gunes يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 06:05:51

(تەرجىمە) بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق …

بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق …


بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق،
جېنىڭنى بېرەلەيدىغان.
قولىڭنى، پۇتىڭنى، كۆزىڭنى، قۇلىقىڭنى،
ھەتتا بارلىقىڭنى بېرەلەيدىغان.

بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق،
خاتا بىر ئىش قىلغاندا مەسۇم كۆزلىرىگە قاراپ،
دەقىقىلەر ئىچىدە قەلبىڭ ئېرىيدىغان،
پاكلىقىغا سەجدە قىلىدىغان.  

بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق،
ئۆيدە ناز كەرەشمە قىلىدىغان،
سىرتتا ھازازۇللىقىدىن
سېنى خىجىل قىلىدىغان.

بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق،
دۇنيادا يالغۇز قالغاندا،
باي بولغاندا، گاداي قالغاندا،
ھەتتا ئايالىڭ تاشلاپ كەتكەندە،
«جېنىم دادا» دەپ بوينىڭغا گىرە سالىدىغان،
كۆز ياشلىرىڭ بىلەن باغرىڭغا باسالايدىغان.

بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق،
چاي دەملىشىگە قاراپ ھوزۇر ئالىدىغان،
ھازىرلىغان تامىقىنى،
لەززەت بىلەن يىيەلەيدىغان.

بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق،
جېنىدىن ھايات تاپىدىغان،
بارلىقىدىن نەپەس ئالىدىغان،
سېغىندۇرىشىدىن تىپىرلايدىغان.

بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق،
دۇنيا بىر تەرەپتە، قىزىڭ بىر تەرەپتە،
قىزىڭ ئۈچۈن،
شۇ دۇنيادىن ۋاز كېچەلەيدىغان.

بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق،
كۆزلىرىدىن خۇددى زەمزەم تامچىغان،
ئىچكەنچە كەۋسىرىدىن،
مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان.

بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق،
چاچلىرىدا ئانىسىنىڭ ھېدى كېلىدىغان،
ئۇ زەڭگەر كۆزلىرىدە،
دېڭىز دولقۇنلايدىغان.

بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق،
يۈزلىرىدىن نۇر تۆكۈلىدىغان،
تىنىق بۇلاقتەك ئاۋازلىرى،
قۇلىقىڭدا شىلدىرلايدىغان.

بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق،
بىر قېتىم «دادا» دېدىمۇ،
مىليونلارچە «دادا» ساداسى كېلىدىغان.

بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق،
شىپاسىز ياراڭغا تەگدىمۇ،
لوقمان ھېكىمغا ھېچ،
ھېچ كېرەك قالمايدىغان.

بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق،
پاختىدەك قوللىرى بولغان،
سېنى تۇتتىمۇ ئاستا،
ۋۇجۇدۇڭ شۇرۇلداپ كېتىدىغان.

بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق،
يىغلىغاندا كۆزىدىن ياش،
ياش ئەمەس ئۈنچە تۆكۈلىدىغان.

بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق،
ئاخىرقى نەپىسىڭدە ھالاللىق ئىستەيدىغان،
ۋە «يىغلىسا قىزىم يىغلايدۇ،
قالغىنى يالغان يىغلايدۇ»
دېيەلەيدىغان!

بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق،
قېنىڭ قېنىدا بولغان،
ئىسمىڭنى ئىسمىغا يازغان،

بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق،
ئانىسىنى، سېنى قەلبىگە كۆمگەن،
روھىڭ ئەتراپىدا ئەگىپ يۈرەلەيدىغان.

بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق،
ئىسمى بەخت، يېرى تەخت بولغان،
ئۇ مەۋھۇم روھىڭنىڭ،
تارىنى چېكەلەيدىغان،

بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق،
سەن خاتىرجەم كېتەلەيدىغان،
مۇشۇنداق خەزىنەڭ تۇرسا،
يەنە نېمە بار؟
سەن تارتىشىدىغان…

بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق…
قىزىم!!! دېيەلەيدىغان…

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 08:42:59

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 08:49:45

خۇداغا مىڭ شۈكرى، مېنىڭ بار!

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 11:26:07

مىنىڭمۇ بىر قىزىم بار  . كۈندىن كۈنگە ئۇماق چوڭ بولىۋاتىدۇ . ئۆمرىنى خەيرىيەت بىلەن تولدۇرۇپ بەرسۇن ئىلاھىم
بەت: [1]
: (تەرجىمە) بىر قىزىڭ بولسۇن شۇنداق …