bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 08:40:24

NASA تاشقىي پلانېتا سەپىرىگە ئائىت نادىر تام رەسىملىرىنى ئېلان قىلدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-9 09:38  

NASA تاشقىي پلانېتا سەپىرىگە ئائىت نادىر تام رەسىملىرىنى ئېلان قىلدى

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى


NASA مەركىزى ج پ ل (يەنى مېنىڭ ئىدارەم JPL) يېقىندا كەلگۈسىدە بىزنىڭ قۇياشتىن باشقا بىر يۇلتۇزنى ئوربىتلايدىغان تاشقىي پلانېتا ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ساياھەتكە ئائىت 3 پارچە تام رەسىمىنى ئېلان قىلدى.  بۇ رەسىملەر ھازىرغىچە بايقالغان 3 دانە تاشقىي پلانېتىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ج پ ل دىكى 3 نەپەر مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن سىزىلغان بولۇپ،  ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ساياھەت قىلىش بولسا بىر خىل خىيالىي سنارىيىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.  يەنى، بۇ تام رەسىملىرىدە سىزىلغىنى 3 خىل خىيالىي كۆرىنىش بولۇپ، ئۇلارنى بىزنىڭ باش ئىدارىمىز بولغان دۇنياغا داڭلىق ئالىي مەكتەپ كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدىكى «تاشقىي پلانېتا ساياھەت ئىدارىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئويدۇرما ئورۇن «باشقا دۇنيادىكى ساياھەت نۇقتىلىرى» دەپ تەشۋىق قىلىۋېتىپتۇ .

ئاشۇ 3 پارچە رەسىملەرنى سىزغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرىنىڭ دېيىشىچە، ھازىرغىچە ناھايىتى كۆپ ساندىكى تاشقىي پلانېتىلار بايقالغان بولۇپ،   ھازىر بەزىلەردە خۇددى بىر كەلگۈسىدىكى دۇنيادا ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇ بار ئىكەن.  شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ بۇ رەسىملەرنى سىزىپ چىقىشتىكى مەقسەتلىرىنىڭ بىرسى،  ساياھەت قىلىش سنارىيىسى ئىچىدە ھەر بىر تاشقىي پلانېتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تەكشۈرۈپ بېقىش ئىكەن.  بۇ رەسىملەرنى سىزغان 3 كىشى ج پ ل دىكى باشقا مۇتەخەسسىسلەر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، رەسىمدە كۆرسىتىلگەن تاشقىي پلانېتىلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشىپتۇ.  

تۆۋەندىكىسى ناسا بۇ قېتىم ئېلان قىلغان 3 پارچە تام رەسىملىرى.



1-رەسىم: «Kepler-16b» دەپ ئاتىلىدىغان تاشقىي پلانېتا ئىككى ئانا يۇلتۇزنى ئوربىتلايدۇ.  رەسىمدە بۇ پلانېتا بىر تاشلاردىن تۈزۈلگەن پلانېتا قىلىپ سىزىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ساتۇرنغا ئوخشاش بىر گازدىن تۈزۈلگەن پلانېتا بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ بار.  بۇ پلانېتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى قۇرۇق-مۇزنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، مىنۇس 100 گرادۇستىن مىنۇس 70 گرادۇسقىچە كېلىدۇ، دەپ پەرەز قىلىنماقتا.  شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئۈستىدە ھاياتلىق بولۇش ئېھتىماللىقى ئانچە يۇقىرى ئەمەس.  ئەگەر سىز مۇشۇ پلانېتا ئۈستىدە ماڭسىڭىز، سىز ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنىڭ كۆلەڭگىسىدىن ئىككىنى تەڭلا كۆرىسىز.  بۇ پلانېتىنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 200 نۇر يىلى بولۇپ، ئۇ 2011-يىلى 15-سېنتەبىر كۈنى بايقالغان.  بۇ پلانېتا ئىككى ئانا يۇلتۇزنى ھەر 229 كۈندە بىر قېتىم تولۇق ئايلىنىدۇ.



2-رەسىم: «HD 40307g» دەپ ئاتىلىدىغان تاشقىي پلانېتىنىڭ ماسسىسى يەر شارى ماسسىسىنىڭ 7 ھەسسىگە تەڭ بولۇپ، ئۇ بەزىدە «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ يەر شارى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.  ئۇ 2012-يىلى 28-ئۆكتەبىر كۈنى بايقالغان بولۇپ، بىزدىن 44 نۇر يىلى يىراقلىقتا.  ئەگەر سىز ئۇنىڭ ئۈستىدە ماڭسىڭىز سىز دۇچ كېلىدىغان تارتىش كۈچى يەر شارى ئۈستىدىكىسىگە قارىغاندا كۆپ كۈچلۈك بولىدۇ.  يەنى، ئەگەر سىزنىڭ ئېغىرلىقىڭىز يەر شارى يۈزىدە 50 كىلوگرام كەلسە، مەزكۇر پلانېتىغا بارغاندا سىزنىڭ ئېغىرلىقىڭىز 350 كىلوگرامغا يېقىنراق كېلىشى مۇمكىن.



3-رەسىم: «Kepler-186f» دەپ ئاتىلىدىغان تاشقىي پلانېتىنىڭ چوڭلۇقى يەر شارىنىڭ چوڭلۇقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە بايقالغان تاشقىي پلانېتىلار ئىچىدىكى «جانلىقلار ياشىيالايدىغان رايون» ئىچىگە جايلاشقان تۇنجى پلانېتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ھەر بىر يۇلتۇزنىڭ ئەتىراپىدا بەك ئىسسىقمۇ ئەمەس، بەك سوغۇقمۇ ئەمەس، شۇڭا سۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان  بىر رايون بار بولۇپ، ئاشۇ رايون «جانلىقلار ياشىيالايدىغان رايون» دەپ ئاتىلىدۇ.  ھازىر ناسا نۇرغۇن پۇل خەجلەپ تاپماقچى بولىۋاتقان تاشقىي پلانېتىلار ئەنە شۇنداق رايونغا جايلاشقان پلانېتىلار بولۇپ، مەن ھازىر ئاساسلىقى ئاشۇ مەقسەت ئۈچۈن ياسىلىۋاتقان ئالەم تېلېسكوپلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىنى قىلىۋاتىمەن.  «Kepler-186f» دېگەن تاشقىي پلانېتا  2014-يىلى 4-ئايدا بايقالغان.  بۇ پلانېتا ئوربىتلاۋاتقان رايون يەر شارىنىڭ ئوربىتىسىدىن سوغۇقراق بولۇپ، ئۇنىڭ ئانا يۇلتۇزىمۇ بىزنىڭ قوياشقا قارىغاندا بەكراق قىزىل-رەڭلىك كېلىدۇ.  شۇ سەۋەبتىن، ئەگەر بۇ پلانېتىنىڭ ئۈستىدە ئۆسۈملۈكلەر بار بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ رەڭگىمۇ سەل قىزغۇچ كېلىدۇ.  شۇڭلاشقا يۇقىرىدىكى رەسىمدە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ رەڭگى قىزغۇچراق قىلىپ سىزىلغان.   بۇ پلانېتىنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 492 نۇر يىلى كېلىدۇ.   

يۇقىرىدىكى 3 پارچە رەسىم ج پ ل نىڭ ئىنگلىزچە «PLanetQuest» دەپ ئاتىلىدىغان تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، تۆۋەندىكى رەسىمنى مەن ئاشۇ تور بېتىدىن كېسىپ ئالدىم:


4-رەسىم


5-رەسىم: ئانا يۇلتۇزىدىن ئىككىسى بار، ئىنگلىزچە «Kepler-16b» دەپ ئاتىلىدىغان تاشقىي پلانېتىنىڭ يەنە بىر كۆرۈنىشى.    بۇ رەسىمدىكى قىزغۇچ رەڭلىك شار بىرىنچى يۇلتۇزنى، سېرىق رەڭلىك شار ئىككىنچى يۇلتۇزنى، بىنەپشە رەڭلىك شار بولسا پلانېتىنى كۆرسىتىدۇ.


«نۇر يىلى» دېگەن بىرلىكنىڭ ئېنىقلىمىسى:

«نۇر يىلى» دېگىنىمىز ئاسترونومىيىدە ئىشلىتىلىدىغان بىر ئارىلىق بىرلىكى بولۇپ، ئۇ نۇرنىڭ بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە باسىدىغان مۇساپىسىنى كۆرسىتىدۇ.  كائىناتتىكى جىسىملارنىڭ ئارىلىقلىرى بەك يىراق بولغاچقا، ئۇنداق ئارىلىقلارنى بىز ئادەتتە ئىشلىتىدىغان ئۇزۇنلۇق بىرلىكى «مېتىر»، «كىلومېتىر» بىلەن ئۆلچەپ بولغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، بىزگە ئاخشىمى ئاسماندا كۆرۈنىدىغان يۇلتۇزلارنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.26 نۇر يىلى بولۇپ، بىر نۇر يىلى تۆۋەندىكىدەك ئۇزۇنلۇققا تەڭ:

بىر نۇر يىلى دېگىنىمىز (365 كۈن) x (24 سائەت) x (60 مىنۇت) x (60 سېكۇنت) x (300000 كىلومېتىر/سېكۇنت) بولۇپ، بۇ يەردىكى ئەڭ ئاخىرقى سان نۇرنىڭ تېزلىكىدىن ئىبارەت. يەنى نۇر بىر سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدۇ. يۇقىرىقى سانلارنى ئۆز-ئارا كۆپەيتسەك (يۇقىرىدىكى « x » كۆپەيتىش بەلگىسى):

مېتىر 9،460،730،472،580،800 = بىر نۇر يىلى



پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

NASA Makes Vintage Posters for Futuristic Travel
http://www.newsweek.com/nasa-makes-vintage-posters-futuristic-travel-297674

Planet Quest
http://planetquest.jpl.nasa.gov/

aktirak يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 09:24:58

ئەتىگەندە ماقالىڭىزنى ئوقۇشقا ئالدىراپ كېلىپ قالدىم.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 10:38:18

قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى 8.3 نۇر مىنۇتى كېلىدۇ.  يەنى، قۇياشتىن چىققان نۇر 8.3 مىنۇتتا يەر شارىغا يېتىپ كېلىدۇ.

BIZE يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 13:37:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا    BIZE تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-9 13:46  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىم خۇمار ئەپەندى بىزگە نۇرغۇن بىلىم بېرىپ كېلىۋاتقىنىڭىزغا رەھمەت.ئۆتكەندە بىر يازمىڭىزدا «تەسەۋۋۇر ئىنژىنىرلىقى»دىگەن بىر سۆزنى كۆرۈپ قالدىم ئەگەر ۋاقتىڭىز يەتسە شۇگەپ توغرىسىدا بىرەر ماقالە يازغان بولسىڭىز.

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 00:21:15

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئەپەندىم ،  سىزنىڭ مۇشۇنداق  ئىدارىڭىزنىڭ  تەتقىقات نەتىجىرلىرنى تورلاردا ئىلان قىلۋاتقانلىقىڭىزنى ئىدارىڭىزدىكىلەر بىلەمدۇ؟ سىلەرنىڭ ئىداردىكى تەتقىقات نەتجىسنى سىر تۇتىدىغان ئىشلارمۇ بارمۇ ياكى  بارلىق نەتىجىنى ئۇچۇق ئاشكارا ئىلان قىلامدۇ؟

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 06:46:46

BIZE يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 13:37 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىم خۇمار ئەپەندى بىزگە نۇرغۇن ب ...

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام!

سەمىمىي سۆزلىرىڭىزگە رەھمەت.  مەن بۇرۇن سىز تەۋسىيە قىلغان مەزمۇندا بىر قىسقا يازما تەييارلىغان.  ئۇنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:
تەسەۋۋۇر ئىنجېنېرلىقى:
http://bbs.misranim.com/thread-109821-1-1.html

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 06:53:10

bayawat يوللىغان ۋاقتى  2015-1-10 00:21 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئەپەندىم ،  سىزنىڭ مۇش ...

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام باياۋات ئەپەندىم، ناسا بىر قىسىم ئىشلارنى ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە مەخپىي تۇتىدىغان بولۇپ، بىز يېڭى تېخنىكىلارغا ئائىت تېما ئۈستىدە ئىلمىي ماقالە يازغاندا، ئۇنى چوقۇم ئىدارىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمىسەك بولمايدۇ.  شۇنداقلا ناسا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزلىرى قىلىۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.  ھەمدە نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ، بۇ جەھەتتىكى تەشۋىقات ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.  شۇنداقلا بىزنىڭمۇ ئاشۇنداق تەشۋىقات ئىشلىرىغا قاتنىشىمىمىزنى قارشى ئالىدۇ ۋە بىزنى ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرىدۇ.  مەن يۇقىرىدا يازغان مەزمۇن ناسا ۋە باشقا ئورۇنلار ئاممىۋى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغان مەزمۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا بىرەر مەخپىيەتلىككە ياتىدىغان مەزمۇن يوق.

xXx يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 16:53:59

بىلىم خۇمار ئەپەندىمگە رەھمەت

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 10:48:45

ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ مۇشۇنداق ئەڭ يېڭى پەن تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى بىزگە ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ
يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىغا كۆپ تەشەككۈر!  تەتقىقاتلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!:)
بەت: [1]
: NASA تاشقىي پلانېتا سەپىرىگە ئائىت نادىر تام رەسىملىرىنى ئېلان قىلدى