dunya يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 09:41:20

يىپەك يولى ۋە چاي مەدەنىيىتى توغرىسىدا

يىپەك يولى ۋە چاي مەدەنىيىتى توغرىسىدا

ھەبىبە تەۋەككۇل
(قەشقەر تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى-ئىنسانلار يارىلىپ، تەبىئەتكە يۈزلىنىپ ھاياتلىق يولىنى ئاچقانلىقنىڭ مەھسۇلى، ئىنسانلار تەبىئەتتىكى سىرلىق ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ ئۇنىڭىدىن قورقۇپ بويسۇندى ۋە ئۇنى ئادەم كۈچىدىن ھالقىغان سېھرى كۈچنىڭ قۇدرىتى دەپ چۈشەندى.
ھاياتلىق مۇساپىدە ئادەملەر بىلەن تەبىئەت، شەخس بىلەن كوللىكتىپ، ئۇرۇق بىلەن ئۇرۇق، قەبىلە بىلەن قەبىلە ئوتتۇرىسىدا ئالاقە باغلىنىپ ئىنسانلار ئۆزلىرى قورقۇپ كەلگەن تەبىئەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھەم ئۇنى بارا-بارا بويسۇندۇرۇشقا باشلىدى.
بۇ خىل ئەھۋال ھاياتلىق مەۋجۇت يەردە ئوخشاش ئىدى. ئوخشىمايدىغىنى ئىنسانلار جەمئىيىتى يېقىنىقى زامانغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، دۇنيا ئادەمنى ئەمەس، بەلكى ئادەم دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغان قانۇنىيەتنى تېپىپ چىقتى. بولۇپمۇ ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا سودا مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن يېڭى مەدەنىيەت ئىلگىركى ئىلاھىيەت قارىشىنى ئىنكار قىلىپ، ھاياتلىق ئۈچۈن ياشاشنىڭ ھەرخىل يوللىرىنى ئاچتى. مانا بۇ خىل قەدىمدىن تارتىپ ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋرۇپادىن تارتىپ ئۈچ قىتئەنىڭ ئالاقىسىنى ئۆزئاراباغلىغان، غەرب بىلەن شەرقنىڭ سودا يولىنى ئۆزئاراتۇتاشتۇرغان بولۇپ، بۇ يولدا شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتى ئۆزئارا ئۇچرىشىپ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ئىنسانلار يېڭى بىر مەدەنىيەت يولىنى بارلىققا كەلتۈردى. دۇنيا تارىخىدا نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەر مۇشۇ يول باغرىدا يۈز بەرگەن.
نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇ شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا تارىخىنىڭ شانلىق بېتىنى ئاچتى.
ئىنسانلار ياراتقان، تەبئىي شەكىللەنگەن ۋە بىرقەدەر مۇكەممەللەشكەن تىل، دىن، ئۆرپ-ئادەت، پەلسەپە، لوگىكا، سەنئەت، ئەدەبىيات قاتارلىقلار دەل مۇشۇ يىپەك يولى بويىدا بارلىققا كەلگەن ۋە گۈللەنگەن بولۇپ، ئىنىسانلار ھاياتىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر، مۆجىزىلەر ھەقىقەتەنمۇ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.
خۇددى ۋولتىر ئېيىتقاندەك: «بىرئادەم دۇنيانى پەيلاسوپتەك چۈشەنگەندىلا ئۇ ئالدى بىلەن نەزىرىنى شەرققە قارىتىدۇ.» چۈنكى، شەرق-سەنئەتنىڭ بۆشۈكى، شەرق غەربكە بارلىقىنى بەردى. شەرق ھىندىستان، بابىلون، مىرۋو، جۇڭگو مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ مەدەنىيەتنى، شۇنىڭىدەك بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىق دۇنياۋى دىنلارنى تارقاتقان جاي.
دېمەك، ئىنسانلار ھاياتىدىكى بۇ مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى دەل بىز دەپ كېلىۋاتقان يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدىن بولغان.
ئادەتتە كىشلەر دەپ كېلىۋاتقان يىپەك يولى ئاساسلىقى بوستانلىق يىپەك يولىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى مەركىزىي شەھەر چاڭئەندىن باشلىنىپ، خېشى كارىدورى غەربىي يۇرتقا تۇتىشىدۇ. ئاندىن شىمالىي يول، جەنۇبىي يول قاتارلىق ئۈچ تارماققا بۆلىنىدۇ.
1) شىمالىي يول-بۇ يول قومۇل، جىمسار، ئېلى قاتارلىق رايۇنلار ئارقىلىق غەربكە سوزۇلۇپ ئىچكى دېڭىز قىرغىقىغا يېتىپ بارىدۇ.
2) ئوتتۇرا يول-بۇ يول تۇرپاندىن قارا شەھەر ئارقىلىق بۈگۈر، كۇچا، ئونسۇ، قەشقەر ئارقىلىق پامىر ئېگىزلىكىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى رايونلارغا بارىدۇ.
3) جەنۇبىي يول-بۇ يول كۈن چىقىش قوۋۇقىدىن باشلىنىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىنى بويلاپ، چەرچەن، چاقلىق، نىيە، كىرىيە،  خوتەن، يەكەن قاتارلىق جايلاردىن  بېسىپ ئۆتۈپ، دۇنيانىڭ ئۆگزىسى ھېسابلانغان پامىر تاغ تىزمىلىرىدىن ھالقىپ ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئىران ھەم بىۋاستە ئىستامبۇلغا تۇتىشىدۇ.
يىپەك يولى ئىنسانلارنىڭ قۇدرىتى ھەم ئاجىزلىقىنى تونۇتتى. شۇنىڭدەك دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بېيتتى.
چاي مەدەنىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆچمەنچى قەبىلە بولۇپ ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي ھالىتىدىلا شەكىللىنىشكە باشلىغان. يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇش ئومۇملىشىشتىن ئاۋۋال، ئىچىملىك ئومۇملاشقان. بۇ چاغدا كىشلەر «پۇراقلىق سۇ»، «مېزىلىك سۇ»، «شىپالىق سۇ» لارنى ئىستىمال قىلىشنى بىلگەن. ئولتۇراقلىشىش ۋە دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى ئومۇملىشىپ، مەدەنىي ئۆسۈملۈكلەر كەڭ تېرىلىشتىن ئاۋۋال، ئەجدادلىرىمىز ئوت-چۆپ ۋە مېۋىلەر ئىچىدىكى شىپالىق نەرسىلەرنى چاي ئورنىدا ئىشلەتكەن. مەسىلەن: يالپۇز، ئارپىدىيان، دولانە قاتارلىق مېزىلىك، پۇراقلىق، شىپالىق ئىچىملىكلەرنىڭ ياسىلىشىدا ئاساسلىق مەنبە بولغان.
ھەمىمىزگە مەلۇم چاي ئىسپىرىتىسىز ئىچىملىك بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە 20 نەچچە خىلدىن ئارتۇق ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك ئېلىمېنتلار بار. شۇڭا چاي ئىنسانلار ئىستېمال قىلىدىغان ھەرخىل ئىچىملىكلەر ئىچىدىكى دورىلىق قىممىتى يۇقىرى بولغان ئىچىملىك ھېسابلىنىدۇ. ھەر قايسى دۆلەت ۋە مىللەتلەر ئۇزۇن مەزگىل چاينى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستېمال قىلىش جەريانىدا تەدرىجىي ھالدا ئۆزىگە خاس ھەرخىل چاي مەدەنىيىتى بەرپا قىلغان.
غەربى يۇرت ماۋرائۇننەھىر (ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىككى دەريا ئارلىقىدىكى رايونلار) ۋە يەتتە سۇ رايونىدا ياشىغۇچى خەلقلەر يىلنىڭ ھەر بىر پەسلىدە شۇ پەسىل تەبىئىتىگە ماس كېلىدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن چاي دەملەپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. بۇ خىل ئادەتلەر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي تەجرىبىنى سالامەتلىكىنى ئاسراش ۋە ئەمگەك جىسمانىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ كەشىپ قىلغان مەنىۋى مەدەنىيەتتۇر. ئىنسانىيەت چاي مەدەنىيەت تارىخىدا چاي ئۆسۈملۈكىنى تۇنجى قېتىم تېرىشنى كەشىپ قىلغان ئەل-ۋەتىنىمىز جۇڭگودۇر.
تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇر تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا مىلادىدىن ئاۋۋالقى 6-ئەسىردە، يەنى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2300 يىل بۇرۇن چاي ئۆسۈملۈكى تېرىش، مەخسۇس چاي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش خېلى كەڭ قانات يايغان. شۇڭا ئىنسانىيەت مەدەنىيەتنىڭ تارىخىدا چاينىڭ ۋەتىنى جۇڭگو ئىكەنلىكى پۈتۈن دۇنياغا ئايان.
دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا چاي ئۆسۈملۈكى كېيىنرەك تارقالغان. بۈگۈنكى زاماندا چاي تېرىلىدىغان ئەللەردىن ھېندونىزىيىدىن 1824-يىلى، ھىندىستاندا 1834-يىلى، گروزىيىدە 1847-يىلى، روسىيە قاتارلىق جايلاردا 1885-يىلى 1910-يىللاردا، ئەزەربەيجاندا 1912-يىلى، چاي ئۆسۈملۈكى تېرىلىشقا باشلىغان.
شىنجاڭدا چاي ئۆسۈملۈكى تېرىلمايدۇ.چۈنكى،شىنجاڭ تروپىك بەلباغدىن يىراق بولغاچقا ھاۋا كېلىماتى ماس كەلمەيدۇ. لېكىن شىنجاڭ جۇڭگو چېيىنىڭ ئەڭ قەدىمدە دۇنياغا تارقىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان، «يىپەك يولى غەربكە يۆتكەلگەن تاۋار-جاي بولغان.»
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتىدىن «چاي»، «چاي ئىچىش» ناھايىتى مۆتىۋەر ئادەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مەدەنىيەت ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە شىنجاڭدا ھازىر ياشاۋاتقان ئۆزبېك، قازاق، تاتار ۋە باشقا مىللەتلەر ئۈچۈن ئورتاقتۇر.
ۋەتىنىمز جۇڭگو تۇنجى بولۇپ ئەرەب ئەللىرىدە ئۆزىنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتى-چاي ئارقىلىق داڭق چىقارغان. جۇڭگو چېيى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ھەممىدىن ئاۋۋال كىچىك ئاسىيا ۋە شەرق ئەللىرىگىچە يېتىپ بارغان. تارىخىي مەلۇماتلاردا خاتىرلىنىشىچە، جۇڭگو چاي كارۋىنى تۇنجى قېتىم مىلادىدىن ئاۋۋالقى 2-ئەسىردە شەرقتىكى ئەڭ ئاۋات ئەل-ۋىزانىيىتىگە يېتىپ بارغان. ئۇيغۇر خەلقى تۇرمۇشىدا قەدىمىدىن شەكىللەنگەن چاي مەدەنىيىتى جۇڭگو چاي مەھسۇلاتى سودىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەرب ئەللىرىگىچە قانات يېيىشىدا مۇھىم ۋاسىتە بولغان. چۈنكى، ئۇيغۇر سودىگەرلىرى چاينىڭ تەمى ۋە سورتىنى پەرقلەندۈرۈشكە ماھىر ئىدى.
چىن، خەن سۇلالىسى دەۋىردىن باشلاپلا ئەجدادلىرىمىز ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن چىقىدىغان چايلارنى رايونىمىزغا ئەكىرگەن. سۈي، تاڭ دەۋىرلىرىگە كەلگەندە،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى چايلارنىڭ تۈرى كۆپەيگەن.
دېمەك، ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان ھەرخىل دورىلىق چايلارنى ئىستېمال قىلپىلا قالماستىن، بەلكى ئوتتۇر تۈزلەڭلىكتىن كەلگەن چايلارنىمۇ ئىستېمال قىلغان. نەتىجىدە يايلاقلاردا چارۋا بېقىپ، گۆش، سۈت، قايماق، قىمىز ئىچىدىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا يېڭى بىر مەدەنىيەت-چاي مەدەنىيىتى شەكللەنگەن ۋە مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەندى.
ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياراتقان چاي مەدەنىيىتى قەدىمكى يىپەك يولى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكى بىلەن زىچ مۇناسۋەتلىك. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 138-يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى پادىشاھى خەن ۋۇدى جاڭ چيەننى غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەندىن كېيىن يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىپ، غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن غەربىي يۇرتنىڭ تۈرلۈك گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخ، مېۋە-چىۋىلەر ۋە ھەرخىل قىممەتلىك قاشتېشى بۇيۇملار، يۇڭ-تېرە قاتارلىقلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ تاۋار-دۇردۇن، چاي قاتارلىق ھەرخىل بۇيۇملىرى يىپەك يولى ئارقىلىق غەربىي رايونىغا كىرگەن. سۈي، تاڭ سۇلالىسى دەۋىرىگە كەلگەندە، بولۇپمۇ تاڭ دەۋىرىدە غەربىي رايون بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇلۇشى ناھايىتى كۈچەيگەن، ھەمدە ئىلگىركى ھەرقانداق دەۋىردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇ دەۋىردە يىپەك يولى گۈللىنىپ، سودا كارۋانلىرى توختىماي قاتناپ تۇرغان. 7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە يىپەك يولى نوقۇل يىپەك توقۇلما ئالماشتۇرىدىغان ئىقتىسادىي يول بولۇشتىن تەدرىجىي ھالدا شەرق دۇنياسى بىلەن غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت قانىلى بولۇشقا يۈزلەنگەن. بۇ ۋاقىتتا يىپەك يولى تاڭ سۇلالىسنىڭ پايتەختى چاڭئەندىن باشلىنىپ گەنسۇدىكى خېشى كارىدورى ئارقىلىق غەربىي رايوندىكى مەدەنىيەت ئوچىقىنىڭ بىرى بولغان قۇچۇ شەھىرىگە تۇتىشاتتى.
دېمەك، ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ يىپەك يولىدىكى ئەۋزەللكىدىن پايىدىلىنىپ ھەرخىل سودا پائالىيەتلىرىنى، جۈملىدىن چاي سودىسىمۇ تەدرىجىي قىلدۇرغان.
شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلىدۇر. قەدىمكى  ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائىي چارۋىچلىق بىلەن شۇغۇللانغان دەۋرلەردە ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ گۆشنى ئۇزۇقلۇق، كالا، قوي سۈتلىرىنى ئىچىملىك قىلغان. ئىپتىدائىي چارۋىچىلىق بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، قوشۇمچە چارۋا-مال بېقىش ۋە سۈت ئىچىش داۋاملىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن نوپۇسنىڭ كۆپيىش ئارقىسدا ئىچىملىك ئېھتىياجىنى سۈت ئارقىلىق تەمىنلەش مۇمىكىن ئەمەس ئىدى. ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرمۇش ئەمەلىيەت جەريانىدا پىشۇرۇلغان ئاش-تاماقلارنىڭ سىڭىشلىك، تەملىك ئىكەنلىكى، قايناق سۈت ۋە قايناق سۇنىڭ خام سۈت ۋە سوغۇق سۇغا قارىغاندا بەدەننىڭ ساقلىقىنى ساقلاشقا ياپدىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ۋە ئوت-چۆپلەرنىڭ تەمى، خۇسۇسىيىتى پەرقلىق ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق بولۇشتىن تاشقىرى، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بەزى كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنۈمى بارلىقىنى بايقىغان.
كېيىنكى دەۋرلەردە ئەجدادلىرىمىزنىڭ چاي بىلەن تونۇش چاي دەملەپ ئىچشنىڭ ئومۇملىشىش نەتىجىسدە «چاي» ئاتالغۇسى ھەرخىل چايلاردىن، سۈتلەردىن مېغىزلاردىن، يەككە ياكى مۇرەككە تەڭشەلگەن دورا، ئوت-چۆپلەردىن دەملەپ تەييارلانغان ئىچملىكلەرنىڭ ئومۇمىي نامغا ئايلىنىپ كەتكەن.
«چاي»، «چاي ئىچىش» ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا قانداق رولى ئوينايدۇ؟ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا مېھمان ئېزىز ھېسابلىنىدۇ. مېھمان ھەر قانداق ئالىي تاماقتىن بۇرۇن چاي بىلەن كۈتۈلىدۈ. توي قىلشقا پۈتۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزىلىدىغان مىننەتدارلىق مۇراسىمى «چاي ئىچۈزۈش» دەپ ئاتىلدۇ. بىرەر چوڭ مەرىكە ئۆتكۈزۈش ئالدىدا بىرئائىلىنىڭ يۇرت-جامائەت بىلەن كېڭىشىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمى «مەسلىھەت چىيى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئازارلىشىپ قالغان ئىككى كىشنىڭ ئاداۋىتىنى يۇيۇپ قايتىدىن ئەپ بولۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى «ناماقۇللۇق چىيى» دەپ ئاتىلىدۇ. ۋاقتىلىق ئىش بىلەن ئۆيگە كەلگەن مېھمان «سىن چاي» بىلەن كۈتۈلىدۇ. تويدىن كېيىن يېڭى ئەر-خوتۇنلار ئەمدىلا باشلانغان تۇرمۇشىنى تەبرىكلەش، يۇرت-جامائەت ئوتتۇز ئوغۇل (ياتلارغا) «توي چىيى» بېرىلىدۇ. يېڭى ئۆي كۆچكەندە «ئۆي چىيى» ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئومۇمەن، ئۇيغۇرخەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا مۇراسىم تۈسىنى ئالغان ھەربىر مەدەنىي پائالىيەت «چاي» نامى بىلەن ئاتىلىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتىدە «چاي» سۆزىنىڭ كۆپ مەنالىق ئۇقۇملارنى بىلدۇرىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. چاي بىلەن مۇناسۋەتلىك بولغان ئۆرپ-ئادەتلەر ئۇيغۇرلاردا باشقا ھېچقانداق مىللىي ئادەتلەر ئوخشىمايدىغان بىرخىل ئۆزگىچىلىكتۇر. مانا، بۇلارنىڭ ھەممىسى «چاي مەدەنىيىتى» نىڭ ئۇيغۇر خەلق ئېتنوگراقىيىسى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
چاي دەرىخى ھاۋا كېلىماتى نەمخۇش بولغان ئىسىسق بەلباغ رايونلىرىدىكى ئېگىز، تۇمانلىق تاغلاردا ئۆسىدىغان بولغاچقا شىنجاڭنىڭ قۇرغاق ھاۋا كېلىماتى بۇ يەردە چاي ئۆستۈرۈشكە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. ئەمما، خەلقىمىز ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئۆز يېرىدىن چىقىدىغان دورىلىق قىممىتى يۇقىرى بولغان ئەتىۋارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆزىنىڭ مىللىي تېبابىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ دورىلىق  قىممىتىگە ئىگە ئەنئەنىۋى چايلارنى ياساپ ئستېمال قىلغان. مەسلەن، شىنجاڭنىڭ قار-مۇزلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان دېڭىز يۈزىدىن نەچچە مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغلاردا قىممەت باھالىق دورىلىق قىممىتىگە ئىگە قار لەيلىسى، قىزىل گۈزەل، بۇيا، زەپە، ئالقات قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا ئەجدادلىرىمىز يۇقىرىقى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ دورىلىق قىممىتىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇنى مىللىي تىبابەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ دورىلىق قىممتىگە ئىگە ھەرخىل ئىچىملىك ۋە چايلارنى ياساپ ئستېمال قىلغان ھەم باشقا جايلارغا تارقاتقان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چاينىڭ تۈرى ئازلىقتىن-كۆپلۈككە، ناچارلىقىتىن-ياخشىلىققا قاراپ تەرەققىي قىلدى. تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزىگە خاس چاي ئىچىش ئۆرپ-ئادىتى، قائىدە-يوسۇنى، چاي سوۋغا-سالىمى، چاي ئەخلاقى، چاي سەنئىتى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلدى. يەنى چاي ئىچىشنىڭ تۇرمۇشنىڭ لەززىتى، دوستلۇقنىڭ رېشتىسى، مەدەنىيەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدىغان بولدى. چاي سىقىپ ئىچىپ ھاردۇق چىقىرىش، چاي ئىچىپ سالامەتلىكنى ئاسراش، چاي قۇيۇپ مېھمان كۈتۈش، چاينى مېھمانغا تۇتۇپ ۋە سوۋغا قىلىپ دوستلۇقنى ئىپادىلەش، كىشلەر ئارىسىدا ئىناقىسزلىق كۆرۈلگەندە ماقۇللۇقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن چاي تۇتۇش ئارقىلىق ئاداۋەتنى تۈگىتىش قاتارلىق ياخشى ئادەتلەر بارلىققا كەلدى. مانا بۇلار بىزنىڭ چاي مەدەنىيىتىمزنىڭ تېخىمۇ بېيىپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسدە رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سودا ئىشلىرى ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، رايونىمىزدا 15-خەلقئارالىق سودا ئېغىزى ئېچلىپ، سودا ئىشلىرى ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىدى.
نۆۋەتتە رايونىمىز تەۋەسىدە زەرەپشان چەكلىك شىركىتى، خوتەن ئوغۇز چاي مەھسۇلاتلىرى شىركىتى، ئامىنە يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتى، ئارمان كەسپىي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر قۇرۇلۇپ ئۆز رايونىمىزنىڭ ئەۋەزەللىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، ئۆز يېرىمىزنىڭ خام ئەشىيالىرى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كىرگۈزۈلگەن خام ئەشيالارنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا يۇقىرى پە-تېخنىكا ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك، دورىلىق قىممىتى يۇقىرى بولغان زەرەپىشان قىزىل چىيى، زەرەپىشان ئەتكەن چىيى، زەرەپشان پەمىل چىيى قاتارلىق چايلارنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىپ، كەڭ ئاممىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى.
چاي-خام ئەشيا جەھەتتە ئۆزيېرىمىزدىن چىقىدىغان ئەلا سۈپەتلىك چاي ھەم خام ئەشىيالاردىن پايدىلىنىپ يەنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك چاي ھەم خام ئەشيالىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق رايونىمىزنىڭ چاي ھەم خام ئەشىيا مەنبەسىنى تولۇقلاپ، ئەلا سۈپەتلىك چاي ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق خەلقنىڭ چاينىڭ سۈپتىگە بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا، رايونىمىز چاي مەدەنىيىتى ۋە چاي سودىسنىڭ ئىستىقبالى زور. پەقەت بۇ ساھەگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، مەبلەغنى كېڭەيتىپ ۋە ئىلغار پەن-تېخنىكىنى كۆپلەپ كىرگۈزۈپ، چاي خام ئەشيا مەنبەسىنى تولۇقلىغاندىلا، رايونىمىزنىڭ چاي مەدەنىيىتى ۋە چاي سودىسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 13:11:22

aptap1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 13:31:32

begir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 13:11 static/image/common/back.gif
چاي مەدىنىيىتى جەھەتتە ھەرەمباغ ناھايىتى ياخشى ئۇسلۇپ ...

قەشقەردە ئاشخانىغا كىرگەن ھەممە ئادەملەرگە ئۇنداق دىمەيدۇ . پەقەت قاشاڭ ، قوڭى ئىغىر ، چارەك ئاشنى يەپ ، كەچكىچە چىشىنى كولايدىغان قىلىقسىز ئادەمگە شۇنداق دەيدۇ .  :lol :lol :lol

andir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 18:25:22

مۇنبەر  دەل  مۇشۇنداق تىمغا مۇھتاج  قاتتىق  تەۋسيە

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 19:04:32

چاينى پۇلغا ساتسا  بۇنى قانداق چۈشىنىش كىرەك ؟ ئەزەلدىن ئاشخانىلاردا ، تىجارەت سورۇنلىرىدا مىھمان خىرىدارلارغا چاي  ھەقسىز ئىدى  
بەت: [1]
: يىپەك يولى ۋە چاي مەدەنىيىتى توغرىسىدا