قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە مىننەتدارلىق پائالىيىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahwan0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-9 09:43بىز ئاۋۋال قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان جەمىيەتتەنىڭ ھەر قايسى ساھالىرىدە ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن ياشاۋاتقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا، ئاتىلىرىمىزغا، ئانىلىرىمىزغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز.
ئەزىزانە قەشقەرنىڭ ياقۇت كۆزى، تالاي شىر يۈرەك ئەزىمەتلەرنى، پەرىشتىدەك خانىم-قىزلارنى جەمىيەتكە تەربىيلىگەن بەرگەن پەن-مەرىپەت ئوچىقى قەشقەر شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31- كۈنى مىننەتدارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ پائالىيەتكە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، ئاتا-ئانىلار بولۇپ 6000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئەنئەنىۋى تەربىيەچانلىقى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ۋە ئۈنۈمى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغىلا ئەمەس ئاتا-ئانىلارغىمۇ ناھايىتى ياخشى بىر قېتىملىق ئۈنۈملۈك تەربىيە بولغان. بۇ بىر قېتىملىق پائالىيەت قەشقەر شەھىرىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن پائالىيەت بولۇپ، جەمىيەتتە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، قەشقەر شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شۆھرىتىنى شۇنداقلا، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ ئەھمىيىتى كەڭ ئۇيغۇرلارغا يەنە بىر قېتىم تونۇتتى ۋە ئاتا-ئانىلارنى بىر قېتىم ئويغىنىش ۋە ئىدىيە يېڭىلاش پۇرسىتىنى ئاتا قىلدى.
پائالىيەتنىڭ تەشكىللگۈچىسى قەشقەر شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر قابىل ئوقۇتقۇچىسى گۈلجاھان غولام قارىقاشتىكى مىننەتدارلىق پائالىيتىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئۇزۇن مەزگىل تەييارلىق قىلىپ، ئاخىرى بۇ پائالىيەتنى روياپقا چىقاردى. بۇ جەرياندا قەشقەر شەھەرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بىلىقىز ئىمىنھاجى، خوتەن ۋىلايەتلىك مىللەتلەر دىن ئىشلىرى كومتىتىدىن گۈلباھار ئەھمەدلەر پائالىيەت مەزمۇنىغا دائىر كۆپ ياردەملەرنى قىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قەيسەر ئابلىز، قەششقەر شەھەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن مىنەۋەر ئابدۇللا، ئىتتىپاق كومىتىتىدىن روشەنگۇل تاھىر تاھىر قەشقەر شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى ئەنۋەر ئەركىن، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى دىلنۇر سەيدۇللا، مەكتەپ پىسخىكا ئوقۇتقۇچىسى گۈلجەمىلەم، تولۇق ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىن غېنىزات كامىل مۇئەللىملەر يېقىندىن قوللاشتا بولدى ۋە ياردەم قىلدى.
مىكرو فىلىم سالونىمىز نامىدىن بۇ پائالىيەتنى تورغا يوللاپ، تارقىتىش ئۈچۈن تەمىنلەپ بەرگەن قەشقەر شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدىن غېنىزات كامىل مۇئەللىمگە رەھمەت ئېيتىمىز.
1- قىسمى
http://v.qq.com/page/j/g/8/j0144gulvg8.html
2- قىسمى
http://v.qq.com/page/z/h/7/z0144hfdah7.html
3-قىسمى
http://v.qq.com/page/u/1/j/u01444qfv1j.html
4-قىسمى
http://v.qq.com/page/h/g/o/h0144q4gcgo.html ئەنۋەر بوستان مۇختەر غۇنچە بوينىڭ ئورنىغا چىقتىما سىلىنىڭ مەمەترېھىم ساباھ كۆرۈنمەيدۇ ، پىنسىيگە چىقمىغاندۇ ruslan007 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 11:35 static/image/common/back.gif
سىلىنىڭ مەمەترېھىم ساباھ كۆرۈنمەيدۇ ، پىنسىيگە چىقمىغ ...
قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. سىنىپ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن تولۇق 2- ۋە 3- يىللىق قەشقەر شەھەرلىك 13- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەمما پات ئارىدا شىجىن-قەشقەر يولىدىكى يېڭى مەكتەپ رايونىغا پۈتۈن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپكە كۆچۈرمەكچى.
مەمەترىھىم ساباھ بار، ئىشلەۋاتىدۇ. ئوھوي بىزنىڭ سابىق مەكتەپكە كۆچەپتىغۇ ، ئەبۇ بارات ئىبنى شاھقۇتى چۇ پاھ ! مەمەترىھىم سابا مۇئەللىمنىڭ ئىسمى چىقىپ قاپتۇ دىسە...
ئۇ مىنىڭ تولۇق ئوتتۇردىكى سىنىپ مۇدىرىم بولىدۇ.
مەكتەپداشلار خىلى كۆپ ئوخشايدۇ ھە...؟ ئاۋۇ سىننى يوكۇ چىقىرىپ قويغىلى بولماسمۇ؟
خوتەندە كۆرگىلى بولمايدىكەن.
بەت:
[1]