uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 17:21:51

ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلار 08-01

ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1195.4  دوللار  ئەڭ يۇقىرى باھاسى   1210.7   دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى 1167.77 دوللا ر  بازار يېپىلىش باھاسى  1188.64  دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 92.17   دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى  1214  دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     

ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يىغىن مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسى بازارنىڭ يۆلىنىشىگە ئانچە تەسىر كۆرسىتىپ كەتمىدى ، تۈنۈگۈن دوللار ۋە پاي چېكى بازىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئالتۇن باھاسى ئازراق تۆۋەنلەپ ، 3 كۈنلۈك ئۆرلەش ھالىتىنى ئاياغلاشتۇردى . نۆۋەتتە بازار دىققىتىنى جۈمە كۈنى ئېلان قىلىدىغان ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىغا مەركەزلەشتۈردى . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى جۇڭگو 12 - ئايلىق سودا ھېسابات سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا يۆلىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى مۇمكىن .  ياۋروپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىساد گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى ۋە پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ئەگەر ياۋرو رايونىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ئاجىز چىقسا ياۋروغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى، بۇ سانلىق مەلۇماتىنىڭ ياخشى ناچار بولىشى ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .  

مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1206-1214 دوللار ئارلىقىدا تەۋرەندى ، ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى كىچىك ئۆرلەپ ئاندىن 1215 دوللار ئەتىراپىغا چۈشتى  .  ئاسىيا بازىرىنىڭ سائەتلىك سىزىقى چۈشۈش ھالىتىدە بۇلۇپ 1200-1203  دوللار ئەتىراپىدىن ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1210-1215   دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .  ئەگەر 1200 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1193-1190 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىگەن ئەھۋالدا ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ .

2.  ياۋرۇپا  ئامىرىكا  بازىرىدا 1200 دوللار ياكى 1190 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى  10  دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .  ياۋرۇپا  ئامىرىكا  بازىرىدا 1220 دوللار ياكى 1218 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىشقا بولىدۇ .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار  1220 1225
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار  1190 1200

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1220-1198
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1200
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1230

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .






ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

     بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 92.00 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1210-1215 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى ، تۈنۈگۈن دوللار ۋە پاي چېكى بازىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئالتۇن باھاسى ئازراق تۆۋەنلەپ ، 3 كۈنلۈك ئۆرلەش ھالىتىنى ئاياغلاشتۇردى . نۆۋەتتە بازار دىققىتىنى جۈمە كۈنى ئېلان قىلىدىغان ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىغا مەركەزلەشتۈردى . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى جۇڭگو 12 - ئايلىق سودا ھېسابات سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا يۆلىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى مۇمكىن .  ياۋروپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىساد گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى ۋە پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ئەگەر ياۋرو رايونىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ئاجىز چىقسا ياۋروغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى، بۇ سانلىق مەلۇماتىنىڭ ياخشى ناچار بولىشى ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە نەخ ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 238.23 يۈەن ؛
نەخ كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.23 يۈەن  ؛
1ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛



دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئۆرلەپ 92 نۇقتىدىكى ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى

      تۈنۈگۈن دوللار كۆرسەتكۈچى ئۇدا يۇقىرى ئۆرلەپ 92 ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن بولۇپ ، ئاساسلىقى ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى كۈچەيگەنلىكى ، ھەم ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى مۇھىم يىغىن خاتىرىسى بازارنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمىغانلىقى سەۋەبىدىن دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئۆرلىدى ؛ خەۋپىتىن ساقلىنىش كەيپىياتى تەسىرىدە دوللاردىن باشقا پۇللار ئومۇميۈزلۈك بېسىمغا ئۇچرىدى ، ئالتۇن باھاسى كىچىك ئاساستا تەۋرىنىپ تۆۋەنلىدى .
    بۇنىڭدىن سىرت ، سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكىنىڭ 12 - ئايلىق ADP شەخسىي ئورۇنلارغا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەم سانى كۆپىيىپ 241000 ئادەم بولۇپ ، مۆلچەرىدىكى 225000 ئادەمدىن ئېشىپ كەتكەن ؛ 11 - ئايلىق  ADP شەخسىي ئورۇنلارغا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەم سانى كۆپىيىپ 208000 ئادەم بولغان ، گەرچە مۆلچەرىدىكى 222000 ئادەمگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇدا 6 ئاي يۇقىرى ئۆرلىگىنى 200000 ئادەم بولغان ؛ كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش يۆنىلىشى يەنىلا داۋاملىشىدىكەن .





2015 - يىلى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرچە  باھاسى 4 سودا كۈنى ئۇدا تۆۋەنلىدى

      2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە ، يېقىندىن بۇيان دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلىشى تەسىرىدە خەلق پۇلنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھاسى 2015 - يىلى كىرىپ 4 سودا كۈنى ئۇدا تۆۋەنلىگەن ؛ 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى 6.1190 يۈەندىن 6.1302 يۈەنگە تۆۋەنلىگەن .   
   جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغاندىن كېيىن  بانكىلار ئوتتۇرسىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرچە  باھاسى :
   1دوللار 6.1302 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ياۋرو 7.2718 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1511 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.79053 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 فوندستېرلىڭ  9.2827 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 4.9730 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7797 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛  سىنگاپور دوللىرى 4.6024 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى  ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.1872 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.57821 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولدى  ؛  1 يۈەن خەلق پۇلى 10.1553 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولدى  ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.6923 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3714 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولدى .  



دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى باھاسى

        1- ئاينىڭ 8 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 92.4203 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 91.9355 ، ئوتتۇرچە باھاسى 92.25 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى 0.45% بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىش باھاسى 91.9836 بولۇپ ، ئاسىيا بازىرىدا  92 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 92.3847 ، سېتىلىش باھاسى 92.3847 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى  91.9848 بولدى .





1- ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى خەلق پۇلى  بازار يېپىلىش باھاسى

        1- ئاينىڭ 8 - كۈنى دوللار / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 6.2149 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 17 نۇقتا ئاشقان ؛
شياڭگاڭ / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 0.8014 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 1 نۇقتا كېمەيگەن  ؛
100يېن / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 5.1898 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 294 نۇقتا كېمەيگەن ؛
ياۋرو / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 7.34495 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 236 نۇقتا كېمەيگەن ؛
فوندستېرلىڭ / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 9.3528 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن507 نۇقتا كېمەيگەن ؛
ئاۋسترالىيە دوللىرى / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 5.0426 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 329 نۇقتا ئاشقان ؛
نيۇ يورك / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 4.8534 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 385  نۇقتا ئاشقان  ؛
كانادا دوللىرى / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 4.64500  يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 72  نۇقتا كېمەيگەن ؛   


ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى

shemsi19 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 14:10:37

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى دىگەن ئاتالغۇنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز .

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 15:26:59

shemsi19 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 14:10 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى  ...

ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ، بۇ دېگەنلىك  دوللارنىڭ باھاسىنى كۆرسىتىپ بىردىغان كۆرسەتكۈچ  ، يەنى ئامېرىكا پۇلى دوللارنىڭ باھاسىنى كۆرسىتىپ بېردىغان كۆرسەتكۈچ ، بۇنى قىسقارتىپ دوللار باھاسىنى كۆرسەتكۈچى ، دوللار كۆرسەتكۈچى دەيمىز  ؛
ئەگەر ئېنىق چۈشنەلمىگەن بولسىڭىز بىز بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسىڭىزمۇ ياكى بىۋاستە شىركەتكە كەلسىڭىزمۇ بولىدۇ  ؛ بۇ توغىرسىدا سىزگە تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويدىغان مەخسۇس مۇتەخخەسىس بار ، چوقۇم سىز رازى بولغۇدەك چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ ؛
ئالاقىلشىش تېلېفۇن نومۇرى : 13009663479 ، 4000991014 ؛
شىركەت ئورنى : ئۈرۈمچى ئاققۇۋق(نەنمىن ) ياخۇڭ سودا سارىيى Bرايون 1304 ئىشخانا
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلار 08-01