دوستلۇق ۋە مۇھەببەت
دوستلۇق ۋە مۇھەببەتدوستلۇق ھاياتلىقتىكى بىباھا بايلىق، ھەرقانداق ئىنسان ھاياتنىڭ راھەت - پاراغەتتە ئۆتۈشى ياكى نامرات ئۆتۈشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز ھاياتىنى دوستسىز ئۆتكۈزۈشىنى خالىمايدۇ. سۆيگۇ ـ مۇھەببەت ھەرقانداق نورمال ئادەم قىزىقىدىغان ھەم كۆڭۈل بۆلىدىغان تىما. ئۇ گويا تۇزغا ئوخشاش، تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدۇ. دوستلۇق بىلەن سۆيگۈ ـ مۇھەببەت ھەم بىرلىككە كەلگەن، ھەم بەلگىلىك پەرىققە ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇ قىزىقارلىق پەرقلەرنى مۇلاھىزە قىلىشقا قىزىقامسىز؟ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
دوستلۇق ئاشكارە، سۆيگۈ ـ مۇھەببەت يوشۇرۇن بولىدۇ؛ سۆيگۈ ـ مۇھەببەتنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنى پەيدا بولغاندا يوشۇرغىلى، يوقالغاندا بار قىلىپ كۆرسەتكىلى بولمايدۇ.
دوستلۇق، باراۋەرلىك ئاساسىدا، سۆيگۈ، مۇھەببەت ـ ھېسىيات ئاساسىدا قۇرۇلىدۇ.
سۆيگۈ ـ مۇھەببەت، دوستلۇقتىن قۇدرەتلىك، ئەمما ئۇنىڭ گۈلدۈرمامىلىرى ئاۋازسىز ياڭرايدۇ؛ دوستلۇق، سۆيگۈ ـ مۇھەببەتتىن ئۇلۇغ. چۈنكى، سۆيگۈ ـ مۇھەببەت قەسىرى غۇلاپ چۇشكەندە، قەلىب جاراھىتىگە دوستلۇق ئەڭ ياخشى مەلھەم بولالايدۇ.
دوستلۇق سان جەھەتتىن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، ئەمما سۆيگۈ ـ مۇھەببەت شەخسىيەتچى كېلىدۇ، ئۇ بىرلا كىشىگە تەئۇللۇق بولىدۇ.
دوستلۇقتا سۆز ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ ،سۆيگۈ ـ مۇھەببەتتە بولسا، كۆزمۇ بەزىدە "سۆز " نىڭ ئورنىنى باسالايدۇ.
دوستلۇقتا ئادەمنىڭ ئەقلى ئېچىلىدۇ، سۆيگۈ ـ مۇھەببەتتە بولسا زېھنى چېچىلىدۇ؛ سۆيگۈ ـ مۇھەببەت شەخسىيەتچىلىكى بىلەن ئالاھىدە گەۋدىلەنسە، دوستلۇقتىن كەڭ قورساقلىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.
دوستلۇق، سۆيگۈ ـ مۇھەببەتتىن چوڭ، چۇنكى سۆيگۈ ـ مۇھەببەتسىزمۇ دوستلۇق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ۋاھالەنكى، دوستلۇقسىز سۆيگۇ ـ مۇھەببەت بولمايدۇ.
دوستلۇق ـ مۇھەببەتتىن يىنىك بولىدۇ، يەنى دوستلار ئەپۇ سوراش، كۆڭۇل قويۇش بىلەن ئاداۋەتنى تۈگىتەلەيدۇ، بىراق، مۇھەببەتتە ئۇنداق بولۇشى ناتايىن.
سۆيگۈ ـ مۇھەببەت، دوستلۇقتىن نازۇك بولىدۇ. بەزى ئىشلارنى سۆز بىلەن چۈشەندۈرسەكمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ. يەنى "ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس، قالغان كۆڭۇلنى".
دوستلۇق يولىغا قارىغاندا، سۆيگۈ ـ مۇھەببەت يولى ئەگرى ـ توقاي بولىدۇ. دوستلۇقتا كۈندەشلىك بولمايدۇ، ۋاھالەنكى " كۈندەشلىك"، سۆيگۈ ـ مۇھەببەتنىڭ بەلگىسى ۋە كۇشەندىسىدۇر.
مىجەز ـ خاراكتېرى ئانچە چىقىشالمايدىغانلارمۇ ياخشى دوستلاردىن بولالايدۇ، ئەمما، ئۇنداقلارنىڭ "ياخشى مۇھەببەت" لەردىن بولالىشى ناتايىن.
مەنبە:ساقلانملىرىم
بەت:
[1]