mariya يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 08:51:08

كىتاپ ئوغىرىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا    mariya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-9 08:55  

                                                               كىتاپ ئوغىرىسى


                                                                        (ھېكايە )

     - ئوغرىنى تۇتۇڭلار ....ئۇ كىتاپ ئوغۇرلاپتۇ ، مۇلازىم خانقىزنىڭ چىرقىراق ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە بۇرۇلدۇم . ئايلانما ئىشىك تەرەپكە بېرىپ بولغان بالىنى خانقىز كىتاپخانا ئىچگە سۆرىمەكتە ، بالا بولسا چىنە خىش ياتقۇزۇلغان سىلىق يەردە ئولتۇرىۋېلىپ، ھەدەپ ئىشىك تەرەپكە داجىماقتا ئىدى . پۇل يىققۇچى ئايالمۇ  پۇكەيدىن چاققانلىق بىلەن ئۇچۇپ چىقتى – دە ، -ئامانلىق ساقلىغۇچى ....ئامانلىق ساقلىغۇچى قېنى سىز ؟ دەپ ۋارقىرىغىنىچە  مۇلازىم بىلەن تېخىچە تارتىشماق ئويناۋاتقان بالىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ باردى . ئۇ ئاچچىق غەزەپ يۇغۇرۇلغان  يوغان قولى بىلەن بالىنىڭ تامدەك تاتارغان يۇمران يۈزىگە «چاڭ » قىلىپ كېلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق سالدى . قىزچاقمۇ خۇددى شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك :
     - ھۇ يۈزى قېلىن  ئوغرى ، بىزنى بىلمەيدۇ دېگەنمىدىڭ ؟ چاپىنىڭنىڭ ئىچىگە يوشۇرغان كىتاپنى تېز چىقار ،بولمىسا ئىشخانىغا ئاپىرىپ ، ئاتا – ئاناڭنى چاقىرتىپ ، ئوغۇرلۇق قىلغانغا تويغۇزىمىز سېنى ، دېگىنىچە ئۇزۇن ئاپئاق بارماقلىرى بىلەن قەھرىتان سوغوقتا نېپىز تەنتەربىيە چاپىنى كىيىۋالغان بالىنىڭ تىتىرەپ تۇرغان  بىلەكلىرىنى  بار كۈچى  بىلەن چىمدىۋالدى. لېكىن بالا ئۈن چىقارمىدى . ھەتتا ئۇنىڭ ھودۇقۇش ۋە قورقۇش قېتىپ قالغان سەبىي  كۆزلىرىدىن مىت قىلىپ بىر تامچە ياشمۇ چىقمىدى  .ئۇنىڭ چىشلىرى كىرىشكەن ، قانسىز لەۋلىرى مەھكەم جۈپلەشكەن بولۇپ ، ئىككى قولىنى ئالماشتۇرۇپ كىتاپ يوشۇرغان كۆكسىنى تۇتۇۋالغان ئىدى .  ئىككى ئايال ھەرقانچە ھەپىلىشىپمۇ ئۇنىڭ تاشتەك قاتقان قولىنى ئاجرىتالمىدى . جانسىز ، كىچىك قوللار تاتىلاندى ، يۇلۇندى ...كۆزۈمگە خۇددى ئىككى سار بىر نىمجان چۈجىنى باسماداقلاپ چوقىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى . بالا ئۆزىگە خۇددى تاشقى پىلانتتىن  كېلىپ قالغان غەيرى مەخلۇققا قارىغاندەك ھەجەپلىنىپ ، قىزىقىپ ، ئېچىنىپ قاراپ تۇرۇشقان كىشلەردىن ئوغرىلىقىنى يۇشۇرماقچى بولغاندەك كىتابىنى جان تىكىپ  قوغدىماقتا ئىدى .
      چاقماق تېزلىكىدە كاللامغا شۇنداق ئوي كەلدى ، بالا ئوغۇرلىغان كىتابنىڭ پۇلىنى تۆلەپ ئۇنى تۇغقىنىمنىڭ بالىسى ياكى خوشنامنىڭ بالىسى دەپ ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ  چىقسامچۇ ؟ مېنىڭمۇ ئۇ دېمەتلىك ئوغلۇم بارغۇ ؟  ناۋادا يۈرەك پارەم بىلىپ – بىلمەي ئاشۇنداق بىمەنە ئىش تېرىپ نۇرغۇن كىشىنىڭ ئالدىدا ھاقارەتكە ئۇچرىسا قانداق قىلىمەن ؟
     سەندە ئۇنچىلىك جۈرئەت يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەزەلدىن توخۇ يۈرەك ئىدىڭغۇ ؟ ئۆزۈڭگە ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىق تېپىۋېلىشتىن قورقمامسەن ؟ بولدى بەس قەھرىمان بولمايلا قوي !  شەيتىنىم ماڭا ھەدەپ قوقاق سالماقتا ئىدى . نېمە قىلشىمنى بىلەلمەي ئىككىلنىپ ئەتىراپىمغا ئۈمىد بىلەن تىكىلدىم . ئۆزىنى توختاتقان ، بىر ئۆينىڭ تۆۋرۈكى ئاتىلار  ، بالا ئۈچۈن ھەتتا جېنىدىن كېچىشكە تەييار ئانىلار ،  زەبەردەست  يىگىتلەر ،گۈلچىراي قىزلار ، ئوماق ئۆسمۈرلەر  ھەممىسى قاراپ  تۇرماقتا ، شۇلار قاتارىدا مەنمۇ پورتمىلىمنى چىڭ سىقىمدىغىنىمچە ھەيكەلدەك  قانچىلىك قېتىپ تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن . قارا سۇلياۋ كالتەك كۆتۈرۈۋالغان ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىم يەردىن ئۈنگەندەكلا بالا ئالدىدا پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ گەجگىسىدىن كۈچ بىلەن بېسىپ ئىككى ئايالنىڭ ھەمراھلىقىدا خۇددى جىنايەتچىنى يالاپ ماڭغاندەك توپنى يېرىپ  ئەدەپلەپ قويغىلى «ئىشخانىسىغا » ئېلىپ ماڭغىنىدا بالىنىڭ كونىرىغان ئىشتىنىنىڭ ئېغىدىكى نەمنى كۆرۈپ ئىختيارسىز «ئاھ بىچارە بالا » - دەپ نىدا قىلدىم . يۈگۈرۈپ بېرىپ غورۇى پەيمان قىلنغان ، كەلگۈسىدىكى يازغۇچى ، شائىر ياكى بىر ياراملىق يىگىتنىڭ  ئارزۇ – ئارمانلىرىنىڭ  يەر بىلەن يەكسەن بولماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ گۇناھىنى تىلمەكچى بولدۇم . لېكىن ئىككى تىزىم ۋەھىمىدىن قېتىپ قالغاندەك قەدەم ئالالماي قالدىم . بالا كىتاب ئوغرىلىغان گۇناھى ئۈچۈن جازاسىنى تارتىشى كېرەك ، پۇلى يوق ئادەمگە كىتاب ئوقۇشنى كىم قويۇپتۇ ؟ ئۇنىڭغا يۇمشاق قوللۇق قىلىنسا كىيىنچە ھېچنىمىدىن يانمايدىغان  قارام بولۇپ كېتىشى ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوغۇرلىشى ...بارا – بارا تام تېشىدىغان نامى بار ئوغرىغا ئايلىنىشى مۈمكىنغۇ ؟ - يۈرۈگۈمنى قاماللاپ تۇرغان ئەندىشە ، پۇشايمان ئاشۇ چەك باسماس تەسەللىيلىرىم بىلەن ئازىراق بولسىمۇ يىنىكلىگەندەك  بولدى . ياق ...ياق ئۇ تېخى كىچىك بالا ، كىتاپقا بولغان ئوتتەك ئىشتياقىنى بېسۋىلىش  ئۇنچۋالا ئاسان ئەمەس ، ئۇ چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرگەن ئاشۇ كىتاۋىنى  خۇمارىدىن چىققۇچە  ئوقۇۋىلىش ، ئۆزىنىڭ قالتىس بىر كىتاۋىنىڭ بارلىقىنى ساۋاقتاشلىرىغا ماختىنۋىلىش ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا نۇمۇسقا قويغان ئاشۇ كىتاپنى ئۆزىگە مەڭگۈ مەنسۇپ قىلۋىلىش  ئۈچۈن چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان ، ھەتتا ئاپتوماتىك ئوغۇرلىقتىن ساقلىنىش ئۈسكىنىسنىڭ بارلىقىنىمۇ سەزمىگەن ، ئۆزىنىڭ چاندۇرۇپ قويمايدىغانلىقىغا قاتتىق ئىشەنگەن بولسىچۇ ؟بىر چاغلاردا سەنمۇ كىتاپ ئوقۇشقا بولغان ئوتتەك ھاياجىنىڭنى باسالمىغان ، ئاشۇ بالىدەك 10 ياش چاغلىرىڭدا  ئالى مەكتەپ ئوقىيدىغان خوشنا ھەدەڭنىڭ تەتىل قىلىپ كېلىشىنى زارقىپ كۈتكەنغۇ ؟ كىتاپ ئوقۇش بەدىلىگە ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنغۇ ؟ كالا تېزىكى ئارلاشتۇرۇرلغان  سۇيۇق لايغا كېگىز پارچىسىنى چىلاپ كىچىك قوللىرىڭدا ئۇنىڭ  سۇپىسىغا ئۆزەڭ  خالاپ گۈل چىقىرىپ لايچىلىق قىلغان ، ئۆستەڭدىن سۇ ئەكىرگەن ، ھويلا سۈپۈرگەن ئېدىڭغۇ ؟ ئاھ بىچارە بالا ! گۇناھ زادى كىمدە ؟ ساڭا كىتاپ سېتۋالغۇدەك پۇل بېرەلمىگەن ئاتا – ئاناڭدىمۇ ؟ ياكى سېنى قوغدىيالمىغان بىز چوڭلاردىمۇ ؟
     قانداقتۇر بىر قارا نەرسە ۋىڭىلداپ كۆز ئالدىمدا پىرقىراپ تۇرۋاتقاندەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى ... تېخى ھېلىلا سېتۋالغان «ئاق رومال » ئەيىپلىك قولۇمدا توختىماي  ئۇچۇپ بېرىپ  يەردە ماڭا قاراپ غەزەپ بىلەن ھومىيىپ ياتقان «جاللات خېنىم » نىڭ بوينىغا ئورىلىپ قالدى  .مەن ئېڭىشىپ ئۇنى ئالماقچى بولدۇم ، «مەن نىمىشقا ئوبزور يازىمەن ؟» كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئەمەسمىدى ؟ قەھىرلىك ئاۋاز يەر تېگىىدىن ئاڭلانغاندەك بولدى  . مەن ئالمان – تالمان كىتاپلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ئىلىم كانىدىن روھسىز ھالدا ئايرىلدىم .

(«جاللات خېنىم » – ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ شۇ ناملىق رومانى .
ئاق رومال – نادىر پوۋېسىتلار توپلمى .
«مەن نېمىشقا  ئوبزور يازىمەن » - يالقۇن روزىنىڭ شۇ ناملىق كىتاۋى .


kurbi308 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 10:20:11

ھەي،نىمە دىسەم بولار:(:(

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 10:24:45

شۇنچىلىك ئىشقىمۇ كارغا كەلمىگىنىنى مۇنۇ ئادەمنىڭ، مەن بىر ئايال جېنىمدا مىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىمدە بولمىغان ئوقۇغۇچىنى ساقچىنىڭ قولىدىن ئاجرىتىۋالغانمەن. مەن تەربىيە قىلاي، بالىغا خاتالىغىنى تۈزۈتۈش پۇرسىتى بەگەن بولساڭلار دەپ....

OKYA116 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 11:11:43

مىڭ كىتاپ ئوقۇپ بىلىملىك ھىس قىلغاندىن بىر ئەمەلىي ئىش قىلغان  ئەلە ئەمەسمۇ ؟
ماۋزۇدىن شۇنچىلىك ياخشى يازمىمىكىن دەپ ئوقۇپتىكەنمەن . . .‹‹ سەلىگە چۇشلۇق ئىمان يوق››دىگەندەك يازما بولۇپتۇ بۇ . . .

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 13:46:43

يالقۇن روزىنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلىك ئىكەندە بۇ ؟

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 15:16:16

بۇ زادى كىمنىڭ يازمىسى. يازما ئېگىسى ئىسمى-جىسمىغا لايىق لامزەللە كىتابپۇرۇشكەن. كىتابپۇرۇش ئەمەس كىتاب خالتىسى

hutantawakkul يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 12:27:22

بۇ ئادەمنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن ئوبزور يازىمەن دېگەن گىپى گۇمانلىق……
بەت: [1]
: كىتاپ ئوغىرىسى