jan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 03:20:59

جان : قارغىش تەككەن مەھەللە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-9 03:26  

قارغىش تەككەن مەھەللە
( ھېكايىلەشكەن ئۇچرىك)
    بۈگۈن ئەتىگەندىلا  خالتا كوچىدىكى كىشلەر ھاجى دەرۋىشنىڭ  قورۇسى ئالدىدىكى، دەرۋىش مەيدانىغا توپلىشىپ قالغان ئىدى. بۇ مەھەللە - چوڭ كوچا، تار كوچا ۋە خالتا كوچا – دەپ، ئۈچكە ئايرىلغان بولۇپ، مۇشۇ خالتا كوچىدىلا  بىر يۈز ئوتتۇز  ئائىلە ئولتۇراقلاشقان. بۇ خالتا كوچىنىڭ چوڭ كوچىغا تۇتاشقان  ئېغىزىدىن باشلاپ ، يولنىڭ ئىككى يېقىدىكى  بىر -بىرىگە قارىتىپ تەكشى سېلىنغان  قورولار ، كوچىنىڭ سىرغىپ بېرىپ،  ئاخىرىدىكى دەرۋىش مەيدانىنى تەشكىل قىلىشى  خۇددى  ئۇزۇن ساپاقلىق نوگايدەكلا  كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.  بۇ خالتا كوچا شۇنچىلىك سىرلىقكى، مەھەللە باشلىقى، موللىسى، قارىسى، ئوغرىسى، قىمارۋازلىرى، ھاراقكەشلىرى، لۈكچەكلىرى، بېشەملىرى بىلەن رەڭگا- رەڭ بولۇپ، بۇ يېقىن ئەتراپلاردىلا ئەمەس، ھەتتا مۇشۇ يۇرتتىمۇ بۇنداق كوچىدىن  يەنە بىرنى   تېپىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى . بۇ كوچىغا باشقا كوچىدىكىلەرنىڭ ھەۋىسى كېلىدۇ. چۈنكى  بۇ كوچىنىڭ ئادەملىرى ئۆم. ئەگەر مۇشۇ خالتا كوچىنىڭ مەھەللە باشلىقىنىڭ، موللىسىنىڭ، قارىسىنىڭ، ئوغرى،قىمارۋاز، لۈكچەك، بېشەملىرىنىڭ دىتىغا ياقىدىغانلا بولسا، باشقا بىر كوچىدا ئادەم ئۆلتۈرۈپ قېچىپ كەلگەن قاتىل بولسىمۇ، ئىس- بۇسى چىقماي سىغىپ كېتىدۇ. ھۆكۈمەت، پۈكۈمەت، ساقچى، پاقچى، سوتچى، پوتچى دېگەنلەرمۇ ئايلىنىپ ئەگىپ، يەنە شۇ مەھەللىنىڭ سۆزى چوڭلىرى بىلەن ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ، ئىش تامام ۋەسسالام- دەيدۇ.  ئەگەر بىرەر ئىش ھېلىقىلارنىڭ كۆزىگە سىغمايدىغانلا بولسا، بولدى، يىڭنە چاغلىق نەرسىمۇ بۇ خالتا كوچىغا سىغمايدۇ.
    بۈگۈن  ھاجى دەرۋىشنىڭ قورۇسى ئالدىدىكى دەرۋىش مەيدانىغا كىشىلەرنىڭ توپلىشىشىمۇ شۇنداق بىر ئىشتىن دېرەك بەرمەكتە. كىشىلەرنىڭ قولىدا ئۆزگىچە پلاكاتلار.  ھەركىم ئۆزىچە بىر نەرسىلەرنى يېزىۋېلىشقان. بەزىلىىرىنىڭكىدە – يوقالسۇن راپىزە! – دېگەن شوئار يېزىلغان بولسا، بەزىلىىرىنىڭكىدە – يوقالسۇن  راڭپىزە!، بەزىلىىرىنىڭكىدە بولسا – يوقالسۇن جاڭپىزە! – دەپمۇ يېزىلغان. ئىشقىلىپ خەت يېزىلمىغان بىكار پلاكات كۆرۈنمەيتتى. كىم نېمىنى  ياقتۇرمىسا، پلاكاتىغا شۇنى يېزىۋالغان بولسا كېرەك. ياكى ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى يېزىۋالغان بولىشىمۇ پەرەزدىن يىراق ئەمەس. نېمىلا بولمىسۇن دەرۋىش مەيدانى  ئادەم توپى بىلەن قاينىماقتا. بۇ مەيداننى قاچانقى زامانەملەردىكىن تاڭ، ئىشقىلىپ  ھاجى دەرۋىشنىڭ ئاتا بوۋىسى مۇشۇ مەھەللىنى بەرپا قىلىشقا باشلىغان زامانلاردا،  ئەل-  مەلىنىڭ توپلىشىش ئىشلىرىنى، جىنازا نامىزىنى، توي – تۆكۈن ، نەزىر- چىراغلىرىنى بىمالال ئۆتكۈزسۇن-دەپ،  مۇشۇ خالتا كوچا ئەھلى ئۈچۈن ۋەقپە قىلغان ئىكەن. بۈگۈن بۇ مەيداندا چوڭ بىر مۇراسىم ئۈچۈن  كاتتا تەييارلىق قىلىنماقتا.
     خالتا كوچىنىڭ دەرۋىش مەيدانىغا ساڭگىلاپ چۈشىۋاتقان  ئېغىزىدىن باشلاپ  قاتىرىسىغا  چوڭ شىرەلەر تىزىلغان. ئادەت بويىچە باشتىكى شىرەدە خالتا كوچىنى بېشىغا كىيىدىغان ، بەش نەپەر  بېشەم چىڭگىلچاچ خوتۇنلار، ئۇنىڭدىن كېيىن  يەتتە نەپەر مەھەللە باشقىلى، ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۈچ نەپەر موللا قارى، ئۇنىڭدىن كېيىن تۆت نەپەر ئوغرى قىمارۋاز، ئۇنىڭدىن كېيىن ئالتە نەپەر  مۇناپىق چېقىمچى،ئۇنىڭدىن كېيىن بەش نەپەر ھاراقكەش، ئۇنىڭدىن كېيىن تۆت نەپەر مۇتىھەم لۈكچەك، ئۇنىڭدىن كېيىن توققۇز نەپەر نەشىكەش، جازانىخور، پاراخور، ئالدامچى، سۇخەنچى، ئىشقىلىپ شىرەلەر شۇنداق رېتى بىلەن تىزىلغانكى، مۇشۇ خالتا كوچىدا سۆز ھەققىگە ئىگە ھەرقانداق  بىر تائىپە تۆرسىز قالمىغان. ھېلىقى  بەش نەپەر  بېشەم چىڭگىلچاچ خوتۇنلارنىڭ ئالدىدىكى شىرەدە  يېيىلىپ ياتقان  ۋاراقلارغا خالتا كوچىنىڭ ئەزالىرى -  كىچىك- چوڭ، پىششىق-توڭ ھەممىسى نۆۋىتى بىلەن كېلىپ ئىسىملىرىنى خەتلەتمەكتە. ئاش ۋاقتىدىن كېيىن، چۈشكە يېقىن خەتلەش ئىشى ئاخىرلاشقان بولسا كېرەك ، بەش نەپەر  بېشەم چىڭگىلچاچ خوتۇنلار  ئىنجىقلاپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى - دە، ھەركۈنى ئالتە ئۆيدە چاي ئويناپ، يەپ، ئىچىپ ماي توڭلاپ قالغان كېكىردەكلىرىنى غىردىشىپ  نۇتۇقنى باشلىدى:
  مۆھتەرەم خالتا كوچىمىزنىڭ قورقۇمسىز، جەسۇر، ئۆم ئەزالىرى! بۈگۈنكى ئۇلۇغ مۇقەددەس  پائالىيىتىمىزگە قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، خالتا كوچىمىزدىكى بىر يۈز يىگىرمە توققۇز ئائىلە مانا بۇ چاقىرىقنامىگە قول قويۇشتۇڭلار. ھەممەڭلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك،  خالتا كوچىمىزدا جەمى بىر يۈز ئوتتۇز ئائىلە بولۇپ، پەقەت بىر ئائىلە بۇ مۇراسىمىگە قاتناشمىدى ۋە قاتناشتۇرۇلمىدى. ئۇ بولسىمۇ ھاجى دەرۋىش. ئۇ خۇدانىڭ شەرىئىتىگە يات بويتاق ياشايدۇ.  ئۇ جامائەتكە قېتىلمايدۇ. ئۇ ئاياللارنى ئېمىدۇ. ئۇ ئىستىنجا قىلغان پاسكىنا قولىدا سەبى بالىلىرىمىزغا قاق، يېمىش تارقىتىپ، ئەقلىنى بۇلغايدۇ. بىز بۈگۈن بەت مەزھەپ ھاجى دەرۋىشنى مەھەللىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئۆي ۋاقى، زەپتى زېمىنلىرىنى دۆلىتىمىزگە ئېلىپ بەرمەكچى! ھۆكۈم نامىنى ھۆرمەتلىك مەھەللە باشلىقىمىز ئوقۇپ بېرىدۇ.
   دەرۋىش مەيدانىغا توپلاشقان بىر يۈز يىگىرمە توققۇز ئائىلە كىشىلىرى بەش نەپەر  بېشەم چىڭگىلچاچ خوتۇنلارنىڭ نۇتقىنى شۇنچىلىك ئىخلاس بىلەن ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھەممىسى سۈكۈتتە مەھەللە باشلىقىنىڭ ئاغىزىغا تەلمۈرۈشتى.
   جانابى مۆھتەرەم پۇخرالىرىم- دەپ، سۆزنى ئالغان  بىرىنچى مەھەللە باشلىقى – بىز بۈگۈن، بۈگۈن بىز، ھاجى دەرۋىش راڭپىزىنى ئۆيىدىن قوغلاپ، قوغلاپ ئۆيىدىن... دەپ، تىلىنى چايناپ، تەمتىرەشكە باشلىدى. ياندىكى شىرەدە  سۆز نۆۋىتىنى كۈتۈپ، پوكاندەك قىزىرىپ ئولتۇرغان  موللا قارىم – راڭپىزە ئەمەس، تەقسىر! راپىزە – دېسىلە- دەپ، لوقما سالدى. شۇنىڭ بىلەن گەپنىڭ بېشىدىلا كەيپىياتى بۇزۇلغان مەھەللە باشلىقى سۆزنى دەرھال موللاقارىمغا ئۆتۈنۈپ بەردى.  موللا قارىم  يىپقا ئۈنچە تىزغاندەك يۇقىرى سەنئەت ، ماھارەتتە  بىردە قۇرئاندىن، بىردە ھەدىستىن، بىردە ئۆتكەن- كەچكەنلەرنىڭ ھېكايەتلىرىدىن تىرىپ تۆشەپ، سورۇننى ئاجايىپ قىزىتىۋەتكەندىن كېيىن، خالتا كوچىدىكى بىر يۈز يىگىرمە توققۇز ئائىلىنىڭ تەستىقلىغان ئىمزاسى ئاستىدىكى  ھاجى دەرۋىشنىڭ ئۈستىدىن  چىقىرىلغان   ھۆكۈمنامىنى ئوقۇدى :
   ئاللاھغا ھەمدە- سانا، پەيغەمبەرگە دۇرۇت- سالام يوللىغاندىن كېيىن، ھەربىرلىرىگە يېتىپ مەلۇم بولغايكى، بىر مەھەللىدە بىرلا راپىزە  ياشايدىكەن، ئۇنىڭ شۇملۇقى تۈپەيلىدىن، شۇ مەھەللىگە ئاسماندىن تاش يېغىپ، گۇناھلىق، گۇناھسىز بارلىق  ئاممىنىڭ ھالاك بولىشى مۇقەررەر. شۇڭا بۈگۈن بۇ خالتا كوچىمىزدىكى بىر نەپەر راپىزىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم ۋە خۇلاسە ئېلان قىلىمىز. مەھەللىمىزدىكى ھاجى دەرۋىش راپىزىنىڭ گۇناھى قىلمىشلىرى ئېغىر. پەقىر ئۇنىڭ ئەھكامى شەرئىيگە خىلاپ بولغان گۇناھى كەبىرىلىرىنى ساناپ ئۆتمەكچى. گەپنىڭ ئۇدۇلى كەلگەندە گۇۋاھچىلار ئورنىدىن تۇرۇپ شاھىت بولسۇنلەر!
: ھاجى دەرۋىش راپىزىدۇر- دېدى موللا قارىم مىكروفوندىن ياڭراۋاتقان سادالار يېتىشمەيۋاتقاندەك،  ئاۋازىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ.
-شۇنداق، بەرھەق!-دەپ، چۇرقۇراشتى دەرۋىش مەيدانىدىكى بىر يۈز يىگىرمە توققۇز ئائىلە كىشىلىرى بىردەك ئاۋازدا.   
: ھاجى دەرۋىش  بەت قىلىقتۇر! – دېدى ، موللا قارىم  جامائەتتىن گۇۋاھچى تەلەپ قىلغاندەك بوينىنى سوزۇپ. لېكىن ھېچكىمدىن سادا چىقمىدى. يەنە : ھاجى دەرۋىشنىڭ يامان ئادىتى باردۇر! –دېدى، ئاچچىقتىن سەل چىڭقىلىپ. بىراق گۇۋاھچىلار ئۈنچىقمايتتى. ئەتراپىدىكى مەتولارغا مەقسەتنى بىلدۈرەلمەي بىتاقەت بولغان موللا قارىم ، گەپنىڭ  ئوچۇقىنى دەۋەتتى : ھاجى دەرۋىش راپىزە قايسىڭنىڭ خوتۇنىنى ئېمىپتىكەن؟ - ھە، ھە مانا، مانا – دېدى لۈكچەكلەر سورۇنىدىن ئىككى ئەركىشى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ. ھە، ئۇنداق بولسا گۇۋاھلىقىڭلارنى بەرسەڭلا بولىدۇ-دېدى، موللا قارىم ئۇلارغا ئىجازەت تەرىقىسىدە. – شۇنداق تەقسىر! ئاۋۇ ھاجى دەۋرىز جاڭپىزە دېگەن مۇناپىق، مېنىڭ ئىككى يىل بۇرۇن  ئون سەككىزمىڭ تالاق قىلىۋەتكەن ئايالىمنىڭ كۆينىكىدىن تېشىپ چىققان كۆكسىنى ئىمىپ قويۇپتۇ. ئالدىڭىز ئوچۇق بولۇپ، ئەرگە تېگىپلا تۇرىدىغان بولىسىز-دەپ، شۇنداق قىلغان دەيدۇ. گۇۋاھچىم بار- دېدى، خوتۇن تالاق ئەتراپقا قاراپ. شۇنداق! راس بولغان ئىش!-دېيىشتى لۈكچەكلەر سورۇنىدىكى ھەممە قىمارۋاز بىردەك ئاۋاز بېرىپ. گۇۋاھچىنىڭ يەنە بىرىمۇ گۇۋاھلىق نۆۋىتى بويىچە ئەرزىنى بايان قىلدى: ھاجى دەۋرىش راڭپىزە دېگەن ئوغرى قېرىغىنىنى تۇيماي، مېنىڭ ئۆتكەن يىلى قىمارغا تىكىپ ئۇتتۇرۇۋەتكەن، ئالبانىيە ئىنىكىدەك نەسىللىك، سۈتلۈك ئايالىمنىڭ، كۆينەكتىن تالاغا چىقىپ تۇرىدىغان كۆكسىنى شوراپ قويۇپتۇ. قىماردا ئۇتۇپ قالسام قايتۇرىۋالارمەن- دەپ، كۆيۈپ، پىشىپ تۇرغان خوتۇنۇمنى مەكرو قىلىۋەتتى بۇ دەيۈز! –   ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنىمۇ ئەتراپىدىكى بىرمۇنچە لۈكچەك، قىمارۋازلار تەستىقلاپ تۇراتتى.
    موللا قارىم ئوقۇشنى داۋام ئەتتى: ھاجى دەرۋىش راپىزە  مەھەللىمىزدىكى ئۆلۈم، يېتىم، توي-تۆكۈن، نەزرە-چىراق، ئولتۇرۇش-قوپۇشلارغا، نامايىشلارغا ئىشتىراك قىلمايدىغان، جامائەتتىن ئۈزۈلگەن، ئاللاھقا ئىسيان قىلىپ، ئاللاھدىن يەككىلىك تالاشقان، بويتاق ئۆتكەن بەت مەزھەپتۇر! – شۇنداق! بەرھەق. موللا قارىم راست دېدىلە! – دېيىشەتتى، جامائەت دوست تارتىشىپ . موللا قارىم  كېكىردىكىنى قىرىۋېتىپ داۋام ئەتتى: ھاجى دەرۋىش راپىزە بەتچىۋازدۇر!–شۇنداق، راست دېدىلە موللا قارىم! ئۇ مۇناپىقنىڭ كاساپىتىدىن ئوغۇللىرىمىزنىڭ چاچلىرى ئۆسۈپ، بەل تولغاپ ،  غىتمەكتەك ماڭىدىغان بولۇپ قالدى- دېيىشتى ئاۋام  غەزەپ بىلەن سادا ياڭرىتىپ. مىكروفوننىڭ يەنە بىر ئۇچىغا چېتىلغان داشقازاندەك يوغان تۆت دانە زوۋۇكنىڭ ئاۋاز  تارقاتقۇچ  كانىيى ھاجى دەرۋىشنىڭ ھويلىسىغا ئۇدۇللاپ قويۇلغاچقىمىكىن، ھەربىر شىكايەت، ھۆكۈم ئۇنىڭ ھويلا ئارامدىن ئۆتۈپ، باغ-ۋارانلىرىنى زىلزىلىگە سالاتتى. موللا قارىم ھۆكۈمنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق چۈشۈردى: مۆھتەرەم خالتا كوچا جامائەتلىرى. بۈگۈن بەت مەزھەپ ھاجى دەرۋىش راپىزەنىڭ ئۈستىدىن يېزىلغان شىكايەت نامىگە خالتا كوچىمىزدىكى بىر يۈز يىگىرمە توققۇز ئائىلە بىردەك ئىمزا قويدى. بۇ دېگەنلىك، ئەھدىنامە دېگەنلىكتۇر. بۈگۈندىن ئېتىبارەن خالتا كوچىمىزدىن كىمدە كىم بولمىسۇن، ھاجى دەرۋىش راپىزە بىلەن سالاملىشىدىكەن، ھال ئەھۋاللىشىدىكەن، ئالغا بەگۈ قىلىشىدىكەن، ئولتۇرۇپ قوپىشىدىكەن ئۇ كىشى بىزدىن ئەمەستۇر! ئۇنىمۇ خۇددى ھاجى دەرۋىش راپىزىگە ئوخشاش جامائەتچىلىكتىن مۇقەتتە قىلىپ ئايرىپ  تاشلايمىز! ۋاقىپ ۋە راغىپ بولغايسىزلەر!
   ھىجىرىيە بىر مىڭ تۆتيۈز ئوتتۇز تۆت، ماھى شەئباننىڭ ئون يەتتىسى.
موللا قارىمنىڭ نۇتقى ئاخىرلاشتى. جامائەتنىڭ پەيلى يامان. بەزىلىرىنىڭ كۆزلىرى قان قۇيغاندەك قىزارغان . بەزىلىرىنىڭ ئېغىزلىرىدىن نار تۆگىنىڭ ئېغىز بۇرنىدەك كۆپۈك پۇژقىرايتتى. شۇ ئارىدا لۈكچەكلەر سورۇنىدىن  بىرسى دەس تۇردى-دە، قايناپ كەتتى:  جامائەت! نېمىگە ساقلاپ تۇرىمىز؟ دىنى ئۆلىما - لىدەرىمىز دەيدىغاننىڭ ھەممىسىنى دەپ بولدى. ئۈستىمىزگە ئاسماندىن تاش يېغىشتىن ئاۋال ھەرىكەت قىلىپ، ئاۋۇ  راڭپىزىنى ئۆيىدىن قوغلاپ چىقارمايمىزمۇ؟ ئۇنىڭ سۆزىگە ئۇلاپ جامائەت نەرە تارتىشتى – تارتىپ چىقىرايلى! يوقىتايلى! دەل شۇ پەيتتە ھاجى دەرۋىشنىڭ  دەرۋازىسىنىڭ ئوڭ قانىتى ئاستا ئېچىلدى. جامائەت ھاياجان ئىلكىدە ھاجى دەرۋىشنىڭ دەرۋازىسىغا ھەيۋە قىلىشتى. دەرۋازىنىڭ سول قانىتىمۇ ئېرىنچەكلىك بىلەن ئېچىلىپ، ھاجى دەرۋىشنىڭ قارا ئىشىكى سىرتىغا خۇرجۇن ئارتىلغان ھالدا  ھويلىدىن چىقىپ كەلدى. ئىشەكنىڭ ئارقىسىدىن  ھاجى دەرۋىشنىڭ گەۋدىسى كۆرۈندى. ئۇ قەدەملىرىنى شۇنچىلىك تەستە يۆتكەپ، سۆرۈلۈپ دېگەندەك ئىشەكنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ پەيلىدىن ئۈركۈپ تۇرىۋاتقان ئىشەكنىڭ باش- كۆزلىرىنى سىلىغاچ، بىر نېمىنى پىچىرلىدى-دە، ئىشەككە لىككىدە مىنىپ، چۇلۋۇرنى  قويۇۋەتتى. ئىشەك چەبدەس قەدەملىرى بىلەن جامائەتنىڭ ئارىسىدىن  ئۆتۈپ، چوڭ كوچا تەرەپكە يول ئالدى. ھاجى دەرۋىش خالتا كوچىدىن ئايرىلىشقا بىر قانچە قەدەم قالغاندا، ئارقىسىغا بۇرۇلدى.
داۋامى بار.   

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 09:55:12

كوچىلارغا مەھەللىلەرگە كۆزتەگمىسۈن.
http://sandan.muzika.cn//other/2010/08/2010081754406429.mp3

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 13:41:05

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 13:45:58

begir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 13:41 static/image/common/back.gif
قارغىش تەككەن بولسىمۇ مەھەللىڭىز باركەن ...
بۇ يەردە مە ...

مەھەللىنى قەدىرلەيلى!

yehya1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 16:55:06

داۋامى  بار دىگەن يوق گەپ

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 01:11:23

( « قارغىش تەككەن مەھەللە » نىڭ داۋامى )
  ئۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا مەھەللىسىگە ئاخىرقى نۆۋەت قاراۋاتاتتى. بەلكى ئۇ، ئاتا بوۋىسى بەرپا قىلغان قەدىناس كوچىسى بىلەن ئۈنسىز ۋىدالىشىۋاتقاندۇر. ئېھتىمال كىندىك قېنى تۆكۈلگەن، ئاتا- ئانىسى، ئەجدادلىرى ئاخىرەتكە سەپەر قىلغان مېھمان سارايغا قىيالمىغاندۇر. بىراق ئۇ، بۇ مەھەللىدىن مەڭگۈلۈك سۈرگۈن قىلىنىۋاتاتتى. شۇڭا ئادەتتىكى چاغلىرىدا ئوڭ پۇتى سىرىتقا چىقىپ،  سول پۇتى بۇسۇغىدىلا قۇلۇپلىنىپ بولىدىغان دەرۋازىسى  بۈگۈن   ھاللاڭ ئوچۇق پېتى قالدى . ئۇ ئاخىرقى ئېغىر تىنىقلىرىنى ئىچىگە يۈتۈپ خالتا كوچىدىن ئايرىلدى.
ھاجى دەرۋىش  كۆزدىن غايىپ بولغىچە بىر مەھەل سۈكۈتتە قالغان جامائەتنىڭ نېرۋىسىنى غىدىقلاپ، بەش نەپەر  بېشەم چىڭگىلچاچ خوتۇنلار يول يورۇق كۆرسەتتى:
  جامائەت! ئۇزۇندىن بېرى پىلانلىغان غەلبىگە بۈگۈن ئېرىشتۇق. شۇڭا غەلىبىنى قۇتلۇقلاپ، ھاجى دەرۋىش راپىزىنىڭ ئۆي ۋاقىدىكى بارلىق مۈلۈكنى ئۆز- ئارا ئۈلۈشۈپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، بۇ ھەشەمەتلىك باغ- بوستاندا  بىر كېچە تەنتەنە قىلايلى. بۇ زەپتى زېمىنلار بىر يەرگە كەتمەيدۇ. دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ  بېرىدىغان ئىشنى ئەتە- ئۆگۈنگىچە بېجىرسەكمۇ  بولىدۇ. بۇنىڭ ئالدىرىشى يوق.  ئۇلارنىڭ گەپ – سۆزى ئاخىرلىشا، ئاخىرلاشماي،  دەرۋىش مەيدانىدىكى جامائەت  كەلكۈنى ھاجى دەرۋىشنىڭ  ھويلىسىغا ئاقتى. كىملىرى كىگىز- پالازنى، كىملىرى زىلچە- گىلەملەرنى، كىملىرى ساندۇق جابدۇقلارنى، كىملىرى ئاشلىق-تۈلۈكلەرنى سويماقتا. ئىشقىلىپ قولىغا چىققىدەكلا نەرسە بولسا، كىشىلەر ئۆلە-تىرىلىشىگە باقماي سۆرەپ ماڭاتتى. ئاخىر پېشىم ۋاقتىغىچە ھاجى دەرۋىشنىڭ ھويلىسى، دەھلىزە، مېھمانخانا، قازناق، ئايۋان ساراي، بالىخانا، ئاتخانا، ئېغىل، قوتان، گەمە قالماي سويىۋېتىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كىملەرنىڭ قولىدا كەتمەن، كىملەرنىڭكىدە پالتا، گۈرجەك، ئىشقىلىپ كۆمۈكتىكى مال- دۇنيانى قېزىش ئىشى باشلىنىپ كەتتى. گۈل بوستانلىقلار چەيلىۋېتىلدى. كۆتەمە سۇپا، ئايۋانلار، باغۇ-ئېرەملەر تۈرۈتۈلۈپ، تونىغۇسىز ھالغا كەلتۈرۈلدى. كەچ گۈگۈم چۈشۈپ، قاش قارايغاندىن باشلاپ، خالتا كوچىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ھاجى دەرۋىشنىڭ ھويلىسىغا توپلاشتى. ھاجى دەرۋىشنىڭ ئارقا باغچىسىدا ئوتلاقتا مۈگدەپ قالغان يىگىرمە- ئوتتۇزچە پاخلان، ئوغلاقلار  سويۇلۇپ نەق گۆشكە ئايلاندۇرۇلدى. ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى يوغان كۆل تىندۇرۇلۇپ، ئاق كىشمىش، قىزىل قۇممەت ئۆرۈكلەر قومۇرۇلۇپ، ھاڭ پەلەك گۈلخان يېقىلدى. بىر ياقتىن قاتىرىسىغا ئېسىلغان داشقازانلاردا شورپا قاينىسا، يەنە بىرياقتىن گۈلخان ئەتراپىغا ئوغلاق گۆشلىرى سان، سان پېتى ئوتقا قاقلانماقتا. مەھەللە باشلىقلىرى باشلىق سورۇنى، موللا قارىيلار كىتاپ بەزمىسى،  بېشەم چىڭگىلچاچ خوتۇنلار  نەغمە ناۋا سورۇنى، ھاراقكەشلەر  ئىشرەت سورۇنى، قىمارۋاز لۈكچەكلەر تاۋكا، نەشىكەشلەر چىلىم سورۇنى، ئىشقىلىپ خالتا كوچىنىڭ رەڭگا-رەڭ جامائەتلىرى ئۆز خىللىرى، ئۆز ئۈلپەتلىرى بىلەن سورۇن تۈزۈشتى. نەغمە-ناۋا سورۇنىدىكى  بېشەم چىڭگىلچاچ خوتۇنلار چىمبۇلاق، گۈلمەرەم پەدىلىرىگە چىمداپ دەسسەپ  ئويناپ ئەرلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چاقنىتاتتى. تاۋكادا ئىشى يوق ئەرلەر قانىتىنى سۆرەپ،        مىكيان بازلاۋاتقان خورازلاردەك، ئۇسۇلچى خوتۇنلارنى بازلاپ،  سايىدەك يېپىشاتتى. بۇ كېچە ھاجى دەرۋىشنىڭ ھويلا- ئارامى  ھەقىقى مەشرەپ سورۇنىغا ساھىبخان بولغان ئىدى. بىر بولۇڭدا تاۋكا، بىر بولۇڭدا چىلىم، بىر بولۇڭدا مەي- مۇسەللەس، بىر بولۇڭدا نەغمە- ناۋا، بىر بولۇڭدا باشلىقلار سۆھبىتى، بىر بولۇڭدا موللا قارىملارنىڭ كىتاپ بەزمىسى. پەقەت ئىت تالاشتۇرۇش، قوشقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق ئەن-ئەنىۋى ھايۋان ئويۇنلىرىلا كاملىق قىلىۋاتاتتى. ئويۇن تاماشا، يەپ ئىچىش، ئەيش-ئىشرەت پەللىگە كۆتۈرلۈپ، تۈن نىسپىشەپتىن ئۆتكەن مەزگىلدە، تاۋكادىن  يېڭى پەدە باشلاندى:
مۇشۇ گۇي بىزنى بوز كۆز كۆرەمدۇ قانداق؟ قاچانلا قارىسا، ئۇياق، بۇياقلاردا ئېشىپ قالغان كونا خوتۇنلارنى  قىمارغا تىكىپ ئەخمەق قىلىدۇ بىزنى! – دېدى، ئۇتۇۋالغان قىمارۋاز شالىنى چېچىپ.
– ھە، توپ توغرا. ئۇنىڭ ئالدىنقى يىلى ماڭا ئۇتتۇرغان خوتۇنىمۇ بىكار ئاش يەپ تۇرىدۇ ئۆيدە. بەش پۇللىقى يوق-دېدى، يەنە بىر قىمارۋاز  زەردە بىلەن ھۈرپىيىپ.
- سەن قىمارغا تىكسەڭ گەپ يوق، مايماق خوتۇنۇڭنى! مېنىڭكى بىلەنلا قالدىڭغۇ-دېدى، ئۇتتۇرۇۋەتكەن قىمارۋاز جاۋاپلىشىپ. شۇنىڭ بىلەن پىلتىگە ئوت تۇتاشتى. گالاچ-گۇلۇچ، مالاچ، مۇلۇچ، تاۋكادىن باشلانغان مۇشتلاش دەسلەپ ھاراقكەش سورۇنىغا، كېيىن نەشىكەش، داپ- دۇتتار، نەغمە- ناۋا ، ئىشقىلىپ، موللا قارىملار بىلەن باشلىقلار سورۇنىدىن باشقىسى ئالدىنقى سەپكە كىرىپ كېتىشتى. كىمنى كىم ئۇرىۋاتىدۇ، كىم كىمدىن تاياق يەۋاتىدۇ، پەرق ئېتىش قىيىن ئىدى. خوراز چىللاپ، تاڭ سۈزۈلۈشكە قەدەر داۋام ئەتكەن ئۇر توقماقچىلىقتا جامائەتنىڭ تەڭدىن تولىسى ئېغىر يارىلانغان ئىدى. ئۇرغۇدەك ساق مۇشت، تاياق يېگۈدەك  بېجىرىم قاش-قاپاقلار قالمىغاندىلا، قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن تەڭ ئۇرۇش، جېدەلنىڭ ئايىغى بېسىقتى. پۈتۈن پاغ-ۋاران، ھويلا ئارامنى ئىڭراشلار، ۋايساشلار  زىلزىلىگە سالغان ئىدى. جامائەتنىڭ تەڭدىن تولىسى ھوشسىز قانغا مىلىنىپ ياتاتتى.  تاياق يېمىگەن ھەم ئۇرمىغان موللا قارىملار، مەھەللە باشلىقلىرى بولسا، يېرىم گاراڭ، يېرىم ساراڭلاردەك  دەلدۈش ئىدى. شۇ ئارىدا  بىر توپ  ساقچى پادىسى  كومىسسارنىڭ سەركىدانلىقىدا نەق مەيدانغا بېسىپ كىرىشتى. ئۇلار دېلو مەيدانىدىكى قىزىل قىيامەتكە زادىلا ئىشىنەلمەيتتى. لېكىن ھازىر كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرىنىڭ راست ۋەقەمۇ، ياكى رەڭۋازلىقمۇ بۇنى چۈشىنىدىغان، بولغان ئىشقا ئىشىنىدىغان ۋاقىت ئەمەس. ئەكسىچە ساقلاردىن يارىدارلارنى ئايرىش. جىنايەتچىلەردىن  زىيانلانغۇچىلارنى پەرقلەندۈرۈش مۇھىم ئىدى. شۇڭا ساقچىلار پادىسى  سەن تۇت، مەن تۇت قىلىشىپ، مالدەك ئېغىناپ ياتقان خالتا كوچا جامائەتلىرىنى دەرۋىش مەيدانىغا توشۇغىلى تۇردى. بىر ئاش پىشمىدەك ئېغىر ئەمگەكتىن كېيىن يۈتكەن، يوقالغانسىز بارلىق جامائەت  ياتقانلىرى ياتقۇزۇلۇپ، يېتىپ قالمىغانلىرى ئولتۇرغۇزۇلۇپ ، ساقچىلارنىڭ  دېلو تەكشۈرۈشىگە سورۇن ھازىرلاندى.
   بىراق ساقچىلار جىنايەتچىلەرنى سوراق قىلىشتىن ئىلگىرى، تاياق يەپ زەخمىلەنگەنلەرنىڭ شىكايەتلىرىنى ئاڭلاشتىن بۇرۇن،  بۇ، ئۇرتوقماق ۋەقەسىنى باشتىن ئاخىر كۆرۈپ تۇرغان  شاھىتلاردىن  گۇۋاھلىق ئېلىنىشتىن ئاۋال، مەھەللە باشلىقلىرى، بېشەم خوتۇنلار، موللا قارىملار، قىمارۋاز، ئوغرى،لۈكچەكلەرنىڭ سەردارلىرى، مۇناپىق چېقىمچىلارنىڭ  ئۇستىلىرى بىر يەرگە توپلىشىپ، خالتا كوچىنىڭ سىرىتقا كۆرۈنۈپ كېلىۋاتقان يۈز-ئابرويىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جىددى باش قاتۇرۇشقان ئىدى. مەسلەھەتتىن كېيىن موللا قارىملار  ھەر بىر كىشىگە ئايرىم، ئايرىم ھالدا ۋەز- نەسىھەت، تەربىيە ئىشلىدى. ئۇرغانلار ئۇرمىدۇق-دەپ، جىنايەتلىرىدىن تېنىشى، تاياق يېگەنلەر تامغا ئۈسۈۋېلىپ، يىقىلىپ چۈشتۈم-دەپ، شىكايەتتىن ۋاز كېچىشى، كۆرگۈچى شاھىتلار بولسا، ئۇردى-دەپ، تاياق يېگۈ چى پاسىقلار تەرەپتە تۇرماسلىقى، ئۇرمىدى-دەپ، ئۇرغۇچى پاسىقلار تەرەپتىمۇ تۇرماسلىقى، پەقەت جامائەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۆم- ئىناق ئۆتۈشى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھېچنېمىنى كۆرمىدىم-دەپ، گۇۋاھلىقتىن باش تارتىشى- كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەشتى. دېگەندەك، پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىش ياخشى ئۈنۈم بەردى. ساقچىلار جىنايەتچىلەرنى ئىقرار قىلدۇرالمىدى، زەخمىلەنگۈچىلەردىن  شىكايەت ئالالمىدى، كۆرگۈچىلەردىن گۇۋاھلىققا ئېرىشەلمىدى. ئوتتۇرىدا ئېغىر جىنايى قىلمىش مەۋجۇت. لېكىن دېلو تۇرغۇزۇش ئىمكانسىز. شۇڭا ئامالسىز قالغان ساقچىلار پادىسى  خالتا كوچىدا بۇنىڭدىن بۇرۇن يۈز بېرىپ تۇرىدىغان نۇرغۇن ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئامالسىز قالغانلىرىدەك، بۇ قېتىممۇ خالتا كوچىنىڭ ئەن- ئەنىسىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، يوللىرىغا راۋان بولۇشقا تەرەددۇتلاندى.
    ئەمما دەل شۇ دەقىقىدە خالتا كوچىنىڭ ئاسمىنى بىردىنلا قارا بۇلۇتلار بىلەن قورشاۋغا ئېلىندى. ئىچ-ئىچىدىن تۈرمەللىنىپ، پارتىلاپ كېلىۋاتقان قارا بۇلۇتلار خالتا كوچىنىڭ ئۆگزىلىرىگە گۈپلا قىلىپ سەكرەپ چۈشىدىغاندەك،  شۇ قەدەر قورقۇنچلۇق، بەھەيۋەت ئىدىكى، كىشىلەر نەپەس ئېلىشتىن توختىغاندەك  كۆرۈنەتتى، كۆزلەر ئالىيىپ، تىللا ساڭگىلاشقا باشلىدى. تۈرمەللەپ چۈشىۋاتقان قارا بۇلۇتلارنىڭ ئىچىدىن  ۋاڭ-چۇڭ، تاڭ، تۇڭ قىلغان شىددەتلىك  ئاۋازدىن كېيىن، بۇلۇتلار قاينىمى توققۇز  پارچىگە ئايرىلىپ، كىچىكلىرى پاختەك تۇخۇمىدەك، چوڭلىرى قاغا- قۇزغۇن، مىكيان، ئۆردەك، غاز تۇخۇملىرىدەك، بەزىلىرى يەتتە قىرلىق، بەزىلىرى توققۇز قىرلىق شەكىلدە مۆلدۈر تۆكۈلۈشكە باشلىدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بولغان ئارىلىقتىكى شىددەتلىك ھۇجۇمدا، يەرگە يىقىلمىغان بىرمۇ جانلىق قالمىدى. قارا بۇلۇتلار تارقىلىپ، يەر جاھان يورىدى.  مەيلى مەھەللە باشلىقى، مەيلى موللا قارىسى، مەيلى بېشەم خوتۇنلار، ئىشقىلىپ  تۆنۈگۈن ئەتىگەندىن ھازىرغىچە مۇشۇ  سورۇننى قىزىتىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق يارىلاندى. زەخىملەنمىگەن بىرمۇ ساق ئادەم قالمىدى. ھەممىسىلا ئوخشاش تاياق زەربىدە ھوشسىز ياتاتتى.  ساقچىلار پادىسىمۇ قان ئىچىدە ئىڭرايتتى.
   مۆلدۈر ھۇجۇمىدا قاتتىق يارىلانغان يېرىم جەسەت ھالىدىكى بىمارلارنىڭ ئارىسىدىن بىر گەۋدە ئاستا قىمىرلاپ كۆزىنى ئاچتى. ئۇ بۇلۇتسىز كۆك ئاسماننى كۆردى. ئاسمان خۇددى ئۇنىڭغا نەپرەت بىلەن ئالىيىۋاتقاندەك  كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇ خىجىللىق ئىلكىدە كۆزىنى ئاسماندىن قاچۇردى. لېكىن ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر نەپرەت ۋولقاندەك  پارتىلاپ  چىقماقتا ئىدى.
داۋامى بار

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 22:48:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-10 23:03  

(« قارغىش تەككەن مەھەللە »نىڭ  ئاخىرى)

   ئۇ، مۇشۇ خالتا  كوچىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئاتمىش يىللىق ھاياىتنى مۇشۇ مەھەللىدە ئۆتكۈزگەن ، مەھەللە ئاقساقالىرىدىن بىرى بولغان سۇغۇر ئىزچى ئىدى.  سۇغۇر ئىزچى شۇ تاپتا ئۆزىدىن نەپرەتلىنىۋاتامدۇ، ياكى ئەل- مەھەللىدىن نەپرەتلىنىۋاتامدۇ  بۇنى ئۆزىمۇ  ئاڭقىرالمايتتى.  ئۇ  قىرلىق ھەم سىرلىق مۆلدۈرنىڭ زەربىسىدىن يارىلانغان  باش- كۆزلىرىنى ئالقانداپ  ئۇۋىلىغاچ، مۆلدۈر ئاستىدىن سۇغۇرۇلۇپ ئورنىدىن تۇردى. ئەتراپ  خۇددى قىيامەت مەھشەرگاھىغا ئوخشاپ قالغان،  ھەممە نەرسە ئىبرەتلىك ئىدى. ئۇ بىردىنلا  ھاجى دەرۋىشنىڭ  مەھەللىدىكى ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ قالدى.
    ھاجى دەرۋىش مۇشۇ خالتا كوچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ياشىغان، پىشىقەدەم كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى. مەيلى چوڭ كوچىلىقلار بولسۇن، مەيلى تار كوچىلىقلار بولسۇن ، بۇ مەھەللىدە ئۇنى بىلمەيدىغان بىرمۇ كىشى يوق. سۇغۇرنىڭ بالىلىق چاغرىلى كۆز ئالدىدىن غىل- پال ئۆتۈپ كەتتى. ھاجى دەرۋىش  ھەر ئەتىگىنى دەرۋازىسىدىن ئىشىكىنى  ئالدىغا سېلىپ چىقىپ كېلەتتى. خالتا كوچىدىكى تەڭ تۇش   يىگىرمە، ئوتتۇزغا يېقىن بالىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولۇشۇپ : دەرۋىش دادا قاق بەرسىلە!-دەپ، چۇرقۇرىشاتتى. ئاۋۋال كالام، ئاندىن تائام- دەيتتى، ھاجى دەرۋىش  خۇرجۇنغا قولىنى سېلىپ. شۇنىڭ بىلەن سەبىيلەر ئالدىنقى كۈنى دەرۋىش دادا ئۆگەتكەن  ئايەتلەرنى ئوقۇپ بېرەتتى-دە، كېيىنكى ساۋاق ئۈچۈن  ئۇنىڭدىن  دەرس ئاڭلايتتى ھەم قاق-يىمىشلىرىدىن نەسىۋىلىرىنىمۇ ئېلىشاتتى. ئاچارچىلىق ھۆكۈم سۈرگەن  قارا ئۆتمۈشلەردە، ھاجى دەرۋىشنىڭ خۇرجۇنىدىكى قاق، يىمىشلەر ، مۇشۇ خالتا كوچىلىقلاردىن ئېشىپ، چوڭ كوچىلىق ۋە تار كوچىلىقلارنىمۇ ئاچلىقتىن ئامان-ئېسەن ھاياتقا ئۇلاشتۇرغان ئىدى.
    ئۇنىڭ بېغىدىكى بىر يۈز سەككىز خىل ئۈرۈك، ئاتمىش تۆت خىل شاپتۇل، ئوتتۇز بەش تۈرلۈك نەشپۈت، قەغەز ياڭاق، تاش ياڭاق، ئامۇت، ئانار، ئەنجۈر قاتارلىق  مىۋىلەر، مىۋە قاقلىرى، مىۋە شەربەتلىرى بۇ مەھەللە كىشىلىرىنى ئاچلىق ئازابىدىن ساقلاپ، ئىككىنچى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرگەن ئەمەسمىدى! مۇشۇ خالتا كوچىدىكى بىر يۈز يىگىرمە توققۇز ئائىلە كىشىلىرى چوڭلىرى ئاتمىشتىن ھالقىغان، كىچىكلىرى سەكۈنچەكتىن سەكرىگەنلىرىگىچە ھاجى دەرۋىشتىن ئىمان-ئىسلام ئۆگەنمىگەنمىدى! بالىلار ئۇنىڭ قولىدىن ھەر كۈنى قاق، يىمىش يەپ، ئايەتلەردىن ساۋاق  ئالمىغانمىدى! ئەپسۇس، قاچانكى  بۇ مەھەللىدە قىمارۋاز، لۈكچەكلەر، نەشكەشلەر، بېشەم خوتۇنلار، ھاراقكەشلەر، مۇناپىق چېقىمچىلار ئاشكارە  سورۇن تۈزگىدەك يۈرەككە ئىگە بولغان كۈنىدىن باشلاپ، كىشىلەردىن شەرمى ھايا كۆتۈرۈلدى. مەھەللىدە بەرىكەت قالمىدى. ئادەملەردىن  ئىنساپ، ئادالەت كۆتۈرۈلدى.
  سۇغۇر ئىزچى يارىلانغان گەۋدىسىنى  سۆرەشتۈرۈپ، تاپلارنىڭ ئارىسىدىن  سۇغۇرۇلۇپ چىقتى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئاجايىپ قورقۇنچلۇق بىر قاراڭغۇ بوشلۇق ھۆكۈم سۈرەتتى. ئۇ ئاسماندىنمۇ، يەردىنمۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىچىدىنمۇ قورقۇمسىرىغان ھالدا، چوڭ كوچىغا چىقتى-دە، ھاجى دەرۋىشنىڭ ئىزىغا بېقىپ يول ئالدى. ئۇنىڭ غەمكىن، ئۈمۈتسىز كۆزلىرى  يول بويى  ھاجى دەرۋىشنىڭ ئىزىغا باقسا، ئۇنىڭ قورقۇنچ بىلەن لىق تولغان قەلبى كىچىك چېغىدا ھاجى دەرۋىشتىن ئۆگەنگەن ساۋاقلارنى تەكرارلايتتى:
ئۇسۇلى دىن ئۆرۈر سەككىز.
مۇنى بىل، مۇنى بىلمەك ئۈچۈن جاننى پىدا قىل.
ئەۋۋەل تەۋھىد- بىر بىلمەكلىك خۇدانى.
ئىككىنچى ئەدلى ۋە راستلىقنىڭ بايانى.
تەۋەررانى بىلەي دېسەڭ- گۇشت تۇت،
ئىگەمنىڭ دوستلىرىنى دوست تۇت.
تەۋەللانى بىلەي دېسەڭ- ئېخرەتمەن:
ئىگەمنىڭ دۈشمىنىنى بىلگىن دۈشمەن.
ئىگەمنىڭ بۇيرىقىنى جان دىل بىلەن قىلماق.
ئىگەم : يىغىل- دېگەن ئىشلاردىن يىغىلماق.
.......
ئايا مۇئمىن بۇ سۆز دىننىڭ سۆزىدۇر،
ئىمامى جاپىرى سادىق سۆزىدۇر.....

    سۇغۇر ئىزچى  بىر قانچە ئاش پىشما يول يۈرگەندىن كېيىن، ھاجى دەرۋىشنىڭ ئىزىنى قوغلاپ، شەھەرنىڭ سىرىتىدىكى بېنەم تۆپىلىككە ئۇلاشتى. تۆپىلىكتىكى يايلاقتا ئوتلاۋاتقان  ئىگىسىز جانىۋارلار ئارىسىدا،  ھاجى دەرۋىشنىڭ قارا ئىشىكى كۆزگە چېلىقتى. ئۇ، ھاجى دەرۋىشنىڭ قارا ئىشىكىنى كۆرۈش بىلەن تەڭ ھاياجاندىن دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىغان يۈرىكىنى ئالقانداپ  مەھكەم بېسىپ، ھاجى دەۋىشنى تەقەززالىق ئىچىدە ئىزدىدى. ئۇ،  ئوغلاق بويى ئۆسكەن ئوت- چۆپلەردىن  يول ئېچىپ، ئالغا ئىلگىرلەپ، ئاخىرى ھاجى دەرۋىشنى تاپتى. دەرۋىش ئوت- چۆپكە چۆمۈلگەن ھالدا  پۇت- قولىنى سوزۇپ ، قىيپاشلىنىپ ياتاتتى . سۇغۇر ئىزچى دەرۋىشنىڭ ئاياغ تەرىپىگە يېقىن كېلىپ تىزلىنىپ ئولتۇردى-دە، ھاجى دەرۋىش مەھەللىنى تەرك ئەتكەندىن بۇيانقى ۋەقەلەرنى بىر - بىرلەپ بايان ئەيلىدى. دەرۋىشتىن يۈزمىڭ مەررە ئەپۇ سورىدى. لېكىن دەرۋىش بوۋايدىن ئۈن چىقمايتتى. ئۇ ئۆمىلەپ، ئاۋايلاپ  دەرۋىشنىڭ بېشى تەرەپكە ئۆتتى. نىھايەت كۆردىكى، ھاجى دەرۋىشنىڭ يېرىم ئوچۇق كۆزلىرىدىن  چەكسىز نەپرەت يېغىپ تۇرغاندەك، قىيا ئوچۇق قالغان ئاغىزىدىن  قارغىش  تۆكۈلىۋاتقاندەك، تاتارغان يۈزلىرىدىن  ۋاپاسىز  مەھەللەداشلىرىغا غەزەپ ئۇچقۇنداۋاتقاندەك  بىر ھالەت ئەكس ئېتەتتى. ھالبۇكى، ھاجى دەرۋىش  ۋاپاسىز ھايات بىلەن ئاللىبۇرۇن  ۋىدالىشىپ، ئامانەتنى ھەققە تاپشۇرغان ئىدى. سۇغۇر ئىزچىمۇ ئاشۇ قارغىش تەككۈر ئەل- مەھەللىنىڭ  ھەقەقەتكە كۆز يۇمغان ئەزالىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ھەقنى تونىغاندا، ئەدلى – ئادالەتكە قايتقىنىدا تولىمۇ كېچىككەن ئىدى. ئۇ يۈرەك -باغرىنى تىلىم، تىلىم تىلغاۋاتقان  ئاچچىق ئەلەملىرىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي، كۆككە تىكىلىپ نەرە تارتتى:  
  ئەي ئادالەتلىك رەببىم، بىز ئاسىي بەندىلىرىڭنى ئەدلى- ئادالەت تارازاڭغا سالمىغىن! بىزگە رەھىم ئەيلە.
  روھىيىتىنى زۇلمەت قاپلىغان، ئەقلىيىتىنى قاباھەت  چىرمىغان، ھېسسىياتى ئۆلگەن، ئادالەت تۇيغۇسى زەئىپلەشكەن، ئىيمان، ئىسلامنڭ نۇرىدىن  كور قالغان، ھىدايەتنى داپ، دۇمباققا تېگىشكەن، ئامانەتكە خىيانەت قىلىدىغان، ۋاپاسىز، ئەھدىسىز، ئىنسانىي ئەخلاقتىن يىرگىنىپ، ھايۋانى  خىلقەتكە ئەگەشكەن، باشلىقلىرى ئىلىمسىز، موللاملىرى ھىدايەتسىز، زىيالىلىرى ۋىجدانسىز، كۈچلۈكلىرى ھاياسىز، ئاياللىرى بېشەم، ئەرلىرى غىتمەك بولۇپ كەتكەن مۇشۇ خالتا كوچا قەۋمىگە خۇددى ئاسماندىن مۆلدۈر ياغدۇرغاندەك  ئىنساپ ياغدۇرساڭ نېمە بولىدۇ ئاللاھىم! بىزنى تاشلىۋەتمە يارەببىم! بىزگە ئىگە بولغىن يارەببىم! تۈن قاراڭغۇلىقىنى يېرىپ يەر يۈزىگە يورۇق چاچقان قۇياش كەبى، زۇلمەت باسقان قەلبىمىزنى، كىرلەنگەن كۆڭلىمىزنى، چىرىپ كەتكەن ئەقلىمىزنى يورۇتقىن يارەببىم! ئەجداتلىرىمىزنىڭ خاتالىقىغا بىزنى تۇتمىغىن يارەببىم! بىز قىلغان ئاسىلىقىمىز ئۈچۈن خەۋەرسىز، بىگۇناھ ئەۋلاتلىرىمىزنى تۇتمىغىن يارەببىم! بىزنى بۇنداق تاشلىۋېتىش سېنىڭ سەلتەنېتىڭگە ياراشماس يائاللاھىم!  ئىجابەت ئەيلە يارەببىم!
   سۇغۇر ئىزچىنىڭ يۈرىكىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان مۇناجات يايلاقتىكى تىلسىز جانىۋارلارنى غەش، مۇستەغرەق ئەيلىگەن ئىدى. ئىت، ئىشەكتىن تارتىپ، ياۋا قوتاز، ياۋا ئۆچكە، تۈلكە، توشقانلارغىچە مۇڭغا چۈمۈلگەن ئىدى. ھاجى دەرۋىشنىڭ قارا ئىشىكى يەر بېغىرلاپ كەلگىنىچە دەرۋىشنىڭ  ئاياغلىرىغا يۈزىنى سۈرتۈپ  ئىڭرايتتى.  سۇغۇر ئىزچى دۇئايى مۇناجاتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھاجى دەرۋىشنىڭ قارا ئىشىكىنى يېتيلەپ، خالتا كوچا ئاھالىسىنى  تۆبە ئىستىغپارغا، ھەققە دەۋەت قىلىش نىيتىدە مەھەللىگە قاراپ  يولغا راۋان بولدى.
بەت: [1]
: جان : قارغىش تەككەن مەھەللە