sirdaxtewip يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 12:31:17

(سىرداش تېۋىپ) نوچى دۇرا دىگەن مۇنداق بۇلىدۇ !

                                                                           
   
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مۇنبەردىكى بارلىق دوستلار ، كەمىنە سىرداش تېۋىپتىن سىزلەرگە ئالىي ئېھتىرام !
   بىمارلارغا مەسلەھەت بىرىش جەريانىدا ۋە كىسەل داۋالاش جاريانىدا  دائىم بىمارلاردىن  نوچى دۇرىلىرىڭىز بولسا بىرىڭ دىگىنىنى داۋاملىق ئاڭلاپ  تۇرىمىز ، ئەمدى مەن بۇيەردە نوچى دۇرا دىگەن نىمە ؟ بۇ ئۇقۇمنى قانداق چۈشىنىمىز دىگەن تېمىدا بىر قۇر چۈشەنچە بىرىپ ئۆتسەم پايدىلىنىپ قالغايسىزلەر !
   تۇرمۇشىمىزدىكى ھەر قانداق ئىشلارنىڭ سەۋەبى بولغىنىدەك ، ئادەم بەدىنىدە پەيدا بولغان ھەرقانداق كىسەلنىڭمۇ سەۋەبچى ئامىلى  بۇلىدۇ ئەلۋەتتە .  ئادەم ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن تارتىپ بار بولغان بۇ تېبابەتنىڭ بىر تەركىبى بولغان ئۇيغۇر تېبابەت دۇرىلىرىنىڭ جەمىيەتتە تۇنۇلغان شان شۆھرىتى گەرچە كىشىنى ۋاي بىزنىڭ تىبابىتىمىز دەپ ئاز تۇلا ھاياجانغا سالسىمۇ يەنىلا ئۇيغۇر تېبابەت دۇرىلىرىنىڭ  جەمىيەتتە كىسەل داۋالاشتا ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە رۇلى توغرىسىدا كىشىلەرنىڭ ئىدىيە ئوي پىكىرلىرىدە بەلگىلىك ئوخشىماسلىقلار مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى بايقاش تەس ئەمەس ئەلۋەتتە
   تېبابىتىمىزدە ئوت ، ھاۋا . سۇ ، تۇپراقتىن ئىبارەت ئادەم بەدىنىنى تۈزگۈچى ئامىللارنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى  ھېساپلانغان سەپرا، قان، بەلغەم ، سەۋدادىن ئىبارەت تۆت خىل مىزاجغا قاراپ ئۇزۇقلىنىش ئەنئەنىسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بۇلۇپ ، ئۇيغۇر خەلقىمىز ئائىلىلەردە ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە سوغوقلۇق قىلىشنى ، سوغوقى ئېشىپ كەتسە ئىسسىقلىق قىلىشنى ئاساسى جەھەتتىن بىلىدۇ ، بىراق  تېببىي ماتىرياللارنى كۈرۈشنىڭ كەمچىللىكىندىنمۇ ئېيتاۋۇر مۇشۇ دۇرا ئىستىمال قىلىش جەھەتتىن بۇلۇپمۇ بەدەن قۇۋۋەتلەيدىغان تىپتىكى دۇرا جەھەتتىن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا نوچىسىنى يىسەم بۇلاتتى دەيدىغان بىرخىل خاتا قاراش ئەۋىج ئالماقتا .
   ۋاقتىمنىڭ قىسلىقى تۈپەيلى مەن بۇ يەردە گەپنى قىسقارتىپلا شۇنى دەپ قۇيۇشنى زۆرۆر تاپتىم،  دۇنيادا نوچى دۇرا يوق بەلكى كىسىلىڭىزگە ماس كەلگىنى ئاددىي بولسىمۇ   دۇرىنىڭ نوچىسى دىگەن شۇ . ھەممە ئادەمنىڭ مىزاجى ئۆزىگە خاس بۇلىدۇ، شۇڭا سىز دۇرا تاللىغاندا بۇلۇپمۇ قۇۋۋەت دۇرىلىرىنى يىمەكچى بولغاندا كىسەللىك ئەھۋالىڭىزغا قارىتا شۇ كەسىپ ئىگىسىدىن سوراپ، بۇ دۇرىنى مەندىكى قايسى جەھەتتىكى ئەھۋالغا قارىتا بەردىڭىز دىگەن گەپنى ئېنىق سوراپ بەدىنىڭىزدە شۇخىل كىسەللىك ئەھۋالى بولسا بۇ دۇرىنى يەڭ ، بولمىسا يىمەڭ ، چۈنكى مەيلى قايسى تىبابەتنىڭ قۇۋۋەتلەش تىپىدىكى  دۇرىسى بولمىسۇن ،ئۇ  بەدەننى چىڭىتىش ، قان تۇمۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىش، پەي مۇسكۇلنى چىڭىتىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە !
ئەگەر سىزدە  مەزى بېزى ياللۇغى ۋە باشقا ياللۇغ ئالامەتلىرى بار شارائىتتا قۇۋۋەت دۇرىسى ئىستىمال قىلسىڭىز ياللۇغلانغان تۇقۇلمىلارنىمۇ قۇۋۋەتلەپ كىسەللىك ئەھۋالىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋىپى بار .
   ھەتتا قاندا ماي يۇقىرى، جىگەرنى ماي قاپلاش، يۇقىرى قان بېسىم ، تاجىسىمان ئارتىرىيلىك يۈرەك كىسىلى قاتارلىق كىسەللىكلەر بار شارائىت ئاستىدا قۇۋۋەتلەش تىپىدىكى دۇرىلارنى ئىستىمال قىلسىڭىز قان تۇمۇر تارىيىش سەۋەپلىك قان بېسىمى ئۆرلەپ كىتىش دىگەندەك خەۋىپ كۈرىلىش مۈمكىنچىلىكى بىر قەدەر يۇقىرى .  بۇنىڭغا ئائىت مىساللار ناھايىتى كۆپ ..............
شۇڭا يىغىپ ئېيتقاندا سىز دۇرا ئىستىمال قىلغاندا دۇرىنىڭ داڭقىنى ئاساس قىلماي ، بەلكى كىسەللىك ئەھۋالىمغا ماس كىلەرمۇ يوق دىگەننى ئاساسلىق چىقىش نۇقتىسى قىلالىسىڭىز كىسەللىك ئەھۋالىڭىزنىڭ ئېغىرلىشىپ كىتىشىدىن ساقلىنىپلا قالماي يەنە داۋالىنىش جەھەتىمۇ ئۇتۇقلارغا ئىگە بۇلالايسىز .  
  يەنە بىر تەكىتلەپ ئۆتكۈم كىلىۋاتىدۇ ، دۇنيادا نوچى دۇرا يوق ، بار دىيىلگەندە كىسەللىك ئەھۋالىڭىزغا ماس كەلگىنى ئەڭ نوچى دۇرا ! خەيىر كىيىنكى تېمامدا كۈرۈشكىچە ئامان بولغايسىزلەر .........  

مەنبە: ئەلداۋا ئۇيغۇر تېبابەت مۇنبىرى  تور ئادىرسىمىز : www.aldawa.cn  
    ئەرلەر كىسەللىكلىرى ۋە ئانانىزىم بىمارلىرىنىڭ ئالدىن تاللىشى ۋە سىرداش دوستى     سىرداش تېۋىپ
   تېببىي مەسلەھەت سوراش تېلفۇنى ۋە ئۈندىدار : 15199470737
    دوستۇم!  كىسىلىڭىزدىن ساقىيىشقا ئىشەنچنىڭ بولغىنى كىسىلىڭىزنىڭ يېرىمىنىڭ ساقايغىنى !!!

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 15:31:05

ئىملانى ياخشى ئۆگىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .

dawrim يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 21:44:42

بۇ تىيمىنى تۈۋەندىكى ئادرىسقا يوللاپ قويسىڭىز بولغۇدەك    http://bbs.bagdax.cn/thread-26905-1-1.html                                                                              

sirdaxtewip يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 23:51:19

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 15:31 static/image/common/back.gif
ئىملانى ياخشى ئۆگىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .

مىنىڭ مۇشۇ ئىملا جەھەتتىكى كەمچىللىكىم بولمىغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بۇلاتتى ، ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىمۇ ئەدەبىيات ئىمتاھاندا ئىملا سەۋەپلىك نۇمۇرنى تۆۋەن ئېلىپ قالغان مەن زادى !  پىكرىڭىزگە مەن قايىل، تۈزىتىشكە تىرىشىمەن ! سىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇن دوستۇم!

sirdaxtewip يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 00:22:30

dawrim يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 21:44 static/image/common/back.gif
بۇ تىيمىنى تۈۋەندىكى ئادرىسقا يوللاپ قويسىڭىز بولغۇدە ...

ۋوي باغداش مۇنبىرى قىززىپ كىتىپتىغۇ راست دىگەندەك!
بەت: [1]
: (سىرداش تېۋىپ) نوچى دۇرا دىگەن مۇنداق بۇلىدۇ !