dulang يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 15:05:24

يېڭى ناۋا پىروگىراممىسى توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىم

دوسلار ئۇرۇمچى تىلۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن شىنجاڭ ۋەسلىۋوت مەدىنيەت تارقىتىش شىركىتى بىرلىكتە ئىشلىگەن يىڭى ناۋا پىروگىراممىسى توغۇرسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ باقايلى، بۇ پىروگىرامما بۇرۇن شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسدا قۇيۇلاتتى بىراق ھازىر ئۈرۈمچى تىلۋىزىيە ئىستانسىسىدىلا قۇيۇلىۋاتىدۇ، بۇ پىروگىراممىنىڭيولغا قۇيۇلغىنى ناھايتى ياخشى بىر ئىش بۇلۇپ، بۇ پىروگىرامما ئارقىلىق نۇرغۇن سەنئەت تالانتى بار ياشلارنى بايقاپ چىققىلى ھەم سەنئەت قىزغىنلىغى بار ياشلار بۇ پىروگىرامما ئارقىلق ئۇستازلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ ئۈزىنى تېخمۇ تەرەققى قىلدۇرۇشقا ياخشى شارائىتلارنى ھازىرلاپ بىرىۋاتىدۇ، مىنڭ قارشىمچە ھازىر بۇ پىروگىراممىدا بەزى يىتەرسىزلىك ساقلىنىۋاتىدۇ، بىر پىروگىراممىغا رىياساتچىلىك قىغان كىشىنىڭ رىياسەتچىلىك قابىليىتى پىروگىراممنىڭ كۈرۈش نىسبىىتى ھەم ماھىرلارنىڭ كەيپىياتىغا بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ پىروگىراممىغا ئىلگىرى شەمسىيە ئەبەيدۇللا رىياساتچىلىك قىلغان ۋاختىدا ناھايتى ياخشى ئېلىپ برىلىپ قاتناشقان ماھىرلارمۇ ئەركىن ئازادە پىكىر قىلىپ خوشال كەيپىياتتا ناخشا ئېيتاتتى، شەمسىيە ئەبەيدۇللا بەكمۇ ياخشى رىياسەتچىلىك قلىلپ قاتناشقان ماھىرلارغا ناھايتى ياخشى مەدەت بىرەتتى، بىراق ھازىر رۇزاخۇن تۇرداخۇن رىياسەتچىلىك قلىپ ھە دىسىلا چاخچاق قلىلدىم دەپ ماھىرلارنى گەپتە سۇقۇپ ئۇلارنىڭ كەيپىياتىغا بىۋاستە تەسىر يەتكۈزۈپ سەھنىدە ئۇسال ئەھۋالدا قۇيۇۋاتىدۇ، بۇنداق دىگىنىم رۇزاخۇن تۇرداخۇننى تالانىتلىق ئەمەس دىگىنىم ئەمەس، ئۇنىڭ يۇمۇرستىڭ سوزلىرى ھەممىمىزنى قايىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىتوتلىرىنى ناھايتى ياخشى كۈرۈمەن، مىنىڭچە كوپچىلىكمۇ شۇنداق، بىراق ئۇ رىياساتچىلىككە ئانچە ماس كەلمەيدىكەن، مىنىڭچە ئۇ داۋاملىق قىززىقچىلىق قىلىپ ئىتوت-يۇمۇر ئۇرۇنلاپ تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۇرىشى كىرەك، ئويلاپ بېقىڭلار بىر ئادەمنىڭ سەھنىدە نۇمۇر ئۇرۇنلىمىقى ئاسانمۇ، بۇلۇپنۇ يىڭى ناۋادەك نەق مەيداندىكى تاماششىبىلنلار ھەم ئىكران تىكىلىپ تۇرغان ۋاقىتتا نۇمۇر ئۇرۇنلاش ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناۋاغا چىققا ماھىرلارنىڭ كۈپۈنچىسى تۇنجى قېتىم ئاشۇنداق چوك سەھنىدە ناخشا ئېيتىشى ھىساپلىنىدۇ، قىززىقچىلىق قىلدىم دەپ ئۇلارنى گەپتە سوقسا ئۇلار قانداقمۇ رۇزاخۇندەك بىر گەپچى يۇمۇرچىغا تەڭ كىلەلىسۇن، يەنە بىر ئەر رىياسەتچىمىزمۇ ماھىرغا مەدەت بىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۇمۇ رۇزاخۇندىن ئۈگۈنۈپ قاتناشقان ماھىرلارنى گەپتە سوققىلى تۇرۇپتۇ تېخى، مىنىڭچە ئۇلار پىروگىراممىدا قىززىقچىلىقنى توختىتىشى ياكى بولمىسا بۇ پىروگىراممىىغا رىياسەتچىلىك قلىلشنى توختۇتۇپ ئۈزىگە ماس كىلىدىغان ئىشلارنى قلىشى كىرەك، سىلەرچىچۇ دوسلۇرۇم كۆز قاررىشىڭلارنى ئىنكاس شەكىلدە يوللىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 21:27:22

شەمسىيە ئەبەيدۇللا ھەر بىر قىتىم ناۋا يىڭىلانسا ئۇنداق سىمىزكەن ھەر قىتىم كۆرسەك بىئارام بولۇپ كىتىدىكەنمىز ،باشقا رىياسەتچىلەر يىڭىنلانسا   بولمامدۇ دەپ ئاخىرى چۇشۇپ ئەمدى بۇلارنىڭ قولىغا قالغىنى قىززىق.
ئەملىيەتتە ئەل ئىچىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىملىك رىياسەتچىلىكنى ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئورۇنلايدىغان سەھنىگە ياراشقۇدەك قىزلار كۆپ لىكىن قىزىلمايۋاتىدۇ.
سەھىنىگە چىقىپ كىچىككىنە نۇمۇر ئورۇنلىيالايدىغان ئادەم بولسىلا چىقىرىپ قويۇپ بۇ پىرگۇراممىنىڭ پەيزىنى ئۇچاردى .
مىنىڭچە بۇرۇنقىدەك كۆردىغان ئادەملەرمۇ قالمىدى.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 22:08:36

شەمسىيە ئەبەيدۇللامۇ بىر ئوبدان قىلىۋاتقان بولمىسا.

bityon3 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 23:26:15

مىنىڭ رىياسەتچىلەرگە پىكىرىم   يوق، لىكىن ناۋانىڭ ئادىلسىزلىقىغاپىكىرىمبار.ئېيتايلۇق ،1 - قىتىمدىلا   شاللىنىپكەتكەنئادەممۇ چۇقۇمھەممەئۈتكەلدىنئۈتىمەن    دەپنۇرغۇنجاپادا   ھەمرالېرىنىئىلىپيىراق-يىقىندىنكىلىدۇ (ئۇلارنىڭ ئۈيى تىلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ھويلىسىدا بولمىسا :lol:lol).مىنىڭچەبولسائېلانبېرىدىغان ۋاقىتنىقىسقارتىپ ، ھەممەماھىر ئۆزلېرىئورۇنلايدىغاننۇمۇرلېرىنى   ھەممەئۈتكەلدەئۇيناپبولسا ،ھەممەئۈتكەلدەئايرىم-ئايرىم يىپىق ياكى ئۇچۇق ھالەتتەنۇمۇرقۇيۇپ ،ئاخىرىداكىمنىڭنەتىجىسىيۇقۇرىبولسا   شۇنىتاللىسا   دەيمەن .بەلكىم 1- ياكى2-ئۈتكەللەردە   شاللىنىپكەتكەنلەرمۇ كىيىنكىئۇتكەللەرئۈچۈن   ياخىشىتەييارلىققىلىپ كەلگەنبۇلۇشىمۇمكىن.ماھىرلار   يالغۇزكەلگەنبولسىغۇمەيلىئىدى .چۇقۇم كىيىنكىئۈتكەللەر   ئۈچۈن ھىچبولمىغاندا 4-5ئادەمبىللە   كىلىدۇئەمەسمۇ .پىكىرىمئورۇنلۇقمۇبىلمىدىم.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 07:14:15

ئەتتىرنىڭ بىرىنجى بۆلەك ئىنكاسىدىن باشقا ئىنكاسلىرىغا تامامەن قوشۇلىمەن .رىياسەتچى پەقەت يارىمىدى ھېلىقى سىمىز قىز . نىمىشقا دەمسىز گەپ قىلسا تولا بىشىنى گىلدىڭشىتىدۇ ، تولا ئۇنداق قىلسا ئادەم زىرىكىدۇدە ئەلۋەتتە، مەن ھەر بىر كۆرسەم بىئارام بولاتتىم .پۈتۈن سۈرۈك ئۇيغۇردىن رىياسەتچىلىككە ، راۋۇرۇس ئوغۇل قىز رىياسەتچى چىقمىغىمىغا تىلۋىزىيە ئىستانسسى چوقۇم مەلۇم بىر جەمەتنىڭ ياكى باشلىقنىڭ دىگەندەك ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ .ئۇ قىز رىياسەتچى بولسا بولىدۇ ، ئورۇقلاپ كەلسۇن . ئىسكەت دىگەن نەرسە بەكمۇ مۇھىمدە ، ئادەمنى كۆزگە ئىلمىغاندەك خامسىمىز كۈندە ئىكراندا يۈرسە ، خەق ئۆچ بولمامتى ئەمىسە .نەتتچە ئون مىلىيۇن ئۇيغۇردىن ساغلام ئۆلچەملىك بەدەن،يىقىملىق ئاۋاز،ياكى ياڭراق ئاۋازلىق ئادەم يوقمۇ ياكى ، باشلىقنىڭ بالىسى بولمىسا بولمامدۇ؟
روزاخۇنىغا بوزەك بولغان ، باھالىغۇچىلارغا بوزەك بولغان كىشلەرگە ھېسداشلىق قىلىمەن . ئۈرۈمچىدە قويماستا، بىر بالا ئىككىنچى بوپ قىلىپ ، باھالىغۇچى مازدەكلا بىر پاراڭ قىلغاندا ، گىپىنى يىرىپلا ، پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ، مەن قويغاندەك بولدۇم جىگىرىڭ باركەن دىدىم ئۆزەمچە . خەقنىڭ ماز گىپىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچە جايىدا ئىككى ئېغىز پاراڭ قىلسا تامامەن بولىدىغۇ .

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 08:40:24

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 09:15:03

ئۈرۈمچىلىك بالىلار كۆرۈۋىتىپتىمىشلەر .

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 11:24:10

otanqi يوللىغان ۋاقتى2015-1-10 07:14 static/image/common/back.gif
ئەتتىرنىڭ بىرىنجى بۆلەك ئىنكاسىدىن باشقا ئىنكاسلىرىغ ...

بىر ئادەمگە باھا بېرىشكە مېنىڭچە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق..بەلكى ئۇنى باھا بېرىش دېمەيمىز كۆرەلمەسلىك دەيمىز..ئۆزلەمۇ شۇ قىزچىلىك ئىشنى قىلىپ خەلىققە سۇنۇپ بېقىپ ئاندىن پىكىر قىلسىڭىز ئاندىن باھا ھېسابلىنىدۇ..ئۆزلەنىڭ قىلغان تۈزۈك ئىشىدىن بىرەنى ئوتتۇرغا تاشلايلى شۇنىڭغا قاراپ باشقىلارمۇ سىزنىڭ ئاشۇ پىكرىڭىزنى ئويلىشىپ باقسۇن...

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 12:08:24

ھەي ھەي بىرادەرلەر سىلە ھېلھەم ناۋا كۇرۋاتامسىلەن؟ئەستاقبۇرلا شەيتان   ناۋادىن يىپەك يولى ساداسسى ئوبدان قىزۋاتىدۇ جۇمۇ

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 14:02:43

yarzat يوللىغان ۋاقتى2015-1-10 11:24 static/image/common/back.gif
بىر ئادەمگە باھا بېرىشكە مېنىڭچە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق. ...

سىزنىڭ راست .

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 14:09:21

نەدە گەپ چۈشەنمەيدىغانلار نەقىل قىلىدىكەن ئەدەمگە .
مەن نىمە دەۋاتىمەن . تىلىۋۇزۇر ئىستانسسىغا خىتاپ قىلۋاتىمەن .
ئۇ نىمە قىلسا نىمە كارىم .مەن نىمە قىلسام سنىڭ نىمە كارىڭ .
نىمە ئىچىمنى پۇشۇرىدۇ ماۋۇ .

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 14:22:12

يارزات   
بىر ئادەمگە باھا بېرىشكە مېنىڭچە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق
بولسائەمسە ناۋانى قاندا ئۆتكىزىدۇ ؟ باھالىغۇچىلار چىقمىسۇنمۇ ؟ تاماششىبىنلارچىقمىسۇنمۇ ؟ ھەممىسى ناخشىسىنى ئىيىتساقاپاقتىن چەك تارتىپلادەرىجىگە تىزايلىمۇ ؟

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 17:02:39

otanqi يوللىغان ۋاقتى2015-1-10 07:14 static/image/common/back.gif
ئەتتىرنىڭ بىرىنجى بۆلەك ئىنكاسىدىن باشقا ئىنكاسلىرىغ ...

پىكرىمنى چۇشەنمەپسىز ،
مەنمۇ دەل شۇ قىزنىڭ شۇنداق ئىكەنلىكدىن بىئارام بولاتتتىم ،لىكىن ئۇلار ماس كەلگۇدەك ئادەم ئىزلىمەيلا ئورنىغا ئاشۇلارنى چىقرىپ قويۇپتۇ.

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 12:03:13

يىپەك يولى ساداسىنىڭ گېپىمىكىن دەپ كىرىۋاپتىمەن،بىزنىڭ مايەردە ناۋا پىروگىراممىسى كۆرمىگىلى نەۋاخ!

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 15:15:06

قۇيۇلۇش ۋاقتىنى ئۆزگەرتسە بۇلاتتى،يىپەك يۇلى ساداسى بىلەن بىر كۇنگە توغرا كىلىپ قىلىپ تەڭ كۆرگىلى بولمايۋاتىدۇ

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 18:15:50

مۇشۇ يېڭى ناۋانىڭ رىجىسورلىقىنى كىم قىلىۋاتىدۇ باللا؟ ئىلگىرىكى ناۋا نىڭ رىجىسورلىقنى راخمانجان قىلغانما؟

dulang يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 20:01:39

شاھىد ئىسىملىك تورداش سىز مەقسەتنى چۈشەنمىدىڭىزمۇ نىمە، چۈشەنمىسىڭىز ئىنكاس يازمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم روزاخۇننى يامان دىمەكچى ئەمەس، روزاخۇن بىزنىڭ پەخىرلىك قىززىقچىمىز، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز، بىراق ئۇ ناۋا پىروگىراممىسىدا قىززىقچىلىق قىلىمەن دەپ ئاران تەمتىرەپ تۇرغان ماھىرلارنىڭ نوتىلارنىڭ ھىسياتىغا سوغۇق سۇ سەپمىسە دەيمەن. شۇ .ئالتۇننى زەگە سوقسا دىمەكچى شۇ

dulang يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 20:05:12

yarzat ئىسىملىك تورداش سىز مەقسەتنى چۈشەنمىدىڭىزمۇ نىمە، چۈشەنمىسىڭىز ئىنكاس يازمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم روزاخۇنغا باھا بىرىش ئەمەس، روزاخۇننى يامان دىمەكچىمۇ ئەمەس، روزاخۇن بىزنىڭ پەخىرلىك قىززىقچىمىز، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز، بىراق ئۇ ناۋا پىروگىراممىسىدا قىززىقچىلىق قىلىمەن دەپ ئاران تەمتىرەپ تۇرغان ماھىرلارنىڭ نوتىلارنىڭ ھىسياتىغا سوغۇق سۇ سەپمىسە دەيمەن. شۇ .ئالتۇننى زەگە سوقسا دىمەكچى شۇ، بۇ پىكىرلەر بەلكىم قۇلقىغا يىتىپ قالسا ئۇيغۇر سەنئىتىمىز ئۈچۈن ناۋا پىروگىراممىسى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى تۆھپە قۇشار دەيمەن شۇ.
بەت: [1]
: يېڭى ناۋا پىروگىراممىسى توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىم