۈمچى ئىلكان مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى
ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ‹‹دوللار كۆرسەتكۈچى باھاسى ›› دىگەن ئۇقۇمنى ئىزاھلاپ بەرگەن بولسىڭىز ؟
يەنە بىر سوئالىم : دوللار قىممىتى بىلەن ئالتۇن باھاسى نىمە ئۈچۈن تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرىدۇ؟ shemsi19 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 12:17 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ‹‹دوللار كۆرسەتكۈچى باھاسى ›› دىگ ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، بۇ دېگەنلىك دوللارنىڭ باھاسىنى كۆرسىتىپ بىردىغان كۆرسەتكۈچ ، يەنى ئامېرىكا پۇلى دوللارنىڭ باھاسىنى كۆرسىتىپ بېردىغان كۆرسەتكۈچ ، بۇنى قىسقارتىپ دوللار باھاسىنى كۆرسەتكۈچى ، دوللار كۆرسەتكۈچى دەيمىز ؛
ئەگەر ئېنىق چۈشنەلمىگەن بولسىڭىز بىز بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسىڭىزمۇ ياكى بىۋاستە شىركەتكە كەلسىڭىزمۇ بولىدۇ ؛ بۇ توغىرسىدا سىزگە تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويدىغان مەخسۇس مۇتەخخەسىس بار ، چوقۇم سىز رازى بولغۇدەك چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ ؛
ئالاقىلشىش تېلېفۇن نومۇرى : 13009663479 ، 4000991014 ؛
شىركەت ئورنى : ئۈرۈمچى ئاققۇۋق(نەنمىن ) ياخۇڭ سودا سارىيى Bرايون 1304 ئىشخانا uyaltun يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 09:14 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، بۇ دېگەنلىك دوللارنىڭ باھاسىن ...
دوللار بىلەن ئالتۇن باھاسىنىڭ تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىشىدىكى سەۋەپ : ئالتۇن بولسا ھەم تاۋار ھەم پۇل ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇردۇ ھەم ساقلىندۇ ؛ دوللار ئادەتتە ئۆزدىن باشقا پۇللار بىلەن تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولۇپ ، ئالتۇنمۇ پۇل ھېسابلىندىغان بولغاچقا ، شۇڭا ئالتۇن باھاسىغىمۇ تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ ؛
بەت:
[1]